- تىزىملاتقان
- 2013-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 404
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
52%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MAHAMMATJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-15 13:07
مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېداگوگ يۈسۈپ سەككاكى
مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ)
ئىلاۋە:ئۆتكەندە بۇرادەرلەر بىلەن چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخاي مازىرىغا چىققانتۇق.مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شۇ چاغدا تارتىلغان مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە يۈسۈپ سەككاكى ھاياتىغا ئائىت يازمىنى يوللاپ قويدۇم.
سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى_(1160-1228) مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق پىداگوگ ۋە يازغۇچى.
سەككاكى ئىسمىنىڭ بېشىغا قويۇلغان خارەزمى دېگەن جاي ئىسمىغا،شۇنداقلا ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخەي دېگەن يېرىگە جايلاشقان مازارنىڭ سەككاكى نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ خارەزىمدا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئالمىلىق(ئىلى)دا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
سەككاكى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. دىنىي ئىلىم،تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،تارىخ،جۇغراپىيە،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)،تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن.ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا پارىس،ئەرەپ تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ«بايات»مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ«9-ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان.
چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردا دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى،ھەربىي مۇتەخەسىسلەر ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ئەرباپلىرىنى قويغان بولۇپ شۇ چاغدىكى چاغىتاي خانغا مەسلىھەتچى بولغانلار ئىچىدە يۈسۈپ سەككاكىمۇ بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىجدىھات قىلىشى ئارقىسىدا چاغاتاينىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئالمىلىقتا ھەر-خىل مەكتەپلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىنىپ،مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققىي قىلغان،قەشقەر،بۇخاراغا ئوخشاشلا ئالمىلىقمۇ ئاسىيا بويىچە ئىلىم-پەن مەركەزلىرىگە ئايلانغانىدى.
سەككاكى ئوردا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن بىلىملىك كىشىلەرنى ئالمىلىققا توپلىسا،يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلغان.بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتسە،يەنە بىر تەرەپتىن دەرسلىك تۈزۇپ چىققان. ئۇنىڭ«مۇفىتا ھۇل ئۇلۇم»(ئىلىملەر ئاچقۇچى)ناملىق يىرىك ئەمگىگى ئەنە شۇ خىلدىكى بولۇپ،ئۇنىڭدا تىل-ئەدەبىيات، لوگىكا،ئىستىتىكا،پەلسەپە،ئاسترنومىيە،ماتىماتىكا،تارىخ، تىبابەت ئىلمى،مۇزىكا ئىلمى قاتارلىق 13تۈرلۈك ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلىقى، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىكى مەرىپەت يۇلتۇزى،ھەققانىيەتچى،خەلق بىلەن تەقدىرداش ئالىم يۈسۈپ سەككاكى گەرچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ئازاتلىقى يولدا تەر ئاققۇزغان خانغا دۆلەت باشقۇرۇش،ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىداياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ،ئوردىدىكى مەرىپەت دۈشمەنلىرى،ھەسەتخور مەنسەپدارلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ 3يىل زىنداندا يېتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.بۇ مەشھۇر ئالىم،داڭلىق پىداگوكنىڭ مازىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.
|
|