- تىزىملاتقان
- 2014-2-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1863
- نادىر
- 0
- يازما
- 116
ئۆسۈش
86.3%
|
سايپان ئارىلىدا بالا تۇغماقچى بولغان جۇڭگولۇق ئاياللار
ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئارال – سايپان ئارىلى ھازىر بىر مەيدان بوۋاق دولقۇنىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. سايپان ئارىلى بولسا شىمالىي مالىيانا تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىر قىسمى، ئامېرىكا زېمىنىغا تەۋە، جۇڭگودىن ئايرۇپىلان بىلەن تۆت سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ جاي ساياھەتچىلەرنىڭ مەيلىنى تارتىۋالغان، چۈنكى ۋىزا بولمىسىمۇ بۇ يەردە 45 كۈن تۇرۇپ، چىرايلىق مەنزىرىلەردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. بىراق ئادەم بىلمەيدىغان بىر خىل كەسپ بۇ يەرگە يەنە بىر تۈردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
بۇ كەسپ جۇڭگودىن باشلانغان. بىزنىڭ بىر يالغان تۇغۇتلۇق ئايال سىياقىدا ياسىنىۋالغان خىزمەتچىمىز بېيجىڭدا شۇنى بايقىدىكى، ساياھەت كوپېراتىپلىرى بالىسىنى ئامېرىكىدا تۇغۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان جۇڭگولۇق ئېغىر ئاياق ئاياللارغا خېرىدار تېپىپ بېرىپ، ساياھەت بېلىتى سېتىپ بېرىدىكەن. ۋاكالەتچى سودىگەرلەر سايپان ئارىلىنى بەش يۇلتۇزلۇق ئارامگاھ قىلىپ كۆرسىتىپ، ساياھەت بېلىتى ئىچىدە ياتاق ۋە ئەڭ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇدىكەن. پۈتكۈل مەھسۇلاتنىڭ باشلىنىش باھاسى 27 مىڭ دوللار بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بېجىرىپ بېرىش، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى چىقىىرپ بېرىش، يەنە بوۋاققا شۇ ھامان ئامېرىكا پاسپورتى ھەل قىلىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىدىكەن.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ساياھەت كوپېراتىپى بولمىسىمۇ سايپان ئارىلىغا ئاسانلا بارغىلى بولىدىكەن. شۇڭا بىز ئۆزىمىز سايپان ئارىلىغا قاراپ ئۇچتۇق. سايپان ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا، تور ۋاسىتىچىلىرى سودا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا «يالغان ئېغىر ئاياق» خوتۇن بىلەن كۆرۈشتى. بىر ۋاسىتىچى مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئامېرىكىلىق بوۋاق تۇغۇشقا دائىر بارلىق ئىشلارنى بىلىمەن». ئۇنىڭ ئىككى خېرىدارى – ئىككى نەپەر جۇڭگولۇق ئېغىر ئاياق ئايالمۇ نەق مەيداندا بار ئېدى. يەنە بىر ۋاسىتىچى بولسا دېڭىز مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئۆي، ئاشپەزلىك ۋە كىيىم يۇيۇش قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ئاللىقاچان شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بولغان بىر قىسىم خېرىدارلار بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇش ۋاننىسى ۋە ئىتتىش ھارۋىسى تەييارلاۋاتاتتى.
شۇ جاينىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇق ئانىلارنىڭ شۇ يەردە بالا تۇغۇش سانى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، 2009 – يىل سايپان ئارىلىدا جۇڭگولۇق ئانىلار تۇغقان بوۋاق سانى سەككىز بولۇپ، بۇ سان 2012 – يىلغا كەلگەندە بىراقلا 35 ھەسسە ئېشىپ، 282 بوۋاققا يەتكەن. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى سايپان ئارىلىدا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ %71 ى «ABC» -- ئامېرىكىدا تۇغۇلغان جۇڭگولۇقلار.
بۇ قانۇنغا خىلاپ ئىش ئەمەس، بىراق تەنقىد قىلىنىشى كېرەك. ئىئوۋا شىتاتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ستېۋ شۇنداق دېدى: «ئۇلار چوڭ بولۇپ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن ئاتا ئانىسىنى ئامېرىكىغا ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. مېنىڭچە بىز سايپان ئارىلىدا ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋېتىپتۇق. چوقۇم ئامال قىلىپ بۇ بوشلۇقنى ئېتىش كېرەك». سايپان ئارىلىدىكى دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى سابران مۇنداق دېدى، ئۇ بۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىدىكەن، بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىسترلىقىغا خەت يېزىپ ياردەم سورىغان ئىكەن. «بىز بۇ مەسىلىنىڭ چوڭىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، بىز ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز». ئۇلار بۇ ئىش زورىيىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىراق جۇڭگودا بۇ سودا قاتتىق گۈللىنىپ كېتىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچىلىك كوپېراتىپلىرى «ئامېرىكىغا تەۋە جۇڭگولۇق بوۋاق» ساياھەت بېلەتلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن خېرىدار چاقىرىپ سېتىشىۋاتىدۇ.
|
|