- تىزىملاتقان
- 2013-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 404
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
52%
|
qimbulak يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 20:05
ئاۋالقى ئىنكاسلىرىڭىز ئۆچۈرۈلگەچكە ، كېيىنكى ئىنك ...
niyaz1 ئەپەندىمنىڭ توختاۋسىز ئەيىپلىشىگە قارىغاندا قىسمەن پىكىرلىرىنىڭ ئاساسى باردەكمۇ قىلىدۇ.مەن ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن niyaz1 ئەپەندىم بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم ئىشلارنى ئاكا يوللۇق خىزمەتداشلىرىمدىن سوراپ باقىدىغىنىم ئېنىق.ئەمما،ئەھۋال راست بولغان ھالەتتىمۇ ئۇ ئىشلارنى مۇنبەردە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئىنىق بولغان ئىسىم - شەرىپى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشۇم ناتايىن.چۈنكى،بۇنداق قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئەمەس ھەم ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى ئەمەس.ئەمما،شۇ خىلدىكى ئىشلارغا پۇرسىتىنى تېپىپ،ھەممىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلدا ھامان بىر كۈنى ئۆز مەيدانىمنى بىلدۈرىدىغىنىم ئېنىق.بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ۋاقىت ھەم شارائىت مەسىلىسى،خالاس!
مەن niyaz1 ئەپەندىمنىڭ ئەمدى توختاپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.چۈنكى،ئۇ ئۆز كۆڭلىنى غەش قىلىۋاتقان ئىشنى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا تاشلاپ بولدى،ئەمدى يەنە دەۋىرىشنىڭ بەكمۇ چوڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى دەپ قارايمەن.
قېرىندىشىمىز urkesh ئەپەندىممۇ ئەمدى بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشنىڭ يەنىمۇ كۆچىيىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالمىسا،دىققىتىنى تېخىمۇ مۇھىم نوقتىلارغا قاراتسا دېگەن تىلەكتىمەن.
|
|