بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eliseanderson تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-13 00:53
ئېلىس ئاندېرسون: ماڭا ئىنكاس يازغانلارغا ئوچۇق خەت
ئەسسالام-ئەلەيكۇم كۆپچىلىك:
مەن يەنە بىر قېتىم سىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىغانلىقىمدىن ئەپۇ سورىمىسام بولمىغۇدەك، بەك خىجىل بولۇۋاتىمەن، مېنى كەچۈرگەيسىلەر. نېمىشقىدۇر، تۇيۇقسىزلا ئۆيدە تورغا چىققىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، مەن ئۆيدىكى تور مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغۇچە تورغا ئانچە كۆپ چىقالمايدىغان ئوخشايمەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىر مېنىڭ ھەر بىر ئىنكاسقا ئايرىم-ئايرىم تەپسىلىي جاۋاپ بېرىشكە ۋاقتىم يەتمىگۈدەك، بەك ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن، توغرا چۈشەنسەڭلار دەيمەن. مېنىڭ ھازىر ھەممىڭلارغا <<كوللېكتىپ ئوچۇق خەت>> شەكلىدە جاۋاپ قايتۇرۇپ باققۇم كەلدى.
ماڭا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقىپ كۆپچىلىكنىڭ ماڭا چىن دىلىدىن يازغان گەپلىرىدىن بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم. بەزىلەر ماقالەمنى ماختىۋەتسە، بەزىلەر ئۇنى يۈزەكى يېزىلىپتۇ دەپتۇ. بەزىلەر گېپىمنى ھەقىقەت دېسە، بەزىلەر ئۇنى خاتا دەپتۇ. ئامېرىكىدىكى بىر دوست ماڭا شېئىر يېزىپ شېئىرىنى ئايرىم بىر تېما قىلىپتۇ! مەيلى تورداشلار ماقالەمدە يېزىلغان مەزمۇنلارغا قوشۇلسا قوشۇلمىسىۇن بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، كۆپ كىشىلەر مۇشۇ مۇنبەرگە ئورتاق كىرىپ كۆڭلۈمدىكى بەزى گەپلىرىمنى ئوقۇپ قىزىق پاراڭغا چۈشۈپتۇ ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلارنى مۇزاكىرە قىلىپتۇ. مەن ئەڭ پەخىرلىنىدىغان نەرسە دەل مۇشۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزىلەر ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمنى تۈزۈتۈپ قويۇپتۇ، ماڭا ھەقسىز دەرس ئۆتكىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن!
مەن بۇرۇن يازغاندەك <<بىر ئامېرىكان نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار>> ناملىق ماقالەمنىڭ يۈزەكى ۋە ناتوغرا بولۇپ قالغان يەرلىرىنى تۈزۈتىۋاتىمەن. ماقالەمنى بەك ياخشى ئىشلىيەلىسەم، مەتبۇئاتقا بېرەيمىكىن دەيمەن.
مەن كەلگۈسىدە ماقالە يازغاندا ئىشلىتىدىغان گەپ-سۆزلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىپ <<ئۇيغۇرلار مۇنداق دەپ قارايدۇ>>نىڭ ئورنىغا <<بەزى ئۇيغۇرلار مۇنداق دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ>> دېگەندەك سىلىقراق گەپلەرنى جىقراق يازسام بولغۇدەك. مەن ماقالەمنىڭ بېشىغا <<ئۇيغۇر تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتى توغرۇلۇق بىلمەيدىغانلىرىم بىلىدىغانلىرىمدىن كۆپ>> دەپ يازغان. بۇ ھەقىقەت، مەن ھەرگىز باشقىچە قارىمايمەن. ئەمما، مەن تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن داۋاملىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر تەرىپى ۋە بەزى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئەھۋاللىرىنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشكە ئىنتىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلارغا قارىتا چۈشەنچىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىلەرنىڭ ماڭا تەۋسىيە بېرىدىغان يازما ماتېرىياللار بولسا تەۋسىيە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىر قىسىم تورداشلار <<تىلىڭىز بەك راۋان ئوخشايدۇ>> يېزىپتۇ. مەن ئۆزەم ئۆز تىلىمغا <<چالا>> دەپ باھا بېرىمەن. بەزىدە بەك راۋان، بەزىدە ئانچە راۋان ئەمەس سۆزلەيدىغاندەك قىلىمەن. ھازىر ئۇيغۇر تىلىغا چۈشەنچەم خېلى بىر يەرگە كەلگەن ئوخشايدۇ، ئىدىئوم بىلەن ماقال-تەمسىللەرنى جىقراق ئۆگىنىشكە ۋە ئۇيغۇرچىنى تىخىمۇ راۋان سۆزلەشكە تىرىشىۋاتىمەن. مەن بەزى يازغان ئىنكاسلىرىمغا قارىسام، خاتالىق بار ئىكەن، بۇ خاتالىقلار مېنىڭ تىلىمنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى!
مەن ھازىردىن تارتىپ ئايدا بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ مۇشۇ باغداش مۇنبىرىگە چىقىرايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن. ئەگەر سىلەر ھۆرمەتلىك تورداشلار بىلەن مەدەنىيەت توغرۇلۇق داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرساق، بەلكىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەزى پەرقلەر ۋە ئوخشاشلىقلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئورتاق بىلىۋالالايمىز ۋە قانداق قىلغاندا جەمئىيەتلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالارمىز.
ماقالەمنى ئوقۇغىنىڭلارغا رەھمىتىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرمىسەم بولمايدۇ، رەھمەت! مېنى قارشى ئالغىنىڭلارغىمۇ رەھمەت! مەن ھازىر ئۆزەمنى مۇساپىر دىيەلمەيدىغاندەك قىلىۋاتىمەن. توردا كۆرۈشۈپ تۇرايلى !
ھۆرمەت بىلەن ئېلىس ئاندېرسون (نازاكەت)
|