قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2486|ئىنكاس: 17

جەننەتنىڭ قەھرى __ تېررى قالتىس كىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 19:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

            
                    جەننەتنىڭ قەھرى __  تېررى قالتىس كىشى



       ھەممەيلەنگە تونۇش بولغان<<جەننەتنىڭ قەھرى>>فىلىمىدىكى سېپنىسنىڭ ئوبرازى دائىم كۆزئالدىمدىن كەتمەيدۇ.ئۇنىڭ قاۋۇل ، مۇسكۇللۇق بەستى ئەرلەرنىڭ جاسارىتنى ھەققىتۈردە نامايەندە قىلغان . ئۇ ئامىرىكىنىڭ ئەركىن بوكىس كەسپىنىڭ داڭلىق چېمپىيونى. شۇنداقلا داڭلىق كېنو-تېلۋىزيە چولپىنى . تېررى ھاياتىدا نۇرغۇن فىلىم ئىشلىگەن،ئۇنىڭ فېلىملىرىدىن   <<جەننەتنىڭ قەھرى>>《ThunderParadise》،<<روككى3>>،<<بالا باققۇچى>> قاتارلىقلاربار . ئۇنىڭ فىلىملىرىنىڭ  ياخشى ئىشلىىگەنلىرىمۇ ۋە ناچار ئىشلىگەنلىرىمۇ بار . كىشىلەرگە ئەڭ تەسىر قىلغان فىلىمى تېلۋىزيەتىياتىرى<<جەننەتنىڭ قەھرى>>بولماستىن ، ئەكسىچە<<روككى3>> بىلەن <<بالا باققۇچى>>دىگەن فىلىملىرىدۇر.بۇفېلىملەر ئارقىلىق ئۇ ئۆزنىڭ سىتاللوندەك كاتتا ھەركەتلىك فېلىم چولپىنى بىلەن تەڭدەرجىدە تۇرالايدىغان كاتتا شەخىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .فېلىملىرىدە ئۇنىڭ قاۋۇل، ئېگىز ، مۇسكۇللىرى تەرەققى قىلغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ پىسخىكىسىدىك ىئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ ئۆزىنى تېخمۇ گەۋدىلەندۈرشىگە ئاساس سالغان . ئەلۋەتتە ئۇكەسپى ئارتىس ئەمەس ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ فېلىملىرى ئانچە كاتتا ئالقىشقا ئېرىشىپ كەتمىگەن . دەرجىدىن تاشقىرى چولپانلارغا قەتئى سېلىشتۇرغېلى بولمايدۇ .  بىراق ئۇنىڭ ئەركىن بوكىس مۇسابىقە سەھنىسىدىكى ئاجايىپ قالتىس ماھارىتى ، قاۋۇل ، مۇسكۇللۇق بەدىنى يەنلا كۈزنى چاقنىتىدۇ . مانابۇ ئۇنىڭ نام-شەرپىنى كاتتا ئۆستۈردىغان يارقىن يۇلتۇزدۇر . خۇددى روسكى 3فىلىمىدىكى ياراتقان ئوبرازدەك ، ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ناھايتىمۇ قالتىس .ھەممە  ئەرلەر ئۇنىڭدەك قاۋۇل قالتس بۇلۇشنى ئويلايدۇ .مانابۇ ھەقىقەتتۇر .
ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تېررى جېنىبوللىس Terry Gene Bollea، ئۆزگەرىتكەن ئىسمى خۇلىك خوگېن Hulk Hogan .ئامېركا پۇقراسى. 1953-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېركا  جورجىيە شىتاتىنىڭ ئوگېستا شەھرىدە تۇغۇلغان.ھازىر فېلورىدا شىتاتنىڭ تانپا شەھرىدە تۇرىدۇ . بوي ئېگىزلىكى 201سانتىمىتىر ،ئېغىرلىقى 135كېلوگرام . تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە چۈشكەن ۋاقتى1977-يىلى8-ئاينىڭ10-كۈنى .ئۇ ياش ۋاقتىدىلا ئەركىن  بوكىسقا تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتى . بىكار بولسىلابەدەن چېنىقتۇراتتى .ئۇنىڭ ئارزۇسى بولسا داڭلىق ئەركىن  بوكىس چېمپىيونى بولۇش ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپتەئوقۇغان ۋاقىتلىرىدا مۇزىكا ئەتىرتى قۇرغان بۇلۇپ ، خېلى داڭ چىقارغان . كىيىن ئەركىن بوكىسنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان . شۇندىن كىيىن ئامىركىنىڭ ئەركىن بوكىس سەھنىسىنى خېلى بىر مەزگىل تىترەتكەن(مەن ئەركىن بوكىسنى چۈشەنمەيمەن، بىراق ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى بىر –ئىككى قېتىم كۆرگەن ،ئۇنىڭ ماھارىتى ھەققەتەنمۇ قالتىس، ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ50ياشقا بارغانكىشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، كىيىن مەن ئۇنىڭ چايان پادشاھ رولچىسى دون جونسۇن بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىسىنى كۆرگەن). تېررى كوپ قېتىم ئامېركا مەملىكەتلىك ئەركىن بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ ، ئەركىن بوكىس تەنھەركىتىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا كىرىشىگە زور تۆھپە قوشقان .
ئۇ ئامېرىكا خەلىقئارامەملىكەتلىك ئەركىن بوكىستا 3 قېتىم ، ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئەركىن بوكىس شەرقى جەنۇپ مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم ،خەلىقئارا ئېغىر دەرجىلىكلەر  ئەركىن بوكىس مۇسابىقىسىدە 6قېتىم ، قوشكىشىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىر قېتىم ، مەملىكەتلىك بىرلەشمە كەسپى ئەركىن بوكىستا6 قېتىم ، 1-قېتىملىق خان جەمەتى مۇسابىقىسىدە يەڭگۈچى قاتارلىق شان-شەرەپلەرگەنائىل بولغان . ئۇنىڭ مۇسابىقسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتى ھەر قانداق بىر ئەركىن بوكىس ماھىرنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن .ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى بولۇپ .بىر ئوغۇل ،بىر قىزى بار . پەرزەنىتلىرى كۆڭۈل ئېچىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇھازىر ئامىركاكەلگۈسى لاھىيلەش شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى .



5

تېما

2

دوست

3159

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15932
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 896
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 21:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولاپتۇ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

14

دوست

4457

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1324
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 21:14:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا سىز شۇەيجىياۋ  مەستانىسى ئوخشايسىز ھە

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 21:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خۇك خوگېننىڭ مەستانىسى ، wwe ساھەسىدە ئۇنىڭدەك ئۇتۇق قازانغان ماھېردىن پەقەت ئىككىسى بار ، بىرى the rock يەنى تېما ئىگىسى دىگەن جونسۇن ، يەنە بىرى  stone cold steve austin ، ئەگەر ۋاقتىڭلار بولسا wwe نى كۆرۈپ باقساڭلار بولدۇ ، wwe بولسا كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان تەنتەربىيە تۈرى ، ئەمما ئۇرۇشلىرنىڭ %50 تى ساختا ، بىكار قالغان . ئىچىڭلار پۇشۇپ قالغاندا كۆرۈپ قويساڭلار بولدۇ  ، يەنە ئىككى ماھېر بار ، بىرسى goldberg ، يەنە بىرى undertaker . بىرىنچىسى، يەنى goldberg بولساwwe تارىخېدىكى ئەڭ يامان ماھېر ، ئۇدا 173 مەيدان غەلبە قىلىش رېكۇرتى بار ، بەزىلەر جەڭ ئىلاھى دەپمۇ قويدۇ ، ، ، ئىككىنچىسى ، يەنى undertaker  بولسا wwe نىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان  چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىسى  WrestleMania دا ئۇدا 21 مەيدان يېڭىلمەسلىك تارىخى بار ، ، ، مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان ماھېر بولسا جونسۇن ، wwe مەيدانىدا ئۇنى the rock مۇ دەپ قويۇدۇ ، مەنىسى قورام تاش دىگەن مەنىدە ، مېنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىم بىلەن ئوخشاش ، باش سۈرۈتۈممۇ شۇنىڭ رەسىمى ، ، ،

0

تېما

2

دوست

1059

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 21:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارمۇ ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇلارنىڭ داڭقىنى چىقارغان  كىنو تىخنىكىسى

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 22:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار  غىنى باتۇر ،سادىر پەلۋان ،ئەنجانباي،داۋۇت پەلۋان ،سىيىت نوچىلار بىلەن  تۇشۇپ باقسا قايسى يىڭەر بولغىيدى [

1

تېما

1

دوست

1460

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11903
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 393
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 22:41:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15 يىل بولدىغۇ دەيمە.تۇنجى تېلېۋىزۇردا بەرگەندە مۇقەددىمىسىدە « بار دەسمى مۇشۇ »دېگەندەك ئەۋرەتلىرىنى تامامى ئاچقان خوتۇنلارنى چىققان يېرىنى كۆرۇپ ، بىزنىڭ يۇزلىرىمىز قىزىرىپ،چوڭلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرالمىغان.

6

تېما

1

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 22:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى بەك ئەبگا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەن بۇنى باشقىلارمۇ تونۇسۇن دەپ يازغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )