قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1421|ئىنكاس: 26

ئۇيغۇر سودا تورلىرى ئىستىقباللىقمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

5515

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1561
توردىكى ۋاقتى: 351
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:41:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                               سودا تور بىكەتلىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

                             پەرھات ئەمەت(كۈچلەن)



       ئۇزاقتىن بىرى تور سودىمىزنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن بولساممۇ لىكىن بۇ ھەقتە گاڭىگىراپ قالغان ئىدىم. نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئال كاللامغا كېلىشى بىلەنلا بېشمىغا بىر ئاغرىق كىرىپ كېتىدۇ. ھەرقېتىم تاۋباۋ توردىن مال زاكاس قىلغان چېغىمدا ئۇيغۇر تور سودىمىز ھەققىدە بىر دەقىق ئويلنىپ قالىمەن.كۆز ئالدىمىغا خۇددى پۇت قولى ساق بىر ئادەمنىڭ  ئەتەي ئاسقاقلاپ مېڭىۋاتقان بىر كۆرۇنۇشى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئادەمگە ھاسا بېرىشكە  بولمايدۇ پەقەت ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. __سەن نېمشقا بۇنداق بولىۋالدىڭ؟...
      بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ئېڭىمىز شۇنداق ئوچوق بولۇشىمىزغا قارىماي تور سودىسىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى سودىغا ئۇدۇل  قارىماي  ئەكسىچە ئۇنى بىر چەتكە قايرىپ قويدۇق . تور سودىسى يامان ئىشمىكىن دېسەك  بىرەر چەكلەش بۇيرۇقىمۇ يوق.  تاۋباۋدا دۇكان ئېچىپ ئالدىمىز خېلى يول تاپتۇق،كەينمىز ئۇچۇر تورىمىزدا بولسىمۇ ئۇچۇر يوللاپ سودا سېتىق قىلىۋاتىمىز. دېمەك خېلى بولدىغان ئىش ئوخشايدۇ !
    بۇ تور سودىسى بىز ئۈچۈن   بەك مۇھىم مەسىلە بولسىمۇ لىكىن تا ھازىرغا قەدەر 2000-يىلىنى نەزەرگە ئېلىپ ھېسابلىغاندا  ئاز كەم 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەل قارالدى.
       ئەجبەلىنەرلىك يېرى تا ھازىرغىچە ئارىمىزدا  بىرەر سادا يوق.شىنجاڭ سودا تورى، ۋە باشقا  سودا تورلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ  بۇلار ماھىيەتتە بىر ئېلان سۇپسى بولۇپ ئۇچۇر بەتلەردەكلا رولىنى ئويناپ قالدى.سودا بەتلىرىمىزگە كىرىپ قارسىاق بۇيەردە بىر ئېلىم- سېتىىم بولىۋاتقان مەنزىرنى(ھالەتلەرنى) بايقىغىلى بولمايدۇ.
ئەسلىدە ئىقتسادنى يۈكسەلدۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتىلىرى بولغان كارخانچلىىرىمىز كاللىسنى  بىر سىلكىۋىتىپ  بۇ ئىشقا جىددى قارىشى،مەبلەغ سېلىشى كېرەك ئىدى.لىكىن بۇ يەردە مۇنداق مەسىلە بار يەنى تەرەققى قىلماسلىقتىن قورقۇش كېسلى. كارخانچىلار ئىگلىك تىكلەش جەھەتتە تەربىيەلەنگەن بولسىمۇ تورسودىسى جەھەتتە تەربىيلەنمگەن. بۇنداق ئەھۋالدا تور سودىسنى قىلسىمۇ قىلمسىمۇ بولىدىغان ئىشەنچىسىز سودا دەپ قارايدىغان بىرتەرەپلىمە خاتا قاراش ئېغىر بولۇشى ناھايىتى تەبىئى.
نۆۋەتتە مېنىڭ كۈزىتىشىمدىن بىلىشمچە،ئۇيغۇر سودا تور بەتلەرنىڭ بولماسلىىقى ياكى بولسىمۇ تەرەققى قىلماسلىقىدا بىر قانچە مەسىلە بار.
       1.،تاۋارلارنىڭ باھاسى قىممەت.   بەزىلەر ئالتە توك توك مالنى تورغا چىقىرىپ قويۇپ ،تۈزۈكرەك مەھسۇلات ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىمەي( ئاساسەن خەتلىك قۇرۇق چۈشەندۇرۇش كۆپ)، مەھسۇلاتنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنىلا چىقىرىپ قويغان.تاۋباۋدىكى رەسىملەرگە قارايدىغان بولساق بىر كىچىك مەھسۇلاتنى ئوڭچە ياتقۇزۇپ،سولچە ياتقۇزۇپ،ئالدى كەينى،ئىنچكە يەرلىرى،گۇمان قىلىدىغان يەرلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى چوڭ- چوڭ رەسمگە تارتىپ ئەسكەرتىش بېرىپ تەپسلى چۈشەندۇرگەن. بىزنىڭ بەزى چاققان تور سودىچلىرىمىز خۇددى  ھەزىل قىلغاندەكلا نومۇس قىلماي تۇرۇپ تاۋباۋ تورىكى ماللارنى ئەينى رەسىمى بىلەن كۆچۇرۇپ كېلىپ ھاغىچە باھانى چاپلاپ  ئۇيغۇرچە سودا بىكەتلەرگەچىقىرىپ قويغان. بۇنداق بولغاندا ئەسلىدە ئۇيغۇر تور سودىسىنى قوللاش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىۋالاي دېسىڭىز (ئەسلى تاۋباۋدىكى تور باھاسنى بىلىپ تۇرساقمۇ) لىكىن ھەسسلەپ قويۇلغان باھانى كۆرگەندە ئۆز مەنپەئەتىمىزنى ئويلاپ بولدى قىلىمىز.بۇنى بىرلا سۆز بىلەن ئىىپادىلسەك ___ ئاچكۆزلۈك!
    2. تور سودىمىزدا سېتىش يوللىرى قالايمىقان خېرىدارنىڭ ھوقوقىنى قوغداش مۇلازىمەت لىنىيسى يوق.
بىزنىڭ تور سودا بەتلىرىمىز بەك كۆركەم  بېزەلگەن بىلەن سېتىش يوللىرى قالايمىقان بولۇپ، توردا سېتىۋىلىش ئىشقا ئاشمىغان. تور سودىسدا ئەڭ مۇھىمى قانداق قىلىپ خېرىدار سېتىىۋىلىشنى خالىغان مالنى يەتكۈزۇپ بېرىش مەسلىسى. يەنە بىرى خېرىدارلارنىڭ پۇلنى سالغاندىن كېيىنكى خاتىرجەم قىلالايدىغان 24 سائەتلىك ھېچ بولمىسا 12 سائەت خىزمەت قىلدىغان مۇلازىمەت لىنسىي  بولۇش كېرەكتە. ئەڭ ئاددىسى بازارداسودىلاشساقمۇ يېنىمىزغا بىر ئادەمنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇپ قولنى قويغۇزىمىز.
بۇ يەردىكى مەقسەت توختاملاشقان ئىككى تەرەپنىڭ سودىسغا گۇۋاھچى بولۇپ ئىككى تەرەپنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈندۇر. تور سودىسنى بىر بىرىنى كۆرمەي  سودىلاشقان بولغاچقا بۇ يەردە شۇ تور بىكەتكە ئىشنىپ پۇلنى تاپشۇردىغان گەپ.سېتىش بولسۇن سېتىشتىن كېينكى مۇلازىمەت بولسۇن ھەممسىگە باشقۇرالادىغان كۈچلۈك مۇلازىمەت لىنيسى بولماي تۇرۇپ ئاچقان سودا بەتلىرىمىز ھەرگىز  پايدا كۆرمەيدۇ.
    3. تىپىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارغا سەل قاراش.  رايونىمىز شىنجاڭدا شۇنچە جىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بار. بەزى ئېچىش خاراكتىرلىك تۈرلەر بار لىكىن تور سودا بەتلىرىمىزدا تاۋاباۋدىكى ئەرزان ماللارنى چىقىرىپ قويۇدىغان،ھە دېسلا ئىچكىر ئۆلكىلەرنىڭ ئىلىكتۇرۇن،كىيىم كېچەك قاتارلىقلارنى سېتىشقا ئۇرۇنۇش خاھىشى كۈچلۈك، بۇ يەردە بۇخىل مەھسۇلاتلارنى ساتسا ئۆتمەيدۇ دېمەكچى ئەمەس ،يەنەبەزىلەر يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دېسلا ،قۇرۇق يەل يېمىش،مېۋە چېۋە قاتارلىقلار نى چىقىرىپ قويدىكەن. بۇلارنىى تاۋباۋدا ئىچكىرىدىكىلەرگە ساتساق بولىدۇ.لىكىن بۇيەردە ئۇيغۇر سودا تور بەتلىرىدە ساتساق ئۆتۈشى ناتايىن كوچىغا چىقساقلا ھەممىنى سېتىۋاتسا يەرلى خەلق يەنە سىزنىڭ توردىكى مەھسۇلاتىڭىزنى كۈن ساقلاپ سېستىۋالامدۇ؟
يەردە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرنىڭ ئالاقىدە ئىجادىيتى بولغان يېڭى مەھسۇلاتلار،قول ھۆنەر بۇيۇملىرى بولسا سېتىلىش ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ قارايمەن. قايسى بىر تور بېتىمىزدە، بىرەيلەن، قولدا تىككەن ئاياغ،ئات جابدۇقلىرنى قاتارلىقلارنى سودا تورىغا چىقارغان ، مانا بۇ ھەقىقى ئۇيغۇرنىڭ مەھسۇلاتى، ھەمدە بىز دېگەن يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات،
     4.سودا تور بەت قۇرغۇچىلار چوقۇم  شىجاڭدا كۆرۇنگەن كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنتىشى،  ئۇلارنى تور سودا بېتىگە ئالاھىدە ئەزالىققا تەكلىپ قىلىىشى،ھەمدە سېتىشقا ياردەمدە بولۇش كېرەك. تور بەتنى ئېچىپ، تەشىۋىق قىلىپ قويساقلا ئەزالار يېغىپ كەتمەيدۇ. مۇھىم كۈچلۈك ئىچكى ئاساس بولۇشى كېرەك.
   5. سودا تور ئېچىش تەجرىبە كەمچىل،قىزىقىشنى ئاساس قىلغان ،ئۆز مەھسۇلاتلىرنى سېتىشنى مەقسەت قىلغان شىركەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. سودا تور بەت قۇرغۇچىلار،تاۋباۋغا ئوخشاش جوڭگودىكى چوڭ سودا تور بېتى قۇرغۇچى شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىپ كۆرۇشى،كۆزدىن كەچۇرۇشى،ھېچ بولمسا ئىچكىرلەپ باشقىلارنى تەتقىق قىلىشى  كېرەك.بۇنىڭغا ساپارىمىز، شارائىتىمىز يەتمىسە  بۇ ئىشلارنى قىلماق تەس. بىر ئاپتونوم رايوندىكى خېرىدارى بولغان ئۇيغۇرلاردىن بىرەر كشىنى تاۋباۋ شىركىتى كۆرۇشكە زىيارە قىلىشقا قوشۇلمايدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن.دېمەكچى بولغىنمىز بىز كۆپ كۆرۇش،كۆپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاندىن ھەقىقى دىيارىمىزغا ماس كېلىدىغان رايونمىز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان تور سودا بىكەتلىرنى قۇرالايمىز.
   6. شىركەتلەر توپلىمى ،شىجاڭ ئالاقە تورى ۋە باشقا توپلانما خاراكتىرلىك تور بىكەتلەرمۇ گەرچە  سودا قىلىشنى كۆزلىگەن بولسىمۇ لىكىن ماركا تەشىق سۇپسىغا ئايلنىپ قالغان،
ئىلگىرى خەنزۇچ ئېلانلارغا قاراپ ئۆزلىرنىڭ مەھسۇلاتلىرنى  بولىشىغا ماختايدىغان ئېلانلاردىن بىزار بولغانتۇق مانا ھازىر بۇ خىل كېسەل شىركەتلەرگە چاپلاشقان ئۇلار سېتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەي ،ئېلانغا كۈچەپ كەتكەن. بۇ دەۋىر ماختانچاقنىڭ دەۋىرى،رىياكارنىڭ دەۋرى بولۇپ كېتىۋاتىماقتا. بىرەر خشنى يۆتكەپ قويغان، بىر خالتا ئۇن،بەش كىلو ماي،ئون تۈپ كۆچەت تىككەن بولسىاقمۇ بۇلارنى تېىلۋوزورلارغا چىقىرىپ قىلمىغىنمىز قالمىدى. ئەمدى شۇ شىركەتلەر مەھسۇلات سۈپىتىگە، سېتىش يوللىرى كۆپرەك پۇل خەجلەپ ،پايدىنى  ۋاكالەتچىلەرگە بېرىۋەرمەي، تور سودىسىغا بەرسە، بەرگەندىمۇ ھەر بىر شىركەت ئۆز ئالدىغا سودا بەت ياستىپ تارقاق ھالەتتىكى ئۈنۈمسىز تور سودسىدىن قول ئۈزۈپ،كۆپرەك ۋاقتىنى ئىناۋەتى يۇقىرى،ئىشەنچلىك بىر سودا تورىمىز قۇرۇلدى دەپ تۇرايلى شۇ يەردە سېتىپ چىقارسا بولاتتى.
( ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى مۇشۇنچلىك يېزىشقا توغرا كەلدى. تەنقىد پىكىر بېرشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.)

مەنبە: ئۆزەم

  




6

تېما

1

دوست

2265

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12962
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 485
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 13:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنى قۇرۇپ كېيىن سېتىۋەتكەن . يەكۈنۈم شۇكى تور سودىسى ئۇيغۇرلارغا ماس كەلمەيدۇ ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا پۇرسەت پىشىپ يىتىلمىدى . ھازىر تور سودىسى پەقەت جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بولۇپمۇ جەنۇبى جۇڭگو رايونى ۋە شىمالى جۇڭگودىكى بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەرگە ماس كېلىدۇ.
ھەتتا ئېنتىرنىتنىڭ بۈشۈكى بولغان ئامىركىدىمۇ تور سودىسى ئۇنچە تەرەققى قىلىپ كەتمىدى ، ئامىركىدا خەق توردىن نىمە سېتىۋالىدۇ دېسەڭلار شۇ كۆپىنچىسى مەۋھۇم بۇيۇملار ، ئەمەلى بۇيۇملارنى توردىن سېتىۋالىدىغانلار بەك ئاز .
جەنۇبى جۇڭگودا تور سودىسىنىڭ بۇنچە تەرەققى قىلىپ كېتىشىدە ئاساسلىق سەۋەب دۇكان ئىجارىسى دەھشەت يۇقۇرى ، باج دۇنيا بويىنچە بىرىنچى ، ئەتراپتىكى يېزىلاردا زاۋۇت دىگەن قاتار قاتار تىزىلغان  ، نۇپۇس ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە زىچ دىگەندەك.
ئەمدى بىزنىڭ دىيارىمىزدىچۇ  ، جەنۇپتىكى بىر ناھىيدە 20-30 مىڭغا بىر دۇكاننىڭ يىللىقىنى ئىجارىگە ئالالايسىز(ياخشىراق بىر توربېكەتنىڭ مۇلازىمىتىرنىڭ ئىجارىسىمۇ 20-30 مىڭ كېلىپ قالىدۇ )  ،  يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەردىن 5 يىلغىچە باج ئالمايدىغان ئېتۋار سىياسەت بار (يەككە تىجارەتچىلەردىنغۇ مەڭگۈ باج ئالمايدۇ) ، مالنى زاۋۇتتىن خېرىدارنىڭ قولىغا تەككۈزۈش ئۈچۈن بۇ مال تاڭسىڭنىڭ نوم ئەكەلگەندە ماڭغان يولىدىنمۇ كۆپ يولنى جاپا مۇشەققەتلىك ھالدى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك(顺丰 دىگەندەك ياخشىراق تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ مالايسىيا ، ياپۇنىيە ،ئامىركىدىمۇ تارماق شىركەتلىرى بار يۇ دىيارىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشقا يېرىدە تارمىقى يوق ) ، ئەمدى مال شۇ ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ كېلىپ قولىڭىزدا ئوبدان ئىشلىسىغۇ مەيلى ، لىكىن ئەمما بىراق شۇ بۇزلۇپ قېلىپ ياكى ئۇنداق بۇنداق بولۇپ قېلىپ زاۋۇتقا قايتۇرىدىغان ئىش بولسا بۇنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن 1 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن سىز توردىن بىرنەرسە سېتىۋالغاندىن ئازىراق پۇل قوشۇپ مۇشۇ يەردىكى دۇكاندىن سېتىۋالسام تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك دېگەن كۆز قاراشقا كېلىسىز،
ئوكەي
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

1

دوست

2265

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12962
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 485
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 13:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرچە ئاندا مۇندا يېزىپ قويدۇم ، كېيىنچە مەخسۇس تېما يازىمەن ، يەنە تور سودىسىنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىدا دۆلەت بانكىلىرىنىڭ تور بانكىلىرى ۋە كىملىكنىڭ تىزىملايدىغان ج خ سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىمنى قوللىماسلىقى دىگەندەك سەۋەبلەرمۇ بار

6

تېما

1

دوست

2265

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12962
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 485
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 13:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قۇرغان تور بېكەت شۇ سودا تور بېكەت ئىدى

0

تېما

2

دوست

4140

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1276
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 14:25:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازېر نۇرغۇن قېرىنداشلىرمىز خەنچە بىلدۇ ، شۇڭا نەرسە سېتىۋالسا ئۇيغۇرلار قۇرغان سودا تور بەتلىردىن سېتىۋالماي تاۋ باۋ دىن سېتىۋېلىشى مۇمكىن ، ، ،

7

تېما

4

دوست

5515

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1561
توردىكى ۋاقتى: 351
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 14:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 14:37  

دىمەك بىزمۇ ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان سودا يوللىرنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. يەنى بىزنىڭ سودا تور بەتلىرىمىز مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىنجاڭچە، جۈملىدىن ئۇيغۇرچە ئالاھىدلىككە ئىگە بولمايدىكەن خەقنىڭ قۇيرۇق بېتى بولۇپ قېلىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىمىز. ئالاھىدىلىك دېگەن نېمە؟ باشقىلارنى قارغۇلارچە دورىما ،ھە دېسلا خەقنىڭ مېلىنى ساتما دېگەنلىك!
مېنڭچە مەغلۇپ بولۇشتىكى ھەقىقى سەۋەب جۇغراپيلىك شارائىت،قانداقتۇر سىياسەتلەردە ئەمەس يەنىلا ئىچكى قىسمدا دەل ___ ئۆزىمىزدە.

1

تېما

1

دوست

636

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22350
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 15:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بازارنى ئېجىشقا كۇچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ،مېنىڭچە تەرەققىيات بوشلۇغى زور.

0

تېما

7

دوست

4095

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 15:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بولغاندا ئەسلىدە ئۇيغۇر تور سودىسىنى قوللاش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىۋالاي دېسىڭىز (ئەسلى تاۋباۋدىكى تور باھاسنى بىلىپ تۇرساقمۇ) لىكىن ھەسسلەپ قويۇلغان باھانى كۆرگەندە ئۆز مەنپەئەتىمىزنى ئويلاپ بولدى قىلىمىز.بۇنى بىرلا سۆز بىلەن ئىىپادىلسەك ___ ئاچكۆزلۈك!

ئۇيغۇر تور سودىسىنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەپ دەل مۇشۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )