قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1638|ئىنكاس: 25

ئانا -تىلمىزنى قەدىرلەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

11

دوست

3510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 15:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا -تىلمىزنى قەدىرلەيلى

ئاپتورى: ئابدۇرېھىم راخمان


تارىختا بىزگە ئوخشاش كۆپ دىنغا چوقۇنغان، كۆپ يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت بولمىسا كېرەك. بىزدە ھەقىقەتەن «ئىسلاھات» روھى كۈچلۈك، ھەرقانداق زامانغا، ھەرقانداق ئىشقا ئاسانلا كۆنۈپ قالىمىز، بۇ خىل «كۆنۈش» بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، خاسلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر تەرەپ ھەققىدەسۆزلەشكە تىلىمىز قىسىلىدۇ. باشقىنى قويۇپ 50 يىلدىن بۇيانقى تىل – يېزىق ئىسلاھاتىغا نەزەر سالساق، ھەيرانلىقتا قالىمىز. بىز 50 يىلدا ئالتە قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردۇق. 1951-يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. 1958-يىلىغا كەلگەندە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە پايدىسى بار» دەپلا يېزىقىمىزنى سىلاۋيانلاشتۇردۇق. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا جۇڭگو – سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىزمۇ سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى تاشلاپ لاتىن ھەرپلىرىگە يۈزلەندۇق. 1000 يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ، تىلىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ كەلگەن يېزىق سىستېمىسىنى «تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، تىل تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ» دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئارىمىزدىن ھەيدەپ چىقاردۇق.
ھازىر، كونا يېزىقتا ساۋاتى چىقىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ بىزدىكى تىل – يېزىقىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تۈپكى ئىپادىلىرىدىن بىرى. بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ تايىنلىق، شۇنداق ئىكەن، ئۇلار ئۆزلىرى تەربىيىلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا قانچىلىك تەلەپ قويالايدۇ؟ ياق، ئۇلار خېتىنىڭ سەت، ئىملاسىنىڭ توغرا، ئۆلچەملىك بولماسلىقىنى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ياپماسلىقى كېرەك.
بىر چاغلاردا «خەلق گېزىتى» گېزىت يۈزىدىن تۆت خاتا خەت تاپقانلارغا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئۇلار ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشەنگەن. بىراق، بىزنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىمىز ھېچقاچان مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقالىغىنى، بۇ ھەقتە بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق، بىزنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىمىزدىن كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ ئىملا خاتالىقىدىن بەش – ئوننى تاپقىلى بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى «تىل – يېزىق نىزامى» (1994-يىل) نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. لېكىن تاكى ھازىرغىچە ھەر خىل ۋىۋىسكا ، ماركىلار، ھەتتا گېزىت – ژۇرناللاردىكى ئىملا خاتالىقلىرى ئۈچۈن ياكى يېزىقىمىزنى خاتا، ھېچبولمىغاندا ناھايىتى سەت يازغان بىرەر ئورۇن ياكى شەخس ئۈچۈن قاتتىقراق گەپ قىلىنغىنى يوق. «ئىملا قائىدىسى»، «تەلەپپۇز قائىدىسى» دەپ تۈزۈپ قويغىنىمىز بىلەن، شۇلارغا ئەمەل قىلمىغان بىرەر ئورۇن ياكى شەخس ھېچيەردە قاتتىقراق تەنقىد قىلىنغىنى يوق، ھازىرمۇ ئەتراپىمىزدا ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان شەكىللەرنىڭ «ئۇيغۇرچە يېزىق» ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كوچىلاردا بەزى كىشىلىرىمىزدىن ھېچبىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئوخشىمايدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ يۈرىمىز.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساشقا باي تىل ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن 1000 يىللاردىن بېرى، نۇرغۇن ئاتالغۇلار ياساپ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا. ئەمدى بولسا 1000 يىل بۇرۇن ياسالغان «باغىرداق» نىڭ ئورنىغا «لىپتىك» نى، «ئەڭلىك» نىڭ ئورنىغا «لەۋ سۇرۇخ» ياكى «كوخۇڭ» نى ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەھمىيىتىگە، ھېچبولمىغاندا ۋاقىت مەسىلىسىگە سەل قارالغانلىقتىن، نۇرغۇن ئاتالغۇلار باشقا تىللاردىن كىرىپ ئۆزلەشتى ياكى ياسالغان تەقدىردىمۇ يېزىق تىلىدىلا قوللىنىلىپ، جانلىق تىلدا يەنە باشقا تىلدىكىسى قوللىنىلماقتا، ھەتتا بەزى ئاتالغۇلار ئىككى تىلدىن كىرىپ ھەر ئىككىسى ئۆزلەشتى.
مۇشۇنداق بىپەرۋالىق تۈپەيلى، خەنزۇ تىلىدىن باشقا، رۇس تىلى ۋە خەلقئارا تىللاردىن 50-، 60-يىللاردا كىرىپ ئۆزلەشكەن 3000 دىن كۆپرەك ئاتالغۇ تىلىمىزدا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا. تېببىي ۋە تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرى ھەم ئارمىيىدە قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇلاردىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى. بۇ ھال بىزنىڭ تەبىئىي پەندىكى ئاجىزلىقىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىپ، ئۇيغۇر تىلىنى «كارغا كەلمەس تىل» قاتارىغا ئىتتىرمەكتە. بۇ بۇ جەھەتتىكى ئاتالغۇلارنى خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت تىللىرىدىن شۇ پېتى ئەكىلىپ ئىشلىتىۋەردۇق. ئۆتكەندە بىرى، «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى قوش رېلىسلاشتۇرۇش» دېمەي «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى قوش لىنىيىلەشتۈرۈش» دەپ تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. لېكىن تاھازىرغىچە ھېچكىممۇ «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى»، «لەنجۇ-شىنجاڭ تاشيولى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلمىدى. لەنجۇنىڭ بىر شەھەر، شىنجاڭنىڭ بىر ئۆلكە ئىكەنلىكىنى ھەممە ئوبدان بىلسىمۇ، بىر شەھەر بىلەن بىر ئۆلكىنىڭ دەرىجىسىنىڭ تەڭ ئەمەسلىكىنى، بۇ ئاتالغۇنىڭ سىياسىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، لوگىكىلىق مەنا جەھەتتىنمۇ باغلانمايدىغانلىقىنى، باغلانماسلىقى لازىملىقىنى ھېچكىم ئويلاپ قويمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە «ئامېرىكا ۋاقتى» ياكى «فرانسىيە ۋاقتى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، «ئۈرۈمچى ۋاقتى» دېگەننىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ ۋاقتى» دەپ قوللىنىپ كەلدۇق.
60-يىللاردا «ئەدەبىيات»، «ھېساب» دېگەنلەرمۇ ««يۈۋېن»، «سۈەنشۇ» دەپ ئۆزگەرتىلدى. شۇ چاغلاردا ئاشۇنداق ئاتىيالىغانلار «زىيالىي»، «بىلىملىك» دەپ قارالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز شۇ ئىشلىرىمىزدىن نومۇس قىلىمىز. بىراق، «مەدەنىيەت» نىڭ ئورنىغا «سىۋىلزاتسىيە»، «ئىنسانپەرۋەرلىك» نىڭ ئورنىغا «گۇمانىزم»، «ئىملا قائىدىسى» نىڭ ئورنىغا «ئورفوگرافىيە» دېگەنلەرنى ئىشلەتكەنلەر ئارىمىزدا مەيدىسىنى كېرىپ يۈرىدۇ. جانلىق تىلدا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، بەش يىلنىڭ ئالدىدا «دوستلۇق»، «دۆڭكۆۋرۈك»، «قىزىلتاغ» دېگەن يەر-جاي ناملىرىنى خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئىشلەتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشمۇ تەس بولۇپ كەتتى.
بىرسى مەندىن « <شىنجاڭ ئۆكتەبىر تراكتور زاۋۇتى> دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىچىدە قايسىسى ئۇيغۇرچە؟» دەپ سورىغاندا، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قىزارغانىدىم. «بۇنداق مىساللار لازىم بولسا كۈرمىڭى تېپىلىدۇ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
بۇلار يەتمىگەندەك، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئاسمىنىنى قاپلاپ، قۇلاق-مېڭىنى يەپ تۇرىدىغان ساپاسىز ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنى دېمەمسىز! ئەنئەنىۋىي خەلق ئاھاڭلىرىنى بۇزۇپ ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغىنىنى ئاز دەپ، «يالتىراپ چاقناپ تۇرغان، بۇلاقتەك قارا كۆزۈڭگە»، «بىز كۈيلەيمىز، سىز ئوينايسىز، بىر، ئىككى، ئۈچ، بۇ نېمە؟» دېگەندەك قاملاشمىغان مىسرالارنى تىزىپ خەلققە ساتماقتا.
تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان جۈملىلەر:
- بۇ ھەپتە دالىبەيمۇ، شولىبەيمۇ؟ (بۇ ھەپتە چوڭ ھەپتىمۇ، كىچىك ھەپتىمۇ؟)
- شىبېيلۇدا چۈشۈپ، 7-يولغا ئولتۇرۇپ، گوڭشۆيۈەندە چۈشۈپ قالساڭ باۋۇگۇەننى تاپالايسەن. (غەربىي شىمال يولدا چۈشۈپ، 7-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، سانائەت ئىنستىتۇتىدا چۈشۈپ قالساڭ، مۇزېينى تاپالايسەن.)
- شىندادا ئوقۇغان مەنسۇرچۇ، ھېلىقى پاڭ-پاڭدى، شەھەرلىك نوڭخاڭغا بۆلۈنۈپتۇ. (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان مەنسۇرچۇ، ھېلىقى سېمىز، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بۆلۈنۈپتۇ.)
1000 يىل بۇرۇنقى كىشىلىرىمىز ئەرەب-پارس تىللىرىدا ئەسەر يازسا، ئەرەبچە – پارسچە سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىپ سۆزلىسە «ھۆرمەت» تاپقان ئىدى. شۇ دەۋردە
ئانا تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەت، ھۆرمەت سۇسلاشقان، زىيالىيلىرىمىز ئەرەب-پارس تىللىرىغا جېنىنىڭ بارىچە يېپىشقان، چوقۇنغان ئىدى. نەتىجىدە تىلىمىزدا ئەزەلدىن بار بولغان «باقى» نىڭ ئورنىغا «تارازا» نى، «بالىق» نىڭ ئورنىغا «شەھەر» نى، «تۆشەك» نىڭ ئورنىغا «كارىۋات» نى، «بېتىك» نىڭ ئورنىغا «خەت» نى، «كەڭ» نىڭ ئورنىغا «غەزەپ – نەپرەت» نى، «يازۇق» نىڭ ئورنىغا «گۇناھ» نى، «ئۇجماق» نىڭ ئورنىغا «جەننەت» نى ئالماشتۇرغان، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەم، دەپتەر، كىتاب، گۇۋاھ ، گۆر، گۈل، مەھكەم، مۇراد، مەۋجۇدات، ناشتا، ناتىق، يايلاق، ھاۋا، ھەيئەت، ۋىلايەت، ۋەزىر، ۋاقىت، كىبىر، غەرب، شېرىن، سىركە، راست، دوست، خىجىل، خەۋەر، تەھدىت، ئايۋان، ئېلان، ئەسلى … دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئەرەب – پارس تىلىدىن ئېلىپ ئۆزلەشتۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرىغا چىققان فونېتىكا، لېكسىكا جەھەتتىكى بىر تالاي قالايمىقانچىلىقلار ئەنە شۇ ئەرەبچە، پارسچە، رۇسچە تىللاردىن كىرگەن سۆزلەردىن پەيدا بولۇۋاتىدۇ، شۇ تارىخ يەنە تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋېرىدىغان بولساق، 100 يىلغا بارماي تىلىمىز «راست گېپىنى ئېيتىدۇ»، ئۇ چاغدا «ۋاي» دېسەك ئۈلگۈرمەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، تىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا زىيالىيلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن مەن ئۇنداق كىشىلەرنى ئۆز سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن ياش تۆكسۇن، دېمەكچى ئەمەسمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى ئەسلىشى، ئانا تىلىغا بولغان بىپەرۋالىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى ئانا تىلىنىڭ سۈپىتى، ساپاسى، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشى، شۇلار ئاساسىدا ياشلارنى ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن، بۇنىڭدىن ئىجتىمائىيىتىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرى مەنپەئەت كۆرىدۇ .
مەن ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلىپ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ئۈچۈن، ئۆلگىنىگە 1700 يىل بولغان ئىبراي تىلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن يەھۇدىي تىلشۇناسى ئېزىز يەھداغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، «تىل-ئىككىنچى ۋەتەن» دېگەن ئەقىدە ھەربىر يەھۇدىينىڭ كاللىسىغا مىختەك ئورناشقان، شۇڭا ئۇلار ئۆلگەن تىلىنى تىرىلدۈرۈپ، قايتا دۇنياغا كۆتۈرۈپ چىقتى. بىز بولساق، بارنى يوق قىلىشقا، كۆپنى ئاز قىلىشقا باشلىدۇق.
بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قاراپ باقايلى، دۇنياغا نەزەر سالايلى، خەق تىلىمىزنى ئۆگەنگىلى، تەتقىق قىلغىلى جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار تىلىمىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرسە نېمىلەرنى ئويلاپ قالار؟ ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىمۇ بىر چاغلاردىكى ئەنئەنىۋىي گرامماتىكا نەزەرىيىلىرىنى سۆزلەپ يۈرىمىز، 60-يىللاردا قازاقىستاندا تۈزۈلگەن ئىككى قىسىملىق «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» بىلەن خەمىت تۆمۈر ئەپەندى يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى (مورفولوگىيە)» دىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك گرامماتىكا كىتابىمىزمۇ يوق، ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىق قائىدىلىرى بىلەن ئون يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (دەرسلىك) نىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتتى. لېكىن بىز شۇلارنى يەنە سۆزلەۋاتىمىز، سۆزلەيمىز… ئەھۋال مۇشۇنداق بولىۋەرسە، بىز كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ سەن بىزگە نېمە بەردىڭ؟ نېمە قالدۇردۇڭ دېسە، نېمە دەيمىز؟ 1000 يىللاردىن بېرى بىر ئوبدان، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن كېلىۋاتقان تىل-يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ۋەيران بولغىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم «ھاي» دېمىسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېدنىڭ «ئاخىرقى دەرس» ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ھېچكىم بىزنى «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمىدى. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، تەبىئىي پەنلەر «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئىجتىمائىي پەنلەرگە، ئاندىن جانلىق تىلغا كېلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ھەر بىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە سەپسالايلى، باشقىلارنى نازارەت قىلايلى، تىل دېگەن غۇرۇرىمىز، ۋىجدانىمىز، ئانىمىزغۇ ئاخىر!

1996-يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى

1

تېما

2

دوست

5335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1584
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 20:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك موھىم بىر مەسئۇلىيىتى ،ھازىردىن باشلىساق ، ئۆزىمىزدىن باشلىساق ،زىيالىلىرىمىز ،مەتبۇئاتلىرىمىز ۋە تورداشلار ئۆلگە بولساق ھېلىھەممۇ كىچىكمەيمىز ،ئاناتىلىمىزنى توغرا ئىشلىتىش ،توغرا يېزىش ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

852

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25833
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 20:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئاكا ئۆز مەسئۇلىتىمنى يەنەبىر قىتىم ھىس قىلدۇردىڭىز      ھارمەغايسىز.

0

تېما

0

دوست

1065

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25952
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 21:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يۇكسەك مەسئۇلىيەت دىگەن گەپنى دىمەك ئاسان،لېكىن شۇ يۇكسەك مەسئۇلىيەت ھەرقايسىمىزدىن نۇرغۇن بەدەل تەلەپ قىلىدۇ.بىزنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز زورور ياكى زور ۋاز كېچىشلەرگە يۈزلىنەلىشىمىز كەرەك.

0

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25887
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 21:47:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتالنىڭ كەگۈسى ئىستىقپالى بارمۇ ؟ دەپ سورالغان سۇئالغا .
مىنىڭ ئائىلەم ۋە مەن پەرزەنىتلىرىم  ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتىرلىرىمىزدا چۇقۇم ئۇيغۇر يېزىقى بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن .  ئالىم مۇئەللىم گەرچە ئۇ سۇئالغا نىسبەتەن  غەيرى جاۋاپ بەرگەندەك تۇيۇلغىنى بىلەن پۇتكۈل ئۇيغۇرلىرىمىزغا شۇنى دېۋاتقاندەك ھىس قىلدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئەگەر بىرمۇ ئۇيغۇر بۇ تىلنى ئىشلەتمىسە مەن ۋە مىنىڭ يېقىنلىرىم ئىشلىتىدۇ دىگەن نوقتىنى بىزگە ئېنىق بۇلدۇرگەن ئىدى . شوڭا ھەربىر ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۆزى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى ۋە ئانا تىلىنى ئالىم مۇئەللىم ئېيتقاندەك يۈرەك بىلەن سۇيىشىنى ۋە شۇنداق قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .

0

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25920
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 21:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ،ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر.ئانا تىل تۇرسا باشقا تىل قىلغان كىشىنىڭ ئاغزىغا ئاۋاس ئاۋاس ئاۋاس ساغۇم كىلۇر

0

تېما

0

دوست

471

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   85.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25520
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 22:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ظانا تىلنى قوغداشنى هةممةيلةن ظأزىمىزدىن باشلايلى،ظةبجةش سأزلةرنى ظاثلىغان هامان كةسكىن تذزىتش بىرةيلى.

0

تېما

2

دوست

1059

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 22:55:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەلقارا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەيمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )