قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1244|ئىنكاس: 23

دۇنيا ئانا تىل كۈنى قانداق مەيدانغا كەلگەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 18:22:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 14:25  


       دۇنيا ئاناتىل كۈنى قانداق مەيدانغا كەلگەن






             20120221135651.jpg




      1999-يىلى 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ تەشكىلاتى ئاساسىي يىغىنى رەسمىي ھالدا:2000-يىلىدىن باشلاپ ھەريىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى (International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتكەن.

     نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان تىللارنىڭ سانى 7000دىن كۆپ بولۇپ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى بۇ تىللارنىڭ 96%ىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 4%ىگىمۇ يەتمەيدۇ.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999-يىلى قارارنامە ماقۇللاپ رەسمىي ھالدا ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»قىلىپ بېكىتكەن،بۇ ھەم شۇ يىلقى بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەق*للىقنى قولغا كەلتۈرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستانغا تەۋە بولۇپ خەلق بېنگال تىلىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان،شۇ يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنى ساقچىلار بىر توپ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەم نەق مەيداندا بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ بەش نەپەر «تىل قەھرىمانى»ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.

       «ب د ت»ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش،ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش،تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.ئالتە يىل مابەينىدە مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى «كۈلتۈر سەرخىللىقى خىتابنامىسى»،«كۈلتۈر قوغداش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامنامىسى» ۋە «ئېنتىرنېت بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلدىن پايدىلىنىشنى ئوموملاشتۇرۇش پىكرى»قاتارلىق نىزامنامىلەرنى ماقۇللاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان.

         مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا ئانا تىل» كۈنىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى بولسا «بىز تىل ئارىسىدا ياشىماقتىمىز-دۇنيا ئاۋازى»ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ مەزكۇر فىلىمدە يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۇنيا تىللىرىغا نەزەر سېلىش،بۇنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە بۇنىڭ شۇ جاي مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ھەم مۇكەممەللىكىنى قوغداشقا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئاساسلىق بايان قىلىنغان.1999-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ تەتقىقات تەشكىلاتى 30-قېتىملىق يىغىنىدا ھۇد ئېيى 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ «ب د ت» يەنە 2008-يىلىنى «خەلقئارا تىل يىلى»قىلىپ بېكىتكەن ھەم بۇ ئارقىلىق دۇنيا تىللىرىنى قوغداش ھەم كۈلتۈر سەرخىللىقىنى ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشنى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق نىشان قىلغان.دۆلىتىمىزدە «ب د ت»مائارىپ مەدەنىيەت تەرەققىيات مەركىزىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مەركىزىنىڭ تەكلىۋى بىلەن 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى قېتىم دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە ئائىت پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولسا «ئانا تىل مائارىپىنى قانات يايدۇرۇش،كۆپ خىل مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش» ۋە «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ ئورتاق تىنچ دۇنيا قۇرۇش» بولۇپ 2008-يىلىدىكى 29-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا دۆلىتىمىز مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تېمىسىنى «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ بېيجىڭ ئولىمپىياتىنى بىرلىكتە كۈتىۋىلىش»قىلىپ بېكىتكەن.  
      1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستان دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇپ خەلق ئاممىسى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تىللىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.ھۇد ئېيى 21-كۈنى ساقچىلار نامايىش قىلغان خەلق ئاممىسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەمدە نەق مەيداندا بەش كىشى قازا قىلغان.بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ نەچچە كىشىگە «تىل قەھرىمانلىرى»دەپ نام بەرگەن.قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا:
1.داكا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابۇل بەركەت.
2.مانىكونج ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رەفىقۇددىن ئەھمەت.
3.داكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى مالىيە بۆلۈمىنىڭ خادىمى شەرىفۇر رەھمان.
      سىتاتىستىكا قىلىنىشچە پۈتۈن يەرشارىدا جەمئىي 7000 دىن كۆپ تىل بار بولۇپ بۇ تىللارنىڭ 96%ىنى پەقەت پۈتۈن يەرشارى ئادەملىرىنىڭ 4%ىلا قوللىنىدۇ.مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددى مىراس ئىشلىرى مەسئۇلى سىمىس دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى،ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى،ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا،يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت نەچچە يۈز تىللا قېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقى،ھەمدە كانادادىكى ئىندىئان تىلىنىڭ ساقلىنىپ قالالىشىنىڭ بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.
       بىر خىل تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك شەرتى بار بولۇپ بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك چارىلىرىنىڭ بىرى بولسا بۇ تىللارنىڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېرىشەلىشى،قانۇن تۇرغۇزۇلۇپ قوغدىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە ماددى مەبلەغ سېلىپ قوللاش ھەم ئەمەلىلەشتۈرىلىشى كېرەك،بۇنىڭدىن باشقا تىل توغرىسىدىكى بايان ۋە تەرجىمە،خاتىرە،ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە تارقىتىش،لۇغەت تۈزۈش،تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش،ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تۈزۈش ھەمدە مائارىپ سېستىمىلىرى،مىدىيا،ئېنتىرنىت بوشلۇقى قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئانا تىلنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.يەرشارىلىشىۋاتقان ئىجىتىمائىي جەمئىيەتتە،ئېنتىرنىت بوشلۇقى بىر تىلنىڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ ئۇ بىرتىلنىڭ تەسىرچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن يەنە شۇ تىلنى قوللانغۇچى كىشىنىڭمۇ ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ،توردىكى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بۇ تىللارغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.نۆۋەتتە ئېنتىرنىت تور دۇنياسىدا قوللىنىلىۋاتقان تىللار پەقەت نەچچە يۈز خىللا بولۇپ تېخىمۇ كۆپ تىلنىڭ تور دۇنياسىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن شۇ تىلغا مۇناسىۋەتلىك يېزىق كونۇپكا پروگراممىسى لايىھىلىنىشى،كومپىيۇتىر مۇستەقىل تىل كودى سەپلىنىشى ھەم ئالاقىدار پروگراممىلار يېزىپ چىقىلىشى كېرەك.ئانا تىل-ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى ،مەدەنىيەت ۋە كىملىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ ئۇچۇرلىشىۋاتقان ۋە يەرشارىلىشىش كۈندىن كۈنگە تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك جەمئىيەتتە دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىل يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا.
        دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك شۇنداقلا كۆپ خىل تىل ئورتاق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ھېساپلىنىدۇ.خەنزۇلاردىن باشقا مۇقىملاشتۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ سانى جەمئىي 55بولۇپ پۈتۈن دۆلەت نوپوسىنىڭ 8.5%نى ئىگەللەيدۇ.55 ئازسانلىق مىللەت ئارىسىدا خۇيزۇ،مانجۇلار خەنزۇتىلى ئىشلەتكەندىن باشقا قالغان 53مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى بار.ئەمما جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىغا ئەگىشپ بىر قىسىم ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي تىلى يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.گەرچە دۆلىتىمىز ئازسانلىق مىللەت تىلىنى قوغداشتا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا.جۇڭگو مىللەتلىرى تىل جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى جاڭ خوڭكەي پروفېسسورنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،دۆلىتىمىزدىكى بىر قانچە خىل تىل ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىدىن قېلىپ قالغان،مەسىلەن مانجۇ تىلى،خېجې تىلى،تاتار تىلى قاتارلىقلار.تەخمىنەن 20%تىل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ بۇلار نۇ تىلى،چىلاۋ تىلى،پۇمى تىلى ۋە جىنو تىلى قاتارلىقلار.
       بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق ئالىمى جوۋ خەيجۇڭ پروفېسسور مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر تىلى يەرشارىلىشىش،ئېنتىرنىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە يوقاپ كېتىش خەتىرىگە دۇچار بولماقتا،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە تىل ساھەسىدىكىلەر ئاكتىپ ھالدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى،ئاجىز ھالەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغدىشى كېرەك.بۇنداق بولغىنىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغىلى شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

      ھۇد ئېيى 21-كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى بولۇپ 2008-يىلى بۇ پائالىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ زور بولۇپ «ب د ت» 2008-يىلىنى دۇنيا ئانا تىل يىلى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا بۇ تۈردىكى پائالىيەتنى تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلغان.مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرىلىشى تىلنىڭ ئۆزلۈك قارىشى ۋە توپلۇم قارىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.
1.تىل پەقەت مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىجىتىمائىي ئالاقە،ئىقتىساد،كۈلتۈر تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ يادروسى بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۆز شۇئارىنى:«ئانا تىل،تولىمۇ مۇھىم!»قىلىپ بېكىتكەن.
2.تىلنىڭ مۇھىملىقى يەنە ئۇنىڭ كۈلتۈر مەنبەسىنىڭ سەرخىل بولۇشى،ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ۋە سۈپەتلىك مائارىپ ھەمدە دەسلەپكى مائارىپنى ئۆز ئانا تىلىدا قوبۇل قىلىش قاتارلىق نۇقتىلاردا روشەن گەۋدىلىنىدۇ.تىل يەنە جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش،يېڭىلىق يارىتىش،ئىقتىسادىي تەرەققىيات،ئۆز يۇرتىنىڭ ئالاھىدە بىلىمىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
3.مەيلى مائارىپ سېستىمىسى ۋە ياكى مەمۇرىيەت ھەم ئەدلىيە سېستىمىسىدا بولسۇن،ۋە ياكى مەدەنىيەت تاراتقۇ ساھەلىرىدە،ئېنتىرنىت بوشلۇقى شۇنداقلا سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن تىلنىڭ سەرخىللىقى ۋە ئىشلىتىشچانلىقى ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىندۇر.
4.يەرشارىلىشىش كۈندىن كۈنگە تېزلىشىۋاتقان ۋە بىزنى خىرىس ۋە رىقابەتكە يۈزلەندۈرىۋاتقان ۋەزىيەتتە،دۆلىتىمىز جۇڭگو تىل ۋە مەدەنىيەتنى قوغداشنىڭ دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە،كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگونىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى نىشانىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.




0

تېما

0

دوست

3277

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بايرىمىمىز كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . قېرىنداشلارنىڭ بۇ بايرامنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 12:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بايىرىمىنى  داغدۇغلۇق ئۆتكۇزسەك بولاتىتى .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

4

دوست

8132

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2097
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 12:55:37
ئانا تىل دېمەك--ھوقۇق دېمەكتۇر.

6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2188
توردىكى ۋاقتى: 1717
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 13:47:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 13:48  

جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى  دۇنيا ئانا تىلنى قوغداش تەشەببۇسىغا ئىمزا قويغانمۇ-يوق؟

ئىمزا قويغان بولسا دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە ھەرقايسى مىللەت ئانا تىل ساھىبلىرى قانداق شەكىللەر بىلەن ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلىسە بولىدۇ؟

بۇ ھەقتە قانداق بەلگۈلىمىلەر بار؟

مۇنبەرلەرنىڭ دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىشى راستىنلا ‹‹سەزگۈر›› مەسىلە ھىساپلىنامدۇ؟

سەزگۈر مەسىلە ھىساپلانسا جۇڭگۇنىڭ -دۇنيا ئانا تىلنى قوغداش تەشەببۇسىغا ئىمزا قويغانلىقى يالغانمۇ؟

1

تېما

2

دوست

4731

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 14:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىلقى ئانا تىل بايرىمى سىن فىلىمى ئوبدان ئىشلەنگەن ئىدى.شۇ ئانا تىل بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كىيىنكى جەريانزە..........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )