- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2362
- نادىر
- 0
- يازما
- 51
ئۆسۈش
12.07%
|
"سەن"دېگىنىڭىز "سىز" دېگىنىڭىزمۇ؟
ئەھەد مۇھەممىدۇللا
مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەرتلەرمۇ دەل ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەتلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، مەدەنىيەتنى مىللەتنىڭ جېنى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەل ئۇيغۇرنىڭ جېنى. مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ ھاياتى كۈچ بولمايدىكەن، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتمۇمەۋجۇت بولمايدۇ.
ھەممىگە مەلۇم، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزىگە خاس شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەم يەنىلا ئۆزىنىڭ بىركىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. مەدەنىيەت ئاددىي ھالدىكى ناخشا-ئۇسسۇل، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئۆرپ-ئادەت، كۈلكە-چاقچاقنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن بەلكى، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن يارىتىلغان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىمىزدەناخشا-ئۇسسۇل، درامما، ئوپېرا، تىياتىر، كىنو، ئۈن-سىن قاتارلىق ساھەلەرنى مەدەنىيەت نازارىتى باشقۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، شۇ ئورۇندا ئىشلىگۈچىلەر پەقەت ئۆزلىرىنىلا "مەدەنىيەت خادىملىرى" دەپ ھېسابلاپ، ئاخبارات، نەشرىيات،مائارىپ، سەھىيە، بىناكارلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق باشقا تۈرلۈك ساھەدىكىلەرنى بولسا مەدەنىيەت خادىملىرى قاتارىغا كىرگۈزمەيدىغان خاتا كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، ناخشىچىلىرىمىز ناخشىلىرىدا: "مەن سېغىندىم، خەلقىم سەنمۇ سېغىندىڭمۇ "دەپ ئۆزىنى بارلىق خەلقنىڭ ئىگىسى قاتارىدا قويۇپ ناخشا-قوشاقلىرىدا ئۆزىنىڭ"يۈكسەك" ئورنىنى كۆز-كۆز قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە، رېئال تۇرمۇشتىكى ھەربىر كىشى بىر مەدەنىيەت خادىمى ھېسابلىنىدۇ. ئالايلۇق، سىزنىڭ قىلغان ھەر بىرسۆز-ھەرىكىتىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى، يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەكلىرىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى قاتارلىقلار سىزنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.مەن يېقىندىن بۇيان كۆزەتكىنىمگە ئاساسەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ساقلىنىۋاتقانمەسىلىلەرنى تۈرلەرگە بۆلۈپ تەھلىل قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەنئورتاقلاشماقچىمەن. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسىلەن ئىككىنچى شەخس ھۆرمەت تۈرىنى توغرا ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى.
ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇيغۇر تىلى مۇشۇ تىل-يېزىقنى ئىشلەتكۈچى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئالدىن كېلىشىۋېلىشى ئاساسىدا مۇقىملىشىپ، كەڭتارقىلىش ئارقىلىق ئومۇملىشىپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. ئالايلۇق ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر " سىز، سىلى، سىزلەر،ئۆزلەر، ئۆزلىرى" قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار قەدىمدىن تارتىپ ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ھازىرقى زامانغا كەلگەندە بولسا، ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت كىتابلاردا بۇلارنى ئىخچاملاپ، ئىككىنچى شەخس ھۆرمەت تۈرىنى ئىپادىلەشتە " سىز" ، ئاددىي تۈرنى ئىپادىلەشتە " سەن" دەپ ئىككىگىلا ئىخچاملاشتۇرۇپ، " سىلى، سىزلەر، ئۆزلەر، ئۆزلىرى"پەقەت تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردىلا ئىشلىتىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەنىدى. لېكىن بەزى تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرىدە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىلىرىدە بۇ خىل ئالدىن كېلىشىۋېلىنغان ئاتاش ئۇسۇلى توغرائىشلىتىلمەي، "سىز"نىڭ ئورنىغا "سەن " ئىشلىتىلىپ قېلىۋاتىدۇ." سىز " دېگەن بۇ سۆز ئىككىنچى شەخس ھۆرمەت تۈرىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، ئاساسەن، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا، چوڭلار بىلەن كىچىكلەرئوتتۇرىسىدا، قىزلار بىلەن ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىشلىتىلىدىغان سۆز ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان تېلېۋېزوردا قويۇلىۋاتقان بەزى فىلىمەردە، كىچىك بالىلار چوڭلارنى، ئوغۇل- قىزلار بىر بىرىنى " سەن"دەيدىغان تەرجىمىلەر، شۇنداقلا يەنە ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى سەنلەپ گەپ قىلىدىغان بىنورمال ئادەت شەكىللىنىشكە باشلاۋاتىدۇ. بۇ قارىماققا كىچىككىنە بىر ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن يامراپ كېتىشكە ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدىغان يامان ئۆسمە!
ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلارغا ئايانكى، شىنجاڭدا قازاق، قىرغىزلاردا ئاتا-بالا، قىز ئوغۇل، چوڭ كىچىك ئارىسىدا"سەن " دېيىشىدىغان ئادەت بار. بەلكىم مۇشۇ ئادەتنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئىلى، كەلپىن قاتارلىق جايلاردا "سەن" نىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر كۆپرەك. ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا ھۆرمەت تۈرى ئۈچۈن "سىز"، ئاددىي تۈر ئۈچۈن " سەن "ئىشلىتىلىدۇ. مۇشۇ رايونلاردىن باشقا جايدىكى بىر ئۇيغۇر بالىسى ناۋادا ئۆز ئاتا-ئانىسىنى "سەن" دەپ چاقىرىپ قالسا، شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىلا ئەمەس، شۇ چاقىرىشنى ئاڭلىغان ھەر قانداق بىركىشىمۇ بۇ قىلمىشنى ناھايىتى ئېغىر ئالىدۇ.
يېڭى ناۋا پروگراممىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەن ناھايىتى قىزىقىپ كۆرۈۋاتىمەن، ھەرساھەدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، سازچىلارنىڭ ئورۇندىغان ئېسىل نومۇرلىرىغا قاراپ ھەيران-ھەس قالسام،يەنە بىر تەرەپتىن بۇلارنى باھالاشقا قاتناشقان، ئەل تۆرىدىن ئورۇن ئالغان چولپانلىرىمىزنىڭ باھاسىغا تېخىمۇ ھەيران قالىمەن. باھالىغۇچى بولغان چولپانلىرىمىز ياش جەھەتتىن ناۋا پىروگراممىسىغا قاتناشقان ماھىرلاردىن ئاساسەن چوڭ دېيەرلىك بولۇپ، مەيلى "سىز" دېسۇن، ياكى "سەن" دېسۇن تامامەن بولىۋېرىدۇ. لېكىن باشتا "سىز " دەپ ئوبدان باھا بېرىپ كېلىپلا "سەن" لەپ كېتىشلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىمەن. بۇ ھۆرمەت تۈرى "سىز"نىڭ " سەن" گە ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچىمۇ ياكى "سەن"دېگىنىڭىز "سىز" دېگىنىڭىزمۇ؟
گەپ قىلغان كىشىنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالغىلى بولمىغاندىكىن، يەنە كېلىپ قانداق گەپ قىلىش شۇ گەپ قىلغۇچىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولغاندىكىن، بۇنداق مەسىلىنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمۈت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلىدىم، تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر.
بىرىنچى، تىل ئۇ ئالدىن كېلىشىۋېلىنغان نەرسە بولۇپ، چوقۇم مۇشۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلساق، ھەر كىم ئۆز مەيلىچە ئىسلاھ قىلمىساق.
ئىككىنچى،يەرلىك شىۋە ئالاھىدىلىكىمىزنى ئورتاق تىلىمىزغا سۆرەپ كىرمىسەك، ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلغان ئاساستا تىل ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك.
ئۈچىنچى،ئاتا-ئانىلار ئائىلىلەردە پەرزەنت تەربىيەسىنى كۈچەيتسەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادەتلىرى توغرىسىدىكى يەتكۈزۈش خىزمىتىنىمۇ چىڭ تۇتساق.
تۆتىنچى، پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرى بىرلىكتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشقا تىرىشساق.
|
|