- تىزىملاتقان
- 2014-2-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 54
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
18%
|
ئىلگىرى ئۇنۋېرىسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر پىروففىسورنىڭ ئۇيغۇرنىڭ پەلسەپىسى، تارىخى، ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، مائارىپى.... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتتا، تەتقىق قىلىۋاتقانلارمۇ ئاساسەن ئەدەبىياتتىن چىققانلار شۇڭا بۇ ساھەلەرنى تەتقىق قىلىمەن دېسىڭىز ماگىستىرلىقنى ئەدەبىياتتا ئوقۇڭ دېگىنى ھېلىغىچە يادىمدا.
كېيىن قارىسام دەل شۇنداق ئىكەن، شۇڭىمۇ ئىلمىي ئەسەر بىلەن ئەدەبىي ئەسەر ئارىلىشىپ، تا ھازىرغىچە بىھۇدە تالاش- تارتىشلار پەسەيمەكتە يوق، تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.
خوشاللىنارلىقى تارىخ ساھەسىدە بىر نەچچە ياش تارىخچى ئالىم خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇيغۇرچە ئىلمىي تارىخي ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى. ئەمما باشقا ساھەلەردە گەرچە خەنزۇچە ئەسەر ئېلان قىلىۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلار بولسىمۇ ، ئەمما، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە تۆرنى ئىگەللىگەنلەر بىلەن دىئالوگ ئاساسەن بولمىغاچقا تېخىچە بىر ئۆزگىرىش بولمايۋاتىدۇ.
قۇتادغۇبىلىك بىر ئەدەبىي ئەسەر ئەلۋەتتە ئەدەبىياتچىلار ئەڭ ئالدى بىلەن تەتقىق قىلغۇچىلار. ئەمما، ئۇ پەقەت ئەدەبىياتچىلارنىڭلا تەتقىقات تىمىسى ئەمەس، باشقا ساھەدىكىلەرمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات- تىل ساھەلىرىدىن باشقا تىمىلارغا ئەدەبىياتچىلار ئازراق چېقىلغىنى، بۇ ساھەنى كەسىپ ئەھلىلىرىگە قالدۇرغىنى ياخشى.
قۇتاغۇبىلىك ئۇ قۇرئان ئەمەس، پەقەت ماختاشقىلا بولىدىغان. ئۇنى ئىنسان يازغان ، شۇڭا، ئۇنى ھەم تەنقىد قىلىش مۇمكىن ئىدى، ئەمما ، تا ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇرچە ئەسەر ئېلان قىلىپ باقمىدى.
ئەقەللىسى ئەدەبىيات- تىل تېمىسىدىكى ئەسەرلەرمۇ يۈزەكى، قايتىلانما مەزمۇنلاردىن ھالقىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.
شۇڭا، قۇتادغۇبىلىك ئۇيغۇر ئۈچۈن ھازىرغىچە يېپىق تۇرغان گۆھەر كانى. ئۇنى قازغۇچى ھەقىقى كانچىلار (ئەدەبىي ئىلھامىم بالقىپ قالدىغۇ ئېغىر دەرىجىدە كامچىل!
|
|