قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1847|ئىنكاس: 17

«ئىسلامىيەتنىڭ قىران دەۋرى»-خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

4

دوست

3083

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 975
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 02:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



    ئىلاۋە : ئەسسالام ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، يېقىندىن بۇيان ئۆزۈم تەرجىمە قىلۋاتقان مسىر ئەزھەر ئونۋېرىستېتىنىڭ مەشھۇر ئەللامەسى ئەھمەد ئەمىننىڭ «ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى» ناملىق 8 توملۇق ئەسەرنىڭ 5-تومى، يەنى «ئىسلامىيەتنىڭ قىران دەۋرى» نىڭ 1-تومىنى تەرجىمە قىلىپ، تەرجىمە خىزمىتىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. شۇڭا، مۇنبەرداشلارغا تەرجىمە قىلۋاتقان بۇ ئەسەرنىڭ بىر بابىنى كۆرۈپ بېقىشڭلارغا سۇندۇم. ئۆزۈم بۇ ساھەنىڭ كەسىپ ئەھلى بولمىغاچقا، تەرجىمىدە خاتالىقلارنىڭ مەۋجۇت بولىشى تەبئىي، ئەسەردە ئۇچرايدىغان يەر-جاي ناملىرى ياكى ئادەم ئىسملىرىنى توپتۇغرا تەرجىمە قىلىش مۇمكىن بولماي قالدى، مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىلارنى ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن.





3-باب  خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر


      خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونى سامانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىنتايىن گۈللەنگەن. سامانىيلار خانلىقى ھىجىرىيە 261-يىلى (مىلادىيە 874-يىلى) دىن ھىجىرىيە تاكى 389-يىلىغچە (مىلادىيە 998-يىلىغىچە) جەمئىي 128 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.
       سامانىيلار خانلىقىنىڭ خانلىرى پارىس بولۇپ، ئەسلىي يۇرتى بەلخ، يەنى بەھرامجۇردىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خەلىپە مەئمۇن سامانىيلار جەمەتىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى تۇنۇپ يەتكەن، شۇڭا ئۇ سامانىيلار جەمەتىنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان. سامانىيلار جەمەتىنىڭ داھىيسى ئەسەد ئىبىن ساماننىڭ تۆت ئوغلى، يەنى نوھ، ئەھمەد، يەھيا ۋە ئىسمايىللار، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەمەرقەنت، پەرغانە، شاش (تاشكەنت) ۋە ھېرات قاتارلىق جايلارغا مەمۇرى ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسگە تەيىنلەنگەن. كېينكى مەزگىلدە، سامانىيلار جەمەتىنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى كېڭىيىپ، كونتىرول دائىرىسى چوڭ قۇملۇقتىن پارىس قولتۇقىغىچە، ھىندىستاندىن ئىراققىچە يېتىپ بارغان. لېكىن ئەڭ مۇھىم تېرىتورىيسى يەنىلا ماۋەرائۇننەھىر ۋە خۇراسان رايونىغلا مەركەزلەشكەن. سامانىيلار خانلىقى ئادىل، مۆتىدىل ۋە ئىلىم-پەننى قوللاشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر.
      خۇراسان رايونى تۆت رايوندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەركىزى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نىشاپۇر، مەرۋە، ھېرات ۋە بەلختىن ئىبارەت. خۇراساننىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن نىشاپۇر، بۇساقى، بۇست، شىرىستان، ھېرات، مەرۋە، سەلىخىس، نىسا، تۇس، ئەبيۇرد قاتارلىقلار بار.
سامانىيلار كونتىرول قىلغان يەنە بىر قىسم رايون بولسا ماۋەرائۇننەھىردۇر يەنى ئامۇ دەرياسىنىڭ سىرتىدكى رايونلاردۇر. بۇ رايون مۇنۇ بەش رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) سوغدىيانا: سوغدىيانانىڭ بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئىبارەت ئىككى مەركىزى بولغان؛(2) سوغدىيانانىڭ غەرىبىدىكى خارەزىم، يەنى بۈگۈنكى خۇرۇم؛ (3) سائانىيە، (4) فەرغانە؛ (5) شاش، يەنى ھازىرقى تاشكەنت.
ماۋەرائۇننەھىردىكى مەشھۇر شەھەرلەردىن پەرغانە، ئىسپىجاپ، شاش، ئەسلۇس، سەمەرقەنت، بۇخارا، فاراب، تەرىز، سائانىيە ۋە كاسانى، خارەزىم، شۇنداقلا زەمەخشەرى ۋە جۇرجا قاتارلىقلار بار.
     مەشھۇر جۇغراپىيەشۇناس مەقدىش خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونىنى «شەرقىي رايون» دەپ ئاتىغان، ئۇ ئىلگىرى سامانىيلار خانلىقى دەۋرىدە بۇ رايونغا كەلگەن ھەمدە بۇ رايون ھەققىدە بايانلارنى قالدۇرغان، نۆۋەتتە بىز قىسمەن ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: «شەرقىي رايون بولسا ئەخلاق خەزىنىسى، ئىلىم-پەن يۇرتى، ئىسلامىيەتنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدۇر، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ قورغىنىدۇر. شەرقىي رايوندىكى خانلىقلار ئەڭ ياخشى خانلىقدۇر، شەرقىي رايوندىكى ئەسكەرلەر ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسكەرلەردۇر، شەرقىي رايوندىكى فىقھىشۇناسلار خانلىقنىڭ قابىلىيەتلىك كىشلىرىدۇر.»
مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇللا  دىنىي تەشۋىقاتچى ئۇستازلىرى ھەققىدە: «سىلەر چوقۇمكى خۇراسانغا بېرىشڭلار كېرەك، ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسى كۆپ. ئۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ خاراكتېرى قەتئىي، ئاق كۆڭۈل، قەلبى ساپتۇر. ئۇلار ئاچكۆزلۈكنىڭ بۇلغۇنىشىغا ئۇچرىمىغان، چۈشكۈن كەيپىياتنىڭ چىرتىشىكە ھەم مەزھەپلەر بۆلۈنىشنىڭ تەسىرگىمۇ ئۇچرىمىغان. خۇراسانلىقلار بولسا تۇغلىشىدىنلا ئەسكەردۇر، ئۇلارنىڭ يۈزىدە قاپقارا ساقال-بۇرۇتلىرى بار، بەدىنى قاۋۇل، مۈرىلىرى كەڭ، بەللىرى چوڭ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق ھەم سۈزۈك ئاڭلىندۇ.»-دەپ يازغان. خۇراسانلىقلار ئۈمەييەلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئۈمەييە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىكى ئاساسىي كۈچ بولغان، ھەم ئۇلار خەلىپىلىك ئورنىنى ئابباسىيلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
مەقدىش: مەن ئەدۇد دەۋلەنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بىر كىتابنى ئوقۇدۇم، ئۇ كىتابتا خۇراساننى مۇنداق بايان قىلغان ئىدى، يەنى: «خۇراساننىڭ ھاۋاسى ياخشى، سۇيى، تۇپرىقى ياخشىدۇر؛ خۇراساننىڭ ھۆنەر-سەنئىتى ۋايىغا يەتكەن، شەكلى نەپىسدۇر؛ خۇراساننىڭ قۇرال-ياراقلىرى سەرخىل، سودا ئىشلىرى گۈللەنگەن، ئىلىم-پېنى تەرققىي قىلغان، دىيانىتى پاكتۇر، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركلەردىن ئۈستىن تۇراتتى. خۇراسانلىقلار فىقھى ئىلىمىگە ئەڭ پىششىق كىشلەردۇر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھەقىقەتتە چىڭ تۇردىغان كىشلەردۇر، ئۇلار ھەق-ناھەقنى، ياخشى-ياماننى ئېنىق ئايرىيدۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىت، ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ئەرەبلەرگە بەكمۇ ئوخشىشىدۇ. خۇراسانلىقلاردىن ئاتاقلىق كىشلەر كۆپ مەيدانغا كەلگەن، دانىشمەنلەر شۇنداق كۆپتۇر، خۇراساننىڭ ئىلىم-پېنى ۋە بايلىقى ھەممىزىگە ئاياندۇر. خۇراساننىڭ شەھەرلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك، دۇنياغا داڭقى كەتكەن مۇر، ھەممىدە دېگۈدەك ۋايىغا يەتكەن بەلخ، كىشىگە ئۇنتۇلغىسز تەسىر قالدۇردىغان نىشاپۇرلارنىڭ ھەممىسى خۇراساندۇدۇر.»-دېگەن.  
       مەقدىش يەنە: «خۇراسان ئىلىم-پەن تەرققىي قىلغان، فىقھى ئىلىمى ئەڭ يۈكسەلگەن ئۆلكىدۇر. ئۇ يەردىكى ۋايىزلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى نام-شۆھرىتى بار بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايتىمۇ باي ئىكەن. خۇراساندا نۇرغۇن يەھۇدىيلار بار بولۇپ، لېكىن ئىنتايىن ئاز ساندىكلىرىلا ناسارا ئىكەن. ئەلى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ ئەۋلادلىرى خۇراساندا ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىكەن، خۇراساندا ھاشىم جەمەتىدىكى  كىشلەرنى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرگىلى بولمايدىكەن. خۇراسانلىقلاردا مەزھەپلەر كۆپ بولۇپ، خاۋارىجلار مەزھىپى كۆپرەك شىرستان ۋە ھېرات شەھەر رايونلىرىغا تارقالغان ئىكەن. نىشاپۇردا مۇھىتەزىلەر مەزھىپى بار ئىكەن، لېكىن ئۇلار ئۈستۈنلىكىنى ئىگەللىمەيدىكەن، ئەكىسچە شىئە مەزھىپى بىلەن قارامىيە  مەزھىپىدىكلەرنىڭ تەسىر كۈچى زور ئىكەن. خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونىدا، شاش (ھازىرقى تاشكەنت)، تۇس، نەسا، ئەبيۇرد قاتارلىق جايلار شافىئي مەزھىپىگە تەۋە بولغاندىن سىرىت، كۆپ قىسم رايونلار ھەنەفى مەزھىپىگە تەۋە. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھېرات، شىرىستان، شەھرىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ شافىئي مەزھىپىنىڭ مەلۇم تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەن.
       خۇراسانلىقلارنىڭ دىنىي مۇراسىمى ئەرەبلەر رايوندىكى بىلەن بەزى ئوخشىماسلىقلار بار، مەسىلەن، خۇراسانلىقلار مۇئەززىن ئۈچۈن مۇنبەر ئالدىغا بىر كارۋات قويىدىكەن، مۇئەززىن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ئەزان توۋلايدىكەن. ئىمام ۋەز-تەبلىغ قىلغاندا ئالدىغا سۆزلەيدىغان دەپتىرىنى ئىشلەتمەيدىكەن، ھەم ئۇ بۇيىچە ئوقىمايدىكەن...... نىشاپۇردا يەنە بىر قىسم ياخشى ئۇسۇللار بار ئىكەن. مەسىلەن، ھەر يەكشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنى ئەرز-شىكايەت يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇۋال بولغۇچى كىشى ئەرزنامىنى تاپشۇردىكەن. يىغىلىشتا، يەرلىك ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارى ياكى چوڭ ئەمەلدار رىياسەتچلىك قىلدىكەن، قازىلار، مەمۇرى ئەمەلدارلار، ئالىملار ۋە ئاتاقلىق كىشلەر قاتىنىشپ ئاڭلايدىكەن؛ دۇشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى «ئۈمىد مەسجىدى» دە ھۆكۈم قىلىش ئېلىپ بېرىلدىكەن.
      خۇراسان بىلەن ماۋەرائۇننەھىر رايونىنىڭ تىل پەرقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن، نىشاپۇرنىڭ تىلى بىر قەدەر ساپ بولۇپ، ئاڭلاپ چۈشەنگىلى بولىدىكەن، لېكىن نىشاپۇرلىقلار كۆپىنچە ھەر بىر سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرىپىنى ... تاۋۇش بىلەن ئۇقۇيدىكەن، ئاڭلىماققا شۇنداق يۇمشاق؛ تۇس بىلەن نەسئالىقلارنىڭ تىلى ئەڭ ساپتۇر؛ شىرىستاننىڭ تىلى ئاڭلاپ چۈشەنمەك تەسكەن، كىشلەر سۆزلەشسە، خۇددىي ئۇرۇشۋاتقاندەك، ئاۋازى شۇنداق چوڭ ھەمدە ئاۋاز كۆكرىكىدىن چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن، باسىتنىڭ تىلى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، لېكىن ھېراتنىڭ تىلى بولسا بىر ئاز قوپال ئىكەن؛ بەلخنىڭ تىلى ئەڭ ياخشى، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولمىغان قوپال سۆزلەرمۇ بار ئىكەن.
      خۇراسان بىلەن ماۋەرائۇننەھىردىكى مەزھەپ تالاش-تارتىشىشى ئېغىر بولۇپ، شىئە مەزھىپى بىلەن قارامىيە مەزھىپى، شافىئي مەزھىپى بىلەن ھەنەفى مەزھىپى ئوتتۇرسىدا ئۈزلۈكسىز قانلىق تۇقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەتتا دائىرلەرنىڭ بىۋاستە ئارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خۇراسان بىلەن ماۋەرائۇننەھىر رايونىدىكى مەمۇرى، دىنىي چوڭ ھوقۇق سامانىيلار جەمەتىنىڭ قولىدا ئىكەن، سامانىيلار جەمەتى ئەڭ يىراقنى كۆرەر جەمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. سامانىيلار جەمەتىدىكلەر ئىلىم-پەننى قەدىرلەپ، ئىلىمدارلارنى ھۆرمەتلەيدىكەن؛ «سامانىيلار جەمەتى» دېگەن بۇ سۆز ھەتتا ماقال-تەمسىل، ھېكىمەتلىك سۆزلەرگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئالايلۇق، كىشلەر: «دەرەخ سامانىيلار جەمەتىدىن ئايرىلدىكەن ئۇ قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كېتىدۇ.» دېيشىدىكەن. (بۇۋەيىد سۇلالىسى) ئەدۇد دەۋلە بولسا شۇنداق كۈچلۈك، ئۆزىنى جاھاندا بىر ھېسابلايدىغان كىشى ئىدى، ھەم ئۇ قۇدىرەت تاپقان مەزگىلدە، يەمەن، سېندىي قاتارلىقلارمۇ خۇتپە كۈنىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تىلەكلەرنى تىلىگەن، ئەدۇد دەۋلە ئوماننى بويسۇندۇرۇپ، ئېرىشمەكچى بولغاننىڭ ھەممىسىگە ئېرىشتى. لېكىن، ئۇ قوشۇن باشلاپ خۇراسان ۋە سامانىيلارغا يۇلۇققان چاغدا، ئۇلار ئۇرۇشتا تىرەپىرەن بولۇپ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. ..... سامانىيلار رامىزان مەزگىلىدىكى ئىلىم -پەن يىغىلىشىدا، ئەمىرلەر ئۆزلىرى قەدەم-تەشىرىپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئاۋۋال سۇئال ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئالىملارنى جاۋاب بېرىشكە ئۈندەيدىكەن...... سامانىيلار فىقھى جەھەتتە ھەنەفى فىقھىسىغا ئەمەل قىلدىكەن.»-دەپ يازغان.


                                                            *            *             *            *

     خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر سانسىز ھەدىسشۇناسلار ۋە فىقھىشۇناسلارنى يېتشتۈرۈپ چىققان، ئۇلارنى ئىلىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ھەدىس ۋە فىقھىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان؛ ئۇلار تۆت ئەتراپقا تارىلىپ، يەرلىكلەرگە ئىلىم ئۆگەتكەن، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئەڭ كاتتاسى ئىمام بۇخارىدۇر، بۇخارى بۇخارا شەھرىدە تۇغۇلغانلىقى بىلەن ئۈچۈن، شۇ نام مەشھۇردۇر. بۇخارى قىبا (پېرسىيە تاغلىق رايونى)، ئىراق، ھىجاز، شام رايونى ۋە مىسر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ھەدىس توپلىغان. ئۇ ھەدىسلەرنىڭ تېكىستى ۋە تارقىلىش مەنبەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ تارىخى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى كۆزىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن....... بۇخارى ئۆزىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ 10 ياش چاغدىلا ھەدىس يادىلاشقا باشلىغان، 16 ياش ۋاقتىدا، ھەدىسلەر توپلىمىنى يادىلاشقا باشلاپ ھەدىسشۇناسلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى توپلىغان. كېيىن ئۇ ئانىسى ۋە ئۇكىسى بىلەن بىرگە مەككىگە ھەج تاۋاپ قىلىشقا بارغان، ھەجىدىن كېيىن ئۇ ئۆزى يالغۇز قېلىپ، مەككە ۋە مەدىنىدىكى ھەدىسشۇناسلاردىن ھەدىس ئۆگەنگەن؛ كېيىن يەنە باشقا جايلارغا ساياھەت قىلغان. ئۇ 16 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۆزى توپلاپ رەتلىگەن تەخمىنەن 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەدىس ئىچىدىن ئەڭ سەھىھ ۋە ئىشەنچىلىك ھەدىسلەرنى تاللاپ چىقىپ، كىتاب تۈزۈپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭغا «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەنلاھى شەرھى» دەپ نام بەرگەن، بۇ ھەدىسلەر توپلىمى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. بۇخارى بەسىرە، باغداد، رەي، خۇراسان، ماۋەرائۇننەھىر، نىشاپۇر قاتارلىق جايلاردا دەرىس ئۆتكەن، ئۇنى ئۇستاز تۇتقانلار نەچچە مىڭ ئادەمگە يەتكەن. «بىدئەتچىلىكنى سوراق قىلىش» ۋەقەسى  جەريانىدا، بۇخارى «قۇرئان» (يەنى لەفىزى) مەخلۇق ئەمەس، لېكىن «قۇرئان» نىڭ خېتى مەخلۇقتۇر دېگەنلىكى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، بۇخارادىن سەمەرقەنتنىڭ ئەتراپىدىكى خارتەنكىگە سۈرگۈن قىلىنغان، بۇخارى ھىجىرىيە 256-يىلى (مىلادىيە 869-يىلى) مۇشۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
      نىشاپۇردىمۇ يەنە بىر كاتتا ھەدىسشۇناس، «سەھىھۇل مۇسلىم ھەدىسلەر توپلىمى» نىڭ تۈزگۈچىسى مۇسلىم ئىبىن ھەججاج نىشاپۇرى مەيدانغا كەلگەن. ئۇمۇ ئىلگىرى ھىجاز، ئىراق، شام رايونى، مىسر قاتارلىق جايارلارغا بېرىپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق ھەدىسلەرنى يىغىپ توپلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ كىتاب تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «سەھىھۇل مۇسلىم ھەدىسلەر توپلىمى» دەپ نام بەرگەن. «بۇ ھەدىسلەر توپلىمى ھەدىس مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە مەزمۇن ۋە تىلىنىڭ ئىزچىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىشتە، «سەھىھۇل بۇخارى» غا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.»  «سەھىھۇل مۇسلىم ھەدىسلەر توپلىمى» ناملىق بۇ ئەسەر نىشاپۇرلۇقلارنىڭ ھەدىس تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى زور مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن. مۇسلىم ھىجىرىيە 261-يىلى (مىلادىيە 874-يىلى) نىشاپۇردا ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇسلىم «قۇرئان» مەخلۇقمۇ ئەمەسمۇ دېگەن مەسلىدە بۇخارىنىڭ كۆز قارىشنى قۇۋەتلەپ، «قۇرئان» مەخلۇق ئەمەس، لېكىن «قۇرئان»نىڭ خېتى مەخلۇقتۇر (يەنى يارتىلغان) دەپ قارىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇستازى بولغان كاتتا ھەدىسشۇناس ئەبۇ ئابدۇللا ئىبىن يەھيا زەھرى نىشاپۇرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇ «قۇرئان» نىڭ خېتىمۇ مەخلۇق ئەمەستۇر دېگەن.
     خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونى، بولۇپمۇ نىشاپۇردا نۇرغۇن ھەدىسشۇناسلار مەيدانغا كەلگەن، بىز بۇ يەردە بىرمۇ-بىر بايان قىلمايمىز. بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كاتتا ھەدىسشۇناس قوزغىغان ھەدىس تەتقىقات قىزغىنلىقى بۇ جايدا نەچچە ئەۋلاتقىچە داۋام قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاقىتتا يەنە، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونىدا نۇرغۇنلىغان ئىجتىھاد  پىشۋالىرى مەيدانغا كەلگەن، مەسىلەن، سەمەرقەنتلىك ئەبۇ ھادىم مۇھەممەد ئىبىن ھەبەنى تەمىم، ئۇ بىر كاتتا ئىمام بولۇپ، ھەدىس ۋە ھەدىس رىۋايەتچىلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھەدىسنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىشكە دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ھەر يەرلەرگە بېرىپ، ھەدىسلەرنى ئىزدەپ توپلىغان، ئۇ «مەن شاشتىن تاكى ئىسكەندىرىيە پورتىغىچە تەخمىنەن 1000 دەك پىشۋالاردىن ئىلىم ئۆگەندىم.»-دېگەن. ئىبىن ھادىم ئىلگىرى سەمەرقەنتنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كىشلەر بەس-بەس بىلەن ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. نۇرغۇن ھەدىسشۇناسلار ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىيدىغان ئاساسىي قىلغان. ئەبۇ ھادىم ھىجىرىيە 354-يىلى (مىلادىيە 965-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبىن مەندىر نىشاپۇرىمۇ بىر ئىجتىھاد ئىقتىدارىغا ئىگە ئىمام بولۇپ، زەھەبى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «ئۇ ھەدىس ۋە ئېتىكا ئىلىمىگە پىششىق ئىدى، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئىجتىھاسىنى تەقلىد قىلمايتتى .»-دەپ يازغان. ئۇ ھىجىرىيە 316-يىلى (مىلادىيە 928-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.
بۇنىڭدىن سىرىت، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونىدا يەنە نۇرغۇن شافىئي مەزھىپى بىلەن ھەنەفى مەزھىپىنىڭ فىقھىشۇناسلىرى مەيدانغا كەلگەن. شاشتىكى مۇھەممەد ئىبىن ئەلى جەففارى شافىئي مەزھىپىنىڭ چوڭ فىقھىشۇناسى، ئۇ ئەينى دەۋردە پۈتكۈل ماۋەرائۇننەھىر رايونىنىڭ چوڭ ئىمامى، يەنى شافىئي فىقھىسىنىڭ مۇشۇ جايدىكى تارقاتقۇچىسى، مۇھىتەزىلەر مەزھىپىنىڭ قوللىغۇچىسى دەپ قارالغان، ئۇنىڭ فىقھى ۋە دىنىي ئەھكاملارغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ رۇملۇقلارغا قىلغان ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ، قوماندان تەندىڭ قورغىنىغا قامالغان، كېيىن قويۇپ بېرىلىپ دۆلىتىگە قايتقان. ئۇ ھىجىرىيە 365-يىلى (مىلادىيە 975-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەسلىي يۇرتى ئىسفاھانلىق ئەبۇبەكرى ئىبىن پۇرقى بولسا بىر ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان دىنىي ئەقىدەشۇناس، ئەشھەرىنىڭ  قوللىغۇچىسى. ئۇ رەيدىكى ۋاقىتتا نۇرغۇن مۇھىتەزىلەرنىڭ سۆزلىرىنى قىلغانلىقى تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، لېكىن ئۇ نىشاپۇرلۇقلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ قۇرۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ ۋەز ئېيتىشقا تەكلىپ قىلغان. ئەبۇبەكرى ئىبىن پۇرقى 100 گە يېقىن ئەسەر يازغان بولۇپ، ھىجىرىيە 406-يىلى (مىلادىيە 1015-يىلى) نىشاپۇردا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبىن ھۈسەيىن بەرەقى بولسا «قۇرئان»نى يادىقا بىلدىغان شافىئي مەزھىپىنىڭ فىقھىشۇناسى، ئۇ ھەرقايسى جايلارنى كېزىپ چىققاندىن كېيىن ئۆز يۇرتى بەرەقىگە قايتىپ كېلىپ قېتىرقىنىپ كىتاب يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، 1000 پارچىگە يەتكەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ شافىئي مەزھىپى پىشۋالىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاپ مەجمۇئە قىلىپ، 10 توملۇق «شافىئي مەزھىپىنىڭ تۇلۇق توپلىمى» نى تۈزۈپ چىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ھەدىسلەر قامۇسى»، «ھەدىسلەر»، «پەيغەمبەرلىك بىشارىتى»، «شافىئيلارنىڭ تۆھپىسى» قاتارلىقلار بار. كېيىن ئۇ نىشاپۇرغا تەكلىپ قىلىنىپ، دەرىس ئۆتكەن، ھەمدە ھىجىرىيە 458-يىلى (مىلادىيە 1066-يىلى) نىشاپۇردا ئالەمدىن ئۆتكەن.
      ھەنەفى مەزھىپىنىڭ مەشھۇر پىشۋاسى ئەبۇ مەنسۇر ماتۇلىد بار، ئۇ ئەقىدەشۇناسلىق جەھەتتىكى نۇرغۇن تەشەببۇسلىرى شافىئي مەزھىپىنىڭ فىقھىشۇناسى ئەشھەرىنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولۇپ، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆزلىرى بەرپا قىلغان ئېقىملار سۇننىي مەزھەپ ئەقىدىسىنىڭ ئىككى مۇھىم تۈۋرۈكىدۇر. ماتۇلىدنىڭ مۇھىم ئەسەرلىردىن «ئاللاھنى بىر دەپ تۇنۇش نەزىرىيىسى»، «مۇھىتەزىلەر مەزھىپىنىڭ خام-خىياللىرى»، « فىقھىنىڭ مەنبەسى»، «فىقھى پرىنسىپلىردىكى مۇنازىرىلەر توپلىمى» قاتارلىقلار بار. ماتۇلىد سەمەرقەنتنىڭ يېنىدىكى ماتۇلىددا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ ھىجىرىيە 333-يىلى (مىلادىيە 944-يىلى) ماتۇلىددا ۋاپات بولغان.
      ئەبۇ لەيىس ناسىر ئىبىن مۇھەممەد سەمەرقەنتىمۇ ھەنەفى مەزھىپىدىكى بىر مەشھۇر فىقھىشۇناسدۇر. ئۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى پىشۋا دەپ ئاتالغان. ھىجىرىيە 373-يىلى (مىلادىيە 983-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.
يۇقىردا بايان قىلىنغان ھەدىسشۇناسلار ۋە فىقھىشۇناسلار بولسا پەقەت خۇراسان ۋە ماۋارەئۇننەھىر رايوندا يېتىشىپ چىققان ھەدىسشۇناسلار ۋە فىقھىشۇناسلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمىدۇر خالاس. ھەدىس ۋە فىقھى ئىلىمىگە ئالاقىدار ئەسەرلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق، زور تۈركۈمدىكى شۇ جاينىڭ يەر نامى بىلەن ئاتالغان ھەدىسشۇناسلار ياكى فىقھىشۇناسلارنىڭ ئىسمىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، بارلاس، سەلەخەش، خارازىمى، سەمەرقەنتى، فارابى، بۇخارى، تىرمىزى، سەكانى، نىشاپۇرى، مەرۋازى، (يەنى مۇلنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، رەيدە تۇغۇلغان كىشى بولسا رازى دەپ ئاتىلىدۇ.)، ئالاۋى، فۇرجانى، زەمەخشەرى، سۇقاتى، بەرەقى، بۇست ۋاھاكىزالار.
مىسر ۋە ئىراقتا سوپىزىمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە ئوخشاش، خۇراسان ۋە ماۋارەئۇننەھىر رايوندىمۇ سوپىلار مەيدانغا كەلگەن، شەقىق بارلاس بولسا خۇراساندىكى ئەڭ بۇرۇنقى سوپىلارنىڭ بىرى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ خۇراساندا تۇنجى بولۇپ روھنى تاۋلاش «ھالىتى» توغرىسىدا سۆزلىگەن كىشىدۇر. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن، يەنى: «مەن 20 يىل <قۇرئان> ئوقۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا پانىي ئالەم بىلەن باقىي ئالەمنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم، بۇنى مۇنداق ئىككى جۈملە سۆزگە يېغىنچاقلاپ ئېيتىشقا بولىدۇ، يەنى ئاللاھ <قۇرئان> كەرىمنىڭ 28-سۈرە (قەسەس) 60-ئايىتىدە: «سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىندىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟» -دېگەندىن ئىبارەت.»
شەقىق بارلاستىن كېيىن، بۇ رايوندا ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدىغان بىر قىسم تەسەۋۇپچىلار مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، ئەبۇ ھاپىز ئۆمەر ئىبىن سالىم ھەدداد نىشاپۇرىدۇر، ئۇ ھىجىرىيە 270-يىلى (مىلادىيە 883-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەبۇ تۇراپ نەقشىبى-ئىلىمى، ھەققانىي ھەرىكىتى ۋە زاھىدلىقى بىلەن نام چىقارغان مەشھۇر خۇراسانلىق سوپىدۇر. ئەبۇ ئەلى جۇرجان «قەلبنى تاۋلاش»، «كۈرەش قىلىش»، «ئىلىم» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان؛ كىتاب سودىگىرى ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبىن ئۆمەر ھاجىم تىرمىزىدا توغۇلغان بولۇپ، بەلخدە تۇرغان. مالامىت مەزھىپىنىڭ پىشۋاسى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبىن مەناچىر (麦纳齐勒) نىشاپۇرى ھىجىرىيە 329-يىلى (مىلادىيە 940-يىلى) نىشاپۇردا ۋاپات بولغان؛ ئەبۇ ئابباس ئىبىن قاسىم ئىبىن مەھدى مۇلدا تۇغۇلغان، ئۇ خۇراسان رايونىدا ئەڭ بۇرۇن روھنى تاۋلاش «ھالىتى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيتى ھەققىدە سۆزلىگەن سوپىدۇر، ئۇ ھىجىرىيە 342-يىلى (مىلادىيە 953-يىلى) ۋاپات بولغان.
  
                                                                *            *            *            *


        خۇراسان ۋە ماۋارەئۇننەھىر رايونىدىكى پەلسەپە ھەرىكتىمۇ ئىنتايىن جانلانغان. بۇ ئاساسلىقى مۇنۇ ئىككى بۈيۈك شەخىس، ئەبۇ زەيىد بارلاس ۋە ئەبۇ قاسىم كەرىبىگە تەئەللۇقتۇر.
        ئەبۇ زەيىد، يەنى ئەھمەد ئىبىن سەھىرى، بىر ئۆمۈر پەلسەپە، فىقھى ۋە ئەدەبىيات بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئەبۇ ھەسەن تاشىد ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، ۋە شۇنداق ئويلايمەنكى، مەيلى ئۆتمۈشتە ۋە ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، دۇنيادا ئىلىم، ئەخلاق، ئەسەر يېزىش جەھەتتە ھېچكىم تۆۋەندە دېيىلگەن مۇنۇ ئۈچ كىشىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلار: ئەبۇ ئوسمان ئامۇر ئىبىن بەھىر جاھىز، ئىككىنچىسى، ئەبۇ ھەنىفە دىناۋورى ، ئۇ دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان مەشھۇر ئەربابدۇر، ئۇنىڭدا پەيلاسوپلارغا خاس ئەقلىي-پاراسەت، يەنە ئەرەبلەردە بولىدىغان ئىستىلىستىكىلق تالانتقا ئىگە، ئۇ ھەر بىر سەنئەتكە ئۆزىگە خاس چۈشۈنچىگە ئىگە..... ئۈچۈنچىسى بولسا ئەبۇ زەيىد ئەھمەد ئىبىن سەھىرىدۇر، ئۇ بۇرۇن زادىلا بولۇپ باقمىغان، كېيىنمۇ كەلمەيدىغان، مىسلىسىز بىر شەخىسدۇر، پەقەت ئۇنىڭ ئەسەرلەرگە كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساقلا ھەم ئۇ يازغان «پەنلەرنىڭ تۈرلىرى»، «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېتىكا ئەخلاقى»، «<قۇرئان> كەرىمدىكى ئىستىلىستىكلىق تەتقىقات»، «تەزكىرىلەردىن تاللانما»، «مەكتۇپلار توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ كۆرۈدىغان بولساقلا، ئۇنىڭ بىلىمى خۇددىي بىر ئىلىم دېڭىزى، ئالىملارنىڭ ئالىمى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئەقىل-ئىدىراك، پەلسەپەنى دىن، فىقھى ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرگەن بىلىملىك زات ئىكەنلكىنى كۆرۈۋالالايمىز.»-دەپ يازغان.  
      ئەبۇ زەيىد بارلاس بەلختە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن ئىراققا بېرىپ 8 يىل ۋاقىت ئىچىدە پەلسەپە ۋە باشقا پەنلەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلىم يەتكۈزۈش خىزمىتىگە بېغىشلاپ، «خۇراساننىڭ جاھىزى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھەر خىل ئەسەرلىرى 60 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە «<قۇرئان> دىكى ستىلستىكا تەتقىقاتى» دېگەن ئەسەرى بار. ئەبۇ ھەسەن تاشىد بۇ كىتاب ھەققىدە باھا بېرىپ: «بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئەسەردۇر، ئوخشاش تۈرىدىكى ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشەلىگۈدەك ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلمىدى، بۇ كىتابنىڭ تىلى سىلىق، مۇۋاپىق بولۇپ، «قۇرئان» كەرىمدىكى نۇرغۇن سىرلارنى ئاشكارلاپ بەردى، لېكىن يەنە بەزى مەسىللەر تېخىچە ئېنىق چۈشەندۇرمىدى.»-دەپ يازغان. ئەبۇ سەئىد بارلاس «قۇرئان» كەرىمگە ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارغا قارىتا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. ئۇ يەنە ساھابەكىراملارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئەرەبلەرنىڭ كەمچىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولغان. ئۇ بۇ مەسىللەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيىتى يوقتۇر دېگەن. ئۇنىڭ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بىر قانچە ئەسەرلىرىدىن باشقا، «ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئەھكاملىرى»، «سىياسەت قامۇسى»، «سىياسەتتىن ئومۇمى بايان»، «پەلسەپەنىڭ دائىرسى»، «ئىلمى نۇجۇم قانۇنىيەتلىرىدىن مۇلاھىزە»، «ماددىغا چوقۇنغۇچىلارغا رەددىيە» قاتارلىقلار بار. ئەبۇ زەيىد بارلاس يەنە ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك جۇغراپىيەشۇناسلىرىنىڭ بىرى، مەشھۇرلىردىن «ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» بار، بۇ بىر شەرھلەر بىرىلگەن رەڭلىك خەرىتىلەر توپلىمىدۇر. بېرەيلەن «تارىخىنىڭ مەنبەسى» دېگەن ئەسەرنى ئۇنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ قويغان، بۇ ئەملىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، خاتالىشىپ قالغان. بارلاس ھىجىرىيە 322-يىلى (مىلادىيە 933-يىلى) بەلختە ئالەمدىن ئۆتكەن.
      ئىككىنچى مەشھۇر شەخىس بولسا ئەبۇ قاسىم ئابدۇللا ئەھمەد كەرىبى، ئۇمۇ بەلخلىق بولۇپ، ئەبۇ زەيىد بىلەن دەۋرداش بولۇپلا قالماي، يەنە ئەبۇ زەيىدنىڭ دوستى ئىدى. كەرىبى ئەقىدەشۇناسلىققا ماھىر بولغانلىقى بىلەن مەشھۇر ئاتالغان. ئۇ مۇھىتەزىلەر مەزھىپىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ تەلىماتى ئۆز ئالدىغا مەزھەپ شەكىللەندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەگشكۈچىلرى كەربىيەلەر دەپ ئاتالغان. كەرىبى ھىجىرىيە 317-يىلى (مىلادىيە 930-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.
      ئەبۇ زەيىد بارلاس بىلەن كەرىبىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىم خۇراسان رايونىدا قانات يايدۇرغان پەلسەپە ھەرىكىتى، شۇ جايلارنىڭ ئىلىم-پەن ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۈيۈك پەيلاسوپ ئىبىن سىنانىڭ دۇنياغا كېلىشى سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ خان تاجىسىغا بىر گۈزەل مەر-مەر قاشتېشى قوندۇردى.
      ئىبىن سىنانىڭ تۇلۇق نامى بولسا ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن ئىبىن ئابدۇللا ئىبىن ھەسەن ئىبىن ئەلى ئىبىن سىنادۇر. ئىبىن سىنانىڭ ئۆزى بايان قىلغان تەزكىرىسى سامانىيلار دەۋرىدىكى خۇراسان رايونىنىڭ پەلسەپە ھەرىكىتىنى ئەڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، بۇ تەرجىمھال ئىبىن سىنانىڭ شاگىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە جۇرجانى تەرىپىدىن تارقالغان. ئىبىن سىنا: «مېنىڭ ئاتام بەلخلىق كىشى، ئۇ نوھ ئىبىن مەنسۇر  تەختىدىكى ۋاقىتتا، بەلختىن بۇخارانىڭ يېنىدىكى بىر كەنتكە كۆچۈپ كېلىپ، كەنت ئاقساقىلى بولدى..... كېيىن، ئائىلىمىز يەنە بۇخاراغا كۆچۈپ كەلدى، ئاتام ماڭا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «قۇرئان» ۋە ئەدەبىيات ئۆگىتىدىغان ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلدى...... ئاتام ۋە ئاكاملار بولسا مىسردىكى فاتىمىيەلەر سۇلالىسنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇپ، ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ مۇرتلىرى دەپ قارىلاتتى. مەن ئۇلارنىڭ تىلاۋەت قىلغان مەدھىيەلىرىنى ۋە ئۇلار دېگەن فىقھى نەزىرىيەلىرىنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى چۈشىنەلەيمەن، لېكىن بۇلارنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار ماڭا ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، مېنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قېلىشمنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلار يەنە دائىم پەلسەپە، گېئومىترىيە ۋە ئىلمى نۇجۇم ھەققىدە سۆزلىشەتتى. پەيلاسوپ ئەبۇ ئابدۇللا ناتىلى بۇخاراغا كېلىشتىن بۇرۇن، مەن ئىزچىل فىقھى ئىلمىنى تەتقىق قىلاتتىم، ئۇ كەلگەندىن كېيىن، ئاتام ئۇنى ئۆيمىزگە تەكلىپ قىلىپ مېنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنشكە بۇيرىدى...... شۇنداق قىلىپ، ناتىلى ماڭا «لوگىكا ئىلىمدىن ساۋات» دېگەن كىتابنى ئۆگىتىشكە باشلىدى، ئۇ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھەر بىر مەسىلە كىتابتا سۆزلەنگىدىنمۇ بەكرەك چۈشنىشلىك ئىدى .....»-دېگەن.
       «شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۆزلۈكىمدىن كىتاب ئوقۇشقا باشلىدىم، بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا ئاساسىدا لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندىم، مەن يەنە ئارخېمىد نىڭ «گېئومىترىيە پرىنسىپلىرى» دېگەن كىتابىنى ئوقۇدۇم، ھەم بۇ كىتابتىكى 5، 6 مەسىلىنىڭ يېشىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزۈم كىتابتىكى قالغان مەسىللەرنى ئىشلەپ ئىسپاتلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەنە پتولېمىنىڭ «ئاستىرونومىيە توپى» دېگەن ئەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا يۈزلەندىم...... كېيىن ناتىلى مېنىڭدىن قېشىمدىن كەتتى، مەن تىرشىپ-تىرمىشىپ تەبىئي پەن ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەرنى ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىنى ئىزدەپ يىغدىم، ئىلىم-پەن ئىشكى مەن ئۈچۈن داغدام ئېچىلدى. مەن يەنە ئاستا-ئاستا تېبابەت ئىلىمىگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم...... مەن بىمارلاردىن خەۋەر ئېلىپ تەسەۋۇر قىلغۇسىز قىممەتلىك كىلىنكىلىق تەجرىبىلەرگە ئېرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مەن فىقھى ئىلىمىنى تەتقىق قىلدىم ھەمدە ئالاقىدار بەس-مۇنازىرلەرگە قاتناشتىم...... مەن يەنە ئارىېستوتىلنىڭ «مېتا فىزىكا» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇدۇم، لېكىن ئوقۇپ چۈشىنەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولدى، مەن قەتئىي قارارغا كېلىپ ئۇشبۇ ئەسەرنى قايتا-قايتا 40 قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، پۈتۈن كىتابنى يادلاپ بولدۇم، شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ بىر ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان كىتاب ئىدى. بىر كۈنى، مەن كىتابپۇرۇشنىڭ ئالدىدا بىر كىتابنى كۆرۈپ قالدىم، كىتابپۇرۇش ماڭا: «بۇ كىتابنى سېتۋېلىڭ، شۇنداق ئەرزان...»-دېدى، مەن ئۈچ دانە كۆمۈش تىللاغا ئەبۇ ناسىر فارابى يازغان «ئارىېستوتىل <مىتافىزىكا> سىغا ئومۇمى شەرھ» دېگەن كىتابنى سېتىۋېلىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر تىنقتىلا كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. چۈنكى مەن بۇ «مېتافىزىكا» دېگەن كىتابنى خېلى بۇرۇنلا يادقا ئېلىپ بولغاچقا، بۇ شەرھى كىتابنى ئوقۇپ قەلبىم بىردىنلا يۇرۇپ، قەلبمدىكى چىگىشلەر پۈتۈنلەي يىشلگەندەك بولدى.
      ئەينى ۋاقىتتا، بۇخارانىڭ سۇلتانى نوھ ئىبىن مەنسۇر نەق كېسەلگە گېرىپتار بولغان بولۇپ، مېنى ۋە باشقا تېۋىپلارنى چاقىرتىپ بىرلىكتە ئۇنىڭ كېسىلىگە دىئاگنوز قۇيغۇزدى. سۇلتاننىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن، مەن سۇلتاندىن ئوردا كۈتۈپخانىسىدىن تېبابەت كىتابلىرىنى كۆرۈشىمگە ئىجازەت سورىدىم، سۇلتان تەلىپىمگە ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن مەن خان جەمەتى كۈتۈپخانىسىغا كىرىدىم. بۇ بىر نۇرغۇن ئۆيلەردىن تەشكىل تاپقان كىتاب ئامبىرى ئىكەن، ھەر بىر ئۆيدە بىر قانچە كىتاب ساندۇقلىرى دۆۋىلەپ قۇيۇلغان ئىدى. بەزى ئۆيلەردە ساقلاپ قويۇلغىنى بولسا ئەرەب تىلى ۋە شېئىرلىرىغا ئالاقىدار كىتابلار ئىكەن، بەزىلىرى بولسا فىقھىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار ئىكەن، ھەر بىر تۈردىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم قويۇلغان ئىكەن. مەن كىتابلار كاتالوگىنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە لازىملىق كىتابنى تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، يەنە نۇرغۇن كىشلەر بىلمەيدىغان كىتابلارنىمۇ كۆردۈم، بەزى كىتابلار ھەتتا مەن بۇرۇن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرەلمەيدىغان كىتابلار ئىكەن. مەن بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىپ، نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتىم، ھەم ھەر بىر ئالىملارنىڭ سەۋىيىسىنى بىلىۋالدىم......»  
ئىبىن سىنا ئۆز كۆزى بىلەن سامانىيلار خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولغانلىقىنى كۆرگەن، بۇخارانىڭ قانداق قىلىپ غەزنەۋىيلەر خانلىقىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد ئىبىن سۇبۇقتېكىن قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە شاھىد بولغان، ئىبىن سىنا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رەي ۋە ھەمەدانغا قېچىپ بارغان.
     ئىبىن سىنا بىلەن ئەينى دەۋردىكى نۇرغۇن ئالىملار، مەسىلەن، بېرونى، ئەبۇ قاھىر ئىبىن ھەمەر، ئەبۇ قاسىم كىرمانى قاتارلىقلار ئۆزئارا باردى-كەلدى قىلىشقان. ئىبىن سىنانىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى باشقا شەرق پەيلاسوپلىرى ئەزەلدىن مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغان شان-شەرەپ ۋە ئورۇنغا ئىگە بولغان. ئىبىن سىنانىڭ «ئەل قانۇن فىت تىپ» (تېبابەت قامۇسى) دېگەن ئەسىرى يېقىنقى دەۋرىگە قەدەر شەرق ۋە غەرىبلىكلەرنىڭ دەرىسلىك كىتابى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ «داۋالاش نەزىرىيىسى»، «يېتەكچى ۋە شەرھلەر كىتابى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولسا بارلىق ئىسلام پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. ئىبىن سىنا ھىجىرىيە 370-يىلى (مىلادىيە 980-يىلى) تۇغۇلۇپ، ھىجىرىيە 438-يىلى (مىلادىيە 1046-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.


*            *          *          *


خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونىدىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى—شېئىرلار ۋە نەسىرلەرمۇ ناھايىتى يۈكسەك سەۋىيە ياراتقان.
شېئىرلارنىڭ شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى ئىراق ۋە فارىستىكى شېئىرلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆپىنچە قىسقا شېئىرلار، تەسەۋۇرغا باي، مۇبالىغە ئىشلىتىشكە ئامراق، ئوخشىتىشقا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. سامانىيلار خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە ئىلھاملاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاقىتتا، يەنە سامانىيلار خانلىقىنىڭ ئىككى بۈيۈك ئەمەلدار ئەدەبىياتغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان. بۇ ئىككى بۈيۈك ئەمەلدار بولسا بەھرامى ۋە جەيھانى (ئەبۇ ئابدۇللا) ئىدى، بۇ ئىككەيلەننى بۇۋەيىد خانلىقىنىڭ مەشھۇر ئەمەلدار، ئالىمى ئىبىن ھەمىد ۋە ئىبىن ئابادنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشى دېيىشكە بولىدۇ.
بەھرامى، يەنى ئەبۇ فەدۇل (法都勒) مۇھەممەد ئىبىن ئۇبەيدۇللاھ بەھرامى، ئەجدادلىرى بۇخارادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان تەمىم قەبىلىسىدىكى ئەرەبلەردۇر، ئۇ ئىلگىرى ناسىر ئىبىن ئەھمەد سامانىنىڭ  ئەمەلدارى بولغان. سامانى  ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «ئۇ شۇ دەۋرىدىكى كاللىسى ئۇچۇق، ئۆز كۆز قاراشىغا ئىگە بولغان، ئىلىم-پەننى قەدىرلەيدىغان، بىلىم ئىگىلىرىنى ئىلھاملاندۇردىغان مەشھۇر شەخىسدۇر.»-دېگەن. ئىبىن خاگالى (豪盖勒)  ئۇنى «بۈيۈك پىشۋا» دەپ ئاتىغان. بەھرامى تەبەرىنىڭ «مىللەتلەر ۋە ئىمپېراتولار تارىخى» دېگەن ئەسىرىنى پارىسچىغا تەرجىمە قىلغان.
جەيھانى، يەنى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبىن ئەھمەد جەيھانىدۇر. ياقۇت ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «ئۇ بىر ئىززەت-ھۆرمەتلىك، جاسارەتلىك ئەدىبتۇر، ئۇنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ كەلگەن كىشلەرگە قارىتا ناھايىتى ئىززەت-ئېكرام كۆرستەتتى ھەمدە ئۆتكۈر كۆزى بىلەن كىشنى تۇناتتى، ئۆزىگە تايانماقچى بولغان كىشلەرگە بولسا ئىچى ئاغرىپ ياردەم قىلاتتى.»-دېگەن. جەيھانىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى مول. ئۇ ئىلگىرى ناسىر ئىبىن ئەھمەدنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن.
خۇددىي ئىبىن ھەمىد ۋە ئىبىن ئاباد رەيدىكى ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات ھەرىكىتىنى ئىلھاملاندۇرغانغا ئوخشاش، بەھرامى بىلەن جەيھانىمۇ بۇخارانىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشنى قوللىغان.
سامانىيلار خانلىقىدا نۇرغۇن شائىرلار مەيدانغان كەلگەن، سەئالىبى ئۆزىنىڭ «دۇنيادا كەم تېپىلدىغان جاۋاھىرتلار» دېگەن كىتابىدا بۇ شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى كىرگۈزگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم تىلغا ئېلىش زۆرۈر بولغان شائىر بولسا مۇھەممەد ئىبىن مۇسا ھەددادى بارلاسدۇر. ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق بىر كۆز قاراش مەۋجۇت بولغان، يەنى: «بەلختىن تۆت مەشھۇر شەخىس چىققان، بۇلار ئەقىدەشۇناس ئەبۇ قاسىم كەرىبى ستىلىستكاشۇناس ھەم ئەسەرشۇناس ئەبۇ زەيىد بارلاس، پارىس شېئىرلىرىغا ماھىر سەھىل ئىبىن ھەسەن، مەخسۇس ئەرەب شېئىرلىرىنى يازىدىغان مۇھەممەد ئىبىن مۇسادۇر.»  مۇھەممەد ئىبىن مۇسانىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولسا ئۇنىڭ پارىس ماقال-تەمسىللىرىنى شېئىرى شەكىل ئارقىلىق ئەرەبچىگە تەرچىمە قىلىشقا ئىشتىياق باغلىغانلىقىدۇر.
سائالىبى: «سامانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۇخارا شان-شەرەپنىڭ سىمۋولى، ھوقۇقنىڭ مەركىزى ئىدى؛ دەۋرنىڭ پەخىرلىرى يىغىلدىغان جاي، جاھاندىكى ئەدىبلەر ساھبىلىرى قەد كۆتۈرگەن جاي، شۇنداقلا پەزىلەت ئىگىلىرى توپلىشىدىغان قەسىر ئىدى.»-دەپ يازغان.
خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونى ئىككى بۈيۈك ئەدىب، ئىككى بۈيۈك نەسىرلەر پىشۋاسى ئەبۇ بەكرى خارازەمى ۋە بەدئۇززامان ھەمزانىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
ئەبۇ بەكرى خارازەمى خارازىملىك بولۇپ، ئىلگىرى شام رايونى ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئالىپ ھەمەدان خانلىقىنىڭ خانى سەيپۇل دەۋلەنىڭ ئوردىسىدا مېھمان بولغان ھەمدە رەيدىكى سەيىب ئىبىن ئاباد ئەمىرنىڭ ئىززەتلىك مېھمىنى بولغان. ئەڭ ئاخىردا، ئۇ نىشاپۇرغا قايتىپ بارغان.
خارازەمى بۇۋەيىدلەرنى ھۆرمەت قىلىپ، خۇراساننىڭ سۇلتانىنى مەنسىتمىگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، كېيىن يەنە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلىشكە مۇيەسسەر بولغان. نىشاپۇرلۇقلار ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ ھۆرمىتىنى قىلغان ھەم ئۇنى ئەدىبلەرنىڭ داھىيسى دەپ قارىغان. خارازەمى ئىلگىرى بەدئۇززامان ھەمزانى بىلەن تۈگۈن پەيدا بولۇپ، يۇشۇرۇن ھالدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئاخىرى بەدئۇززامان ياش، زېرەك بولغانلىقى، ھەمدە خارازەمىنىڭ سىياسىي دۇشمەنلىرى بەدئوززامان تەرىپىدە تۇرغانلىقى قۇشۇلۇپ، «خارازەمىنىڭ نوپۇزى روشەن تۆۋەنلەپ، قەلبى ئازابلىنىپ، ئورنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ قايتا باش كۆتىرەلمەي، ھىجىرىيە 383-يىلى (مىلادىيە 993-يىلى) كىشلىك دۇنيادىن قول ئۈزۈپ، تەركىي دۇنيا بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.»
خارازەمى بىزلەرگە بىر ناھايىتى يۇقىرى ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە بولغان «مەكتۇپلار توپلىمى» ناملىق ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، گەرچە كىتاب قاپىيە ۋە ستىلىستىكىغا زىيادە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسم ياسالمىلىقلاردىنمۇ ساقلىنالمىغان.
يەنە بىر بۈيۈك ئەدىب ۋە نەسىرچى بولسا بەدئوززامان ھەمزانى، يەنى ئەبۇ فەدۇل ئەھمەد ئىبىن ھەسەندۇر. بەدئوززامان ھەمەداندا دۇنياغا كېلىپ، ھىجىرىيە 398-يىلى (مىلادىيە 1007-يىلى) ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەندە ھېراتتا ئالەمدىن ئۆتكەن. بەدئوززامان ھايات چېغىدا ئەمىر مۇھەممەد مەنسۇر بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، كېينكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ۋە ھۆرمەتلىشىگە مۇيەسسەر بولغان. ھىجىرىيە 382-يىلى (مىلادىيە 992-يىلى) نىشاپۇرغا بېرىپ شۇ يەردە ئۆزىنىڭ مەشھۇر ماقام شېئىرى ئەسەرلەر ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى يازغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئەبۇ بەكرى خارازەمىمۇ نىشاپۇردا بولۇپ، ئىككىسى دۇشمەنلىشىپ، تىل كۈرشى ئېلىپ بارغان. بەدئوززامان ئۆزىنىڭ مەكتۇپلار توپلىمىدا ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى تۈگۈنلەرنى بايان قىلغان، ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆزىنى ھىمايە قىلىپ، مەكتۇپتا ئىشلارنى كۆپتۇرۇپ رېئاللىقتىن چەتنەشتەك ئەھۋالىدىن خالىي بۇلالمىغان. گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەكتۇپلار بەدئوززاماننىڭ پەۋقۇلئادە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۆتكۈر بىۋاستە سېزىمى ۋە كۈچلۈك تىل ئىشلىتىش ماھارىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بەدئوززامان ھەمزانى يازغان ماقام شېئىرى ئەسەرلەر ھەققىدىكى ھېكايىلەر دېگەن ئەسەرنى كېيىنكى دەۋردە ياشىغان خېلىل ئۈچۈن، بۇ خىل ئەدەبى ئۇسلۇبنى تەقلىد قىلىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىغا زور تۆھپە قوشقان. بەدئوززاماننىڭ «مەكتۇپلار توپلىمى» بىلەن ئۇنىڭ ماقام شېئىرى ئەسەرلەر ھەققىدىكى ھېكايىلەر، ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ شوخ، مول تەسەۋۇر كۈچى ۋە ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەينى دەۋردىكى ئىجتمائىي ئەھۋالغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنىمۇ چۈشەندۇرىدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭ ئەسىرى ئەينى دەۋر ئىجتمائىي تۇرمۇشنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ قالغان.


*           *           *          *


ئەينى دەۋردە، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونىدا يەنە بىر تۈركۈم مەشھۇر ئەدىبلەر، ئەدەبىياتشۇناسلار مەيدانغا كەلگەن، ئەبۇ مەنسۇر ئابدۇللا مالىك سەئالىب نىشاپۇرى دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر. سەئالىبى بولسا بىر ناتىق ئەدىبتۇر، ئۇنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى بىلەن دەۋرداش ئەدىبلەرگە ئوخشاش قاپىيە، كىنايە ۋە ئوخشىتىش ئۇسلۇبىنى قوغلاشقان. ئۇنىڭ بىلىمى مول بولۇپ، تىل، ئەدەبىياتقا، ئەدىبلەر ۋە ئۇنىڭ تەرجىمھاللىرىغا قارىتا ناھايىتى چوڭقۇر بىلىمى بولغان ھەمدە ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. سەئالىبىنىڭ «تىلشۇناسلىق» دېگەن ئەسىرى يېڭى تىپتىكى تۈرگە ئايرىلغان لۇغەت بولۇپ، ئۇ ئوخشاش تۈردىكى سۆزلەرنى بىر يەرگە يىغىپ بىر باب ئاستىغا كىرگۈزگەن. بۇ خىل لۇغەت تۈزۈش ئىدىيىسى بىرلا ۋاقىتتا نىشاپۇردىكى سەئالىبى بىلەن ئاندالۇسىيلىك ئىبىن سىدەر  كاللىسىدا پەيدا بولغان. سەئالىبى ھىجىرىيە 429-يىلى (مىلادىيە 1037-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن، ئىبىن سىدەر ھىجىرىيە 458-يىلى (مىلادىيە 1066-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن. سەئالىبىنىڭ «تىلشۇناسلىق» دېگەن ئەسىرى، ئىبىن سىدەرنىڭ «مەخسۇس تۈرگە ئايرىلغان سۆزلەر لوغىتى» دېگەن ئەسىرى بار.
سەئالىبىنىڭ يەنە «دۇنيادا كەم تېپىلدىغان جاۋاھىراتلار-زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىرلار تەزكىرىسى» (زامان شائىرىلىرىنىڭ كامالەتكە يېتىشى) دېگەن ئەسىرىمۇ بار. بۇ ئەسەر ھىجىرىيە 4-ئەسىرىدىكى ئەدىبلەر تەرجىمھالى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خاتىرلەپ، ئەدىبلەرنى ئۇلار تۇرۇشلۇق خانلىق ۋە رايونلار بۇيىچە تۈرگە ئايرىغان. كىتابتا ئەسەرلەرگە بولغان تۇنۇشتۇرۇش ئاپتۇرلارنىڭ ھاياتىغا بولغان خاتىرسىدىن ئېشىپ چۈشكەن. سەئالىبىنىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، «قىزغىن مۇنازىرە ۋە يىغچاقلاش»، «تەنجىتۇر»، «نەسىرى شېئىرلار»، «گۇمانى مەسىللەرنىڭ يشىملىرى»، «پارىس شاھلىرىنىڭ ئاجايىپ خەۋەرلەر ئەسلىمىسى»، «تۈپ ئىسملار بىلەن بېقىندى ئىسىملار ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن تەسىرات» قاتارلىقلاردۇر.
يەنە بىر تىلشۇناس ئۇستىسى بولسا ئەزھەرى، يەنى ئەبۇ مەنسۇر مۇھەممەد ئىبىن ئەھمەد ئىبىن ئەزھەرىدۇر. ئۇ ئەسلىي ھېراتلىق بولۇپ، شۇ يەردە تۇغۇلۇپ شۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئەزھەرى ئىراققا زىيارەتكە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئىبىن دۇلەتكە  ئوخشىغان ئالىملاردىن ئىلىم تەھىسل قىلغان، كېيىن يەنە ئەرەبلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا قەدەم تاشلاپ، ئەرەبلەرنىڭ تىلىنى يىغقان، ئۇ يول ئۈستىدە قارامىت  مەزھىپىدىكىلەرگە ئەسىرگە چۈشۈپ، قۇل بولغان. ئەزھەرى بۇ توغرىسىدا: «مەن قولغا چۈشۈپ قالغان ئۇ ئادەملەر بولسا قۇملۇقتا ياشايدىغان ئەرەبلەر ئىدى. ئۇلار سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ ياشايدۇ، يامغۇر ياغسا سۇلارنى يىغۋېلىپ قۇرغاقچىلىق بولغاندا ئىشلىتەتتى، ئۇلار مال-چاۋرىلىرىنى يايلىتىپ، چارۋىلارنىڭ سۇتىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇلاردا چارۋىچىلارغا خاس مىجەزى بىلەن سۆزلەيتتى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىدا گرامماتىكىلىق خاتالىق دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، مەن بىر ئەسىر بولۇش سۇپىتىم بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل ياشىدىم، مەن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۆزلىشىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنۋالدىم، ھەم نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى چۈشىنۋالدىم، بۇ مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنى كىتابىمغا كىرگۈزدىم.» -دەپ يازغان.
ئەزھەرى تۈزگەن «ساپ تىل لۇغىتى» دېگەن ئەسىرى جەمئىي 10 توم بولۇپ، بۇ لۇغەتنىڭ مەزمۇنى ئىبىن مەنسۇر تەرىپىدىن «ئەرەب تىلى چوڭ لۇغىتى» دېگەن ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئىبىن مەنسۇر بۇ لۇغەتنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا: «سۆزلەرنى تۈرگە ئايرىش ئەسەرلىرى ئىچىدە، ئىبىن مەنسۇر ئەزھەرىنىڭ «ساپ تىل لۇغىتى» دېگەن ئەسەردىنمۇ ياخشىراق، ئىبىن سىدەرنىڭ «جەۋھەر سۆزلەر قامۇسى» دىنمۇ تۇلۇق ئەسەر يوقتۇر. بۇ ئىككى لۇغەت سۆز تۈركۈملىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان كىتابلارنىڭ نادىر ئەسەردۇر، بۇلاردىن باشقا ئەسەرلەر بولسا پەقەت كىچىك قوللانمىلاردىن ئىبارەت خالاس.» -دەپ يازغان. ئەزھەرى ھىجىرىيە 370يىلى (مىلادىيە 980-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.
«سۆزلۈكلەر جەۋھىرى» دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى جەۋھەرىمۇ مەشھۇر تىلشۇناستۇر، ئۇ ئىجاد قىلغان لۇغەت تۈزۈش ئۇسۇلى-- قاپىيداش سۆزلەرنى تىزىش ئۇسۇلى بولسا «ئوكيانۇس» بىلەن «ئەرەب تىلى چوڭ قامۇسى» نىڭ مۇئەللىپلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان.جەۋھەرى، يەنى ئىسمايىل ئىبىن ھەمىدى ئەسلى يۇرتى فاراب شەھىرى بولۇپ، ئەرەبلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇن جايلاردا ئۇنىڭ ئىزلىرى قالغان. ئۇ لەبىل ۋە مۇدار قەبىللىرىگە چوڭقۇر سېڭىپ كىرىپ، بارلىق توپلىغان تىلغا ئائىت خام ماتېرىياللارنى يىغقان. كېيىن ئۇ نىشاپۇرغا قايتىپ كېلىپ، ئاۋۋال ئۇ يەردە دەرىس بەرگەن، كېيىن يەنە «سۆزلۈكلەر جەۋھىرى» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان. بۇ بىر تىلشۇناس ئالىملارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا مۇيەسسەر بولغان، چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بولغان نۇپۇزلۇق ئەسەردۇر. جەۋھەرى ھىجىرىيە 398-يىلى (مىلادىيە 1007-يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن.
سۇزەينى، يەنى ئەبۇ ئامىر ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئىبراھىممۇ بىر تىلشۇناس ۋە ئەدىبتۇر، ئۇ سۇزەيدە تۇغۇلغانلىقى بىلەن شۇ نامدا ئاتالغان. سۇزەي بولسا نىشاپۇر بىلەن ھېرات ئارىلقىغا جايلاشقان بىر مۇھىم بازار بولۇپ، بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان ئالىملار، ئەدىب قاتارلىق مەشھۇر ئەربابلار مەيدانغا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىز ئوتتۇرغا قويغان سۇزەينىنىڭ بولغانلىقى بىلەن «كىچىك بەسىرە» دېگەن شەرەپلىك نامى بار.
سۇزەينىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسىرى بولسا «يەتتە بېيىتلىق شېئىرلارغا شەرھى» بولۇپ، بۇ بىر ئىخچام ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىزاھلىق كىتابتۇر، بۇ ئاپتۇرنىڭ بىلىمىنىڭ كەڭلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تىل، گرامماتىكا شۇنداقلا مورفولوگىيەگە قارىتا ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، شېئىرغا نىسبەتەن ناھايىتى يۇقىرى چۈشەنچىسى ۋە ھەۋىسى بولغان. سۇزەينى ھىجىرىيە 374-يىلى (مىلادىيە 984-يىلى) سۇزەيدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
خۇراسان ۋە ماۋارەئۇننەھىر رايونىدا بىر قىسم ئەمىرلەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيتىدىن باشقا يەنە ئەدەبىي تالانتقىمۇ ئىگە بولغان، ئۇلار ئىلىم –پەننى قوللاپ، ئەدىبلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى ئەدەبىي كەيپىيات پەيدا قىلغان. بۇ ئەمىرلەر سىياسەتنىڭ قاينىمىغا چوڭقۇر سېڭىپ كىرمەستىن، ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش بىلەن ئالددىراش بولماي، قالايمىقانچىلىقتىن ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈپ قىلغان بولسا ئىدى، بەلكىم ئۇلار ئەدەبىيات ساھەسىدە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولاتتى.
بۇ ئەمىرلەر ئىچىدە، بىر تۈركۈم ئىراقتىن كەلگەن ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپە جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىدى، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋلىرى بىلەن خۇراسانلىقلار ئارىسىدا قۇيۇق مۇناسىۋەتى بولغانلىقى بىلەن نامى مەشھۇر ئاتالغان. خۇراسانلىقلار ئىلگىرى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپە ئەۋلادلىرى خۇراسانغا كەلگەندىن كېيىن، خۇراسانلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، خۇراسانلىقلار ئۇلارغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرگەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خەلىپىنىڭ بىر قىسم ئەۋلادلىرى خۇراسانلىقلاردىن پايدىلىنىپ بىر مەيدان چوڭ ئىش قىلىش خىيالى پەيدا بولغان. ئۇلار تۆت ئەتراپىغا تەشۋىق قىلىپ، خۇراسانلىقلاردىن تەشكىل قىلىنغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقماقچى، ھەم بۇ ئارمىيەدىن پايدىلىنىپ ئىراققا قايتىدىن ھوجۇم قىلىپ، يېڭى خانلىق قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. ئۇلار دەسلەپكى مەزگىلدە بىر قىسم غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا مەغلۇپ بولغان.
ئەبۇ تالىپ ئابدۇللا سالام ئىبىن ھۈسەيىن مەئمۇنى دەل بۇ خەلىپىلەر جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى بىر مەشھۇر شەخىسدۇر. ئۇ خەلىپە مەئمۇننىڭ ئەۋلادى. سەئالىبى: «مەن ھىجىرىيە 382-يىلى (مىلادىيە 992-يىلى) بۇخارادا مەئمۇنىنى كۆردۈم ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئاندا-ساندا ئالاقىدىمۇ بولدۇم، مەن ئۇنىڭ ئۆزى يازغان بىر كۇپلېت شېئىرىنى دېكىلماتسىيە قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان، ھەتتا مەن ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بۇ شېئىرنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىنى كۆچۈرۋالدىم. مەئمۇنى ئىزچىل تۈردە خەلىپە بولماقچى، خۇراسانلىقلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىر ئارمىيە قۇرۇپ چىقىپ، باغدادقا ھوجۇم قىلماقچى بولغان، لېكىن پەلكىنىڭ چاقى تەتۈر كېلىپ، 40 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى، بۇ ئىش ھىجىرىيە 383-يىلى (مىلادىيە 993-يىلى) يۈز بەرگەنىدى.»-دەپ يازغان.
ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللا ئىبىن ئوسمان ۋاسىق بولسا خەلىپە ۋاسىدنىڭ ئوغلىدۇر، ئۇمۇ ئائىلىسى بىلەن خۇراسانغا يېتىپ كېلىپ، تۈركلەرگە تايىنىپ سامانىيلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان تۈرك قوشۇنلىرى گەرچە بۇخاراغا ھوجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. ۋاسىقمۇ مەئمۇنىغا ئوخشاشلا بىر شائىر ھەم ئەدىبدۇر.
ئەدەبىي تالانتقا ئىگە بولغان ئابباسىيلار جەمەتىنىڭ بۇ ئەمىرلىرىدىن باشقا، يەنە خۇراسان ئاقسۆڭەكلىرىدىن كېلىپ چىققان كامىل جەمەتىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئەدىب سالاھىيتىدىكى ئەمىرلەر مەيدانغا كەلگەن، ئەبۇ فەدۇل ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئەھمەد مىكائىل، ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللا ئىبىن ئىسمائىل مىكائىل قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك شەخىسلەردۇر. كامىل جەمەتىنىڭ نوپۇزى يۇقىرى بولۇپ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپلا قالماي، يەنە ئەدەبىياتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشنى قوللىغان.
خۇراسان رايونىدىكى ئەدىب سالاھىيتىدىكى، ئابباسىيلار جەمەتى ۋە باشقا جەمەتدىن كېلىپ چىققان بۇ ئەمىرلەر زور كۈچ بىلەن ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ھىمايە قىلغان، ئۇلار پۇل-پۇچەك تەمىنلەپ، ئەدەبىي كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبى ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققان. نۇرغۇن ئەسەر يازغۇچىلار بەس-بەس بىلەن ئۇلارغا قېشىغا پاناھ ئىزدەپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان. ئالايلۇق، ئىبىن دۇلەد نىشاپۇرلۇق ئەبۇ فەدۇل مىكائىلنىڭ قىشىغا پاناھ تارتىپ كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن «سۆزلۈكلەر توپلىمى» دېگەن لۇغىتىنى تۈزگەن، ئۇ مەشھۇر شېئىرى ئەسىرى «مەھسۇراھ» (麦格苏莱) نى يازغان، بۇ شېئىر سۆز ئاخىرى ئاجىزلىشىدىغان ئىسملارنى قاپىيە قىلىپ، كامىل جەمەتىگە مەدھىيە ئوقۇغان.
ئەبۇ مەنسۇر سەئالىبىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا بەگ-غوجام ئۈچۈن يېزىلغان، مەسىلەن، ئۇ ساھىب ئىبىن ئاباد ئۈچۈن «ئىلىم-پەندىكى قىزىقارلىق خەۋەرلەر» نى يازغان، قابۇس ئىبىن ئوشمەقىر  ئۈچۈن «خوشاللىق» دېگەن ئەسەرنى يازغان، ئەبۇ فەدۇل مىكائىل ئۈچۈن «تىلشۇناسلىق» ۋە «ستىلىستىكىنىڭ سېھرى كۈچى» نى يازغان، خارەزىملىق ئەمىر مەئمۇن ئىبىن مەئمۇن ئۈچۈن «ئوخشىتىشتا كامالەتكە يېتىش» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ بەرگەن.


                                                              *                *                  *               *

   
خۇلاسىلىگەندە، بۇۋەيىد خانلىقى بىلەن سامانىيلار خانلىقىنىڭ خانلىرى گەرچە پارىسلاردىن، ئەسلى ئىشلىتىدىغان تىلى پارىس تىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى خانلىق ئەرەب تىلى، ئەرەب ئەدەبىياتى، ئەرەب-ئىسلام پەلسەپىسى شۇنداقلا باشقا ئەرەب-ئىسلام ئىلىم–پېنىنىڭ تەرەققىياتىغا مۆلچەرلىگۈسىز تۆھپىلەرنى قوشقان.



0

تېما

0

دوست

602

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25341
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 12:34:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25999
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 12:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ تىزراق نەشىر قىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلقمىز.

2

تېما

1

دوست

1746

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15536
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 14:36:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىمام بۇخارى تۈزگەن كىتابنىڭ ئىسمى «سەھىھۇلبۇخارى» . «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» مۇھەممەد ئەمارە تۈزگەن كىتابتۇر. ئۇستاز قەستەلانى بۇخارى توپلىغان ھەدىسلەرگە شەرھى يازغاندۇر. بۇ كىتابنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ قېرىندىشىم، يەنە ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ باققايسىز.

2

تېما

0

دوست

1242

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  540
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 265
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 18:12:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن ~ بەك ئېسىل يازما ئىكەن .

3

تېما

2

دوست

1890

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 602
توردىكى ۋاقتى: 243
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 18:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلىۋاتىسىز؟

15

تېما

4

دوست

3083

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 975
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 18:30:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
syawush يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 18:12
بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلىۋاتىسى ...

بۇ ئەسەرنى خەنچىدىن تەرجىمە قىلىۋاتىمەن، بۇ ئەسەرنىڭ بېشىدىكى 4 تومى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. كېيىنكى قىسملىرى تەرجىمە قىلىنىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ، ئەگەر نەشىرىيات قۇشۇلسا، نەشىرگە بېرىپ بېقىش ئۇيۇم بار، ئىنشائاللاھ..

2

تېما

5

دوست

1734

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 516
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 20:01:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغان ئۇخشايدۇ دەپتىمەن. بۇمۇ ياخشى بۇپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )