چايان پادىشاھ __ مۇنداق كىشى
ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان فىلىم<<چايان پادىشاھ>>فىلىمدىكى باش پېرسوناژ بولسا ئامىركا مەملىكەتلىك ئەركىن بوكىس مۇسابىقىسىدىكى چولپانلارنىڭ بىرى دېيۋىي جونسوندۇر.ئۇنىڭ ھەممە ئەرلەرئىنتىلدىغان بەدىنى ، يۇمۇرىستىك قىلىقلىرى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردۇ.ئۇنىڭ ئەركىن بوكىستىن ئىبارەت تەنتەربىيە ساھەسىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىنكى ھەركىتى بولسا ،دەل كىنو-فىلىمدە رول ئېلىشتىن ئىبارەت بولدى.ئۇ بەزى فىلىملەردەكالۋالارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان بولسا ، يەنە بەزى فېلىملەردە كاتتا ، غايۋانەشەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ۋە بەزى فىلىملەردە بولسا تولىمۇ قىزقارلىق شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى . لىكىن ھەممىسىنى ناھايتى ياخشى ياراتتى. ئۇنداقتا بۇ شەخىس بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ قويايلى: ئۇنىڭ ئىسمى دېيۋىيجونسون Dwayne Johnson ،بەدەن ئېغىرلىقى 130كېلوگرام، بويئىگىزلىكى196سانتېمىتىر،لەقىمى گىرانىت تاش جونسون ،1972-يىلى 5-ئاينىڭ3-كۈنى ئامېركىنىڭكالفورنىيە شىتاتنىڭ خەيۋاد شەھرىدە تۇغۇلغان. گەرچە ئۇ كالفۇرنىيدەتۇغۇلغان بولسىمۇ ،بىراق ھاۋايدا چوڭ بولغان ، ئۇ بۇ يەردە گېتار چېلىشنى ۋە ئۇسۇل ئويناشنى ئۆگەنگەن، ئۇگىتارنى ياخشى چالىدۇ ، ئۇسۇلنىمۇ ناھايتى ياخشى ئوينايدۇ،تانگودا خېلى ئىپى بار .ئۇنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىمۇ ئەركىن بوكىس چىمپىيونى ، ئۇ بۇئائىلىدە 3-ئەۋلاد ئەركىن بوكىس چىمپىيونى ،بۇ ھاياتىدا ئۇ ئەركىن ئېلشىش مۇسابىقىسىدە 16قېتىم چېمپىيۇن بولغان .2001-يىلىباشلاپ فېلىمدە رول ئالغان .ئۇ مىئامى ئۇنۋېرسىتىدا ئۇقۇغان چاغلىرىدىلا بەدەن سۈپىتىگە تاينىپلا ، ئۇنۋېرسىتتىنىڭ زەيتۇن توپ كوماندىسىغا قاتناشقان ۋەناھايتى تېزلا چولپانغا ئايلانغان، بىراق ئۇ مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا ناھايتى ئۆكتەم ۋە قوپال بۇلۇپ ،دائىم باشقىلارنى ئۇرۇپ –تىللىغان ، شەخسى تۇرمۇشى ناھايتى شاللاق بۇلۇپ ، قىز دوسىتلىرى ناھايتى كۆپ بولغان.ئۇنۋېرستىتنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇ دادىسىنىڭ يېتەكىلىشىدە (دادىسىمۇ ئەركىن بوكىس تەنھەركەتچىسى ئىدى) ناھايتى تېزلا ئەركىن بوكىسنىڭ ھەرخىل تېخنىكىلىرىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ ، ئەركىن بوكىس سەھنىسىگە قەدەم قويغان . 6يىللىق مۇسابىقە ھاياتىدا ئۇئۆزىنى تېخمۇ تاكاممۇللاشتۇرغان . 6يىلدىن كىيىن ئۇنىڭغا رېژسسورلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ ئۇنى فىلىمدە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتى باشلانغان .
ئۇ 13ياش ۋاقتىدىن باشلاپ خىزمەت قىلغان . ئۇنىڭ خىزمىتى قاچا يۇيۇش بولغان. بۇ ئۇنىڭ خارەكتىرىنى يېتىلدۈرۈپ،مەڭگۈگە بىكارلىق نەرسە يوق،ۋەشۇنداقلا باشقىلرغا بۆزەك بولمايدىغان ئىدىيسىنى تۇرغۇزغان .ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگەنگەن كەسپى جىنايى ئىشلار قانۇنى ، ئۇ بىر مەزگىل FBI تەرپىدىنمۇ ئىشلىتىلمەكچى بولغان .ئۇ ئەسلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ زەيتۇن توپ چولپىنى بولماقچى بۇلۇپ ،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ،مىئامى ئۇنۋېرستىتىنىڭ زەيتۇن توپ كوماندىسىغا كىرگەن ، كىيىن زەخمىلىنىپ،دادىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئەركىن بوكىس سەھنىسىگە چىققان .1997-يىلى5 –ئاينىڭ 3-كۈنىتوي قىلغان، ئايالى ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان .بىراق2007-يىلى تېپتېنىچ ئاجىرشىپ كەتكەن. ئۇ 2001-يىلى بىلەت باھاسى كىرىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان موميا دىگەن فىلىمدە رول ئېلىپ ، بۇساھەگە كىرگەن . بۇ جەھەتتە ئۇ ئارنولىد سىۋازېنگېرگە ئوخشايدۇ .يەنى تەنھەركەتچىدىن چولپانغا ئايلانغان .شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان . ئۇنىڭ رول ئالغان فېلىملىرى كۈندىن-كۈنگە بازار تېپىشقا باشلىغان.ھەر خىل فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۆچرەت بۇلۇپ تىزلىشقا باشلىغان.كاتتا چولپانغا ئايلىنىش ئۇنىڭغا ناھايتى ئاسان بولغان . ئۇ2013-يىللىق ھوللىۋوددىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى چولپان بولۇپ باھالاندى.
|