قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 6

«قاراخان»دىكى «قارا»نىڭ قىسقىچە تارىخىي تەبىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

469

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24387
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 23:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
                    «قاراخان»دىكى «قارا»نىڭ قىسقىچە تارىخىي تەبىرى
                                             مۇھەممەد قادىر (ئۇماي)  


      

         تارىخى ئاتالغۇ «قارا» مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز «تۈركى تىللار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن»؛ ئابدۇشۇكۈرمۇھەممەتئىمىن «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى»؛ سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخاننىڭ «مەن ئالىپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)نىڭ ئەۋلادىمەن...» دېگەن تارىخىي ئىبارىلەر بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تارىختىكى «چىن» نامى بىلەن «قارا» نامى بىۋاستە باغلىنىشلىق. «قارا» ۋە «قاراخان» ئاتالغۇسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىش، تارىختىكى «ئۈچ چىن»(«ئۇچ قورىقان»)نىڭ جايلىشىشىدىكى تەرەپ مۇناسىۋىتى ، شۇنداقلا  قاراخانىلار خاندانلىقى شاھلىرىنىڭ  تارىخى سەلتەنەتىگە ئۇدۇم بېغىشلىغۇچى  ئالىپ ئەرتۇڭا(ئەفراسىياپ)غا مۇناسىۋەتلىك بىباھا تارىخى قىممەتكە ئېگە نازۇك مەسىلە. بەزىلەر تەتقىقاتچىلار «قارا» سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى تۈپ مەنىسىنى -ئۇلۇغ،قۇدرەتلىك، ھەيۋەتلىك ،تەڭداشسىز،ئالەمشۇمۇل-دېگەن سۆزگە تۈگەللىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى بۇ ئاتالغۇنىڭ يۈزە ھالدىكى مەنىسى شۇيەردىكى ھەرقانداق شاھ ۋە شاھىنشاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلارنىڭ شاھلىق تاجى ۋە شاھلىق سەلتەنەتىدىنلا مەلۇم. بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈلىگى بىلەن شەكىللەنگەن ئىنساننىڭ تەبىئىي ھىس-تۇيغۇسى... شاھلارنىڭ قۇدرەتلىك، ھەيۋەتلىك ۋە ئۇلۇغلۇق ماقامىدا تۇرىشى «قارا» ئاتالغۇنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدىمۇ كۈچكە ئېگە ئىدى. مىسال، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى ئەجدات ئاتىسى ۋە تۈنجى پادىشاسى «ئوغۇزخان» ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاسى» دېگەن بولسا، «تۈركى تىللار دىۋانى» ئوغۇزخاننى «ئاتاساغۇن-تىۋىپ» دەرىجىسىدە سۈپەتلەيدۇ. «ھودۇدۇل ئالەم»دە «تىۋىپ»نى پادىشاھنىڭ يەنە بىر  سۈپىتى ئىكەنلىگىدىن ئۇچۇر بەرگەن. بۇلاردىن مەلۇمكى «قارا»نىڭ ئالدى-كەينىگە قوشۇلغۇچى ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئادەتتىكى رەڭنىلا كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمما «قارا»غا ئارقا ۋە ئالدى قوشۇلغۇچى ئۇلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇئەييەن بىر خاس ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرىشىدە شەك يوق. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان ئاي، كۈن ۋە يۇلتۇزدىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلىغا پۈتكۈل مەملىكەتنى (شەرىقتىن غەرىپ يۆلىنىشى بويىچە) ئۈچكە بۆلۈپ بېرىدۇ. بۇ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئۈچ چىن- يۇقۇرى چىن (تاڭغۇز-توڭغۇس)، ئوتتۇرا چىن (ئارچىن-قاراشەھەر) ۋە تۆۋەن چىن (ماچىن-مۇرچىن-غەربى چىن-قاراچىن)دىن ئىبارەت.
       ‹‹ چىن» بىلەن «قارا»نىڭ بىۋاستە باغلىنىشىنى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئېتنىك قامۇسى «ئوغۇزنامە» ئارقىلىق چۈشىنىش بىزگە ئالاھىدە قۇلايلىق بېغىشلايدۇ. «ئوغۇزنامە»دە «... ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك. ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كېيىن ، ئۇ چۈشىگە كەچكەنلەرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:" ھەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن؛  ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل-نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ. "  ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ھەمدە:" ئېيتقىنىڭ كەلسۇن " دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، بالىلىرىنى چاقىرىپ ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار." بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى، ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."  يەنە شۇندىن كېيىن ، ئاسمان ، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .  
شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى، ئەل-جامائەتنى چاقىرتتى، ئۇلار كېلىپ بامەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ... ئوڭ تەرىپىگە، قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە-كۈندۈز توي بولدى. يىيىشتى ،ئىچىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ.
      بۇ يەردىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر تارىخىي ئۇچۇر «... ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. » بايانى بىلەن «ئۇلۇغ تۈرك» دېگەن كىشىنىڭ پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ باشقۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى مۇمكىنلەيدۇ؛ «...كۈن، ئاي، يۇلتۇز... بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."...  
ئاسمان ، تاغ، دېڭىز ... يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .» دېمەككى ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ ئۇنى «كۈن»، «ئاي» ۋە «يۇلتۇز»غا بۆلۈپ بېرىپ، «يا ئوقنى توغرىلايدۇ» دېگەن ھېكمەت بىلەن «دېڭىز»، «تاغ» ۋە «دەريا»دىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلىنىڭ يۇقارقى ئۈچ ئوغلىغا شەكسىز بوي سۇنىشىنى تەكىتلەيدۇ.
     يۇقىرىقى تەسۋىر بويىچە، ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈرك زېمىنىنى ئۈچ ئوغۇلغا  
بۆلۈپ بېرىپ «ئۈچ چىن» (ئۈچ قېرىنداش) دۆلىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئۈچ چىن» ۋە «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» بىلەن تامامەن زىپچىلاشقان.
گەرچە، ئوغۇزخان دەۋرىدە «ئۈچ چىن» («ئۈچ قورىقان»-ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى) «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكىدەك «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن » دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ، مۇقەررەر ھالدا «تاڭ غۇز» (توڭغۇس- كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئوغۇزلار)، «ئارچىن» (ئوتتۇرا چىن) ۋە «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن) نامى بىلەن ئاتالغانلىقى ئېنىق.
     بىزنىڭ تەھلىلىمىز ئاستىدىكى «قارا» دەل ئەشۇ «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن)نىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇمى بولۇپ، «ماچىن»(مۇرچىن)گە «تۈركى تىللار دىۋانى»(1-قىسىم، 447-بەت)دە مۇنداق ۋاستىلىق ئۈچۈر قالدۇرۇلغان «مۇر ئۇچ- قارامۇچ»( يېمەك-ئىچمەككە تەم تەڭشەيدىغان قارامۇچ ئۆسۈملىكىنىڭ ياپراق ۋە غولى يېشىل ئۇچى قارا بولغاچقا <مۇرئۇچ- ئۇچى قارا> دېيىلگەن)... ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئوت قالايدىغان ئوچاقنىڭ تۇتۇن چىقىدىغان تۆشىكىنى «مورا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى «مورا»دىكى «مور» ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر. دېمەك، «ماچىن»(مۇرچىن)دىكى «ما»(مۇر) تارىخى ئاتالغۇ «قارا»نى ئىپادە قىلىدۇ. غەربى چىن ۋە غەربى چىننىڭ پادىشاسىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى «قارا» نامى تارخى تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئۇيغۇر (تۈرك) تىلىنىڭ «قارا»نى ئىپادە قىلىشىمۇ ئوخشاش بولمىغان تەرزدە ئىپادىلەندى. دەسلەپتە «مۇر» دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ يېمىرىلمەس دەلىلى شۇكى ياۋروپاغا كىرگەن ھونلار تەركىۋىدە «مور»لارمۇ تىلغا ئېلىنغان؛ ھازىرقى قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى يەنى بەشكىرەم بىلەن قۇمسېغىر ئوتتۇرىسىكى «مۇرتۇم»نىڭ تىل يىلتىزى «مۇر ئاتام» بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە «غەربى چىن»نىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچى شاھ سالايىتىدىكى ئەجدات ئاتىمىزنى كۆرسەتسە كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا «مۇرتۇم» (مۇرئاتام) ئۇقۇمى «كونا مۇرتۇم» ۋە «يېڭى مۇرتۇم»-دەپ ئىككىگە ئايرىلماس ئىدى. ئىككىنچى باسقۇچتا «فەغفۇرچىن»-دەپ ئاتالغان. «فەغفۇرچىن»نىڭ تىل يىلتىزى «پام+مۇر+چىن» بولۇپ، «پام» بىلەن «مۇر»دىن ئىبارەت ئىككى بوغۇم تىل تاۋۇشلىرىدا بىرلىكتە قوشۇلۇپ ئىپادىلەنگەندە تەبىئىي ھالدا «فەغفۇر»غا ئۆزگىرىشى تەبىئىي. سەۋەبى، ئەسلىدىكى «پام»نىڭ ئاخىرقى تاۋۇشى «م» بىلەن «مۇر»نىڭ بىرىنچى تاۋۇشى «م» ئۇچراشقاندا ئىككى «م» تاۋۇشى كېيىنكى «فەغفۇر» ئۆزگىرىشىدىكى «غ» ۋە «ف»نى شەكىللەندۈرگەن. تۆتىنچى باسقۇچتا «سۇلمى» (سولمۇر) تەرىزدە ئىپادىلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 329-يىللاردا ئىسكەندەر زۇلەرنەيىننىڭ تۈركلەر بىلەن «پۈتۈم» تۈگەندىن كېيىن تارىختىكى «بەش شەھەر»نى سېلىپ، تۈنجى شەھەرنى «سۇلمى»-دەپ ئاتاپ «غەربى چىن»نىڭ ئۆزگىچە يەنە بىر نامىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا ھازىرقى قەشقەر نامىنىڭ قەدىمدە «سۇلى»  («سۇلى. قۇللارغا قويۇلىدىغان ئىسىم.» «تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 320-بەت)-قۇللار دۆلىتى دەپ ئاتالغانلىقى ھەرگىز سەۋەپسىز ئەمەس.    
بەشىنچى باسقۇچتا «مۇر»(مۇرچىن)نىڭ تارىخى تەكرارىنىڭ تىل تاۋۇشلىرىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىشىدىن كېيىن «ما»(ماچىن) بىلەن ئىپادىلەندى. تارىخى مەنبەلەردىكى خوتەن ۋە قەشقەرنىڭ «ماچىن» نامى بىلەن ئاتالغانلىقى ھەممىزگە ئايان. ئالتىنچى باسقۇچتا «ئولتۇرۇشخان» (كۈن ئولتۇرىدىغان تەرەپتىكى خان)-دەپ ئېلىنغان. ئىران خەلقىنىڭ ئەڭ قەدىمقى داستانى «ئاۋىستا»دا تىلغا ئېلىنغان «ئۆلتۈرۈشخان» بىلەن «قاراخان»(黑天) بىرى بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ماھىيەتتە   «قاراخان»  (黑天) بىلەن «ئۆلتۈرۈشخان» پۈتۈنلەي ئوخشاش مەناغا ئېگە ئىككى ئاتالغۇ. بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ «ئاۋىستا»غا ئوخشاش بولمىغان مەنىدە كىرىپ قېلىشى، ئىراننىڭ قەدىمقى تارىخچىلىرى تۇران (ئەجداتلىرىمىز) بىلەن ئىراننىڭ كەسكىن زىددىيىتى تۈپەيلى  «قاراخان»نى «ئۆلتۈرۈشخان» دەپ ئېلىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە «ئاۋىستا»دا تىلغا ئېلىنغان «ئۆلتۈرۈشخان» ئاتالغۇسى «ئولتۇرۇشخان» بولۇپ «ئولتۇرۇش-كۈن ئولتۇرىدىغان، كۈن كىرىدىغان تەرەپ، غەرپ تەرەپ»دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. دىمەككى «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «تۆۋەن چىن»شەكسىز ھالدا «غەربى چىن»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ «غەربى چىن»نىڭ چايلىشىش ئورنى قالغان ئىككى «چىن» يەنى «يۇقۇرى چىن» ۋە «ئوتتۇراچىن»نىڭ غەربىدە بولغاچقا ئۇنى كۈن ئولتۇرۇش تەرەپتىكى «ئولتۇرۇشخان» («قاراخان»)دەپ ئاتىغان. بەشىنچى باسقۇچتا «موم ئاتام»-دەپ ئېلىندى. بۇ يەردىكى «موم» ئاتالغۇسى قارا رەڭنى  كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە ئىختىيارسىز ھالدا ھازىرقى موزدۇز ئۇستاملارنىڭ ئاياق تىككەندە يىپنى قارىدىتىدىغان قارا نەرسە «موم»دىن ئىبارەت كەسپى ئاتالغۇسىنى ئەسلىتىدۇ. ھازىرقى ئاتۇش شەھرىنىڭ ئارغۇ يېزىسى توغراق كەنتىنىڭ شىمالىدىكى تاغنىڭ بىر جىلغىسى «مومپاتلام» (موم ئاتام)-دەپ ئاتىلىپ تا ھازىرغىچە كىشىلەر ئۇ جاينى تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ جىلغىدىكى «مومپاتلام» مازىرى قەدىمكى «غەربى چىن»نىڭ قۇرغۇچى شاھلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك. يەتتىنچى باسقۇچ، يۇقارقى ئالتە ئۇقۇمنىڭ ئاخىرقى تۈگەللىنىشى بولغان «قارا» ئاتالغۇسىدۇر. ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەككى، «قارا» ۋە «قاراخان» ئاتالغۇسىنىڭ مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ئىران خەلقىنىڭ «ئاۋىستا»دا تىلغا ئالغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۇنى ھەرگىزمۇ نوقۇل ئوتتۇرا ئەسىردىكى قاراخانىلار خاندانلىقىغىلا تۈگەللەپ قويۇشقا بولمايدۇ.
         ئومۇمەن، «ماچىن»(مۇرچىن) غەربى چىننى كۆرسەتكەن ئىكەن، ئەڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز كۈن كىرىش تەرەپنى «قارا» رەڭ پەرقى بىلەن ئېلىپ، كېيىنچە «ماچىن» (مۇرچىن) تارىخى تىل ئىستىمالىمىزدىن قېلىپ «قاراچىن» ۋە «قاراچىن»نىڭ پادىشاسى «قاراخان» نامى بىلەن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. شۇڭا بىز، «قاراخان» شاھلىرىنىڭ سەلتەنەتىنى نوقۇل «قاراخانىلار خاندانلىقى»نىڭ ئۈچ يېرىم ئەسىرلىك چەكلىك مۇددىتى بىلەنلا قاراپ قالماي، ئۇنى ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تەراكىمە»دە قەيت قىلىنىغان «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن...» دېگەن سۆزى ۋە سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخان «مەن ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆزى بىلەن باغلاپ، «ماچىن»(غەربى خان)نىڭ ئالاھەزەل 5400 يىللىق تارىخى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشىمىز كېرەك...

0

تېما

3

دوست

1973

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 580
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 13:19:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭغا يەنى 5400 يىل دىگەنگە ئىشەنمەيمەن بىزنىڭ تارىخىمىز20000  يىللىق تۇرسا .........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

35

دوست

3124

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -1
تۆھپە : 906
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 17:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىڭىزدا قايسى نوقتىنەزەرنى ئوتتۇرغا قويماقچى ، ھىكايىدىكى تاڭ ئىتىش تەرەپ شەرىقىنى ، تۇن قاراڭغۇسى تەرەپ غەرىبنى كورسىتىدۇ ، دىمەك ئۇغۇزخان شەرىققە بىرىپ ئالتۇن ئوقيانى تىپىۋالغانغان باللىرغا سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى ئىتىڭلار دىدى شۇنداقمۇ ،دىمەك بۇلارغا ھاكىمىيەتنى تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلدى ، غەرىبكە بىرىپ ئۇچ كومۇش ئوقنى تاپقان باللىرغا ، يا ئوقنى توغۇرلايدۇ سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوسۇنىڭلار دىدى شۇنداقمۇ ، دىمەك ئوغۇزخاننىڭ ۋەسىيتىدىن غەرىبلىكلەرنىڭ ، شەرىقلىقلەرگە بويسۇنىشى تەكىتلەنگەن دىمەك ھازىر دۇنيا ئوغۇزخاننىڭ دىگىنى بويىچە يۇرشىپ كەلدى بولۇپمۇ غەربتىكى تۇركى مىللەتلىرى ، ئەسىرلەر بويى شەرىقلىقلەرگە بويسۇنۇپ ئىتائەت قىلىپ كەلدى بۇ ئوغۇزخاننىڭ كۇتكىنىمۇ ئوغۇز ئەۋلادى ، ياكى مەن خاتا چۇشنىۋالدىممۇ   

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

20

دوست

4916

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1178
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 18:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسىدۇر بىر تارىخى كىتاپتا ‹‹ ئۇيغۇرلار قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ‹ قاراخانىلار خانلىقى › نى قۇرغان ، بۇ خانلىقنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان ‹ قارا › سۆزى ‹ كەڭ ، ئۇلۇغ › دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ ›› دەپ كۆرگەندەك قىلىۋىدىم .

1

تېما

0

دوست

469

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24387
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 19:35:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم «ساتۇق»

   قەدىمدە پۈتكۈل تۈرك زىمىنى ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىمىز ئوغۇزخان تەرىپىدىن ئۈچكە بۆلۈپ باشقۇرۇلغان بولۇپ، تۈركلەرنىڭ 3000 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن بۇ دەۋرىنى بىز «ئۈچ چىن دەۋرى» ياكى «ئۈچ قورىقان دەۋرى» دەپ ئاتايمىز. مېنىڭ تارىخى تەھلىلىم ئاستىدىدكى مەزكۇر تەرمەچ،  خوتەن ۋە ئاقسۇ تۈز سىزىق لېنىيەسىنىڭ غەربىدىن تاكى قارا دېڭىزگىچە بولغان  «ماچىن» نامى بىلەن ئاتالغان زىمىن دائىرىسىدىكى قۇرۇلغان خانلىقلار ۋە خانلارنىڭ تارىختىن بۇيان «قاراخان» (غەربى خان) نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، «قارا»نامىنىڭ تارىختا قانچە خىل ئۆزگۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى تەپسىلاتىنى يېزىش ئىدى... ئەپسۇس، سىز شەرق غەرپنى باشقۇرۇپ كەلگەنمۇ-دېگەن ئەپسانىنى ئوتتۇرا قويغاندەك قىلىسىز. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئوغۇزخاننىڭ «كۈن»، «ئاي»، «يۇلتۇز»دىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ئالتۇن يانى تېپىۋالىدۇ، «تاغ»، «دەريا»، «دېڭىز»دىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى كۆمۈش ئوقيا تېپىۋالىدۇ... بۇنىڭدىكى ھېكمەت شۇكى «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ ئالدىنقى ئۈچ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ كېيىنكى ئۈچ ئوغلىنى ئۇلارغا شەكسىز بوي سۇنۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا «كۈن» دېگەن ئوغلىغا «شەرقى چىن»(تاڭغۇز-داكچىن-تاڭچىن)نى، «ئاي» (ئاي ئۇرۇ- ئاي ئۇرۇم»دېگەن ئوغلىغا «ئارچىن» (ئوتتۇرا چىن- كىن ئۇرۇم)نى، «يۇلتۇز» دېگەن ئوغلىغا «غەربى چىن» (ماچىن)نى بۆلۈپ بېرىدۇ. مانا مۇشۇ «غەربى چىن» (ماچىن-مۇرچىن)نىڭ تارىختىكى پادىشاھلىرى «قاراخان» نامى بىلەن ئاتالغان... تەرمىچىمدىن سىز تەسەۋۋۇر قىلىۋالغان شەرق تارىختىن بۇيان غەرىپنى باشقۇرۇپ كەلگەن دېگەن يەكۈن ھەرگىز چىقمىسا كېرەك...

   تەرمىچىمگە ئەستايىدىل يەنە بىر نەزەر سېلىپ باققايسىز.

   بۇ تۇرقىڭىزدا ئۆزىنىڭىزنىڭ تورنامى  تەخەللۇسىڭىز «ساتۇق»نىڭمۇ تىل يەشمىسىنى بىلمىسىڭىز كېرەك؟  «ساتۇق»- ساك ۋە تۇخارنىڭ بىرلەشمە نامى بولۇپ، سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخان ئۆزىنىڭ دىنسىز ئاتىسىنى فامىلە قىلىپ قوللانماي ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئەجدات نامى ساكلار بىلەن تۇخارلارنى ئەجدات ھۆرمىتى بىلەن فامىلە قىلىپ تاللىۋالغان...

   ئۆتكەنكى «بالىمۇ بالامۇ»غا يازغان ئىنكاسىمنى قىلچىمۇ چۈشەنمەستىن باشقىچە ئىنكاس يېزىپ يۈرۈپسىز. مەن ئۇ ئىنكاسىمدا «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى«بالا- بىللەن تۇرغۇچى» دېگەن قىممەتلىك يەشمىنى ئېلىپ، سىزگە «بالاساغۇن»دىكى «بالا» بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىشىم ئىدى....

  تەۋسىيىسىم شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن مەسلەكداشلار بىرى-بىرىنىڭ ئىنكاسىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئېنىق چۈشىنىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
   

1

تېما

0

دوست

469

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24387
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 19:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم «خۇشرۇي»

  سىزنىڭ ئۇ ئۇچۇرنى كۆرگىنىڭىز راس. ئەمما، ئۇ تىلشۇناسلار تەرىپىدىن خاتا ھالدا ئىزاھلىنىپ قالغان كىتاۋى ئاتالغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ خاتا ھالدا ئىزاھلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى. ئۇ بولسىمۇ «ئاۋىستا»دا تىلغا ئېلىنغان «黑天 » (ئۆلتۈرۈشخان-قاراخان) دېگەن نام قاراخانىلاردىن  مىڭ يىل بۇرۇنلا بار ئىدى...

0

تېما

35

دوست

3124

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -1
تۆھپە : 906
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 16:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umay يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 19:35
ئەسسالامۇئەلەيكۇم «ساتۇق»

   قەدىمدە پۈتكۈل تۈرك زىمى ...

مەن ئىسمىمنىڭ ۋە شۇنداقلا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسىنى شۇنداقلا ئۇماي ۋە ئۆتەكەن ئانىنىڭ تارىخمىزدىكى رولىنى چۇشەندۇرۇپ قويشىڭىزنى شۇ تىمامغا يازغان ئىنكاسىڭىزغا ئىنكاس قىلىپ يوللىغان ئىدىم لىكىن سىز جاۋاب بەرمەي قويدىڭىز ھىلھەممۇ تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز بىلمىگەنلەر بىلۋالسۇن   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )