- تىزىملاتقان
- 2014-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1177
- نادىر
- 0
- يازما
- 60
ئۆسۈش
17.7%
|
satuk يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 20:30
سىز تۇرمۇشلۇق بولغاندا ئاندىن چۇشۇنىسىز ئانىلارمۇ ئىن ...
توغرا قىرىندىشىم !!! بىز چوقۇم ھەل قىلالايمىز دەپ قارايمەن . چۇنكى بىزئائىلىگە تۇرۇك بولغۇچى ،ئاتا ئانىمىزغا قارتا بىز مەڭگۇ بالا . ئايالىمىزغا قارتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغۇچى بىر ئەر بولىمىز ....... ئالدىنقىلار كەتتى بولدى ، ئەمدى بۇندىن كىيىن مۇكەممەل ئانا ، مۇكەممەل پەرزەتنى قانداق بەرپا قىلىمىز ... بۇ يەنە بىز ئەر بولغۇچىنىڭ قولىدىن كىلىدۇ دەپ قارايمەن .
بەش يۈز مىليۇنغا يېقىن ئەرەبلەرنى بىرقانچە مىليۇن يەھۇدىلار بوزەك قىلىۋاتىدۇ . مانا بۇ بىرى مىڭغا تەڭ كىلىدىغان ئادەم دىگەننىڭ ئۆزى بولماي نىمە ؟ مانا بۇ ھېلىقى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيلەنگەن يەھۇدى ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار . ئالىي سۈپەت ئانا ، ئالىي نەسەپلىك ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر ، ئالىم ، ئەۋلىيا ، دانىشمەنلەرنى تاللىدى . شۇڭلاشقا ، يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەر ، ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى ھەم يېتىشىپ چىقتى . مانا بۇ ئالىي مەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى . ئەمدى بىز قىزلىرىمىنى قانچىلىك تەربىيىلەيدىغانلىقىمىزغا نەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز << قىز بالا تالاغا كېتىدۇ ، ئۇنىڭغا كۆپ كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق >> دەپ قارايمىز .بىز قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىمىزمۇ ؟ بىزنىڭ خەق دىگىنىمىز كىم ؟ دەل ئۆزىمىز . بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىپ باقمىدۇق . يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن قىزلىرىمىزنى تاماق ئىتەلىگۈدەك ، ئانىسىدەك ئوسما قۇيالىغۇدەك ، ياسىنالىغۇدەك ، تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا يېقىلمىغۇدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق . بىزلەر ئەنە شۇنداق قىزلاردىن تۇغۇلغانلار . ئۇلارنىڭ ساۋادى بولمىسا ،ھىچنىمىنى بىلمىسە ، ياخشى تەربىيە كۆرمىسە ، بىزدەك بالىلىرىنى نىمىسى بىلەن تەربىيلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيىنى كىمدىن ئېلىپ بېرىدۇ ؟ دىمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋادىمىز بولماقچى ؟ سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى ؟ ئانىمىز ساۋاتسىز ، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا ، يا گۆش ئەمەس ، يا ماي ئەمەس ، بەز بۇلۇپ قالمىدۇقمۇ ؟! بۈگۈنكى كۈندە بىزنى تۇغقان ، بالىلىرىمىزنى تۇغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ؟ بىرىنچى ، ئۇلار كوتۇلداپ ، كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى بىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تۇتۇپ بالىغىچە ئۆزى دىگەن ئاددىي سىزىققە كەلتۈرۈپ كونترول قىلىشنى بىلىدۇ . ھەرقانداق ئالىم ، داھىي ، پالۋان ئەرلەرمۇ تالادا ھۆركۈرەپ ، جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن ، ئۆيىدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ . بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى بۇلۇپ ، توي- تۆكۈن ، باردى- كەلدى ، چاي ، ئولتۇرۇش – قوپۇش ، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ، قىسقىسى بارلىق بۇلار- بولماس ، تەتۈر چۈشەك ، چىرماق ئادەتلەرنى بەس- بەس بىلەن پەيدا قىلىدۇ . ئاندىن چاشقان جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەڭ دالىدىن تېرىپ كەلگەننى پاقا كاماردىن چىقماي يەپ تۈگەتكەندەك ، ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان- تەرگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇزىدۇ . ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بىلىمى تاپقان- تەرگىنىنىڭ ئاساسى قىسمىغا كىيىم كىيىپ ، ياسىنىپ تارىنىش، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ، نەزىرى ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىككى ئىشقا مەركەزلەشكەن . بىز مانا شۇلاردىن تۇغۇلۇپ تەربىيلەنگەچكە ، بىزنىڭمۇ كاللىمىز ئاددىي ، شۇڭا بىزدىن مەدىكار چىقىدۇ ، راست ئالىم چىقمايدۇ . غالچا چىقىدۇ ، پادىشاھ چىقمايدۇ . ساتقىن- مۇناپىق جېق چىقىدۇ ، ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ . كالۋا- ھاڭۋاقتى جېق چىقىدۇ ، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ . ھاراقكەش ،بەڭگى ، قىمارۋاز جېق چىقىدۇ ،دىيانەتلىك ، دۇرۇس ، پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ . ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك ، كىتابقا ئامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز . مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى . بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك . بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن – قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى ، تۈزۈك ئوقۇتماي ، تەربىيىلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى! خوتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ سۈپەت- ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ، ئۆستۈرمىگۈچە ، بىزنىڭ سۈپەت – ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ، ئۆسمەيدۇ . چۈنكى بىز ئاز سانلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز . بىزدە قاچان سۈپەتلىك خوتۇن- قىزلار يىتىشىپ چىقىدىكەن ، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز سۈپەتلىك ئانىلار بىزنى تولۇق ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئىمىتسە ، بىز ئاندىن ئادەم بۇلۇپ يېتىلىمىز. سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر تۇغۇلىدۇ…
مانا بۇ 23ياش ۋاختىمدا بۇندىن كىيىنكى قىلىشقا تىگىشلىك ئارزۇيۇم ........
|
|