ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشى (2) - ئىككىنچى قېتىملىق "بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا
دۇنيادا بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ ئەۋلادلارنى ياراملىق تەربىيەلەپ ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقىشنى ئويلىمايدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. بىراق، مەخسىدىگە يېتەلەيدىغان كىشىلەر قانچىلىك؟ نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەربىر ئادەم ئۆزى يالغۇز ئۆيلىنىش ياكى تەتقىق قىلىش ئارقىلىقلا ھەل قىلالىشى تولىمۇ مۈشكۈل، بۇنى چۇقۇم ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىم،مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە تەتقىق قىلىش ۋە كۆپچۈلۈك بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەلقىلىش تولىمۇ ئىجابىلىققا ئىگە. "بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دەل دەۋرىمىز زىيالىلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە ئائىلە مەسىلىسى ۋە ئائىلە تەربىيسىنى چۆرىدەپ يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇلىدىغان ۋە كۆپچىلىك بىلەن مەزكۇر تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئىلمي سورۇن. 2014-يىلى2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىملىق "بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دەۋرىمىزدىكى مەشھۇر 6 ئالىم، تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇشى ۋە مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى بىلەن بىرگە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى بىلەن غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىزدە ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىدى. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى 2014-يىلى3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق "بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزمەكچى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇيدىغان مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكىچە: (ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە ئېلىندى)
ھاجى ئاتىكە مىرئەھمەد - قەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىيونىرى، ئاپتونوم رايونلۇق چوڭلار مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتى قاتارلىق 7 جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى، " ئەينەك ۋە نۇر"، "ھەج ئەسلىمىلىرى"، "قۇرئان كەرىمدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا"، "يامغۇرلۇق تۇندىكى چاقماقلىق ئويلار" قاتارلىق 28 پارچە ئەدەبىي ئەسلىمە، 37 پارچە ماقالە، نەسىرلەر توپلىمى قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، «قەشقەر مېھرىبان ئانىلار،ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ماقالەتېمىسى: ئەجدادلار مىراسلىرىنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىمىزدىكى ئۆرنەكلىرى
ئانارمۇھەممەد - شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتىنىڭ پىنسىيونىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، "بالىلار گېگىينىسىدىن سۇئال جاۋاپلار"، ئادەم ئاناتومىيە فىزىئولوگىيسى"، "ئاتا-ئانىلار دەرسلىكى", "جەلىپكار قىز، مۇكەممەل ئايال بولۇشنى خالامسىز" قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى) ماقالە تېمىسى: پەرزەنت تەربىيسى ۋە ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى
ئاسىيە ھېكىم - شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەتلىك2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار ۋە بالىلارتەرەققىيات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئولى) ماقالە تېمىسى: بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن ئىختىساسلىق بۇلۇشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا
ئايشەم ئەخمەت يۇنۇسى - شىنجاڭ ساقچى ئىنىستوتى ج خ باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنىڭ دوتسىنتى، دۆۋلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىەتچىسى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە جوڭگۇ پىسخىكا سەھىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى "سىرداشلاركۆلۇبى" پۇرۇگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى ماقالەتېمىسى: نىكاھتىن ئاجرىشىش ھادىسسى كۆپ بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوللىرى
گۈلنار تىيىپ - ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئىدارىسىدىن، "ئاياللىققا قايتىش'، "ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە كېلەچەك"، "قەلپ تىۋىشى"،"قەلپ زەخمىسىگە كىرىش"، "ئاياللار 40ياشتا" (نەشىر قىلىنىش ئالدىدا)، "ئائىلىدىكى مەخپىيەتلىك" (نەشىرقىلىنىش ئالدىدا) قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى) ماقالە تېمىسى: مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىناق ئائىلە
ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2014-يىلى3-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە، شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 دا باشلىنىپ كەچ سائەت5:00 تە ئاياقلىشىدۇ) ئۆتكۈزۈش ئورنى: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى(ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىتىپاق يولى 461-نومۇر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەبنىڭ قارشى تەرپىدە) تىزىملىتىش ھەققى: 300يۈەن، 200 يۈەن، 100 يۈەن تىزىملىتىش ئۇسۇلى: تېلېفون ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرى: 13999980408، 18999882584(مۇقىم تېلېفون)
كامالى ئىھتىرام بىلەن: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
|