- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1077
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
7.7%
|
مۇنداقمۇ سىياسەت باركەن !(مىللىي كارخانا ،باغ ،قوتان توغۇرلۇق)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم. بۈگۈن كىرمىسەم بولمايدىغان يەرگە يېتىپتۇ. چۈنكى بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىز دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيدىكەن.
كارخانا قۇرماقچى بولغانلار چوقۇم شەخسىي نامىدا ئەمەس بەلكى رەسمىي شىركەت نامىدا قۇرسا ، قانونىي ۋەكىلى بار بولسا ، ئادەتتە تاشقى سودا شىركەتلىرى سودا ئىدارىسى ۋە چىگرا رايون سودىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان چەتئەلدىكى سودا يەرمەنكىلىرىگە ئاكتىىپ ھالدا ئۆز تاۋارلىرىنى قاتناشتۇرۇپ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، توردا ۋە يازمىچە دوكلات يېزىپ، يۇقىرىدىكى رەھبەرلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزسە، كۆرگەزمە ئورۇن ھەققىنىڭ 50%ىنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان خادىملارنىڭ كاماندىروپكا خىراجىتىنىڭ 70%ىنى ئاتچوت قىلىدۇ . تەشۋىقات ئېلانلىرىنى ئىشلىسىڭىز ، بۇ چىقىملىرىڭىزنىمۇ پىرسىەنتلەشتۈرۈپ ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ . بۇلارنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى يۇقىرى رەھبەرلىك توردا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاتچوت قىلىنغان پۇلنى ، سىزنىڭ بانكا ھېساباتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىدۇ.
بەزىبىر تاشقى سودا ۋە ئىچكى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر بۇنداق ئىلتىماسلارنى بىلمەيدىكەن.مەن بۇرۇن تېلۋىزۇرلاردا ۋە يوللاردىكى تاختايلاردا ، كوچا ئابتۇبۇسلىرىدىكى ئېلانلارنى كۆرۈپ بۇنچىۋالا ئېلانلارغا كېتەرلىك راسخوتلارنى بۇ كارخانىلار نەدىن تاپىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. كېيىن بىلسەم بۇلارغا مۇشۇ چىقىملىرىنى دۆلەت خەزىنىسىدىن پىرسەنتلەشتۈرۈپ ئاتچوت قىلىپ بېرىدىكەن.
ئەمدى باغ بەرپا قىلغانلارغا كەلسەك بۇلارغىمۇ يۇقىرىنىڭ يۆلەش سىياسىتى بار ئىكەن . سىز بىرلا ئورۇندىن300مودىن ئارتۇق باغ كۆتىرىگە ئالغان بولسىڭىز ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىۋى قۇرسىڭىز ، سىزگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە -ئورگانلار يوللىغان ئىلتىماسىڭىزغا ئاساسەن يۇقىرىدىن چۈشكەن يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايسىز.
قوتان سالماقچى بولغانلار ، كۆلىمى 1000كىۋادىرات مېتېردىن ئاشسا، بىر كىۋادىرات مېتېر قۇرۇلۇشقا 350يۈەندىن ياردەم پۇلى بار ئىكەن، مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا ئاقسۇنىڭ قۇمباش يېزىسىدا ،مۇشۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى قوتانلارغا بىراقلا 500يۈزمىڭ يۇەن پۇل چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ.
يۇقارقىدەك دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسەتلىرىدىن باشقا يەنە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىنمۇ بېرىدىغان ياردەم خىراجەتلىرى بار ئىكەن.
مەن بۇرۇن شىركەت دېسىلا تېلۋىزۇرلاردىكىدەك كاتتا شىركەتلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم . ئەمما ئۆزەم شىركەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزنىڭ بىزنىڭ بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلىرىمىز ھەقىقەتەن دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
يەنە تېخى ياغ زاۋۇتى ، ئۇن زاۋۇتى دېگەندەك نۇرغۇنلىغان زاۋۇت كارخانىلارنى كۆردۈم .كۆپ ساندىكىلىرى نەچچە يۇزمىڭ يۇەن بىلەن قۇرۇلغان بولسا، ئازساندىكىلىرى 5-6 مىليۇن ،ھەتتا 10نەچچە مىليۇن خەجلەپ قۇرغان زاۋۇتلار ئىكەن . ئەمما بۇزاۋۇتلار دۆلەتنىڭ يۆلەش -ياردەم بېرىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.سەۋەبى بۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىگە قارىساق شەخسىي نامدا ئىكەن. بۇلار نېمىشقا شىركەت نامىدا قۇرمايدۇ؟ چۈنكى بۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن.
مۇشۇنداق مىليۇنلاپ مەبلەغ سېلىپ شەخسىي نامدا كارخانا قۇرۇۋاتقانلاردىن شۇنى سوراپ باققۇم كەلدى، سىلەرنىڭ راستتىلا بۇ سىياسەتتىن خەۋىرىڭلار يوقمۇ؟
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، سىز بىر ئۇن-ياغ زاۋۇتى قۇرماقچى بولسىڭىز ، ئالدى بىلەن يەر خېتىنى ھەل قىلىپ، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، ئاندىن قۇرۇلۇش باشلىسىڭىز بولىدۇ، ئۇنتۇپ قالماڭ، قۇم،تاش،سىمۇنت،خىش،ئىش ھەققى دېگەنلەرگە دۆلەت ئېتىراپ قىلغان تالون كەستۈرۈشنى. ئاندىن سېتىۋالغان زاۋۇت- ئۈسكۈنىلىرىڭىزگە تالون ئېلىۋېلىڭ.ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش دېگەندەك مۇشۇ ئىشلار بىلەن بىر ۋاقىتتا زاۋۇتىڭىزنى شەخسىي نامدا ئەمەس ، بەلكى شىركەت نامىدا ئەنگە ئالدۇرىسىز. ئاندىن مۇشۇ قەدەم يوللار بىلەن شىركىتىڭىز قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىغا توردا ۋە يازمىچە دوكلات يوللىسىڭىز بولىدۇ.
مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ ،كۆرگەن - بىلگەنلىرىمنى يازدىم. قالغان چالا قالغان قىسىملىرىنى ئىنكاس ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ.مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتلەردىن خەۋىرى بارلار، ئۆزۈڭلارنىڭ بىلگەن كۆرگەنلىرىڭلارنى مۇنبەر ئەھلىدىن ئايىمىغايسىلەر. |
|