- تىزىملاتقان
- 2014-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2327
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
10.9%
|
ئۇ شۇنداق ئانا ئىدى
قايسى كۈنى مۇئەللىم چاقىرىپ :بىر دورا ئالماشتۇرىدىغان بىمار كەپ قالدى،ياردەملەش ،ماسكاڭنى چىڭ تاقا،دەپ دورا ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى،كەينىدىن چىقسام يەنە بىر ئەر دۇختۇرمۇ باكەن.ئىچىمدە:ئۈچ ئەر ئالماشتۇرىدىغان قانداق دورىكىن دەپ قىزىقسنىپ تۇرسام،مۇئەللىم بىمارنى باشلاپ كىرىدى، 15،16ياشلاردىكى چىرايدىن سۈزۈكلىكى بىلنىپ تۇرسمۇ ،ئەمما ھەركەتلىرى ئۇنىڭ مىڭە پارالىچىلقنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئۈسمۈرى ئالدىمىدا زاھىر بولدى.ئۇ دەلدەڭشېگنىچە كېلىپ مىنى مورلاشقا،تۈكۈرۈشكە ھەركەت قىلاتتى،مۇئەللىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنى كارىۋاتقا چىڭ بېسىپ ھەركەت قىلشىقا پۇرسەت بەرمىدۇق.بالنىڭ بوينىدا بىر مۇنەكچە پەيدا بولۇپ كېسىپ ئىۋتىلگەندىن كىيىن،پات پات دۇرا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلەتتى .لىكىن ئۇنىڭ يارا ئېغىزنى دائىم تاتلىشى تۈپەيلى ئەسلىدە ھەپتىگە قالماي ساقىيىدىغان يارا ئېغىزى ئالتە ئايدىن بۇيان ساقايمايۋاتاتتى....دورنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۇ پات پات چۈشنىكسىز ئاھاڭدا ۋارقىرايتتى ،ئۇنىڭ ئىككى پۇتنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىغان ئاپسى كۆزىدە ياش بولسمۇ:بالام ،ھازىر تۈگەيدۇ،مېنىڭ بالام بەك قەيسەربالا دېگەن سۆزنى تۇختىماي تەكرارلايتتى، دۇرا ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مۇئەللىم ئۇ ئايالغا بۇنىڭدىن كېيىن داكا كېرەكلىك دورلانى بازارىدىن ئالماسلىقنى ،لازىم بولسا ئۆزنىڭ بىر ئاماللارنى قىلىپ تېپىپ بىرىدىغانلقىنى ئىيتتى.
بىمار كەتكەندىن كېيىن مۇئەللىمدىن بىمارنىڭ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردۈم،مۇئەللىمنىڭ دىيېشچە بۇ ئىنمىز 16ياشتا بولۇپ، تۇغما مىڭە پارالىچ كىسلگە گىرىپتار بولغانىكەن،ئۇنىڭ دادىسى بالسنىڭ كېسلنى ئۇققاندىن كېيىن ئايالى بىلەن ئاجېرشىپ ،ئۆزۈڭ تۇغقان بالىغا ئۆزۈڭ ئىگە بول دەپ بالنى ئاپىسغا تاشلاپ بىرىپتۇ.ئايال ئۆزنىڭ خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ 16يىلنىڭ ياقى بالىسنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋتىپتۇ،ئۆزۈڭ كۆردۈڭ دىدى مۇئەللىم،– ،ئۈچىمىز ئاران باسالىدۇق،يەنە 4 ،5يىلدىن كېيىن بالا رەسمىي كۈچكە تولغاندا بېچارە ئانىسنىڭ ئۇنىڭغا كۈچىمۇ يەتمەيدۇ،ئۇ چاغدا يالغۇز جان ئادەم قانداقمۇ قىلاركىن؟.
بەلكىم بالنىڭ ئانسى تالاي قېتىم تەقدىرنىڭ ئۆزىگە قىلغان چاقچىقغا نالە قىلغان بولشى مۇمكىن،لىكىن يۈرەك قېنىنى سۈمۈرۈپ جاھانغا ئاپىرىدە بولغان بالا مەيلى قانداق بولسۇن،ئانىنڭ نەزىردە ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ سۈيۈملۈك پەرزەنتىدۇر. تىلۋۇزۇرىدىن دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز،جەمئيەتكە نۇرغۇن پۇللارنى ئىئانە قىلغان،لىكىن ئۆز پەرزەنتلىرنى تۈزۈكرەك باشقۇرالماي يەنە (مىھىرىبان ئانا)نامى بىلەن ئاتىلۋاتقان ئاياللارنى.جەمئىيەت سەندىن ھىچقانداق پۇل بسات كۈتمەيدۇ،سەندىن پەرزەنتىڭگە ئانىلىق بۇرىچىڭنى تولۇق ئاتا قىلشڭنى،ئىلگىرىكى 10نەچچە پەرزەنىتنڭ ھۆددىسدىن چىقىپ ئۇلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ئالىم قىلىپ تەربىيلگەن ھەققىي ئۇلۇغ مىھىرىبان ئانىلاردەك بولالمساڭمۇ 1،2بالاڭنى ياخشى تەربىيلشڭىنى تىلەيدۇ خالاس ،
كاللامدا ئىككىلا خىيال،بىرسى چايغا ئالدىراپ ماڭغان،قېرىغنىغا بوي بەرمەي سۇرۇندىن قالمايدىغان، ئەر ئايال باراۋەرلىكنى تۇختىماي تەشىۋىق قىلىدىغان ئايال.يەنە بىرسى،ئۆيدە كىسەللىك ئازابىنى تارتىۋاتقان بالسنى پۇتۇن دۇنيانى باغاشلىغان تۇيغۇدا قۇچاقلاۋاتقان، خۇدادىن بالسغا بەرگەن ئازاپنى ئۆزىگە بېرشنى تىلەپ ياش تۆكۈۋاتقان ھىلىقى ئانا.
قولۇمغا تىڭشغۇچنى ئالدىمىدە ئۇسمان مەمتىمننڭ «ئۇ شۇنداق ئانا»دېگەن ناخشسنى ئاڭلىغاچ، كىچىك چىغىمىدىكى ئاپام قاتارى تومۇز يازلاردا ۋە ياكى ئورۇما مەزگىلدە يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى بىلەن ئىڭىزلارنى تىكەنلەرنى گۈس گۈس دەسسەپ ،ئۆيدە ئانا ،ئېتىزدا پۈتۈن سۈرۈك ئەردەك ئىشلەۋاتقان،يۇلدىشدىن تاياقنى بولشغىچە يسمۇ ،داداڭلانى ھۆرمەتلەڭلا،ئۇ ئۆينىڭ تۈۋرۈكى،دەپ نەسھەت قىلۋاتقان ،قول پۇتى يۈزماي ئاتلىق نەرسە كۆرمەي ،تۇپىدا يىرىلغان،مىھىر ئىللىق ،چىدامچان ،قانائەتچان ئانىلارنى قەلبىم سۈرەتخانسدىن ئالدىرىماي ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. |
|