- تىزىملاتقان
- 2012-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4146
- نادىر
- 0
- يازما
- 174
ئۆسۈش
71.53%
|
ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرى ھاراممۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆتكەندە بىر قېرىندىشىمىز ئەمۋاي سودىسىنىڭ ھاراملىقى ،بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتىدە بۇ سودىنى قانونلۇق سودا قىلمىغانلىقى ،بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرى بىرلىككە كېلىپ بۇ سودىنىڭ ئىنسانلارغا ئامىرىكىچە قىممەت قارىشىنى سىڭدۇرۇش ھىلىسى ئىكەنلىكى شۇڭا بۇ سودا ھارام سودا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى .مانا بۇ يەردە
./thread-2517-1-1.html
ئەمۋاينىڭ تارقىلىش خەرىتىسى
ئەمدى مەن تۆۋەندە بۇ مەھسولاتنىڭ باشقىسىنى قويۇپ ئاغىزدىن كېرىدىغان ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھالال ھاراملىقى ئۈستىدە توختىلىمەن .ئىسلامدا ئېغىزدىن كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ھالال ھاراملىقىنى ئىستەيدۇ .بىر لوقما ھارام ئىستىمال قەلىپنى پاسىقلىققا ،كۇپىرلىققا باشلايدۇ .شۇڭا مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى بارلىق ئوزۇقلۇق ،يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈستىدە ھالال دەپ ماركىنى بىكاردىن بىكار چاپلىمايدۇ .ئەمدى ئەمۋايغا كەلسەك بولۇپمۇ دۆلتىمىزدە ئىشلەنگەن ئەمۋايدا بۇنداق ھالال دىگەن ماركا يوق .ئاڭلىشىمچە ئامىرىكا ۋە مالايسىيەدە ھالال ئۆلچەمدە ئىشلەنگەن ئامۋاي بارمىش .توردىمۇ ئىلىكتىرونلۇق ھالال ئىجازەتنامىسىنى كۆردۈم .لېكىن دۆلتىمىزدە ئىشلەنگەن ئەمۋاي ئاتالمىش دۆلىتىمىزدىكى خەنزۇلارنىڭ بەدەن ھالىتىگە ئاساسان جۇڭگودا قۇراشتۇرۇپ ئىشلەنگەن .بۇ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرى قەتئىي ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ نازارىتىگە چۈشمەيدۇ ھەم شۇنداق ئىلتىماسمۇ قىلىنمىغان .شېركەتتىمۇ مۇسۇلمان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش ھەم تەلەپ قىلىنمىغان .شۇڭا سوغاققانلىق بىلەن ئويلاپ باقساق ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىزگە ئاشكارە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ھالىتى بىزنىڭ ھالال ئىستىمالىمىزغا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ .ئەمدى ئەمۋاينى ئىستىمال قىلساق بولامدۇ يوق دىگەن مەسىلىگە كەلسەك ئەگەر ئامۋاينى يىمىسەك ھاياتىمىزغا خەۋىپ يىتىشى مۇقەررەر بولسا ئىشلەتسەك بولىشى مۇمكىن ئىنشائاللاھ (ئاللاھ ساقلىسۇن) لېكىن بۇندىن باشقا ئەھۋاللاردا يەنى بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن خۇددى تاماققا ئوخشا ئىستىمال قىلىشقا بولامدۇ بولمامدۇنى يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ جاۋاپ بەرسەك بولىدۇ .
ئەڭ موھىمى مەن تېخىمۇ ئېنىق بولىشى ئۈچۈن ئاتايەن ئەمۋاي شېركىتىنىڭ قىززىق لىنىيەسىگە تېلىفۇن ئۇرۇپ ‹ئەمۋاينىڭ مالايسىيە ۋە ئامىرىكىدىكى ھالال ئىجازەتنامەڭلەرنى ئەمۋاينىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە ئاساس قىلىپ ئىشلەتسەم بولامدۇ؟يەنە بىر سۇئالىم دۆلىتىمىزدىكى ئەمۋاي مەھسۇلاتى مۇسۇلمانلارغا ماس كىلەمدۇ يەنى چىڭجېن مۇ › دەپ سورىغان ئىدىم .مۇلازىمەتچى تەتەي توختاپ تۇرۇڭ مەسىلىنى خاتىرلىۋالدىم .مەن رەھبەرلىكتىن سوراپ باقاي دەپ تېلىفۇننى قويدى .
ئەتىسى ماڭا تېلىفۇن قىلىپ ‹مالايسىيە ۋە ئامىرىكىنىڭ ئەمۋاي ھالال ئىتىراپنامىسىنى جۇڭگودا قوللىنىشقا بولمايدۇ ،بۇ قانونسىزلىق .ھەم ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىمۇ قىسمەن ئوخشىمايدۇ › يەنە بىر سۇئالىمغا ‹جۇڭگودىكى ئەمۋاي مەھسۇلاتى چىڭجېن ئەمەس ،بىزگە بۇنداق تەلەپ قويۇلمىغان .چۈنكى جۇڭگودا بۇنداق ئىھتىياج يوق دىيەرلىك ،ئەگەر سىلەر چىڭجىن مەھسۇلات يەي دىسەڭلەر ،باش ئورگانغا توختىماي ئىلتىماس ئەۋەتسەڭلەر بىز ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ› دەيدۇ .
دىمەك جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەمۋاي ھارام دىگەن گەپ .بۇنى ئالدى بىلەن بىز دىمىدۇق بەلكى ئاشۇ مۇلازىمەتچى تەتەي بۇ ھارام مەھسۇلات دىدى .بىز نىمە ئۈچۇن ئەمۋايغا نىسبەتەن يىمەكلىكلەرگە قوللانغان ھارام ھارام قارىشىمىزنى قوللانمىغۇدەكمىز؟بۇنىڭغا نىمە ئاساس بار؟كاللىسى ئەمۋاينىڭ ئەپسونلىرى بىلەن قىززىپ كەتكەن ئەمۋايچىلار بۇنى بىزگە قايىل قىلغۇدەك چۈشەندۈرۈپ بەرسە بولاتتى .ئەمۋاينى ئۇلار دورا دەپ ساتمايدۇ بولمىسا ئوزۇقلۇق دەپ .ئوزۇقلۇك يىمەكلىكلەرنى ھالال ھارام دەپ ئايرىمىزغۇ ؟نىمە ئۈچۇن ئەمۋاينى شۇنداق ئۆلچەمدە ئايرىمايمىز ؟
بەزىلىرىمىز تېخى سۈت پاراشۇگىنى ئىشلەپ چىقىررىدىغان بەزى ئۇيغۇر كارخانىلارنى ئىچكىرىدە ئىشلەيدۇ دەپ قاغاپ تىللاپ كېتىسىلەر ،لېكىن ئەمۋاينى ئىستىمال قىلغاندا قىلچە ئىككىلىنىش يوق .ئەمۋاي بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان داڭلىقلار ،ئۆزىنى ئەمۋايغا ئاتىۋەتكەن قېرىنداشلىرىم ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار .
ئاخىرىدا ئەسكەرتىشىم شۇكى دۇئالىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىدىكى بىر سەۋەپ كانىيىمىزدىن كېرىۋاتقان لوقمىغا ئىگە بولمايۋاتقانلىقىمىزدا قېرىنداشلار .شۇڭا ئاتايان ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .ئاللاھ بىزنى مەكرو ،ھارام دەك نەئىي قىلمىشلاردىن يىراق قىلغاي ئامىن .
|
|