قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1251|ئىنكاس: 23

سەپرا بولغان قارابەگ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

8314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1679
توردىكى ۋاقتى: 2689
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 15:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 16:28  

                                           سەپرا بولغان قارابەگ


         چوڭ چىرىغىنى يورۇتۇپ كەلگەن ماشىنىلارغا كىچىك چىراقتا بەلگە بەرسەممۇ يەنىلا ھىچبىر ئىنكاسسىز، بەخارامان چوڭ چىرىغىنى يورۇتۇپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرگەندە"ھۇ گومۇش!" دەپ قويۇپ يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئوڭ تەتۈر ماشىنا ياندىغانلارنى كۆرسەم "ھىھ، ماۋۇ ماشىنا ھەيدەشنى بىلەمدۇ، بىلمەمدۇ؟" دەيمەن-دە يەنە يولۇمغا راۋان بولىمەن. 80-90 كىلومىتىرلىق تىزلىك بىلەن كېتىۋېتىپ، بىر يەرلەرگە بارغاندا، 50-60 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن كېتۋاتقان بىر ماشىنىغا دۈچ كېلىمەن، يانداي دىسەم، قارشى تەرەپتىن ماشىنا كېلىۋاتقان، يانداشقا بولمايدۇ. ئىختىيارىسىز تۇرمۇزغا دەسسەيمەن. ئاچچىقىمدا بىرنىمنىلەرنى دىگۈم كېلىدۇ، ئۆزۈمنى يەنە بېسىۋالىمەن. بۇنداق چاغلاردا "مەيلىلا، يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ئىشتا، ئاللا-تائاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى بار" دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىمەن، كۆڭلۈم بىردەم بولسىمۇ ئىزىغا چۈشىدۇ.  
          بىراق، مۇشۇ يۈرۈش تېزلىكى 40 كىلومىتىر قىلىپ بەلگۈلەنگەن كوچىلاردا شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەرنى كۆرىمەنكى، ماشىنىنى 40 كىلومىتىرلىق يولدا 20 كىلومىتىرلىق تىزلىك بىلەن كېتىۋاتقان، ماشىنىدىن ئىنتايىن كۈچلۇك DJ مۇزىكىسىنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتقان، ئاغزىدا تاماكا، بىر قولىنى قولىغىغا تۇتۇپ تېلىفۇندا ئاسمانغا قارىغىنىچە ئاللاكىملەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقان، مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىدىن تېلىفۇندىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالماي، ۋاقىراپ گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتقان بىىر ھالەتتە، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يول ئايرىش سىزىقىنى ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققىنىمدا يا ئۇ ياقتىن ياندىيالماي، يابۇياقتىن ياندىيالماي، شۇنداق ئاچچىغىم كېلىدۇ-دە، بېرىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ، ئارقا مەھەللىسىگە بىرنى تەپكىم كېلىدۇ. ياقىسىدىن بىرنەچچىنى سېلكىۋەتكەندىن كېيىن، قولىغىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يول يۈرۈش قائىدىسىنى، ماشىنىنى قانداق ھەيدىسە بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى، يولدا باشقىلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، شۇڭا ماشىنىنى
        ئاستا ھەيدىگەندە يولنىڭ بىر چېتىدىن يۈرۈشنىڭ لازىملىقنى ئۈگەتكۈم كېلىپ كېتىدۇ؛ ھادىسىنىڭ تىز ھەيدەشتىنلا ئەمەس، ئاستا ھەيدەشتىنمۇ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئاستا ھەيدىسە، بولۇپمۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يول ئايرىش سىزىقىنى ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ ماشىنا ھەيدىگەندە يولنىڭ توسۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى، بەلگۈلىمىدىن كۆپ ئاستا ھەيدىگەن ماشىنىنىڭ ئەخلەتتىن پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى ئۈگەتكۈم؛ ماشىنا ھەيدىگەندە يول يۇرش بەلگۈلىمىسى 40 كىلومىتىر بولسا 40 كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەش، 60 كىلومىتىر بولسا 60 كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەش،  نەچچە كىلومىتىر بولسا شۇنچە كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەشنىڭ لازىملىقىنى، شۇنداق قىلسا ماشىنا يانداش شەكىللەنمەي ھادىسىنىڭ ئاز كۆرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغۇن كېلىدۇ.
        باشقا يەردە قانداق بىلمىدىم، قارابەگنىڭ يۇرتى بولغان ماۋۇ خوتەندە، تاززا ئاۋات كوچىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىغا كەلسەم، تەلىيىمگە يېشىل چىراق يېنىقلىق ھەلەتتە كەلسەمغۇ مەنچە كىشى يوق، ئەمما قىزىل چىراقتا كېلىپ قالسام، باشقا يەردىكىگە ئوخشاشلا يولنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. پىيادىلەر يولىدىن پىيادىلەر ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىرىنچى رەتتە ساقلاۋاتىمەن، ئۇچ.... ئىككى....بىر.... مانا يول ئېچىلدى.ئەمما يۈرەي دىسەم بىر ئىككى پىيادىدىن باشقا بىر ھارۋا سۆرىگەن ئادەم يولدىن ئۆتىۋاتقان، يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن. ئاران بىر كەلگەن پۇرسەتتە، كەينىمدىكىلەر تىت-تىت بولۇپ، ماشىنىسىنى تا-تاتلىتىۋاتقان، جىددىلىشىمەن، مانا يولمۇ ئېچىلدى، يېشىل چىراق ئۆچەيلا دەپقالغاندا كېسىشمىدىن ئاران ئۆتىۋالدىم. "يا خۇدايا، شۈكرى" دەيمەندە بۇنداق قالايمىقانچىلىقلار دەستىدىن خۇتەنلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قان بېسىم كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قالمىغانلىقىغا، ھېلىمۇ ئۆرە يۈرىۋاتقانلىقىغا ئاللا-تائاللاغا چەكسىز ھەمدىلەرنى ئېيتىپ، يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن سىزمۇ قارابەگدەك بىرەر قېتىم سەپرا بولۇپ باققانمۇ؟
                                                                                      2014-يىلى 2-ئاينىڭ11-كۈنى. خوتەن.

0

تېما

2

دوست

5426

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1642
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 17:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتناش بەلگىلىمىسى بولمىسا بىزنىڭ ئۈرۈمچىمۇ سېلىنىڭ خوتەندەك بولۇپ كېتىدۇ .شۇنچە قاتتىق بەلگىلىمىەر تۇرۇپمۇ ،يەنە ماڭدامدا بىر خىلاپلىق قىلمىشلارنى بايقايسىز .سېرىق سىزىقنى بېسىپ ماشىنا يانداۋاتقانلار ، بالداق سېزىققا يېقىنلاشقانسىرى سۈرئەتنى ئاشۇرۋاتقانلار ، ماشىنىسىنىڭ ئالدى سىزنىڭ ماشىنىڭىزدىن بىرەر مىتىر ئۆتە-ئۆتمەيلا ئالدىڭىزغا  ئوشۇقلۇق بىلەن بېسىپ كېرىدىغانلار ،يولدا لەڭگەر بولسىمۇ خالىغانچە يولدىن كېسىپ ئۆتىدىغانلار يەنە نۇرغۇن ....، بىر كېلومىتىر ماڭا-ماڭمايلا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچرىتىسىز . ماشىنىنى تىز ھەيدىسىڭىز بارىدىغان مەنزىلڭىزگە بەلكىم باشقىلاردىن 2-3مىنۇت بۇرۇن بېرىشىڭىز مۈمكىن ،لىكىن شۇ دەقىقىلەردە ئەزرائىل سىزگە يولداش بولىدىغانلىغىنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ .  ھەممىلا ئادەم ئەدەپلىك ماشىنا ھەيدىسە ،يولمۇ توسولۇپ قالمايدۇ . مېنىڭچە قاتناش قائىدىسىگە رېئايە قىلىش -قىلماسلىق شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان بىر ياخشى ئەينەك .......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

1

دوست

8314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1679
توردىكى ۋاقتى: 2689
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 17:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NinoNinoni يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 17:03
ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالساڭلار سەپرالىقىڭلار قان بېسىمغا ئ ...

راست!

6

تېما

1

دوست

8314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1679
توردىكى ۋاقتى: 2689
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 17:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 17:21
قاتناش بەلگىلىمىسى بولمىسا بىزنىڭ ئۈرۈمچىمۇ سېلىنىڭ خ ...

مېنىڭچە قاتناش قائىدىسىگە رېئايە قىلىش -قىلماسلىق شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان بىر ياخشى ئەينەك .......
*                  *       *                        *
بۇ گەپنى توغرا ئوتتۇرغا قويۇپسىز.

0

تېما

0

دوست

266

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   88.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18072
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 18:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ئادەملەر شەھەر ئىچىدە ماشىنا ھەيدىگەندە، ئاستا ھەيدىسەم بىخەتەر بولىدۇ دىگەن خاتا چۈشەنچىدە.
ماشىنا ھەيدەش ئاستا ھەيدەش ئەمەس ،بەلگىلەنگەن سۈرئەت بويىچە ھەيدەش دىيىلىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر 60 دىگەننى كۆرسە ،60 نىڭ تۆۋىنىدە قانداقلام ماڭسام بولىدۇ دەپ قارايدۇ،بۇ قاراش خاتا . 60 دىگەن بولسا بارلىق كىشلەر 60 مېڭىشى كېرەك. 60 لىق يولدا بىرسى 10 دا،يەنە بىرسى 15 تە، يەنە بىررىسى 20 دە ماڭسا قاتناشتا ئىلگىرى تۆۋەنلىك بولۇپ تەرتىپ قالايمىقانلىشپ كېتىدۇ. ئالدىرايدىغانلار بەك ئاستا مېڭىۋالغانلارنى ياندايمەن دەپ ئوڭ ياكى سولدىن رول ئۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
مەسىلەن ،ل مۇتەللىپ مەدەنىيەت مەركىزدىن ناۋايى كوچىسىغىچە بولغان يولنى 1500 مېتىر دىسەك ،بۇ يولدا مېڭىۋاتقان ماشىنا 60 لىك بولسا ھەممىسى 60 سۈرئەت بىلەن تەرتىپلىك ماڭسا قاتناش راۋان بىخەتەر بولىدۇ،ھەمدە ۋاقتىدا يېتىپ بارالايدۇ. ئەمما سۈرئەت بىردەك بولمىغاندا قاتناش قالايمىقان تەرتىپسىز ،ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئىشقا -چىقىش ۋە چۈشۈش يۇقىرى دولقۇنىدا بىر نىشاننى كۆزلەپ تېزرەك مېڭىش كېرەك.

بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا خوتەننى سۈر-توقاي قىلپ كەلدىم.

ما تېمىدا راۋۇرۇس بىر دېيشسەك بولغۇدەك، ھازىر سەل ئالدىراپ قالدىم.

سىز ئىنكاس يازغاچ تۇرۇڭ.

0

تېما

0

دوست

266

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   88.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18072
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 18:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خوتەندە نېمە تولا تويوتانىڭ  كەمرۈي،كىروۋىن،رويال سالونلىرى تولا..........دىسە ئەمدى ھەيران قالمايمەن.

4

تېما

0

دوست

2114

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 18:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنا بىلەن ئىشەك ھارۋىنىڭ يول تالىشىشى،BMWبىلەن قوتۇر تەخەينىڭ چىراقتا تۇرىشى خوتەندە تەبىئىي ئەھۋال،كىچىككىنە ئىشنى مىللەتكە،ىر يۇرتتىكى كىشىلەر ئومومىيلىقغا ئاپىرىش نادانلىقتا بىلەرمەنلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،

0

تېما

0

دوست

266

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   88.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18072
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 18:37:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
edrek يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 18:34
ماشىنا بىلەن ئىشەك ھارۋىنىڭ يول تالىشىشى،BMWبىلەن قوتۇ ...

مەن خوتەننىڭ شەھەر ئىچىدە ھېچ ئۇنداق ئەھۋالنى كۆرمىدىم. قايسى تەرەپلەردە ئاشۇنداق ئىشلار بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )