- تىزىملاتقان
- 2013-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4890
- نادىر
- 0
- يازما
- 677
ئۆسۈش
96.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akpar777 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-17 14:37
ھازىر خەلقئارادا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچۇرشىشى تىز ھەم قۇيۇق.ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە باشقا نوپۇزلۇق تىللارنى ئۆگىنىپ شۇلارنى قورال قىلىپ تۇرۇپ،ئۆز ئانا تىلىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش،ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا توختىماي ھەركەت قىلىۋاتماقتا. مەسىلەن ئالايلى، خەنزۇ تىلىنى ئېلىپ ئېيتساقلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قوللىنىلدىغان 6 چوڭ تىلنىڭ بىرى بولىشىغا قارىماي، ھەر قايسى دۆلەتلەردە كۇڭزى نامى بىلەن مەكتەپ ۋە تەربىيلەش ئاپاراتلىرىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خەنزۇ تىلنى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە. باشقىلارغا ئۆز تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆگەنگۈچىلەرنى ئەڭ قولايلىق تىل ئۆگىنىش ماتىرىياللىرى ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ سەرىپ قىلماقتا.تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنگىلىز تىلىنى ئالايلى، ھازىر ئوخشىمىغان دەرىجە ۋە سەۋىيەدە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر، بۇلارغا يانداشتۇرۇلغان مەشىقلەر، تۈزۈلگەن لۇغەتلەر، يۇمشاق دېتاللار ناھايىتى كۆپ. تونۇشتۇرۇلغان ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىمۇ نۇرغۇن.شۇڭىلاشقا بىز بۇ تىل ھەققىدە قانداق ماتىرىيالنى ئىزدەپ تاپىمىز دېسەك شۇندىقىنى تاپالايمىز.ئەمدى ئۇيغۇر تىلىغان قاراپ باقايلى.ھازىر تىلىمىزنى ئۆگىنىۋاتقان باشقا مىللەتلەر يوقمۇ.ئەلۋەتتە بار .بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ تۈزۈلگەن دەرىسلىكلىرىمىز خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە تازا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. قوللانغان ئۇسۇللىرىمىز يەنىلا ئەنئەنىۋى، قوللىنىشچانلىقى تۆۋەن. سېتىمچانلىقى يوق.ھازىرغا كەلگۈچە نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تىلى ئاڭلاش دەرسلىكى تۈزۈلگىنى يوق. ئېغىز تىلى كۈچەيتىش قوللانمىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنى باشقا مىللەت كىشىلىرى تۈزۈپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ دەرسلىكلىرىدە كۆرىلىۋاتقان خاتالىقلار نەزىرىمىزنىڭ سىرتىدا. بەلكىم نۇرغۇن يولداشلار قىزىل ئەتلەس تاشلىق“ئۇيغۇر تىلىدىن 300جۈملە ”دېگەن كىتاپنى كۆرگەن بولىشى مومكىن مەزكۇر كىتاپتا ئۇيغۇر تىلى تاۋۇشلىرى بىردىن خەنزۇچە خەت بىلەن ئىپادىلەنگەن. ھەر بىر جۈملە خالىغان بىر خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئاھاڭى بىلەن يېزىلغان . مەسىلەن“ياخشىمۇ سىز؟“دېگەن بىر جۈملە“ياكې شى مۇ سى زې“دېگەندەك تەلەپپۇز بىلەن بېرىلگەن. بۇ كىتاپنى ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى ۋە زىيالىلىرى كۆرمىدىمۇ؟مېنىڭچە كىتاپخانلاردا ئۈن ئالغۇ لېنتىسى بىلەن قوشۇپ سېتىلىۋاتقان بۇ دەرسلىكنى نۇرغۇنلىرىمىز كۆردۇق. لىكىن بىرەرسىمىز چىقىپ بۇ خىل ئىپادىلەشنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ناچار تەسىرىنى ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلىپ باقمىدۇق.
http://v.youku.com/v_show/id_XMzk5MjIwMzI4.html
|
|