- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2910
- نادىر
- 0
- يازما
- 328
ئۆسۈش
30.33%
|
ئانىنىڭ كۈندەشلىكى
كوپىنچە ياشلىرىمىز بالاغەتكە يەتكەندە ئوزىنىڭ كوڭلىدىكىدەك قىزغا ئويلەنگۇسى كىلىدۇ ،ئۇلار ئوز كوڭلىدىكى مەشۇقىغا ئويلەنگەندىن كىيىن بىردەملىك جۇملىدىن بىر-ئىككى يىلغىچە بەخىت تۇيغۇسىدا كەيىپ بولۇپ ئوزىنى بىقىپ تەربىيلەپ چوڭ قىلغان ئانىسىنىڭ ھىسياتىنى ئويلۇشۇپمۇ قويمايدۇ ،ھەممە ئانىلار بىر ئۇمۇر ئوز يولدىشىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى ۋە ۋاپادارلىقىغا ئىرشىپ بەختلىك ئومرىنى ئاخىرلاشتۇرالىشى مومكىن ئەمەس ،شۇنداق ئەرلىردىن ۋاپا ۋە كوڭۇل بولۇشكە ئىرىشەلمىگەن شۇ ئانىلار ئاخىرقى ھىساپتا پۇتۇن ئۇمىدىنى ئوغلىغا بىغىشلايدۇ ، ئۇنىڭدىن دادىسىدىن كورمىگەن ۋاپادارلىق ۋە كوينۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ، ياشلىرمىز كوپىنچە ۋاقىتلاردا ئانىسىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاندۇرالىسىمۇ ئەمما ئوزى ياخشى كورگەن بىر قىزغا ئويلەنگەندە ئوز ئايالى بىلەن بولغان بەخىت تۇيغۇسىغىلا ئەھمىيەت بىرىپ ئانىسىنىڭ ھىسياتغا سەل قاراپ ئانىلىرنىڭ ئالدىدا ئايالىغا زىيادە يىقىنچىلىق قىلىدىغان ، ھۇجۇرلىرغا كىرۋىلىپ بىر ھازاغىچە چىقمايدىغان ئانىسىغا ئۆيلىنىشتىن ئىلگىركى كويومچانلىقى ئازلاپ كىتىدىغان ياكى پەقەتلام قالمايدىغان ھالەت شەكىللەندۇرۇپ قويۇدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانىدا كىلنىگە بولغان بىرخىل قىيداش ، ھەسەت قىلىش ، ئوغلىنى كىلنىدىن كۇنلەش خىيالى تۇغۇلۇشقا باشلايدۇ بۇرۇندىن كىلنىگە ياخشى مۇئامىلىدە بوپ كەلگەن قىيىنئانا تۇيۇقسىزلا قىيدىغاق ، تەنە گەپلەرنى قىلىدىغان بىر ئاماللارنى قىلىپ ئوغلىنى ئوزىدىن تارتىۋالغان بۇ تۇلكە جىنگە ئوزىنى كورسۇتۇپ قويىدىغان ھالەت شەكىللىندۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يىڭى ئويلەنگەن يىگىتلىرىمىزنىڭ ئوزى سەل چاغلىغان ئانىسىنىڭ ھىسياتى كەلتۇرۇپ چىقارغانلىقىنى بىلمەيدۇ شۇنىڭ ئۇچۇن يىڭىدىن ئويلەنگەن قىرىنداشلىرىمىزغا ئىبرەت بولسۇن ئۇچۇن بۇ تىراگىدىيەلىك مىكرو ھىكايىنى ئىلىپ كەلدىم.
ئوغلۇمنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئوزى ياخشى كورگەن قىزنى ئىلىپ بىرىپلا ئۇنى قىز بالىدىن ئىبارەت تۇلكە جىننىڭ خىزمىتىگە سىلىپ بەرگىنىمدىن كوڭلۇم تولىمۇ غەش بولدى . چۇنكى ئەتىۋارلاپ ئارزۇلاپ ئىشىمغا سالماي باققان ئوغلۇم بۇ تۇلكە جىن ۋايجان دەپ بولغۇچە يۇگۇرەپ كىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ ئىچىمگە ئاچچىقىنى تولدۇرۋەتتى . ئايلاپ يىللاپ ماڭا بىر نەرسە ئىلىپ كىرمىگەن ئوغلۇم ئۇنىڭغا سىرىتتىن قۇرۇق كىرمەيتى . ھىيىت بايراملاردا مىنىڭ سوغۇتۇمنى ئىلىپلا كونۇپ قالغان ئوغلۇم ھەر بىر ھىيىتتا ئۇنىڭغا ئاتاپ نەرسە ئىلىشنى ئۇنۇتمايتى . ھەر كۇنى يۇرگۇمنى مىجىپ ، ھوجرىسىنىڭ ئىشكىنى يىپىپ كىرىپ كىتىپ ئۇلارنىڭ خۇشال كۇلكە ئاۋازلىرى ئۇزۇلمەيتى . ئوغلۇممۇ مەن بىلەن كەمدىن كەم پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ بىلەنلام بولۇپ كىتەتتى . مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا غىرىپسىنىپ قالاتتىم ،يالغۇزلۇق ھىس قىلاتتىم ،ئوزۇمنى تاشلاندۇق ۋە ئارتۇقچە ھىس قىلاتتىم - دە كىلنىمگە ھەسەت قىلاتتىم ،كورەلمەسلىك قىلاتتىم ، ئۇنىڭغا قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىمنى مىننەتكە تولدۇرۋىتەتتىم . مەن ئائىلىدىكى ئورنۇمنى ۋە ئوبرازىمنى يوقتۇپ قويماسلىق ۋە خوجايىنلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇش ئۇچۇن تاكتىكىدا ھۇشيار بولمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، بۇ تۇلكە جىننى قۇربىتى يەتمەيدىغان قىيىن ئىشلارغا بۇيرۇپ ، ئۇنىڭ ئىشىدىن قەستەن قۇسۇر تىپىپ ، ئۇلار ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سىلىپ ، ئوغلۇمنىڭ ئۇ پەرىشتە سۇپەت ئايالىدىن كوڭلىنى سويتۇپ ، ئۇنى غورۇرى بىلەن قايتۇرۇپ كەلگەندىن سىرىت بۇ تۇلكە جىننى ئىقتىسادتىن ۋە مەنىۋىيەتتىن سىقىپ ، ئوغلۇمنىڭ ئالدىدا قەدىرلەپ ياخشىچاق بولۇۋىلىپ ئوزىنى ئاقلۇغىدەك پۇسەت بەرمەيتىم . بۇ ئىشلىرىم ئارقىلىق ئوغلۇمنىڭ مەندىن مىنىڭدىن تىزىپ كىتىپ بارغان مىھرى -مۇھەببىتىنى ساقلاپ قالاتتىم . ئوغلۇم مىنىڭ مەقسىتىمدىن گۇمانلانمايتى ، ئۇ تۇلكە جىنغا غورۇرىنى كورسىتىپ ئۇراتتى ، سىلكىيتى ، مەن ئوغلۇمنىڭ "ھەقىقى ئەركەكلىكىدىن " پەخىرلىنەتتىم . ئۇنىڭ مىجەزى يوق بولغاندىمۇ ۋاختىدا دوختۇرغا كورسەتمەي ئويدە دۇملەپ قوياتتىم ،سىزىك بولۇپ تاماق ئىتىشتىن چىقىپ كەتكەندىمۇ ، بىر قاچا تاماق ئىتىپ بەرمەي -مەنمۇ تۇققان شۇ بالىنى ، ئوزىڭىزنى ئەتىۋا كورسەتمەي ئىتىڭە تاماقنى -دەپ ئۇنى چارچىتاتتىم . سىزىكلىكىدە كوڭلى تاتقان تاماقلارنى ئىتىپ يىيشدىن باھانە تىپىپ توساتتىم . ئائىلىسىگە بىرشىغا يول قويماي يۇرىگىنى سىقاتتىم . تۇلكە جىننىڭ تۇغۇت ۋاختى توشۇپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە ،دوختۇرلار - قىزنىڭ قىنى ئازكەن قان بىسىمى توۋەنكەن ، داس سوڭىكى كىچىككەن ئوزى تۇغالمايدۇ ئوپىراتسىيەگە تەييارلىق قىلىڭلار دىدى . ئۇنىڭغا تاپشۇردىغان 10000يۇەن ئوپراتسىيە پۇلىنى تولەشنى ئىغىر كورۇپ باشقىلاردەك ئوزى تۇغسۇن دەپ پۇلنى تولىمەي تۇرۋالدىم . ئاقىۋەتتە ئۇ قىز نەۋرەمنى ماڭا قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئوغلۇمنى نەچچە قىتىم ئۆيلەپ بولدۇم لىكىن ئۇنىڭغا ئوخشاتماي ئاجىراشتى ، مەن كىلنىمنىڭ ئولىمىدىن كىيىن ئوغلۇمنىڭ چىھرىدىن كۇلكە تاپالماي ، ئۇنىڭ ئاشۇ خۇشال چاغلىرىنى ، ئەشۇ بەختىنى ۋەيران قىلغىنىمغا قاتتىق ئوكۇندۇم ، كىلنىمنىڭ - ئوغلۇڭىزنى مەندىن كۇنلەۋاتامسىز -دىگىنىگە -سەت بوھتان چاپلىما دەپ كاچىتىغا ئۇرغان شۇ قولۇمدا ئوزۇمنى نەچچىنى ئۇرۇپ بولدۇم بىراق ئورنىغا كەلمىدى . راسىت مەن نىمىشقا ئوغلۇمنى كۇنلەپ ئۇنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلغاندىمەن ؟ كۇنلەمچىلىكتىن كوزۇم ئوچمەنلىك ، ھەسەتخورلۇق ، مىننەتخورلۇق ۋە سۇيقەسىتكە تولۇپ كىتىپ ، ئىنسانى پەزىلىتىمنى ، ئانا ئوبرازىمنى نىمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندىمەن ؟ كىلنىمگە نىمىشقا ئانا مىھرىنى بىرىپ سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيلەپ قەلبىمدىن ئوز ھورمىتىمدىن گۇللەر ئۇندۇرمىگەندىمەن ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ قولىدىن كەتكەن بەختىنى ئوغلۇمغا قانداق تىپىپ بىرەرمەن ؟ ئوغلۇمغا نىمە دەپ تەسەللى بىرەرمەن ؟ يىتىم قالغان نەۋرەمگە قانداق يۇز كىلىۇرمەن ؟ پەرىشتىدەك ئىسىل بىر كىلىنگە مەن قويمىغان لەقەم قالمىدى بۇ ئادالەتسىزلىكىم ئالدىدا ئاللاغا قانداق جاۋاب بىرىمەن ؟ مەنمۇ بىر كىلىن مەنمۇ بىر ئانىغۇ ؟ خۇددى ئوز بىشىمدىن ئوتمىگەندەك ئۇنىڭغا نىمىلەرنى قىلىپ قويغاندىمەن؟؟؟
|
|