- تىزىملاتقان
- 2011-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1605
- نادىر
- 0
- يازما
- 52
ئۆسۈش
60.5%
|
ئىىت بىلەن مۈشۈكنىڭ ئۆچمەنلىكى توغۇرسىدا
بۇرۇنقى زاماندا ئىىت بىلەن مۆشۈك ناھايتى يېقىن دوستلاردىن ئىكەن ،ئۇلار كېچە-كۇندۈسبىللە يۈرىدىكەن ،تاپقىننى تەڭ يەپ ،<< سېنىڭ >> ،<<مېنىڭ >> دىيىشمەي ئۆتىدىكەن .مۆشۈكنىڭ موزدۇسلىقىدىن خەۋرى بار ئىكەن ، ئىىت بۇلسا ھۆننىرى بولمىغاىدىكىن باشقا تاپاۋەت قەلىپ ئىككىلىسى ىاپقىننى تەڭ يەپ كۆن ئۆتكىزىدىكەن .
كۆنلەرنىڭ بىرىدە ئىىتنىڭ ئاغىلىلىدىن بىرسنىڭ تويى بولىدىغان بوپتۇ . ئىت تويغا بىر ئۆتۈك كىيمەكچى بولۇپ مۈشۈككە:
_ ئاغىنە ،ماڭا تازا كېلىشتۈرۈپ بىر ئۆتۈك تىكىپ بەرسەڭ ،دوستۇمنىڭ تۇيىغا كىيىپ بارسىم،-دەپتۇ .مۈشۈك ماقۇل بۇلۇپتۇ . لېكىن ،مۈشۈكنىڭ بېسىق بولغانلىقتىن ئىىتنىڭ ئۆتىكىنى تىكىشكە ھېچ بىر چۇلىسى تەگمەپتۇ .ئىت ئۆتۈكنىڭ پۈتمەيۋاتقانلىغىدىن مۈشۈككە تازا خاپا بۇپتۇ .كېيىنچە ئىككىلىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ -يۇ ،لېكىن ئىت ئۆتۈكنىڭ پۆتكەن -پۆتمىگەنلىگىنى سوراپ تۇردىكەن ،مۈشۈك بولسا قەستەن باھانە كۆرسىتىپ ،بىر كۈن يىپ ئىگەردىم دىسە ،يەنە بىر كۈن سۇ پۈركىۋاتىمەن دىسە،يەنە بىر كۈن باشقىچە سەۋەپ كۆرسىتىپ ،ئۆتۈكنى تىكىپ بەرمەپتۇ .شۇنداق قىلىپ ئىتمۇ تويغا ئۆتۈكنى تويغا كىيەلمەپتۇ ،ھەتتا ھااااااااازىرغىچە ئىت مۈشۈكنى كۆرسە ،<< ئۆتۈكنى قاچان تىكىپ بېرىسەن؟>> دەپ توسايدىكەن ،مۈشۈك بۇلسا <<مانا ئەمدى چەمىگە سۇ پۈركىۋاتىمەن>> دەپ قورقىنىدىن تۈكلىرىنى دىڭگايتىپ پىخ- پىخ قىلىپ قۇيىدىكەن .ئىىتنىڭ بولسا مۈشۈكنى چايناپ يەۋەتكىسى كەلگىدەك .
|
|