قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3305|ئىنكاس: 43

خەيرى ـ خوش، 8- ئوتتۇرا مەكتەپ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

297

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16696
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
                                     خەيرى ـ خوش، 8- ئوتتۇرا مەكتەپ!               



                                  مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ)




      غۇلجا شەھەرلىك 8–ئوتتۇرا مەكتەپ غۇلجا شەھەر سىتالىن كوچا 2–خاڭ1–نومۇرلۇق قوراغا جايلاشقان بولۇپ،ئومۇمىي كۆلىمى 50 مو كېلىدۇ.بۇ مەكتەپ  1934ـ يىلى ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپى دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان.1948-يىلى 4-ئايدا ئىلى بىلىم يۇرتى،1949-يىلى10-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.1953-يىلى4-ئايدا ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ ۋە ئەرلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە بۆلۈنۈپ،ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ يېڭى مەكتەپ رايۇنى(ھازىرقى ئىلى پىداگۇگىكا ئىنىستۇتى قوراسى)غا كۆچۈپ كەتكەن.1959–يىلى7–ئايدا ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ ئىلى 1-دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىپ،ئەرلەر ئوتتۇرا مەكتىپى ئاساسىدا ئىلى 2-دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى قۇرۇلغان.كېيىن ئىلى 2-دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئىلى 1-دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپكە قوشۇۋېتىلىپ،يەنە ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپ دەپ ئاتالغان.ئەسلىدىكى مەكتەپ ئورنى بولسا 1966–يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھەرلىك 8–ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالغان.2010–يىل3–ئايغا  كەلگەندە غۇلجا شەھىرىدىكى ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق ئـۇيـغـۇر مەكتەپ بولغان شەھەرلىك7–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا قىسمى بىلەن قوشىۋېتىلىپ،غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئـۇيـغـۇر – خەنزۇ بىرلەشمە مەكتىپىگە ئايلانغان.

      2010-يىلى 10-ئايدا جىياڭسۇ ئۈلكىسى نەنجىڭ شەھىرى غۇلجا شەھىرىگە بولغان ياردىمىدە مائارىپ بايلىقىنى ئېچىشنى مۇھىم نوقتا قىلىش چاقىرىقىغا ئاساسەن غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىي ئايلانما يولى 21-خاڭنىڭ 500مىتىر شىمالى(توڭجىئەنفاڭ 2-نومۇرلۇق بىنا) تەرەپكە يېڭى مەكتەپ رايۇنى سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ،يېڭى مەكتەپ رايۇنىدا 2011 -يىلى ئىش باشلىنىپ،بۇ يىل ئاساسىي قىسمى پۈتتى.يېڭى مەكتەپ رايۇنىغا سېلىنغان  ئومۇمىي مەبلەغ 106 مىليۇن (1.06亿元) يۈئەن بولۇپ،كۆلىمى 254مو 7پۇڭ،قۇرۇلۇش كۆلىمى 58182.3كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ،كۆلەم جەھەتتىن غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.ئەسلىدىكى پىلانغا ئاساسەن غۇلجا شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭى مەكتەپ رايۇنىغا كۆچۈپ كىردى.يېڭى مەكتەپ رايۇنىنىڭ نامى جىنلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى (金陵中学) قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.بۇ نام نەنجىڭ جىنلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى (نەنجىڭ ئۇنۋىرسىتىتى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى)دېگەن نامدىن كەلگەن بولۇپ،نەنجىڭ جىنلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 1888- يىلى قۇرۇلغان،ئامېرىكا،ئەنگىلىيە،روسىيە،ياپۇنىيە،ئاۋاستىرالىيە قاتارلىق 10دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى  داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتۇر.

      ئەسلىدىكى  غۇلجا شەھەرلىك 8 –ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنى غۇلجا شەھەرلىك 7–ئوتتۇرا مەكتەپ(1949-يىلى سىتالىن مەكتەپ دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان،1977-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 7–ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆزگەرتىلگەن.2010–يىلى 3–ئايدا غۇلجا شەھەرلىك 8–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز قىسمى قوشۇۋېتىلگەن ئـۇيـغـۇر-خەنزۇ تولۇقسىز مەكتەپ)كە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ،غۇلجا شەھەرلىك 8 –ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نامى بولسا،غۇلجا شەھەر باغۋەن كوچىدىن شىمالغا سوزۇلغان،باھار كوچىدىن شەرىققە سوزۇلغان،شىنخۇا شەرقىي يول 15-كوچىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان يەنە بىر مەكتەپ رايۇنىغا بېرىلىدىكەن.

ئەسلىدىكى غۇلجا شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ



كونا   مەكتەپتىن يېڭى مەكتەپكە كۆچۈش



8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىسمىنى 7-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىش



       ئەسكەرتىش:مۇناسىۋەتلىك يازما ۋە رەسىملەر تېما تەستىقلانغاندىن كىيىن داۋاملىق يوللىنىدۇ.

1

تېما

1

دوست

297

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16696
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MAHAMMATJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 13:37  

                                        بۇ يازمىنى يوللاشتىكى مەقسەت        


        مەن،مىرزات تۇرسۇن،سەنەۋەر كىرىم قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئـۇيـغـۇر ئوقۇتقۇچى  2001-يىلىدىن باشلاپ تاكى 2010-يىلى 8-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 7-ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشكەنگە قەدەر 8-ئوتتۇرا مەكتەپ(شۇ ۋاقىتلاردىكى خەنزۇ مەكتەپ)تە مىللىي مائارىپنىڭ كىچىككىنە ئەمما تاللانغان بىر بۆلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدۇق.بۇ جەرياندا قۇبۇل قىلىنغان توققۇز قارار قوش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن جوڭگۇدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە يۈرۈپ كەتتى.شۇيىللاردا ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن پىرقەت پازىلجان(2005)،فەرۇخ ئوسمانجان(2007)،مىھرىنسا ئەرشىدىن(2008)،ئىلھام ئابدۇۋەلى(2009)،فەرۇخ(2012)قاتارىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىز فۈدەن ئۇنۋىرسىتىتى،جىجىياڭ ئۇنۋىرسىتىتى،شاڭخەي قاتناش ئۇنۋىرسىتىتى قاتارلىق ئۇنۋىرسىتىتلاردىن ئورۇن ئالدى.جوڭگۇنىڭ ھەرقانداق بىر شەھىرىدە بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز بار بولدى.شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ نوقتىلىق كەسىپلىرىگە ۋە شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش(ئاسپىرانىتلىق يۈنىلىشىدە)كەسپىگىمۇ نۇرغۇن بالىلىرىمىز كىرگەن بولدى.ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئامىرىكا،ئەنگىلىيە،ئاۋىستىرالىيە،فىرانسىيە،تـۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ.مۇنداقچە ئېيىتقاندا مېنىڭ خىزمەت ھاياتىمنىڭ تازا قىزغىنلىققا تولغان مەزگىللىرى موشۇ مەكتەپتە ئۆتۈپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىللار خېلى نەتىجىلىك ئۆتكەن بولدى.ئۈزەممۇ ھەم بۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدىغان بىردىن بىر ئـۇيـغـۇر تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سالاھيىتىم بىلەن بېرىۋاتقان دەرىسىم ئـۇيـغـۇر تىل-ئەدەبىياتىنى قۇش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تازا قاملاشتۇرۇپ،لايىقلاشتۇرۇپ ئۆتۈشكە تىرىشتىم.بىر تەرەپتىن تولۇق1-يىللىق،2-يىللىق،3-يىللىقتىن ئىبارەت ئۈچ يىللىققا تەڭ چاپسام،يەنە بىر تەرەپتىن نوقۇل تەبىئىي پەن سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى بولغان ئۇلارنى دەرسلىك كىتابتىن ھالقىتىپ،ئـۇيـغـۇر ئەدەبىياتى،مەدەنىيىتى،تارىخى،ئىقتىسادى،سىياسىسى قوينىغا باشلاپ كىرىشكە تىرىشتىم.ئادەتتە،بىرەر شەھەرگە بېرىپ بىر-ئىككى ئاي تۇرۇپ قالسىڭىز،قايىتقاندا كىچىككىنە بولسىمۇ قىيالماسلىق ھېسسىياتى بولىدۇ.ئۇنىڭغا قارىغاندا ئۆز ئاتا ماكانىمدىكى ئون نەچچە يىل ئىشلىگەن بۇ مەكتەپكە نىسبەتەن مەندە تولىمۇ تەبىئىي بولغان بىر خىل مىھرى-مۇھەببەتنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال...بۇ مەكتەپكە بولغان مىھرى-مۇھەببىتىمنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدىكى تېخىمۇ مۇھىم سەۋەپ شۇكى،غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ  ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ سۈيۈملۈك رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى نامىغا ئاتالغان بىردىنبىر مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەندىكى بۇ مەكتەپكە بولغان مىھرى-مۇھەببەتنى ئاللىقاچان تارىخىي چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلغان.مەكتەپلەر قوشىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى شۇ يىللاردىكى خەنزۇ مەكتەپ بولغان 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان بىر قانچىمىز توغرىلىق دېيىلگەن بىر قىسىم يۈزەكى تەپەككۈرنىڭ مەھسۇلى بولغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا شۇ كىشىلەرنىڭ ھاماقەتلىكىگە ئىچىنىىش ۋە ھىسداشلىق قىلىش ھېسسىياتىدا مىيىقىمدىلا كۈلۈپ قويغانىدىم.چۈنكى،ئۇلارنىڭ بىزنىڭمۇ مىللىي مائارىپنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ بىر بۈرجىكى ئۈچۈن قان-تەر تۈكۈپ ئىشلەۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالمايدىغان،سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكنىڭ نېرىسىغا نەزەر كۆزىنى ئاغدۇرالمايدىغان نادان ئادەملەر ئىدى.بىر مەزگىل بولسىمۇ تولىمۇ قەدىرلىك ھەم سۆيۈملۈك باشلامچىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مەكتەپتە ئىشلەشنىڭ تارىخ قوينىغا قايىتقاندا قانچىلىك لەززەت بىغىشلايدىغانلىقىنى سىزەلمەيدىغان،ئەقىل كۆزى يېقىنقى 30 يىلنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيدىغان بىچارە ئادەملەر ئىدى...گەپنىڭ قىسقىسى،مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ يازمىدا مەن ئۆز ھېسسىياتىمنى يازمىنىڭ ماۋزۇسىغىلا تاشلاپ قويۇپ،يازما مەزمۇنىدا چوڭقۇرلاشتۇرمىغان ئىدىم.لېكىن بىر قانچە كۈننىڭ ياقى بۇ يازمىنى ئوقۇغان ئەتراپىمدىكى قىسمەن تونۇش-بىلىشلەرنىڭ يازما ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ كەمتۇك بولۇپ قالغان تەرەپلىرىنى تولۇقلاش يۈزىسىدىن بۇ مەزمۇنلارنى قوشۇپ قويدۇم.ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى،ئۆتكەندە يېڭىدىن پۈتكەن غۇلجا شەھەرلىك جىنلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى توغرىلىق بىر قىسىم ئۇلانما سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى بىر قىسىم تورداشلىرىمىز ياخشى ھەزىم قىلالمىغانتى.رىئاللىقتىكى بىر قىسىم تونۇش-بىلىشلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇلارنىڭ ‹‹ئاشقازان ئاستى بېزى››نىڭ فۈنكىسىيىلىك رولىغا ‹‹ئاپىرىن›› ئېيتماي تۇرالمىدىم.ھېلىمۇ ئۇلار ‹‹تاتلىق كېسەل››بولۇپ قالماي،يەنىلا تىمەن ھالدا سالامەت ‹‹ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ››.مەن جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توردا يازما ئىلان قىلىشتىكى قائىدە-نىزاملىرىدىن قىلچىمۇ چەتنىمىگەن ئاساستا يېڭى مەكتەپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ،ھازىرقى زامان ئـۇيـغـۇر يېزىقىنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللىماقچىمەن.مەندىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى كۆتكۈچىلەر بىر بولسا ئۇچىغا چىققان ھاماقەت،ناۋادا ئۇلارنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا بولسا،مېنى قەستەن ئۆز تىكۇسىغا دەسسەتمەكچى بولغانلار دەپ چۇشەندىم،خالاس!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

297

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16696
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        يازما ۋە رەسىملەر داۋاملىق يوللىنىدۇ.

0

تېما

2

دوست

2757

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 13:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي خەنزۇ مەكتەپىلىرىنى قوشىۋېتىش ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس!

18

تېما

4

دوست

4475

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1380
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 13:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇنۇم رايۇنىمزا مىللى-خەنزۇ مەكتەپلەرنى قوشۇۋتىش دولقۇنى كۆتۇرۇلدىغۇ ؟  ئويغۇر مەكتەپ بىلەن خەنزۇ مەكتەپنى قوشۇۋتىپ تەجىربە ئوتىتۇرا دەپ ئىسم قويدى.

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3556
توردىكى ۋاقتى: 670
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 14:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!

1

تېما

3

دوست

6988

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   39.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1737
توردىكى ۋاقتى: 549
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 14:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1998-يىلى كىچىكىدە مۇشۇ مەكتەپتە ئوقىغان نەۋرە ھەدەم ئالمۇتادىن كېلىپ،ئەتىسىلا ‹‹مېنى مەكتىۋىمگە ئاپىرىڭلار›› دەپ تۇرۇۋالدى. بىرنەچچىمىز بىللە باردۇق.ئۇ مەكتەپنى كۆرۈپ يۈگرىدى.ئاندىن تۆمۈر رىشاتكىغا چىڭ ئېسىلىپ ئۈن سېلىپ يىغلىدى...
ھەممىمىز يىغلىدۇق.شۇ ئاچچىق مىنۇتلار ئېسمگە كەلدى.

بۇ مەكتەپنىڭ چىرايلىق تۆمۈر رىشاتكىسى ئىچىدە ماي ئېيى كىرىش بىلەنلا ھۆپپىدە ئېچىلىپ كېتىدىغان سېرىنگۈللەر ئاللىقاچان يۇلۇۋېتىلدى.

0

تېما

2

دوست

1181

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 14:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   غۇلجىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ خەنچە مەكتەپلەرگە قوشىۋىتىلىشى باشقا رايونلاردىن تېز ھەم كەسكىن بولدى . بۇ ئۇيغۇرلاردا مائارىپتىن گۇمانلىنىش ھەتتا مائارىپتىن زېرىكىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلماقتا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )