ئۇيغۇر ناخشاچىلىقتىكى«ئۆسمە» تاھىرجان نىياز مازارغوجام
مېنىڭچە، ناخشا شائىر ئىچكى ھېسىياتىنى يۇقۇرى بەدئىي ئۇسلوب،شېئىرىي تىل بىلەن ئىپادىلەپ يازغان بىر شېئىر(ناخشا تېكىستى)گە كومپوزىتور ماس ھالدىكى مىلودىيەلەرنى سىڭدۈرۈپ مۇزىكا ئىشلىگەندىن كېيىنكى بىر پۈتۈن سەنئەت ئەسىرى(ژانىرى) بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر پۈتۈپ چىققان بۇ مۇنەۋەر ناخشا ،مۇشۇ ناخشىغا ئاۋازى ماس كېلىدىغان ئۆلچەملىك ناخشىچىنىڭ يېقىملىق ،پۇراقلىق ئاۋازى،يۇقۇرى ئورۇنداش ماھارىتى ئارقىلىق ئورۇندالسا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ھۈجەيرىسىنى ئويغىتىپ،ھەقىقى ئىستېتىك زوق بەخىش ئېتىدىغان ئۆلمەس ناخشىغا ئايلىنىدۇ.ئەكسىنچە بولغاندا ئۆمۈرى قىسقا ناخشا،ئەخلەت ئەسەر بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك شائىر،كومپوزىتور،ناخشىچى تەڭ ماسلاشقاندا ناخشىنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقى نامايەن بولىدۇ.بۇ خىلدىكى يېقىملىق،نادىر ناخشىلارنى داۋاملىق ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز،زوق ئېلىۋاتىمىز.لېكىن ناخشا ئورۇنلاشتا ئۇزۇندىن بۇيان مۇنداق ئىككى سەۋەنلىككە يول قويۇلۇپ ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ناخشىدىن ھوزۇر ئېلىشى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماقتا.كۆڭۈلنى غەش قىلماقتا.مەن سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئەمەس،پەقەت بىر ئاددىي ناخشا-مۇزىكا ھەۋەسكارى بولساممۇ،ناخشا ئورۇنلاشتىكى بۇ مەسلەر ھەققىدە سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم
يولدا كېتىۋاتىمەن،تاكسىدا ئولتۇرىۋاتىمەن.كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تورغا كىرىۋاتىمەن....نەگىلا بارسام قۇلىقىمغا بۇزۇلغان‹‹يارىم››ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇ پەقەت ناخشىلاردىكى بۇزۇلغان‹‹يارىم››ئىدى.ناخشىنىڭ تېكىستى ،مۇزىكىسى،ئورۇنلىنىشى شۇنداق ياخشى .بىراق،بۇزۇلغان‹‹يارىم››كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ.
‹‹يارىم خۇمالىق››،‹‹يارىم كېتىمەن دەيدۇ››،‹‹يارىم سەن،نىگارىم سەن..››دېگەندەك مۇھەببەت ناخشىللىرىنى ئاڭلىغىنىمدا دىلىم سۆيىنىدۇ.بىراق،‹‹يايرىم سەن،نىگارىم سەن››دەپ ئوقۇلۇپ قالغان ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىمدا ‹‹ھۆ››بولغۇم كېلىدۇ.چۈنكى؛ناخشا ئوقۇغاندا تېكىستىكى سۆزلەرنى توغرا ،ئېنىق دېيىشنى بەك ياقتۇرىمەن.ھازىر مۇھەببەت تېمىسىدىكى (‹‹يارىم››سۆزى ئىشلىتىلگەن)ناخشىلاردا ‹‹يارىم››بوزۇلۇپ،‹‹يايرىم››دەپ خاتا ئوقۇلىۋاتىدۇ.ئويلاپ باقايلى،سۆيگەن،كۆيگەن قىز-يىگىتىنى‹‹ يار››دەمدۇ ياكى‹‹ياير››دەمدۇ؟ ‹‹يارىم ››دېگەن سۆزنىڭ تۇمۇرى‹‹يار››تۇرسا،نىمىشقا ‹‹يارىم ››دېيىلمەي،‹‹يايرىم››دېيىلىپ قالىدۇ.خېلى تونۇلغان كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرىتقى ناخشىچىلارمۇ ،ناخشا پىلاستىنكىسى ئىشلەيدىغانلارمۇ،سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ رىژىسور،نازارەتچىللىرىمۇ مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.لېكىن «يېڭى ناۋا»پىروگراممىسىدا باھالىغۇچىلار «يارىم»دېيىش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىپ مېنى سۆيۈندۈردى.مېنىڭ بۇ قىسقا تەكلىپنى يېزىشىمدىكى مەقسەت،ناخشىچى ياكى يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىم،بولۇپمۇ ھەۋەسكارلارنىڭ ‹‹يارىم››نى بۇزماي،توغرا يېزىشىنى،دېيىشىنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. خوش بوپ كېتەي،‹‹يارىم››نى بۇزماڭ!!
ناخشىنىڭمۇ «جىنس»ئايرىمىسى بار
مەن ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان يەنە بىر مەسىلە ناخشىنىڭ«جىنسى»نى ئايرىماسلىق مەسىلىسى.ھەر قانداق ئۇسلوبتىكى ناخشا تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن چوقۇم ئەرەنچە ناخشا ،ئايالچە ناخشا ياكى ئۇنىۋېرسال مەزمۇندىكى ناخشا(ئەرمۇ،ئايالمۇ ئورۇنلىسا بولىدىغان ناخشا) دەپ ئايرىلىدۇ.بىزنىڭ ناخشىچىلىقىمىزدا بۇ مەسىلىگە ئىزچىل سەل قارىلىپ كەلدى.بۇنداق «جىنسى»ئارلاشتۇرىۋېتىلگەن ناخشىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ غىدىقى كېلىدۇ،بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.ئالايلۇق،قەشقەر خەلق ناخشىللىرىدىن «ئايشەمگۈل»،«ئاسىيگۈل»،«لەيلىگۈل»ئاتۇش خەلق ناخشىسى«گۈلمەرەم»،«سەيدىگۈل»،«خالىدەم»،كۇچا خەلق ناخشىسى«مۇراجىخان»،«گۈليارىخان»،ئىلى خەلق ناخشىسى«قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم»،ئىجادىي ناخشىلاردىن«ئاي زوھرە»،«دىلبەر»...قاتارلىق قىز-ئاياللار مەدىھلەنگەن ناخشىلارنى چوقۇم ئەر ناخشىچىلار ئورۇنلىشى كېرەك.قۇمۇل خەلق ناخشىسى«ئەر بارمۇ؟»،بۇرۇن شىنجاڭدا كۆپ ئېيتىلغان ئەزەربەيجان خەلق ناخشىسى«موللا مەھەمەتجان»،ئىجادىي ناخشا«ئەللەي بالام»...دېگەنگە ئوخشاش ناخشىلارنى ئايال ناخشىچىلار ئورۇنلىسا مۇۋاپىق.ئەر ياكى ئايالنىڭ ئىسمى يوق ئۇنۋېرسال تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن سۆيگۈ-مۇھەببەت ناخشىللىرى،ۋەتەن،يۇرت،ئاتا-ئانا،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى،دوستلۇق،ئىتتىپاقلىق كۈيلەنگەن،قەھرىمانلار،ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىكارلار،دېھقانلار مەدىھلەنگەن «يارو»،«تېرەك بوستان»،«ئەخلاق ئادەم زىننىتى»،«ئايدىڭ كېچە»،«تاغ سۈيى»،«كۆركەم تەڭرى تاغلىرى»،«گۈھەر زېمىن»«تۇرپانغا كەل»...قاتارلىق ناخشىلارنى ئەرلەرمۇ،ئاياللارمۇ ئورۇنلىسا بولىۋېرىدۇ.بىراق بىر قىسىم ئەرلەرگە خاس ناخشىلارنى ئاياللار ئورۇنلايدىغان،ئاياللارغا خاس ناخشىلارنى ئەرلەر ئورۇنلايدىغان ئىش تا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.بۇ ناخشىچىلىقتىكى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتمىسە بولمايدىغان بىر «ئۆسمە» دېيىشكە بولىدۇ.
|