قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1578|ئىنكاس: 5

ئاخىرلاشقان ھاكىميەت-قىزىل كېخمىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

599

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 23:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاخىرلاشقان ھاكىميەت-قىزىل كېخمىر

            شەرقى جەنۇبى ئاسيادىكى قىزىل كېخمىرھاكىميىتى(كېخمىرچەKhmaey Krahom)بولسا،1950-يىلى ھېندۇنۇزىيە كومپارتىيسىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان سولقانات ھاكىميەت،بۇ ھاكىميەتنىڭ نامى بولسا كېخمىر كومپارتىيسى(1966-يىلى ئۆزگەرتىكەن).بۇھاكىميەت مەۋجۇدبولغان1975-يىلدىن1979-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇرۇش ، چارچاش ، كىسەللىك،ئاچارچىلىق  قاتارلىق سەۋەبلەردىن كامبۇدېژادا 400000 دىن3مىليونغىچەئادەم ئۆلگەن دەپ قارىلىدۇ.بۇ 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئاپەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.كېخمىر بولسا كامبۇدېژانىڭ كونا نامى بۇلۇپ ،<<قىزىل كېخمىر>>بولسا سىخانوكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سول قانات كۈچلەرگە قويغان لەقىمى.بۇ پارتىيە ئۆزنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ .ئىنقىلاپ قىلىپ ھاكىميەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ،بىر پارتىيە دېكتاتۇرلىقىدىكى ھاكىميەت يۈرگۈزگەن،ئۇباش مىنىستىر بولغاندا جوڭگو بىلەن تايلاندىنىڭ مۇئەييەن ياردىمىگە ئېرىشكەن ،  دۆلەت ئىچىدە ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئېغىر دەرجىدە قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزگەن، بۇ پارتىيە 1981-يىلى12-ئاينىڭ8-كۈنى پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇپارتىيە كوممۇنىستىك پارتىيە بولسىمۇ ، لىكىن چىكىدىن ئاشقانسول قانات ھاكىميەت يۈرگۈزگەن،بۇپارتىيە ماركىسىزىم-لېنىنزىم ۋە مازېدۇڭ ئىديىسىنى ھەركەت قىبلىنامىسى قىلغان بولسىمۇ،لىكىن خارەكتىر جەھەتتىن  چىكىدىن ئاشقان سول قاناتلارغا ۋەكللىك قىلىدۇ . ئۇلار ساپ كوممۇنىزىمنى يولغاقويۇشنى،كاپتالىزىم بىلەن شەخسى مۆلۈكنى يوقتىشنى تەشەببۇس قىلغان.گەرچە كۆز قارشى جوڭگو بىلەن بەزى جەھەتتىنئوخشاش بولسىمۇ،بىراق ئۇلار شەھەرلەرنى يوقىتىش،پۇلنى يوقىتىش،نورمال ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنى يۇقىتىش،ھەممىنى ھۆكۈمەت كونتىرول قىلىشنى يولغا قويۇپ،ساپ سوتسىيالىزىم قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ كوممىنىزمنىڭ شۇئارى ئەمەس،ھەرگىزمۇ لېنىنزىم ۋە ماۋزېدۇڭ ئېدىيىسى ئەمەس، ھەرگىزمۇ كوممىنىزىم ئەمەس،شۇڭا بۇ ھاكىميەت ئاخىرىدا مەغلۇپ بۇلۇپ ،كامبۇدېژادىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمىنىغاچىكىنىپ  پارتىزانلارچە ئۇرۇش قىلىپ ،كامبۇدېژانىڭ خەلىق سايلىغان مەركىزى ھاكىميەت بىلەن قارىشلاشقان . ئىچكى ئۇرۇش داۋامىداكۈندىن-كۈنگە پايدىسىز ئۇرۇنغا چۈشۈپ قېلىپ  ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بۇلۇپ،خەلىقئارا سوتنىڭ ھۆكىمىگە چۈشكەن.

        بۇ ھاكىميەتنىڭ كىلىپ چىقىش جەريانى بولسا 1949-يىلى20نەپەركامبودېژالىق ياش كامبۇدېژانىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ،فىرانسىينىڭ پارىژغائوقۇغقا بارغان  (كامبۇدىژا بۇ چاغدافىرانسىينىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى).بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر دېھقان ئوغلى بار بولۇپ ،بۇياشنىڭ ئىسمى سالونزار ، كىيىنكى ئىسمى بوربۇت ئىدى (بىراق ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بوربۇتدىگەن ئىسمىنى ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىمۇ بىلمەيتتى. 1975-يىلدىن باشلاپ بوربۇت دىگەنئىسىم كامبۇدېژانى تىتىرەتكەن ئىسىمگە ئايلاندى). شارلۇتجاۋ پارىژغا بارغاندىن كىيىن بۇرۇن بارغان كامبۇدېژالىق ئوقۇغۇچلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،<<كامبۇدېژائوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى>>گە قاتناشقان.1950-يلى شارلۇتجاۋ  <<كامبودېژا كومپارتىيسى>>نىقورغان.1956-يىلى دۆلەتكە قايتىپ يەر ئاستى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان.كىيىنبارا-بارا كۈچيىپ 1976-يىلى ھاكىميەت بېشىغا چىقىپ باش مىنىستىر بولغان ،كىيىن1979-يىلى ۋېيتنام بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ،شۇنىڭ بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشقا كۆچكەن. .
       قىزىل كېخمىرنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەۋرى بولساكامبۇدېژانىڭ پۇقرالىرىنى تىتىرتىدىغان دەۋىر. كامبۇدېژانىڭ كومپارتىيسى بولۇشسۈپىتى بىلەن سوچىل چىكىدىن ئاشقان ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەۋىردە 400000دىن3مىليونغىچە ئادەم ئۆلگەن. بۇ سان كىشىنى ھەققەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇردۇ. ئۇلارنىڭيولغا قويغان سىياسىتى نامدا سوتسىيالىزىم بولسىمۇ ، ئەمەليەتتە باشتىن-ئاخىرماركىسىزم-لېنىنزىم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيسىگە ۋە ئەڭ ئاددى بولغان ئىنسانى كۆزقاراشلارغا زىت بۇلۇپ ، بۇنىڭ زادى قانداق ھاكىميەت ئىكەنلىكىنى تورداشلارنىڭئۆزنىڭ تەكلىپ بىرىشىگە قويدۇم ، مەن بۇنىڭغا ئاجىز كىلىپ قالدىم.بۇنداق جاللاتھاكىميەتنىڭ يولغا قويغان سىياسىتى دەل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جاللات كاتتىۋېشى، ئادەمخورسىتالىن يولغا قويغان <<مەجبۇرى كولخوز>>نىڭ نەق ئۆزى بۇلۇپ، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندا سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئېغىر ئاچارچىلىق بولۇپ،ئىنتايىنكۆپ كىشى ئاچلىقتىن ئۆلگەن،قىزىل كېخمىر كامبۇدېژاغا ھاكىميەت يۈرگۈزگەندە ،ئۇلارنىڭ يولغا قويغان سىياسىتى ئاللىقاچان خاتا ئىكەنلىكى ناھايتى ئېنىقبولغان.ئۇندىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى سىياستىنىڭ بەزلىرىنى(نورمالئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنى بىكار قىلىش سىياسىتى) ھەتتا سىتالىندەكلەرمۇ يولغا قويۇشقاجۈرئەت قىلالمىغان.شۇڭا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،ئورمانلىقتىكى پارتىزانلىق ھاياتىدىمۇ بارا-بارا مەغلۇپ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا خەلىقئارالىق سوتنىڭ ئالدىدا باشئەگدى.كامبۇدېژانىڭ ھازېرقى باش ۋەزىرى خوڭسىن قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئۆزۋاقتىدىكى قىزىل كېخمىرنىڭ ئەمەلدارلىرى.
2003-يىلى خەلىقئارا سوت قىزىل كېخمىرنىڭ ئاخىرقىكاتتىۋاشلىرىنى سوتلىدى،شۇندىن باشلاپ قىزىل كېخمىر تارىخ ساھەسىدىن چىكىندى.بۇ ئارقىلىقكامبۇدېژا خەلىقى شۇنى بىلدىكى: كامبۇدېژا ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشتىن كىيىنتىنىچلىقنىڭ تەمىنى تېتىدى.ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىچىكىئۇرۇشنى قىلىشى تارىخنىڭ قاغىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كامبۇدېژا خەلقىگەتۇنۇتتى.ھازىرقى كامبۇدېژانىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ ،خەلىقھاكىميەتتىن رازى.
         خەلىقئارا سوتتىن كىيىن ئامېرىكا،ئاۋېستىرالىيە،گوللاندىيلەرنىڭ ياردىمىدە كامبۇدىژادىكى  170ناھيىنىڭ ئىچىدىكى81ناھىيدە پاكىتقا ئاساسەن تەكشۈرۈلۈپ،9130جەسەت ئورىكىتەكشۈرۈلۈپ،1500000دانە جەسەت سۆڭكى تېپىلدى. بۇنىڭ ھەممىسى قىزىل كېخمىرنىڭ ھاكىميەت تۇتقاندىكى ئەكسىيەتچى سولچىل ئىدىيسىگە قارشى تۇرۇپ ،ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەت سۆڭىكى.

0

تېما

5

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25733
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 14:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋانىزىم ھاكىميىتى دېسەك بولغىدەك ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

2

دوست

6964

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   39.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 1703
توردىكى ۋاقتى: 393
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 15:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ خەلقنىڭ بېشىغا چىققان سېسىق نامى پۇر كەتكەن قىزىل پاچاق باندىتلارنىڭ ۋاقتىدا جەھەننەمگە يوللانغىنى ناھايتى ئۇلۇغ ئىش بولۇپتۇ.

0

تېما

3

دوست

1973

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 580
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 16:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  ئادەم ئەمەسلا نەرسىكەنغۇ  

0

تېما

2

دوست

1059

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 22:48:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سولتەكسىيالىزىم

0

تېما

0

دوست

1028

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23271
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:35:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaribag يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 22:48
سولتەكسىيالىزىم

ئالىي ئىكاس ، ئەگەشتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )