قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1449|ئىنكاس: 1

تەرجىمىشۇناس باباخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

0

دوست

3462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  128
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 792
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 11:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
نوپۇزلۇق تەرجىمىشۇناس، ئاتاقلىق تەرجىمان
مەرھۇم باباخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى

(مۇھەممەت يۈسۈپ)

          مەملىكىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاتاقلىق تەرجىمان، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخسىسلەر تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان ئالىي تەرجىمان باباخان ئىسكەندەر 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي  بېيجىڭدا ۋاپات بولدى. مەن چوڭقۇر ماتەم قايغۇسى ئىلىكىدە دىيارىمىزدىن چىققان بۇ مۆتىۋەر زاتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۈرۈمچى ۋە پايتەختىمىز بېيجىڭدا بىر ئۆمۈر تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قان-تەر ئاققۇزۇپ، مەملىكەت بويىچە نوپۇزلۇق تەرجىمىشۇناس بولۇشقا مۇناسىپ بولغان ئىش-ئىزلىرىنى كۆرگەن- ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ،بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستاز بىلەن 80-يىللاردا جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىدا بىر نەچچە يىل بىللە خىزمەت قىلىپ بىلگەنلىرىم ۋە ئالاقىدار پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ئاساسىدا باباخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىشنى لايىق تاپتىم.
         باباخان ئىسكەندەر 1931-يىلى 10-ئايدا قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىدە ئوقۇغان. باباخان تولۇق كۇرسنى 1950-يىلى ئازادلىقتىن كېيىن 1-قارار پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقان. 1950-يىلى 2-ئايدىن 1963-يىلى 12-ئايغىچە، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى، 1963-يىلى 12-ئايدىن 1973-يىلى 6-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا تەھرىر، تەرجىمان، 1973-يىلى 6-ئايدىن 1979-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە گۇرۇپپا باشلىقى بولغان. 1979-يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1979-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ھۆججەت، ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش –بېكىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە گۇرۇپپا باشلىقى، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1993-يىلى 12-ئايدا ئالىي تەرجىمانلىق ئۇنۋانى ئالغان ، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا پېنسىيىگە چىققان.

            باباخان خىزمەتكە قاتناشقاندىن باشلاپ دەم ئېلىشقا چىققىچە بىر ئۆمۈر ئىزچىل تەرجىمە خىزمىتى، نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باشتىن- ئاخىر تىرىشىپ ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىق، تەرجىمە، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.ئالىي تەرجىمان باباخاننىڭ تەرجىمە خىزمىتىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك، تۆھپىسى زور بولغاچقا 1993-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر ئالاھىدە تەمىناتىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن « نوپۇزلۇق تەرجىمىشۇناس » دېگەن يۈكسەك نام- شەرەپكە نائىل بولغان . ئۇنىڭ ئىش –ئىزلىرى « جۇڭگو تەرجىمە لۇغىتى»، « شىنجاڭ ھازىرقى زامان تەرجىمە تارىخى » ، « قۇمۇل ئۇيغۇر مەشھۇر كىشىلىرى» ( مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلىش ئالدىدا ) قاتارلىق لۇغەت، كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن. « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » ژۇرنىلىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان.

       باباخان ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن تەرجىمە خىزمىتىگە بېغىشلاپ، بىر تەرەپتىن مۇستەقىل تەرجىمە قىلسا، بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى تەكشۈرۈپ تەھرىرلەپ بېكىتتى، تەشكىلدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى سان، سۈپەتكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ ئورۇنداپ، نۇرغۇن قېتىم تەقدىرلەندى.
        ئاتاقلىق تەرجىمان باباخان جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان ئون نەچچە يىلدا كوللېكتىپ تەرجىمە قىلغان ۋە تەرجىمىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشقان ئەسەرلىرىدىن: ماركس - ئېنگلىس ئەسەرلىرىدىن تاللانما، لېنىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما ، ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما(2-نەشرى )،جۇئىنلەي ئەسەرلىرىدىن تاللانما،  دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما ، ماۋزېدۇڭ ئاخبارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما، چېن يۇن ماقالىلىرىدىن تاللانما، جۇدې ئەسەرلىرىدىن تاللانما ، ماۋزېدۇڭنىڭ خەت- چەكلىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ، بۇرژۇئازىيىچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرايلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلار توپلىمى ، « فرانسىيىدە ئىچكى ئۇرۇش>نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە شەرھى» ، « <دۆلەت ۋە ئىنقىلاب >نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە شەرھى »، « كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە شەرھى » قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا، باباخان پايتەختتە خىزمەت قىلغان 10نەچچە يىلدا مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتايلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىنىڭ ماتېرىيال- ھۆججەتلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەپ بېكىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە پارتىيىنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن -سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش- تارقىتىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.


        باباخان يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن « ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ، « سۇ بويىدا » ( 2-نەشرىنى تۈزىتىپ بېكىتىشكىمۇ قاتناشقان) قاتارلىق تارىخىي رومانلارنىڭ كوللېكتىپ تەرجىمىسىگە قاتناشتى، ئۆز ئالدىغا لافارىگىنىڭ « ماركسنى ئەسلەش »، ھېنرى مورگاننىڭ « قەدىمكى جەمئىيەت » (ئىككى كىتاب )، بىراندىنىڭ «جېننى قىز » قاتارلىق چەتئەل داڭلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇپ ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تەقدىم قىلدى. باباخان يەنە فاڭ جىمىڭنىڭ « سۆيۈملۈك جۇڭگو »، ليۇ بەييۈنىڭ « جىڭمىڭنى توپقا تۇتۇش »، قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەر < كىتاب > لارنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.

       باباخان كەمتەر، سەمىمىي ۋە چىقىشقاق بولۇپ، كىشىلەرگە قولىدىن كەلگەنلىكى ياردىمىنى ئايىماي خۇش قىلاتتى، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش تەرجىمانلارنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېقىندىن ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرجىمە سېپىدىكى تايانچ تەرجىمانلاردىن بولۇپ قېلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمە مۇنبىرىدىكى چولپان يۇلتۇز، خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئۇستاز باباخانغا قايغۇلۇق تەزىيەمنى تۆۋەندىكى بىر كوپلىت مەرسىيەم بىلەن بىلدۈرۈپ ماقالەمنى ئاياقلاشتۇردۇم.


ئەلۋىدا باباخان، ئۇستاز تەرجىمان،
بىر ئۆمۈر تەر تۆكۈپ قالدى نامىڭىز.
خەلقىمنىڭ قەلبىدە، ھۆرمەت تۆرىدە،
ئۇنتۇلماس نامىڭىز، شەرپ-نامىڭىز.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئاتاقلىق تەرجىمان ،تەتقىقاتچى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى باغداش تورى بېكىتى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە يوللايمىز ، مەزكور ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ باغداش تورىنى قوللاش يۈزىسىدىن باغداش تورىغا بەرگەن ئەسەرلەر بولۇپ باشقا تورلاردا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ ، بايقالسا مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
   باشقا ئەسەرلەرنى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلىمىي ماقالىلىرى سەھىپىسىدىن كۆرۈڭ : باشقا ئەسەرلەر داۋاملىق يوللىنىدۇ!



20

تېما

0

دوست

2142

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 17:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى باباخان ئىسكەندەرنى يات ئىتىمىز. ياتقان يىرىڭىز جەننەتتە بولسۇن
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )