- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2910
- نادىر
- 0
- يازما
- 328
ئۆسۈش
30.33%
|
ئۇيغۇرتىلىدا «بالىمۇ بالامۇ؟»
ساتۇق
ھەممىزگە مەلۇم پەرزەنىت ھەر بىر ئاتا ئانىغا ئاللانىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك سوغىتى ۋە نىئمىتى ۋە شۇنداقلا شۇ مىللەت توپىنىڭ كەلگۇسى ئىستىقبالى ۋە ئۇمۇدى شۇڭا بۇ سۇيۇملۇك پەرزەنتىلىمزنى كەلگۇسىگە ياراملىق تەربىيلەش ۋە ياخشى گۇزەل تىلەكلەرنى تىلەش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ۋە شۇ مىللەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى ، شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى گۇزەل ئىسىملار بىلەن چاقىرشىمىز تىل ئاھانەتلىك ، قارغىش مەنىسىدىكى سوز ئىبارىلەر بىلەن لەقەملىمەسلىكىمىز چاقىرماسلىقىمىز كىرەك چۇنكى ئاللانىڭ ھوزۇرۇدا شەرىتسىز ئىجابەت بولۇدىغان دۇئالار قاتارىدا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدۇ . بۇ ئىزاھاتىمدىن ۋە ماۋزۇدىن بەلكىم تىمىنىڭ مەقسىتىنىمۇ چۇشنۇپ بولدىڭلار ھەقىقى مەقسەتكە كەلسەك جەمىيتىمىزدە بەزى ساپالىق ۋە ساپاسىز ئاتا ئانىلار بەك كەپسىزلىك قىلغان ، چوڭلا بوپ قىلىپ تۇرۇپمۇ ئاتا-ئانىسىنى تىخچە قاخشىتىدىغان پەرزەنتىلىرنى - ھۇي بىشىمنىڭ بالاسى ، ئاللانىڭ ماڭا بەرگەن بالاسى بۇ شۇم ، دەيدىغان قارغىش مەنىسىدىكى سوزلەرنى قىلىدۇ ئۇلار ئوزىنىڭ پەرزەنتىگە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولغان شۇ پەرزەنىتلىرگە بىلىپ بىلمەي بەد دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بۇ دۇئانىڭ ئاللانىڭ شەرىتسىز قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . شۇنداقلا مىنىڭ ئوتتۇرغا قويىدىغان يەنە بىر مەسىلەم قارغىش مەنىسىدىكى "بالا: بىلەن پەرزەنىت مەنىسىدىكى "بالا" يىزىلىش ئوقۇلۇش بىردەك ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز كۇندە قوللۇنۇپ كىلۋاتىمىز. بۇنداق ئوخشاشلىقدىكى ئىسىم سوزلۇكلەر بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمىزدا كوپ ئۇچرايدۇ لىكىن بۇنىڭدىن باشقا ئوخشاشلىققا ئىگە سوزلۇكلەدە بولۇپمۇ پەرزەنىتتەك قىممەتلىك شەيئىلەرگە بۇنداق قارغىش مەنىسدە كەلمەيدۇ مەسىلەن: چوڭ قىز قىرىنداشتىكى "ئاچا" ئىسىمى بىلەن دەرەخنىڭ بىر غولدىن ئايرىلغان قىسىمىدىكى "ئاچا" ، تاماق يەيدىغان "قاچا" دىكى ئىسىم بىلەن ، رەخىت كىسىدىغان "قاچا" مىسالنى مۇشۇنچىلىك ئىپ تۇراي بۇ يىزىلىشى ۋە ئوقۇلىشى ئوخشاش ئىسىملارنىڭ ھىچقايسىسىدا قارغىش مەنىسىدىكى ئىسىم يوق ھەم بولسىمۇ بۇلارنىڭ كوڭۇل بولگۇچىلىكىمۇ يوق لىكىن بۇ پەرزەنتىمىزدىكى بالا ئاتالغۇسىچۇ بۇ قەتئى سەل قارايدىغان ياكى مۇنداقلا ئوتكۇزۋىتىدىغان ئىش ئەمەس بۇ بىر ئومۇمى بىر مىللەت توپىنىڭ كەلگۇسى ۋە ھازىرىغا تۇپتىن تەسىر كورىسىتىدىغان ئىش ، بىز بىزنىڭ كەلگۇسى ئىستىقبالىمىز ۋە ئۇمىدىمىز بولغان پەرزەنىتلىرمىزگەھەر كۇنى ئەسىرلەر بويى ، بىلىپ بىلمەي ھەر قىتىملىق بالام دەپ چاقىرىش بىلەن ئۇنىڭغا بالا تىلەپ بەد دۇئا قىلىپ كەلدۇقمۇ قانداق ؟بىزنىڭ نەچچە ئەسىرلەر بويى راۋاج تاپماي كىلىشىمىز قارغىش مەنىسىدىكى بالا سوزىنى پەرزەنتىلىرمىزگە قوللۇنۇپ كىلىپ بىلىپ - بىلمەي بەد دۇئا قىلىپ كىلىۋاتقانلىقىمىزدنمۇ قانداق؟ ، بەلكىم سىلەر بۇنىڭغا ئاتاشتىكى نىيەت بىلەن ئاھاڭدا پەرىق بار باشقا ئىش يوق دەپ قارىشىڭلارمۇ مومكىن ، لىكىن مەن بۇنداق دەپ ئويلىمايمەن جەزمەن پەرزەنىتلىرمىزنى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بىزنىڭ بۇ قارغىش مەنىسىدىكى بالا دىگەن ئىسىمنى پەرزەنىتلىرمىزگە قوللۇنىشنى ئۇنىڭ قانچە ئەسىر قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان بىزدىن باشقا تۇركى مىللەتلەرنىڭمۇ قوللىنىۋاتقان ياكى تارىخىمىزدا ئوتكەن داڭلىق ئالىملىرمىز ياكى تارىخى يازمىلىرمىز ، يادىكارلىقلىردا شۇنداق ئىسىم بىلەن ئاتاش خاتىرلانغان بولسىمۇ بۇنى چوقۇم ئوزگەرتىدىغان ئىسلاھ قىلمىساق بولمايدىغان بىر چوڭ مەسىلە قاتارىدا قاراپ ، بۇ قارغىش مەنىسىدىكى ئىسىمنىڭ ئورنىغا پەرزەنىتلىرمىزگە باشقا گۇزەل ، ياخشى تىلەكلەرنى ئوزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر ئىسىمنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە دىنى ساھادىكى ئالىم - ئولىمالارنىڭ تىپىپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. |
|