قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: arkim

ئەركىم: دوزاق مەۋجۇتمۇ؟ جەننەتچۇ؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

4

دوست

9958

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 2106
توردىكى ۋاقتى: 2160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 23:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەننەت تۇغرىسىدا

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۈرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.(سۈرە بەقەرە25- ئايەت)

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز.(57) (سۈرە نىسا 57-ئايەت)

ﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بويۇنلىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(23)(سۈرە ھەج 23-ئايەت)

تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15) (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت)

تەقۋادارلارغا(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار)  ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر.(35) (سۈرە رەئىد 35-ئايەت)

ئەنە شۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار)  ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي(31) (سۈرە كەھف 31-ئايەت)

ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن-ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك-ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ .(62) (سۈرە مەريەم 62-ئايەت)


ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(33) (سۈرە فاتىر 33-ئايەت)

ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.(56) ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ.(57) (سۈرە-ياسىن 56-57-ئايەتلەر)

(ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال-خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).(70) ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر.(71) سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.(72) جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.(73)(سۈرە زۇخرۇف 70-71-72-73- ئايەتلەر)

ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ.(55)ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، اﷲ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.(56) (سۈرە دۇخان 55-56-ئايەتلەر)

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار.(46) ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار.(48) ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار.(50) ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار.(52) ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان ئادەممۇ ئۈزەلەيدىغان دەرىجىدە) يېقىندۇر.(54) ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار.(56) ئۇ ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك ئىككى جەننەت بار.(62) ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.(64) ئۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ چىقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار.(66) ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار.(68) ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق خوتۇنلار بار.(70) ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۈرلەردۇر.(72) (سۈرە رەھمان 46-48-50-52-54-56-62-64-66-68-70-72-ئايەتلەر)

ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ.(13) جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ.(14) . (سۈرە ئىنسان 13-14-ئايەتلەر)

...........................
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن جەننەت ئەھلى ئۇخلامدۇ؟ دەپ سورالدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ئۇيقا دىگەن ئۆلۈمنىڭ قېرىندىشى، جەننەت ئەھلى ئۆلمەيدۇ دېدى، يەنى ئۇخلىمايدۇ،(جەننەتتە ئۇيقۇ يوق) بەيھەقى خاتىرلىگەن.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن جەننەت ئەھلى، جەننەتتە يەيدۇ، ئىچىدۇ، لېكىن، تۈكۈرمەيدۇ، چوڭ – كىچىك تەرەت قىلمايدۇ، بەلغەم تۈكۈرمەيدۇ، بۇرنىدىن نەرسە كەلمەيدۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ تائامىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى بولسا، قورساق تويغاندىكى كىكىرىش ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىپلا تەرلەش بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، تەرلىرى بولسا، مىسكىنىڭ خۇشپۇرقىدەك خۇشپۇراقتۇر، خۇددى سىلەرگە نەپەسلىنىش، تىنىق ئاسان قىلىنغاندەك، ئۇلارغا تەسبىھ، تەكبىر ھەمدۇ – سانا ئېيتىش ئىلھام بىلەن ئاسان قىلىنىدۇ، نەپەسنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئەھمەد خاتىرلىگەن .

ئەبۇ سەئىد، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلىگە بىر جاكارچى مۇنداق نىدا قىلىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ ساق – سالامەت تۇرىسىلەر، كېسەل بولمايسىلەر،ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر، مەڭگۈ ياش، گۈزەل تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر، مەڭگۈ نىئمەتتە لەززەتلىنىسىلەر، ھەرگىز ئازابلانمايسىلەر، غەم – قايغۇ قىلمايسىلەر، يوقسىز بولمايسىلەر. ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزىدا خاتىرلەنگەن .

55

تېما

4

دوست

9958

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 2106
توردىكى ۋاقتى: 2160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 23:04:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋزاق ئازابى توغرىسىدا.........

ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ﷲ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.(سۈرە تەھرىم 6-ئايەت)

ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ﷲ نىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن)ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(165) . سۈرە نىسائ 165-ئايەت.

ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ.(22)ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە-ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ.(23))اﷲ تائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، اﷲ غا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ) .(24)(25)(26)ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چۇڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» (دەيدۇ) .(27)اﷲ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ.(28)(29)ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ ؟ » دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ» دەيدۇ.(30).   50-سۈرە 22-23-24-25-26-27-28-29-30-ئايەتلەر.

جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.(21)جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر.(22)ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ.(23)ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ.(24)ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.(25)بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر.(26)چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى(27)ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى.(28)ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز.(29)(ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز».(30)- (سۈرە نەبە 21-22-23-24-25-26-27-28-29-30-ئايەتلەر).

كاپىرلار جەھەننەمگە توپ- توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟ » دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.(سۈرە زۇمەر 71-ئايەت)

شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال-مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ﷲ نىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ.(سۈرە ئەنفال 36-ئايەت)

شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى(قۇرئاننى-ئىسلام يۇلىنى) ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [56].[ سۈرە نىسا56-ئايەت]

ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ(كاپىرلارنىڭ) بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ . (سۈرە غافىر 71 - ئايەت)

(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ. (سۈرە دۇخان 47 - ئايەت)

(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار ﷲ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس ـ مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر ﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار ﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ (سۈرە ھەج 19 - ئايەت)

ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!(51). چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر(52). ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر(53). ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر(54).
(ۋاقىئە سۈرىسى 51-52-53-54-ئايەتلەر)

ئۇنىڭ(كاپىرنىڭ) ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ. (ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورىشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(سۈرە ئىبراھىم 16-17-ئايەتلەر)

ﷲ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. (سۈرە تەۋبە 68 - ئايەت)

كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.(36)ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (اﷲ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز- نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز- نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق».(37). سۈرە فاتىر 36-37-ئايەتلەر.

ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز .(سۈرە مەريەم 72-ئايەت)

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئادەم بالىلىرى يېقىۋاتقان سىلەرنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ئوتۇڭلار، جەھەننەم ئوتىنىڭ 70 پارچىسىنىڭ بىر پارىسىدۇر، 70دىن بىرىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، ئەگەر مۇشۇ ئوت بولسىمۇ ئەلۋەتتە يېتەرلىك، كۇپايە ئىدى دىيىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ھەقىقەتەن دوۋزاخ ئوتى بۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە 69 ھەسسە ئارتۇق قىلىندى. ئاشۇ 69 پارچىنىڭ ھەممىسى، ھەر بىرسى مۇشۇ ئوتنىڭ قىززىق ھارارىتىدەك ھارارەتلىكتۇر. بۇخارى،مۇسلىم، ئەھمەد، بەيھەقى، تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى دوۋزاخ ئەھلىنىڭ ئازابى ئەڭ يەڭگىلرەكى ئەبۇتالىپتۇر، ئۇنىڭغا ئوتتىن ئىككى ئاياق كەيدۇرلىدۇ، شۇ ئىككى ئاياغنىڭ قىززىقلىقىدىن، خۇددى قازان قاينىغاندەك، ئۇنىڭ دىمىغى، مېڭىسى قاينايدۇ،-بۇخارى توپلىغان.

.......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 23:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
almasbay يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 21:56
مانى 12 مىڭ كىلومېتىر دەمدۇ، 12.2 كىلومېتىر دەمدۇ؟

12.2 كىلومېتىر دەيمىز ، ، ،

4

تېما

0

دوست

2114

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 23:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   edrek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 00:02  
yawaat0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 18:44
خاتىرجەم بولسىلا تەقسىر جانابلىرى، سىلى تىلغا ئېلىۋا ...

دوپپا تورىنى قۇرغۇچى باشقۇرغۇچى خوتەن گۇمىلىق لەنجۇدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىككى لاتا قاسقاس!!!ئىشچى ئۈرۈمچىلىك ناسارا!!ماۋۇ بولسا شۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگرەيدىغان سەلدەكچىسى!!!
مۇشۇ پۈتۈن بىزنىڭ خوتەندىن مۇشۇندا يىتىمچىلىنى جايلايدىغان تۆت ئەر كىشى چىقمىدى!!!
بۇلار ھەرخىل ئىسىمدا مىسرانىم ،باغداش  ۋە باشقا تورلارغا چىىقىپ كەسپى پىتنى پاناسات تارقىتىدۇ!!بۇلارغا يەيدىغان ،ئىچىدىغىنىنى ئاران كۈنىنى ئالىدىغان تىمىتىش سۇغۇرۇشقا قاراشلىق ئائىلسى تەمىنلىيەلمىگەچكە بەزى يەرلەردىن ئانچە مۇنچە ھارام مەنپەئەت كەپ قىلىپ شۇڭا مۇشۇندا قىپ يۈرۈيدۇ!!

0

تېما

0

دوست

167

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24595
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 00:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
edrek يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 23:55
دوپپا تورىنى قۇرغۇچى باشقۇرغۇچى خوتەن گۇمىلىق لەنجۇد ...

تېمىنىڭ ماۋزۇسى ماڭىمۇياقمىدى....ئەركىم بۇرادەرنىڭ تېمىلىرىدىن زوق ئالاتتىم.....ئەمما بۇ تېمىسى بەكمۇ.............

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4390
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 01:43:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 01:45  

ئىگىمىزنىڭ كۈكسى قارنى بىزدىن خېلى كەڭرى، تەۋبە قىلىپ يامان يولدىن قايىتقان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللانغانلارغا يەنە جەننەت ئاتا قىلىۋېرىدۇ، ماۋۇ كىرىۋالسا جەننەتكە مەن سىغماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ جاھانغا سىغىپ ئۇ جاھانغا سىغمايدىغانمۇ ئىش بۇلامدۇ. قۇرئاننى ئامال بار ئۆز تىلىدىكىنى ئۇقۇپ، ئالدى بىلەن بىشىدىن باشلاپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ يادلىۋىلىپ ئاندىن كىيىن ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە چۈشىنىۋالاي دىمەسلىكىمىز لازىم. ئالدى بىلەن ‹‹ئۇقۇ›› دىگىنى بۇيىچە ئۇقۇيلى، ئۈگىنەيلى، كىسەك تۈكۈپ ئەگمە قىلىپ ئۆي سىلىشنىلا ئۈگىنىۋالساق بولمايدۇ، تۇرمۇشۇمىزنى قامدىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشىمىز، ھەتتا دۈشمنىمىز بولسىمۇ ئارتۇقچىلىقى بولسا ئۆزلەشتۈرىشىمىز لازىم...
شۇ بۇيىچە يول تۇتۇپ مىڭىۋەرسەك تەبئىلا نەچچە خىل تىلدا يادلاپ بۇلىمىز.
بۇ مىنىڭ ئاددى كاللامدا ئويلىغىنىم.

15

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5545
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 723
تۆھپە : 789
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 01:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچارتەخسە ئالەم كىشىلىرى دىگەن توقۇلما كىتاپتەك تېمىكەن .ئەركىم ياراتقۇچىنى ئىزدەپ يۈرۈپلا بۇ ياخشى ئىش .ئۆزىلىرىنىڭ ھايات تۇرغانلىرىنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ مەۋجۈتلۇقى ئاللاھقا شۈكرى قىسلا ۋە ئەمەل قىسلا

2

تېما

4

دوست

7462

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 08:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىمىزنىڭ كۈكسى قارنى بىزدىن خېلى كەڭرى، تەۋبە قىلىپ يامان يولدىن قايىتقان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللانغانلارغا يەنە جەننەت ئاتا قىلىۋېرىدۇ، ماۋۇ كىرىۋالسا جەننەتكە مەن سىغماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ جاھانغا سىغىپ ئۇ جاھانغا سىغمايدىغانمۇ ئىش بۇلامدۇ. قۇرئاننى ئامال بار ئۆز تىلىدىكىنى ئۇقۇپ، ئالدى بىلەن بىشىدىن باشلاپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ يادلىۋىلىپ ئاندىن كىيىن ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە چۈشىنىۋالاي دىمەسلىكىمىز لازىم. ئالدى بىلەن ‹‹ئۇقۇ›› دىگىنى بۇيىچە ئۇقۇيلى، ئۈگىنەيلى، كىسەك تۈكۈپ ئەگمە قىلىپ ئۆي سىلىشنىلا ئۈگىنىۋالساق بولمايدۇ، تۇرمۇشۇمىزنى قامدىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشىمىز، ھەتتا دۈشمنىمىز بولسىمۇ ئارتۇقچىلىقى بولسا ئۆزلەشتۈرىشىمىز لازىم...
شۇ بۇيىچە يول تۇتۇپ مىڭىۋەرسەك تەبئىلا نەچچە خىل تىلدا يادلاپ بۇلىمىز.
_____
بۇ ئىنكاسنى تورداشلار يەنە ئوقۇپ باقسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )