- تىزىملاتقان
- 2014-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2327
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
  10.9%
|
لەقەم ھەققىدە يېڭى پاراڭ
خالات
لەقەم دىگەننى خىزىرقويىدۇ ،دىيشىدىكەن،راسمىكىن دەپ قالدىم ،مەھەللىمىزدىكى لەقەملەر ئاي ھاي قاشقا ئوسما قۇيغاندەك ياراشقان.ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈپ كىرسە ھالنى ئىيتپ قار يامغۇر كەبى تۆكۈلۈپ كېتىدىغان بىر ئايال بار،لەقىمى شار شار يامغۇر.باشىقلارنى كۆرسە يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش تۆكۈدىغان ئايالنىڭ لەقىمى سىم سىم يامغۇر. ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىپ ئۆيىدە ئۆزىدىن ئىككى چىقىدىغان ئايالىدىن :ئېتىزنىڭ ئىشلىرنى ماڭىلا تاشلاپ بىرەمسەن؟بۇ ئۆيدە مەن ئەرمۇ سەنمۇ؟دەپ تىل يىگەننڭ ئۆستىگە ئانچە مۇنچە دۇرا ئۇرنىدا مۇش پەشۋا يەپ تۇرىدىغان ئابلەتكامنىڭ لەقىمى«نوچى»، جىدەل قۇرمايدىغان بىر كوچا بار…شىۋىرغان كوچىسى.ئاكا ئۇكا ئىككسى بار خەقنى يېغىۋىلىپ تۇخىتىماي پاراڭ قىلىدىغان.چوڭنىڭ لەقىمى كاس كاس،كىچىكنىڭ كوت كوت.يازدا ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئاشخانا ئاچىدىغان ،قىش كىرسىلا قايتىپ كىلىدىغان قاسىم دەپ بىرسى بار.لەقىمى«قاقىر»،مەھەللىدە چىكەتكە ئاپىتى يامراپ كەتكەندە كۆچۈپ كەلگەن بىرسى بار لەقىمى تۇرسۇن چىكەتكە. لىكىن مىنىڭ خاتىرەمدە ئەڭ بەك ساقلىنىپ قالغىنى ،خىزىر سىخىيلىك بىلەن «كاشال»ناملىق لەقەمنى تەقدىم قىلغان ئالىمكامدۇر.ئالىمكاملار 60نەچچىنچى يىللىرى مەھەللىمىزگە كۆچۈپ كەپتىكەن.مەھەللىمىزنىڭ گەپتانلىرى ئۇزاق ۋاقىت كۆزتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بۇ لەقەمنى ئاتا قىپتكەن ،ھەقىقەتەن ئالىمكام لەقەمگە لايىق ئىشلارنى پات پات قىلىپ تۇراتتى،بىر يىللىرى مەھەللىدە زىغىر تېرش مودا بولۇپ كەتتى.چۈنكى گىرماننىڭ بىر زاۋۇتى ناھىيىرىمىزىدە زىغىر پاخلىنى يۇقىرى باھادە سېتىۋالدىغان تارماق زاۋۇتىتىن بىرنى قۇرىدى.كەڭ دىخانلارنىڭ قاتارىدا ئالىمكاممۇ زىغىر پاخلىنى يۇقىرى باھادا سېتىش ئۈچۈن 55تىپلىق تىراكتۇرغا پاخالنى چاق ئىتلىپ كەتكۈدەك بىسپ ماڭدى.
–، بالام ،مەمەت كەچتە ماڭىلى بۇلمسا قاتناش ساقچىسغا ئۇچراپ قالساق جەرىمانە تۆلەپ قالىمىز ..
دادا بالا شۇ مەسلىھەت بىلەن كېچىدە ئىھتىيات بىلەن يولغا چىقتدى.كۇنىلار مۇشۇنى دىگەنمىكىن:ئۇنىغانغا يۇنغاندەك دەپ ئۇلار تىراكتۇرنى ھايداپ نەق ناھيىلىك ھۆكىمەت بىناسنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تىراكتۇرنىڭ ئۇقى سۇنۇپ كىتىپ ،ھۆكۈمەت بىناسنىڭ ئالدىنى تۇساپ قۇيدى.ئەتىسى ھاكىم كەلسە دەرۋازنىڭ ئالدىدا يۇغانلا تىراكتۇر تۇرغان .ئاچچىقىدا قاتناش ساقچىلىرغا تىلفۇن قىلىۋىدى .ساقچى جەرىماننىڭ كۇۋادىراتنى قويۇپ يۇلغا سالدى.بۇ خەۋەر مەھەللىگە كېلشى بىلەن گەپدانلارغا بوپ بەدې.ئالىمكاممۇ ھەپتىگچە ئۆيدىن چىقالمىدى. يەنە بىر قىتىم تاغدىكى مالچى قازاق كالاڭنىڭ پۇتى سۇندى تىز ئەكەت دەپ خەۋەر قىلىپ قىپتكەن . ئالىمكام ئىككى ئۇغلىنى ئىلىپ كالنى قايتۇرۇپ كېلشدە يولنى خاتا مىڭىپ تەرەكتۇر ئازگالغا چۈشۈپ كىتىپ پۇتى سۇنغان كالنىڭ بۇ نۆۋەت ھەمنە يېرى دىگۈدەك سۇنۇپ پىچاققا ئارانلا ئۆلگۈرۈپتۇ.ئۆزلىرى بىر كۈن پيادە مىڭىپ ئەل ياتقۇدا مەھەللىگە جىممىدە كىرىۋاپتۇ.ئالىمكامنىڭ ئىتىزى يول ياقسدا بولغاچقا يازغى بۇغداينىڭ ئېڭىزىغا سەۋزە تىرەي دەپ ئېڭىزلىقنى كۆيدۈرۈپ تۇرشىغا ھىلىلا ئوت ئۆچۈرۈپ كەلگەن ئۇت ئۈچۈرۈش ئەتىرتىدىكىلە ئوتنى كۆرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوت ئۆچۈرۈشكە باشلاپتۇ.ئالىمكام خەنزۇچە ئۇقمىغاچقا گىپنى چۈشەندۇرەممەي ئاخىردا ئوت ئۆچۈرۈش چېقىمى بوينىغا ئاتىلپتۇ. بالا دادا خۇينى تاتىدۇ دىگەن راست گەپكەن.ئىككى ئۇغلىمۇ دادىسنى كېيىپلا چىقتى.ئالدنىقى يىلى ناھىيەلىك ئىتتپاق كومىتتى كەنتىمىزگە ياشلار مەدەنىيەت ئۆمىكىنڭ ماھارىتنى كۆرگىلى كەپتۇ.دىخان ياشلار ئۆزى تەييارلىغان ھەرخىل نۇمۇرلانى كۆرسىتپ بۇلۇپ رەھبەرلىك قايتاي دەپ تۇرشىغا ئالىمكامىنىڭ كىچىك ئۇغلى كامىل :مەن تەمبۇردا بىر نومۇر ئورۇنلاپ بەرسەم دەپ تۇرۋاپتۇ.كەنت باشلىقى بىرە نەرسنى تۇيغاندەك قىلسمۇ رەھبەرلەنىڭ ماقۇللىقى بىلەن قېنى چالە دەپتىكەن، كامىل:كۆپچىلككە ئەجەم مۇزىكسنى چېلىپ بىرەي دەپ ناخۇننى تەڭشەپ تىرڭ قىلشغا پۇتۈن مەلنىڭ توكى كېتپتۇ ،ئەسلى باش گنىراتۇرنىڭ ماس بولۇشى دەل كامىلنڭ ناخۇن ئۇرۇشىغا توغرا كىلىپ قالغان گەپ. بىر قىتىم مەمەت بىلەن كامىل تىراكتۇرنىڭ ئالدىنى سۇۋاركا قىلىۋاتقاندا تىمپىراتۇرانىڭ تەسىردە ئالدى قاپقاقتىكى يېغىلىپ قالغان مايلارغا گۇپپىدە ئوت كىتپتۇ .ھۇدۇقۇپ كەتكەن مەمەت سۇ ئەكەل دەيمەن دەپ كامىلغا چىباڭ ئەكەل دەپ ساپتىكەن.كامىلمۇ گاراڭلىشپ چىباڭنى ئەكەپ بېرىپتۇ .مەمەتنىڭ چىباڭنى بىر بېسشى پۈتۈن تىراكتۇرىغا ئوت كىتپتۇ. مەھەللىدىكلەر بۇنداق خەۋەر ئاڭلاپ قالسا بىرنى ئون قىلىپ سۆزلەيتتى .ئالىمكاممۇ تېخىمۇ تېرىكىپ كىرشىپلا قالاتتى ...لېكىن بىر يۇرتنىڭ سۇيىنى ئىچكەن ئادەمدە يەنىلا مېھىر مۇھەببەت باشقچىلا بۇلىدىكەن.ئالىمكامنىڭ ئالدىنقى يىلىلا 4نەسىللك كالىسى 10نەچچە قۇيى خىميۋىلىك ئۇغۇت يەۋىلىپ قېتپ قالدى.مەھەللىدىكى چۇڭ كىچىك ھەممە ياققا قاتراپ مال دۇختۇر ئىزددى .يەنە بىرلىرى ماشنا تىپىپ كىلىپ شەھەرگىلا ئەكىرپ كۆرسەتتى.ئالىمكام يۇرتداشىلىرنىڭ نەقەدەر مېھىرىبان ،ئاقكۈڭۈللىكنى تۇنجى رەت تۇنۇپ يەتتى.ئۆزىگە كاشال دىگەن نامنى بەرگەن قېرىنداشلىرنى خىزىر سېماسدا كۆردى..
مەھەللەم خەقلىرنىڭ لەقەم قۇيۇشتىكى ئۇستاتىلقى بىر قىتىم ئىلى خەلىق رادىئۇ ئىستانسنڭ بۇ كېچە سىز تەنھا ئەمەس پرۇگراممىسدا تىلغا ئىلىپ ئۆتلىۋىدى..بولدى قوي مەھەللىدىكى لەقەمچىلەر ئايلاپ پەخرلنىپ يۈردى. لەقەم،چاقچاق، يىزا كىشلىرنى ئەنە ئاشۇنداق يىقىن قىلالىدى.قۇلۇم قوشنىلار چاقچاقىلشىپ بىر بىرگە ئاز بولسمۇ تاماق سۇنالىدى ،كۈلكە چاقچاقتا تالاي ئايدىڭنى تەڭ ئۆتكۈزىدى.تۈنۈگۈنلا تۇرسۇننىڭ سۈننەت تۇيىدا بىر لىگەن پولنى تەڭ يىگەن سەپرا ،يوغان،كۆككۆز لەقەمىلىك مۇيىسپتلار بۈگۈن ئۇنىڭ مەرىكىسدە يوق،ئۇلارنىڭ ئورنىدا توخۇ،چۈيۈن،نامىدىكى قىرانلار ئولتۇرۇپتۇ. بىر كۈنگە كەلگەندەبۇ ئورۇنلا نام لەقەمىسز ،كۈلكە چاقچاقىسز كىشلەرگە قالىدۇ.بۇ چاغ مەن كېسپ دىيەلەيمەنكى بۇ كۈن دەل بىزدە مەھەللە ئۇقۇمى يۇقالغان كۈندۇر. |
|