قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4810|ئىنكاس: 46

قەيسەر مىجىت :مەرىپەتكە ئىنتىلىشمۇ ۋە ياكى مودا قوغلىشىشمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 09:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            
                            مەرىپەتكە ئىنتىلىشمۇ، مودا قوغلىشىشىمۇ ۋە ياكى مەجبۇرلىنىشمۇ؟

                                                                       قەيسەر مىجىت


ئىلاۋە:
      مەندىن بىر قارار بۇرۇن بۈگۈردىن كىلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ياش يازغۇچى ئەسقەر داۋۇتنىڭ "ئۆيلىنەيمۇ؟ ئۆي ئالايمۇ، ئۆلەيمۇ؟" دەپ ماقالە يازغىنىنى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامىرىكىدا تۇرۇپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇيغۇر جەمىيىتىنى كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى ماقالىنى ئوقۇماي تۇرۇپلا، ئەسقەر داۋۇتنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى ئاڭقىرالايدۇ. ئۇ -ياشلار دۇچ كىلىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە توختالغان. مەن ئۆزۈم چەتئەلدە ياشاۋاتقانلىغىم ئۈچۈن ۋەتەندە ياشلىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىۋاستە كۈزۈتۈش پۇرسىتىم يوق. لىكىن چەتئەل ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرۈپ بۇ يەردە ئوقۇش ۋە ياشاش ھەققىدە مەلۇم تەجىربە ۋە كۆز قاراشقا ئىگە بولغىنىم ئۈچۈن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا ۋە ياكى ياشاشقا ھەۋەس قىلغۇچىلارغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ قويۇمەن. مەسىلەن مەن بۇندىن 12 يىل ئىلگىرى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەققىدە چۈشەنچىسى كەمچىل ياشلىرىمىز ئۇچۇن بىر ئوچۇق خەت ئىلان قىلغان ئىدىم. ئۇ خەت ۋەتەندىكى "مىراس" جورنىلىدا ئازراق تەھرىرلىنىپ "مانا بۇ ئامىرىكا"نامىدا ئىلان قىلىنغان ئىدى.  ئۇ ئەسەر ئىلان قىىنغاندىن كىيىن  نۇرغۇن تور بەتلىرىگە قويۇلۇپتۇ، ئىنكاسلارمۇ ياخشى بوپتۇ. مەن بۇنىڭدىن خەلقمىزنىڭ ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بىرىدىغىنىنى، ئىدرەك بىلەن ياشاشقا ئىنتىلىدىغىنىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
ھالا شۇندىن بۇيان بىر زامانلار ئۆتتى، مىنىڭ مۇھاجىرلىق ھاياتىممۇ ئۇزۇنلاشتى، كۆرگەن-بىلگەنلىرىممۇ موللاشتى، بەزى ئىشلارغا بولغان چۈشەنچەممۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ يىللاردا خەلقمىزنىڭ بىشىغا ھەر خىل قىسمەتلەر كەلدى. ئەلۋەتتە بولغان ئىشلار ۋە بولۇۋاتقان ئىشلار كىشىلىرىمىزنىڭ روھىغا، تەپەككۈرىگە جۈملىدىن ئۆزلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كىلەچىكىنى ئويلىشى ۋە مەلۇم يوللارنى تاللىشىغا  تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەن ئۆزۈم جىق ۋە مۇرەككەپ نەرسىنى ئويلاشقا كاللام يەتمەيدىغان تەپەككۈرى چولتا، ھىلە-مىكىردىن يىراق، خۇدايىمنىڭ بىر مۆمىن بەندىسى. ئەمما شۇ مۆمىنلىكتە مۇنداق بىر ئىستەك بار:
      گەرچە ئاددى بولسىمۇ مۇشۇ ساددا ئويلىرىمنى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىغا باغلاپ تۇرسام....
      مەن ئامىرىكىدا 16 يىل ياشاش جەريانىدا   ئامىرىكىدا ئوقۇش، كەسپ تاللاش،خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ھەمدە  مۇئارىپنىڭ تەننەرقى ۋە ئۇنىڭدىن كىلىدىغان ئۈنۈم ھەققىدە خىلى سىلىستۇرما قىلىپ ئويلاپ تۇردۇم.  بۈگۈن مەن مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارلىغىنى ھىس قىلدىم. سەمىڭلەرگە سالىدىغىنم ئويلىغانلىرىمنىڭ دەبدەبىلىك قۇرۇق سۆز تىكىستى ۋە ياكى، نەزەرىيىۋىلەشكەن ئىلمى ماقالە تىپىدىكى نەرسە بولۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن، پىكرىمنى چۇۋالچاقراق بولسمۇ، ئەركىن قانات يايدۇردۇم.  
*******************************************************************
        بىز-بىر ئىككى يىلدىن بۇيان چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش -سەۋەپلىرى بىلەن  يۇرتتىن ئايرىلىۋاتقان  ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپۈيۈپ قالغىنىنى كۆرۈۋاتىمىز ھەم ئاڭلاۋاتىمىز. بۇنى "ھادىسە دەمدۇق" ياكى "يۈزلىنىش" دەمدۇق؟ ئەگەر ئالدىنقىسى بولسا تاشقى كۈچ ئارىلاشمىغان شارائىت ئاستىدا ئۇنىڭ كەينىگە  چىكىنىشى تەبىئى. ئەگەر كىيىنكىسى بولسا، ئۇنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ھەتتا كۈچىيىشى تۇرغانلا گەپ. مەيلى ئۇنى نىمە دەيلى، بۇلارنىڭ يۈز بىرىشنىڭ سەۋەپلىرى نىمە؟ ئۇ ياخشى ئىشمۇ؟ ئۇ قانداق نەتىجىلىنىدۇ؟ مەن ئەسقەر داۋۇت پەدىسىدە ماۋزۇ قويۇلغان ئۇشبۇ يازمامدا،  بۇ ھەقتە تىيىز بولسىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى توغرا تاپتىم. چۈنكى يولنى پەرق ئىتىپ ماڭغان- قارغۇلارچە ئەگەشكەندىن كۆپ ياخشى. مەن ياشلىرىمىزنىڭ داغدام يولدا مىڭىشىنى ئارزۇ قىلىمەنكى ئۇلارنىڭ ئورەككە چۈشۈپ كىتىشىنى ۋە ياكى پاتقاققا پىتىپ قىلىشىنى ئاڭلاشنى، كۆرۈشنى، شۇ سەۋەپلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئازاپ چىكىپ ھەسرەتتە قىلىشىنى، يۈرۈگۈمنىڭ ئاغرىشىنى قەتئى خالىمايمەن!
مەيلى بىز ئۇنى بىر خىل ھادىسە دەيلى ۋە ياكى يۈزلىنىش دەيلى، كۈزۈتۈشۈمچە بۇنىڭ سەۋەپلىرى توغرىسىدا  مۇنداق 3 خىل ئاساسلىق  قاراش مەۋجۈت.

1. مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلىگىدىن ئاتا-ئانىلار چەتئەل مۇئارىپىنى سۈپەتلىك كۆرۈپ بالىلىرىنى چىقارماقتا. )شۇنى ئىيتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، خەنزۇلاردا مۇشۇنداق قاراش بولغانلىقتىن ھازىر ئۇلاردا بالىلىرىنى ئامىرىكىغا ئوقۇتۇشقا ئەۋەتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى(

2. چەتئەلگە ياكى ئۆزى ياكى بالىسىنى چىقىرىش- ۋەتەندە كىشىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار قوغلىشىدىغان مودا بوپ قالدى. )كۆپنى كۆرگەن، ئەقىل توختاتقان چوڭلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى -ئۇ باشقا گەپ بولۇپ بۇ ماقالىدا توختالمايمەن(

3. بۇ يەردە جاھان تارىيىپ كەتتى، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش بىر گەپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تىپىش تىخىمۇ تەس دەيدىغان قاراش ۋە ياكى  يۈز بەرگەن تىراگىدىيەلەردىن چۆچۈش،  بالىلارنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىنى ئۆز ۋەتىنىدە قاراڭغۇ دەپ ھىس قىلىش تۈپەيلى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىگىگە ۋە ئىستىقبالىغا شەكىللىك ۋە شەكىلسىز تەھدىت بار دەپ قاراش! بۇنى مەن مەجۇرلىنىش دەپ ئاتىدىم.
  
      ئالدى بىلەن  شۇنى جاكالايمەنكى- مەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ۋە ماكانلىشىپ قىلىشقا قارشى ئەمەسمەن، يەنى مەن ئۆزۈمگە -ئۆزۈم قارشى ئەمەسمەن. مۇنداقچە ئىيتقاندا ھىلىقى بىر قولىدا قىلىچ كۆتۈرۈپ "بۇ قىلىچ دۇنيادىكى ھەر قانداق قالقاننى تىشىۋىتەلەيدۇ" دەپ جار سىلىپ ، كەينىدىنلا يەنە بىر قولىدىكى قالقاننى كۆرسۈتۈپ "بۇ قالقان دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۆتكۈر قىلىچنى توسالايدۇ" دەپ كاكىرايدىغانلار تىپىدىن ئەمەسمەن.
      بىر باي كىشى - ئۆز بايلىغىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ھەر خىل مەبلەغ تۈرلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق يەنە  خەۋپ-خەتەر ئىچىدە ئايلىنىدىغان ئىقتىسادنىڭ كۈتۈلمىگەن زەربىسنى يىنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغىنىدەك، بىر ئائىلىدىن، بىر جەمەتتىن بىرەر -ئىككى ئادەم ۋە كەڭ مەنىدىن ئىيتقاندا
       بىر مىللەتنىڭ ياشلىرىنىڭ بىر قىسمى - چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقسا، يەرلەشسە، بەلكىم ئۇمۇ يامان بىر ئىش ئەمەس. مەجبۇرلىنىش تۇيغۇسىدا چەتئەلگە چىقماقچى بولغانلار ئۈچۈن بەلكى "كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق" دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "سىقىلغان بولساڭ، ئۈمىتسىزلەنگەن بولساڭ كۆچۈپ باق!" دىيىش مۇۋاپىق بولسا كىرەك.  ئەگەر سىز ياكى پەرزەنتلىرىڭىز مۇشۇ ماقالىدە  ئىيتىلغان ئۈچۈنچى خىلدىكى روھى ھالەتنىڭ تەسىرىدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنى ياكى كۆچۈشنى ئويلاشقان بولسىڭىز مەن بۇنى -- مەجبۇرلىنىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدىن دەپ چۈشىنىمەن، ۋە بۇ خىل روھى كەيپىياتتا ۋەتەندىن ئايرىلغان كىشى بەلكىم بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ياخشى ئوقۇپ ۋە تىرىشىپ كۈنىنى ياخشى قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەۋەپلەر بىلەن يۇرتتىن ئايرىلغان بولسىڭىز - سىزنى قوللايمەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چەتئەلدە ئويلىمىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىغىنى سەمىڭىزگە سالىمەن.  ئەگەر تۇرمۇش ۋە ئوقۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش مەجبۇرىيىتى بىلەن جاپالىق يەرلەردە ئىشلەپ قالسىڭىز، مەن سىزنى تىخىمۇ چۈشىنىمەن، قوللايمەن. چۈنكى سىز ۋە مەن ئالللىقانداق ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن ئوقۇشقا كەلمىگەن. ئۆزىمىزنىڭ قان تەرى بىلەن تاپقان پۇلى، غايىسى ۋە ئىشەنچى بىلەن كەلگەن، خەقنىڭ سەدىقىسىدە ياشاشنى ھەم تاما قىلىپمۇ كەلمىگەن، بەلكى ئادەمدەك غۇرۇر بىلەن ياشاش پۇرسىتىنى ئىزدەپ كەلگەن. مۇبادا سىز ئاشۇ سەۋەپلەر بىلەن كىلىپ، جاپالارنى تارتىپ قالغان بولسىڭىز، چىداڭ، تىرىشىڭ، ئاخىر ئىشىڭىز خەيرلىك بولغۇسى. مەن "ئۆزىنى خار قىلغۇچە كۈچىنى خار ئىلغۇچىلارغا" ھۆرمەت بىلدۈرگۈچى. شۇنداق ئىكەن، مەن سىزگە مەدھىيە ئوقۇيمەن، ھەرگىزمۇ "بوستوندا خار ئىكەن ئۇيغۇر بالىلىرى" دەپ  ناكەس نەرسىلەرنى يازمايمەن، چۈنكى بۇ تۇرمۇشنى مەن كۆرگەن. مەن ئۇنى خارلىنىش دەپ چۈشەنمەيمەن بەلكى كىشىلىك قەدر قىممەتنى تىپىشنىڭ جەريانى دەپ چۈشىنىمەن. مەن مۇشۇ سۆزۈم بىلەن يۇقۇرىدىكى ئۈچىنچى قاراشقا بولغان كۆز قارىشىمنى تاماملايمەن!

     مىنىڭ تازا توغرا تاپمايدىغىنىم ۋە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇدۇغىنىم - ئىككىنجى خىلدىكى قاراش يەنى چەتئەلگە چىقىشنى قارىغۇلارچە مودا قىلىپ قوغلىشىش مەسلىسى. بولۇپمۇ شارائىتىڭىز ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاشۇنداق قارار چىقارغان بولسىڭىز مىنىڭچە ئۇ ياخشى تاللاش ئەمەس.
     سەۋەپ ئاددى. چەتئەلدە ياشىماق ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس، بولۇپمۇ تۇرمۇش تەجىربىسى يوق، بىشىدىن ئىسسىق سوغۇق ئۆتۈپ باقمىغان كىشىلەر ئۈچۈن. چەتئەلدە، بولۇپمۇ ئامىرىكىدا ئوقۇماق ھەم ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس، بۇنى ئاساسلىغى ئوقۇش پۇلىنىڭ قىممەتلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىيتىۋاتىمەن.
ئامىرىكىدا ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئىلىش ئۈچۈن، كەم دىگەندە تۆت يىل ۋاقىت كىتىدۇ، ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن كەم دىگەندە يىلىغا يىگىرمە مىڭ بىلەن ئەللىك مىڭ دوللارنىڭ ئارىسىدا  پۇل كىتىدۇ. تۇرمۇش خىراجەتلىرىڭىزچۇ تىخى؟ مانا مۇشۇ ئوقۇش پۇلىنىڭ قىممەتلىگىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئىلىشتىن ۋاز كىچىپ خىزمەت ئىزدەيدىغان ئامىرىكىلىقلارمۇ نۇرغۇن. مەن شەنبە كۈنلىرى ئشىتاتىمىز قارمىغىدىكى بىر ئىنىستىتوتقا دەرس ئۆتۈپ قويىمەن (بىكار تۇرغۇچە بىكار مۇش يە دەيدۇ ئەمەسمۇ، ئاتىلار). ھەر مەۋسۈمدە سىنىپىمغا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يىرىمىگە يىقىنى يىشى ئوتتۇزغا يىقىنلاشقانلار. ئۇلار ئەينى چاغدا ئىقىتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئالى مەكتەپكە بارالماي، ئۇدۇللا سائەتلىك ئىش ھەققىگە ئىشلەيدىغان خىزمەتكە چۈشۈپ ئاندىن ئىقتىسادى جەھەتتە ئازراق مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلىش ئۇچۇن مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنلەر. چۈنكى بىرىنچىدىن ئشىتاتلىق ئىنىستىتوتلار- ئشىتات مالىيەسىنىڭ مەلۇم ياردىمىگە ئىرىشىدغان بولۇپ ئاھالىلىرىگە ئالى مۇئارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتنى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىنى ئەرزان قىلغان، ئىككىنچىدىن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياكى سىستىرالىق كەسپى ياكى بوغالتىرلىق كەسپى ئوقۇيدۇ، بۇ ئىككى كەسپتە خىزمەت پۇرسىتى كۆپرەك. ئۈچۈنچىدىن، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىدارىلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن يىلىغا ئىككى مىڭ بىلەن بەش مىڭ دوللار ئەتراپىدا تۆلەپ بىرىدۇ. مانا شۇنداق بىر نەچچە پايدىلىق سەۋەپ تۈپەيلىدىن، بەزىلەر يېشى چوڭ بولسىمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنى خالايدۇ، چۈنكى، ئامىرىكىنىڭ ئەمگەك ئىقتىسادشۇناشلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئادەتتە ئامىرىكا جەمىيىتىدە مەكتەپتە ئالغان ئۇنۋاننىڭ يۇقۇرىلىغى بىلەن  ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مۇسپەت باغلىنىشنىڭ بارلىغىنى بايقىغان (يەنى ئۇنۋان يۇقۇرى بولغانسىرى، ئىش ھەققى يۇقۇرى بولۇش يۈزلىنىشى) كىشىلەر مەھسۇلات سىتىۋالغاندا قايسى دۆلەتنىڭ ياكى قايسى زاۋۇتنىڭ دەپ سۈرۈشتە قىلغىنىدەك، ئىدارە - شىركەتلەرمۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، كاندىداتلارنىڭ خۇسۇسى ئالاھىدىلىگىگە قارىغاندىن سىرت يەنە ئۇلارنىڭ پۈتتۈرگەن مەكتىۋىگە ھەم قارايدۇ. شۇڭا، قانچە ماركىسى ياخشى مەكتەپتە ئوقۇسا شۇنچە ياخشى. لىكىن، ماركىسى ياخشىنىڭ باھاسى قىممەت بولىدۇ. ئۇنداقتا، نامى بار ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئۇيغۇر ياشلىرىغا نىسبەتەن مۈمكىن ئەمەسمۇ؟ ياشلىرىمىزدىكى ئەقلى سۈپەت جەھەتتىن ئىيتقاندا تامامەن مۈمكىن، ئەمما ئوقۇش پۇلىنى ئۆزى تۆلەشكە مەجبۇر بولسا ھەقىقەتەن قىيىن. مىنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغان خىزمىتىم - سەھىيە سىستىمىسىدا مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە خام چوت پىلانلاش. شۇ سەۋەپتىن خىلى ئىسىل ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ دەسلەپتە خىزمەتكە چىققاندىكى ئالىدىغان يىللىق مۇئاشىنى ئوبدان بىلىمەن. ئادەتتە ئۇلارنىڭ مۇئاشى يىلىغا 32 مىڭ بىلەن 35 مىڭ ئارلىغىدا باشلىنىدۇ. 4 خىل باجنى تۇتۇپ قالغاندىن كىيىن (يەنى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن يىگىرمە نەچچە پىرسەنت ئەتراپىدا)، قولىغا تىگىدىغىنى بىلەن جىنىنى ئاران-ئاران باقىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇ يەردە ئۇزۇن يىل تۇرمايدۇ، 2-3 يىل ئىشلەپ ياكى دوختۇرلۇق كەسپىگە ياكى پىسخولوگىيە ۋە ياكى سىستىرالىقنىڭ دوكتۇرلۇق پروگراممىسىغا كىتىپ قالىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن ماڭىدىغان يول ئۇزۇنراق، بىسىشقا توغرا كىلىدىغان ئۆتكەل كۆپرەك.
شۇڭا، چەتئەلگە بالىلىرىنى ئوقۇشقا چىقىرىشنى ئويلايدىغان ئاتا-ئانىلار  بۇ خىل تاللاش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەت ۋە تۆلەيدىغان بەدەلنى ياخشى ئويلىشى كىرەك.
       مەن  ھەر يەرلەردە ياشاۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بەختلىك ياشىشىنى، زۇلۇمغا ۋە تالاپەتكە ئۇچرىماي، سانىمىزنى كۆپەيتىپ، سۈپىتىىمزنى ئاشۇرۇپ ھاياتنىڭ بۇ قىسقا ئۆتەڭلىرىدىن خوشال ئۆتۈشىنى يۈرىگىمنىڭ قىتىدىن تىلەيمەن. شۇنداق بولغانلىقتىن چەتئەلگە كىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ توغرا يولدا مىڭىپ، تىرىشىپ ھالال ئەمگىگى  بىلەن ياشاپ ، مەرىپەت ئىگەللەپ ياكى بىرەر ئىشنىڭ بىشىنى تۇتۇپ ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇشىنى بەك ئارزۇ قىلىمەن. نىمىشقا بۇنداق دەيمەن؟
       چۈنكى مەن كۆرۈۋاتىمەن، ئاڭلاۋاتىمەن، ئويلاۋاتىمەن.  نىمىنى؟ دەپ سورىشىڭىز مۈمكىن.  ياش ئىنى -سىڭىللىرىمىزنىڭ بەزلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئوقۇۋاتقىنىنى بۇنىڭدىن خوشمەن ئەلۋەتتە ئەمما بەزىلىرىنىڭ ئوقۇشىنىڭ تايىنى يوق چەتئەلدە بىھۇدە تارتىۋاتقان جاپاسىنى، بەزى ئاتا- ئانىلاردىكى مودا قوغلىشىش پىسخىكىسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ  قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئاغزىدىن ئانا -سۈتى پۈراپ تۇرغان، ئاتا-ئانا مىھرىگە تولۇق قىنىپ بولمىغان، مىللى ئەخلاق ۋە تەربىيەنى يىتەرلىك ئىگەللەپ بولماي ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرلىق ھاياتنى بۇرۇنلا باشلاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى.
       بالىڭىزنى ئوقۇشقا چىقىرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ يېشى ۋە خاراكتىر جەھەتتىن يىتىلىشىنى، چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان مەكتىۋى ۋە كەسپىنى ئويلىشىڭ.
       ئەگەر بالىڭىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرمىگەن بولسا، دىمەك يىشى 18 دىن كىچىك دىگەن گەپ.  بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا ياكى ئىشەنچلىك بىر ئادەم ياكى مۇشۇ ئىشلارنى يۈرۈشتۈرگەن شىركەت مەسۇل بولۇشى كىرەك. چۈنكى 18 ياشتىن تۈۋەن ئوقۇغۇچىلار  مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ قارىلىپ بىراۋ ئۇنىڭ بۇ يەردىكى بىخەتەرلىگى، سالامەتلىگى ۋە جىددى ئەھۋالىغا مەسئۇل بولۇشى كىرەك. دىمەك، بىرسى چوقۇم بالىڭىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالىغا مەن ئىگە دەپ قول قويۇپ بىرىشى ۋە بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا ئىگەللەپ تۇرۇشى كىرەك. ئەگەر بالىڭىزنىڭ يىشى كىچىك بولسمۇ، زىرەك، ئىش ئۇقىدىغان بولسا، كاپالەتچى بولۇپ قول قويغان ئادەم ۋە ئورۇنغا خاپىچىلىق ئىلىپ كەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سىزنىمۇ دەككە-دۈككىگە، سىزگە ياردەم قىلماقچى بولغان ئادىمىڭىزنى ئاۋارىچىلىككە قويۇسىز. چۈنكى ۋەتەندە بىرسى بىر ئىشنى ھاۋالە قىلسا "ھە ماقۇل" دەپ قويۇپ بىجىرمەي ، يۈزمۇ قىزارماي، ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋەرگەن بىلەن، ئامىرىكىدا بىر ئىشقا ۋەدە قىلىپ  بىرەر ھۆججەتكە قول قويدىڭىزمۇ ئۇنىڭ مەسۇلىيىتى سىزگە چۈشىدۇ. شۇڭا ئادەملەر ئالدىراپ مەيدىسىگە ئۇرمايدۇ. 18 ياشتىن كىچىك بالىلار مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس دەپ قارالغانلىقتىن ئۇلارنى ئامىرىكا ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىش بار. يەنى بۇ بالىلار ئاش-تاماقتا، يۈرۈش-تۇرۇشتا تۇرۇۋاتقان ئائىلىنىڭ چۈشۈنۈشى ۋە سىخىلىقىغا مۇھتاج. بۇنداق ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى دىندار بولۇپ ئۆزىنىڭ دىنىنى يىڭى كەلگەنلەرگە سىڭدۈرۈشكە ئاران تۇرىدۇ. مىنىڭمۇ بىر يىقىن ئاغىنەمنىڭ بالىسى تۇرۇۋاتقان ئوينىڭ ئىگىسى - مەندىن بۇ ئۆسمۈرنى يەكشەنبە كۈنى چىركاۋلارغا ئىلىپ-بارسا بولىدىغان بولمايدىغانلىغىنى سورىۋىدى، مەن چىرايلىق ئەمما ئوچۇقلا ئىيتتىم:
-بىزنىڭ ئىتىقادىمىز بار ئادەملەر يەنى مۇسۇلمان بىز، بالا بۇ يەرگە ئىلىم-پەن ئۈگەنگىلى كەلدى، دىن ئۈگەنگىلى كەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا 18 ياشتىن كىچىك. بۇ خىيالىڭ توغرا ئەمەس.
       كىيىن دوستۇمنىڭ بالىسى يىشى كىچىك بولسىمۇ، ئىمانلىق، زىرەك بالا بولغانلىقتىن، ھەر ئشتا چاققان، چەپدەس ۋە ئىتىقادىغا سادىق بولۇپ ئۆي ئىگىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ يەنى ئۆزىنى سوراپ ياشىغانلىقتىن ئۆي ئىگىسىنى قايىل قىپتۇ. ئەمدى ھازىر، بۇ 70 تىن ئاشقان كىشىلەر دوستۇمنىڭ بالىسىدىن بىز ۋە دىنىمىز ھەققىدە سوئاللارنى سوراپ قىزىقىپ يۈرگۈدەك. بالا دىگەن مانا مۇنداق بولسا ھەممە راھەت بولىدۇ. خوش، ئەمدى بالىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇشمۇ بىر گەپ. ئامىرىكىنىڭ ئىقتىسادى ناچار چاغلاردا مەكتەپلەر تەسىس قىلغان ئوقۇش مۇكاپات سانى ئاز، سوممىسى تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن ئادەملەر بانكىلاردىن قەرز ئىلىشقا مەجبۇر. شۇڭا ئامىرىكىدا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى ئويلاپ خۇددى بىزنىڭ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تويى ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويغاندەك ئۇلارمۇ ئىشىنسا بالىلىرىنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن پۇل قويۇپ ماڭىدۇ. لىكىن ۋەتەندە تۇرۇپ بالا ئوقۇتۇۋاتقان ئادەمگە ئۇ ئاسان ئەمەس، بىر ئىككى يىل بىلىنمىگەن بىلەن ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا خۇددى ئەتىيازدا ئاشلىقى ئۆكسۈپ قالىدىغان ھالاۋۇدۇن ئاكىىنىڭ ھالىغا قىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرەلمىگەن ۋە داڭلىقراق مەكتەپتىن ئوقۇش پۇلى ئالالمىغان شارائىت ئاستىدا تولۇق كۇرسنى ئادەتتىكى ئوقۇش پۇلى ئەرزان بولغان مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئاسپىراتورلۇقنى ئىسىل مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ ئۆزى يەنە بىر ئەلا تەدبىردۇر. مىنىڭ ئەتراپىمدىكى ياشلار- مەكتەپنىڭ نوچىسىنى، كەسپنىڭ ياخشىسىنى سوراپ مەسلىھەت ئالغىنىدا مەن تازا ئاتۇش پەدىسىدە شۇنداق دەيمەن:
       -ماڭ قايلا، خارۋاردقا ھازىر ئۆتەلمىسەڭ، كىيىن ئۆتىسەن. مەنمۇ ئاتۇشتىن ئىشەكنىڭ قۇيرۇقىغا ئىسىلىپ ئۇرۇمچىگە چىقىپ، خەنزۇ مۇئەللىم "قايسى فاكۇلتتىىتتىن سەن دىسە"، atuxi xi" دەپ يۈرۈپ ئامىرىكىغا كىلىپ خارۋاردقا چىرىپ كەتتىم ئەمەسمااا. سەن ماڭا قايلىغاندا ياش كەلدىڭ، چوقۇم چىرىپ كىتىسەن....
       -ئوقۇساڭ، مىدىتسىنا ئوقۇ ھە. خىزمەت سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ، سەن خىزمەت ئىزدەپ ئاۋارە بولمايسەن. ما مەن بىلەن ئىشلەيدىغان يەردە مەندىنمۇ سەت ھىندىستانلىقلار با، "ئاي ئەم گۇپتا، ئاي ئەم تېرتىي فاي" )مەن گۇپتا، مەن ئوتتۇز بەش ياش)دەپ بىشىنى گىلدىڭشىتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان، بىشىنى تۇتۇۋالساڭ، بەدىنى ياۋبەي ئويناپ كىتىدىغان. شۇلارنى ماۋۇ ئامىرىكىلىق سىستىرالار  "دوكتۇر گۇپتا" دەپ كەينىدە يۈرۈشىدۇ. گەپ ئۇنۋاننىڭ چوڭ-كىچىكلىگىدە ئەمەس، ئوقۇغان كەسپىڭنىڭ بازىرى بولۇشىدا. مەن ھەتتا ھەر داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دوكتۇرلارنىڭ 75 مىڭ دوللارلىق خىزمەتنى ساقلاپ قالالماي ئىشتىن بوشاپ كەتكىنىنى كۆردۈم. شۇڭا
كەسپ ئوقۇ، كەسپ(مەن ئۆزۈمنىڭ رەڭگا-رەڭ خىياللار ناملىق بلوگىمدا مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بىرىپ قويىمەن، يەنى ئامىرىكىدا ھازىر ئىقىۋاتقان كەسپلەر توغرىسىدا)
       مۇبادا بالىڭىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپ ئۈچۈن كەلگەن بولسا، ياخشى كەسپنى ئوقۇمىسا، "دىھقان ئىتىزغا 100 كىلو ئۇرۇق چىچىپ، 60 كىلو ھوسۇل ئاپتۇ" دىگەندەك ئىش بولىدۇ.
مىنبڭ "ئائىلىلەر مۇئارىپقا سالغان مەبلىغى بىلەن ئىرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمنى ئويلىشىشى كىرەك" دىگىنىم مۇشۇ رېاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئىيتىلغان.  
      شۇ نەرسە ئىنىقكى، ئادىمىلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ھىچقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ جاپادا قىلىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى،
بىر ئانا ئۈچۈن بىر بالىنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قوساق كۆتۈرۈپ تۇغۇش، بىر ئاتا ئۈچۈن  بوۋىغىنىڭ بۇدرۇق قوللىرىنى تۇتۇپ ئەكىلىتىپ سۆيۈش، بالا مىھرىگە قانماي ئۆتۈش - بىر نورمال ئىنساندا بولىدىغان سۈپەتلەردۈر.  ئەمدى ئاشۇنداق تۇرۇپ ئەمدىلا ئۆسمۈرلۈكتىن خوشلاشقان بالىسىنى چەتئەلگە ھەر خىل ئارزۇ -ئۈمىد بىلەن يولغا سىلىش  بىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئوڭاي ئەمەس. ئەمدى ئۇلار بالىسىنى بىر مەزگىل كۆرەلمەيدۇ، باغرىغا بىسىپ، پىشانىسىغا سۆيەلمەيدۈ، ئانا - ئۆزى ئوخشۇتۇپ ئەتكەن ئىسىل تاماقلارنى بالىسىغا تۈگۈنۈپ، ئۆيىدە كۆزىگە ياش ئىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىدۇ. ئاتا- "بالامنى كۆرىمەن" دەپ ئىشتىن ئۆيگە ئالدىراپ قايتمايدۇ. كىچىلىرى "بالام بوستۇندا نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، سد نېيدە قانداقراق تۇرۇۋاتقاندۇ"دەپ ئويلايدۇ . "بالام توڭلاپ قىلىۋاتقاندىمۇ"دەپ مونتـېرىلنىڭ تىمپىراتۇرىسىىنى كۈندە تەكشۈرىدۇ.  دىمەك،  بۇ بالىسىنى يىراققا ئوقۇشقا سالغان بىر جۈپ مىھرىۋان ئاتا-ئانىنىڭ بىشىدىن ئۆتكۈزۈدىغان روھى ھالەتلىرىدۇر. ئەگەر سىز ئاشۇ تىپتىكى بالىجانلىقىڭىز كۈچلۈك ئاتا-ئانا بولسىڭىز، ئەمما مودا قوغلىشىپ قالغان بولسىڭىز مانا بۇ سىز ئۈچۈن يىزىلغان!
      (بالىنى تۈغۈپ قويۇپ، ئۆزى رەڭلىك سورۇنلاردا كۈن ئۆتكۈزۈپ، پەرزەنتلىرى -مىھر-مۇھەببەتنىڭ نىمىلىگىنى، توغرا خاتانىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلمەي چوڭ بولۇپ ئازراق غەلۋە قىلىپ قالسا ئۇلارنى چەتئەلگە چىقىرىۋىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىلىق مەسۇلىيىتىدىن قىچىۋاتقانلارغا لەنەتلار بولسۇن!، بۇنداقلارغا سۆزۈمنى ئۇپراتمايمەن)
      مۇبادا سىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىز ياخشى بولمىسا، پەرزەنتىڭىزنىڭ يىشى بەك كىچىك بولسا، ئوقۇشقا تازا مەيلى بولمىسا ئالدىراپ چەتئەلگە ئوقۇشقا سالماڭ. بولۇپمۇ پەرزەنتىڭىز قىز بولسا تىخىمۇ ئىھتىيات قىلىڭ. مەن بۇ گەپلەرنى ئاساسسىز دىمەيۋاتىمەن.
چەتئەل -جەننەت ئەمەس. چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئىسىلمۇ ئەمەس. ئەمما بىر نەرسە راست: بالىڭىز مۇبادا ئوبدان بىر كەسپتە ياخشىلا ئوقۇسا ئامىرىكا، كانادا، ئاۋاستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلاردىن  قىينالمايلا خىزمەت تىپىپ كىتەلەيدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھىلىقى تامغىنى ياكى تەستىقنى پۇل تىپىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئاجىزنى شۈلۈپ، كۈچلۈككە يىلىنىپ ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ياشايدىغان، ئادىللىق ۋە ئادىمىلىك تۇيغۇسى قاۋاقخانىلاردا، ئەيشى-ئىشرەتخانىلاردا ئۆلۈپ بولغان مۇئاۋىن ھارىمىلارنىڭ ئالدىغا سارغىيىپ بارغاندىن كۆپ ئەۋزەل. دىمەكچى بولغىنىم بالىڭىزنىڭ يىشى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇشقا قىزىقسا مودا قوغلىشىپ چىقارسىڭىز بەلكىم ئەرزىيدۇ. ئەمما يەنىلا ئويلىنىپ، ماددى شاراىتىڭىزنى چىقىش قىلىپ ئىش قىلغىنىڭىز ياخشى.
      مەن  يىتەرلىك شەرتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ مودا قوغلىشىپ چەتئەلگە چىقىشقا ۋە چىقىرىشقا ئەڭ قارشى، بۇ مەيدانىم ئىنىق، بۇ خۇلاسىگە كىلىشىمنىڭ ئاساسى بار. چەتئەلگە ھەۋەس قىلىش ئارزۇسى ۋە ياكى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يات ئەللەرگە بىرىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىرى خەيرلىك بولمايدۇ.
      2001-2002يىللىرىنىڭ مەزگىلى ئىدى. بوستۇندا تۈرۈپ مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ پۈتۈن ئائىلە بويىچە كۆڭلىمىز بىر نەچچە كۈن غەش بولدى. ئامىرىكىنىڭ نېۋ يورك ئىشتاتىغا يىقىن كوننەكتىكات ئىشتاتىدا ئامىرىكىلىق بىرسى بىلەن توي قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزى ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ. ئۇ قىزنىڭ يولدىشى ئۆزى تونۇيدىغان بىر قازاق يىگىت ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىگى بىلەن ئالاقە قىپتۇ. قىز مۇنداق قىسقا ۋەسىيەتنامە  قالدۇرغان ئىكەن: "مەن ياشاشنى خالىمىدىم، مەن مۇسۇلمان. مىنى مۇسۇلمانچە دەپنە قىلىڭلار، يولدۇشۇم ياخشى ئادەم، گۇناھسىز"!
زادى نىمە ئىش بۇ قىزنىڭ ئۆلۈۋۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ ئەر خارلىدىمۇ؟ )ئامىرىكىدا پىسخىكىسى بۇزۇلغان ساراڭلار ئاز-تولا بار، غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ قويۇدۇغان، ئۇنداقلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ئايال-قىزلارنىڭ ھىكايىسى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىدۇ( ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئۇنداق ئەھۋال يوق. مەدەنىيەت جەھەتتە كىلىشەلمەسلىك ياكى ئائىلىۋى زىددىيەت تۈپەيلى شۇنداق بولغانمۇ؟ بۇنىڭ ئىھتىماللىغى ناھايىتى تۆۋەن. چۈنكى ئەسلى ئۈرۈمچىدە داڭلىق بىر دوختۇرخانىنىڭ سىستىراسى بولغان قىز - بۇ ياق بىلەن ئۆز ئىختىيارى بىلەن توي قىلغان. ئامىرىكىغا كەلگەندىن كىيىن بۇ قىز ئۇيغۇر جامائەتچىلىگىنىڭ بارلىغىنى بىلمەي بەك يالغۇزچىلىق ۋە ھىسسىيات جەھەتتە قىيىنچىلىق تارتىپ روھى كىسەلگە گىرىپتار بولغانمۇ، ياكى شۇنچە قۇربانلارنى بىرىپ ئويلىغان تۇرمۇشقا ئىرىشەلمىگىنىدىن ئۈمىتسىزلەندىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئاللاھقا، بىر ئۆزىگە ئايان مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ياش ھەم گۈزەل ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.  قىزنىڭ يىنىدا نە ئۇرۇق-تۇققىنى، نە باشقا دوستلىرى بولمىغان. مۇشۇنداق ئىغىر كۈنلەردە ئۇيغۇر ئۇيغۇرنىڭ قاياشى.  
       بۇ بەختسىز قىزنىڭ تەقدىرىگە مەن شۇ چاغدا چەكسىز ئۆكۈنگەن ئىدىم. ئويلىسام ھازىرغىچە ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.( بەزى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن بەختسز بولۇپ قالغان، قىلىۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىزغا ياردەم قىلالمايۋاتقىنىمدىن ئىچىم سىقىلىدۇ. بىر تەرەپتىن  جەمىيەتنىڭ ئۇلارغا كۆرسىتىۋاتقان ئىرەڭسىزلىگىگە ئەپسۇسلانسام، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ بەختىگە گۆر كولاۋاتقان، كولايدىغان خۇمسىلارغا ئەشەددى نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى، ئاياللار - مىللەتنىڭ غۇرۇرى، ئۇلارنىڭ خارلانغىنى- مىللەتنىڭ دەپسەندە بولغىنى. ھوقۇق ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن بىگۇناھ، ساددا خانىم-قىزلىرىمىزنى دەپسەندە قىلىدىغان سولامچىلارنى كۆپنىڭ قارغىشى ئۇرسىكەن دەيمەن. )   
      شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ نېۋ يورك، پەنسىلۋانىيە، نېۋ جىرسىي قاتارلىق ئىشتاتلاردىن رىشات ئابباس، تۇردى غوجى، مەمەت ئىمىن قاتارلىق 7-8 خەلق سۆيەر ئۇيغۇر قىرىنداشلار بىر جامائەت بولۇپ  بۇ ئىشتاتقا يىتىپ كىلىپ ئۇ قىزنىڭ جەسىدىنى بىر كىچىك مەسجىدكە ئىلىپ بىرىپ نامىزىنى ئوقۇپ يەرلىككە قويۇشتى. شۇ چاغدا  شارائىتىم يار بەرمىگەنلىگى تۈپەيلى بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ نامىزىغا مەن بارالمىغان ئىدىم. كىيىن ئاڭلىساق قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەدىسى ئامىرىكىغا كەلمەكچى بولۇپ بىيجىڭغا ۋىزىغا كەلسە ۋىزا بەرمىگەنلىگى تۈپەيلى بۇ ئاجىزەنىڭ قەۋرىسىنى يوقلىيالمىدى. شۇنداق قىلىپ بىر ئۇيغۇرنىڭ، بىر ئاجىزەنىڭ قەۋرىسى بەلكى ھىچ بىر ئۇيغۇر ئاياق باسمايدىغان يات بىر يەردە غىرىپسىنىپ قالدى.
       يەنە بىر باي ئامىرىكىلىققا تەككەن ئۇيغۇر خانىممۇ شەخسى ئايرۇپىلانى چۈشۈپ كىتىپ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ئىنىسى ھەمدە قىزى، يولدىشى قوشۇلۇپ قازا قىلدى. بۇ دىگىنىم چەتئەللىك بىلەن توي قىلسا بالا باسىدۇ دىگىنىم ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنىڭ ئىزىتقۇ ۋە قىزىتقۇلىرىغا ھەۋەس قىلىپ ئۆز قەۋمىدىن ئايرىلىپ ياشىسا، ئاخىرى ياخشى چىقمايدىكەن كۆپنچە ھاللادا دىمەكچىمەن.
       بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ھىيت كۈنى سان-فىرانسۇسكىدا تۇرۇشلۇق ئاغىنەم ئادىل ئىبراھىم بىلەن تىلىفۇن ئارقىلىق ھىيتىمىزنى ئۆزئارا مۇبارەكلەشتۇق. ئۇ شۇ كۈنى بالىلىرىنى ئىلىپ ئالدىنقى يىلى  ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىپ جەسىدىگە  ئىگە چىقماي، ئاخىرى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يىغىلىپ نامىزىنى چۈشۈرۈشى ئارقىلىق يەرلىگىدە ياتقان يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر مۇساپىر يىگىتنىڭ  تۇپراق بىشىغا چىقىپ دۇئا قىلىپ كەلگىنىنى ئىيتقنىدا كۆزۈمگە ياش كەلگەن ئىدى. شۇ يىگىتنىڭ ئۆلۈمى بولغان مەزگىلدە مەن تۇردى غوجىنىڭ يازغان مۇنۇ سۆزى ھازىرغىچە يادىمدا": ئەي ھاياتنىڭ خوۋلۇغىنى كۆرمەي، تەڭسىز قىسمەتنىڭ زۇلۇمىنى چىكىپ ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۇ دۇنياغا  كىتىپ قالغان ئىنىم، يالغۇز، يۆلەنچۈكسىز قالغانلىغىڭنى بىزدەك ئاكىلىرىڭغا بۇرۇنراق دىسەڭ بولماسمىدى، بىز ئاز-تولا قىرىنداشلىق مىھرىمىزنى يەتكۈزەتتۇق ئەمەسمۇ؟ خەير، ئەمدى ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ خاتىرجەم ياتقىن". تۇردىنىڭ سۆزلىرىدىن چەكسىز ئىچىنىش، ھەسرەت، ۋە يىغا تۆكۈلەتتى. مەن ئۇ يىگىتنىڭ تەقدىرىگە قاتتىق ئىچىندىم، قايغۇردۇم. ئەگەر سىز مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چىغىڭىزدا يۈرىكىڭىز تىترىمىسە، قەلبىڭىز تەۋرىمىسە، ئادىمىلىك تۇيغۇلىرىڭىزدىن گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ. مەن شۇندىن كىيىن ئەتراپىمىزدىكى ئىنى-سىڭىللارنىڭ ئەھۋالىغا، روھى كەيپىياتىغا دىققەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىگى مەن دىمەتلىك ئاكا-ھەدىلىرىنىڭ بارلىغىنى ئسىگە سىلىپ تۇرۇشمىزنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى ھىچكىم بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىسا، مىللەت تىخىمۇ زەئىپلىشىدۇ. ئىناقلىقتا كۈچ بار، مىھىر-شەپقەتتە مۇھەببەت!  جۈملىدىن مەن ئۆزۈم بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ئىچىنىشلىق پاجىئەلەرگە قىلىشىنى قەتىى خالىمايمەن، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ياراملىق ئادەملەردىن بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. مىنىڭ بۇ خىل كۆز قارشىمنى "ئەخمەقلىق" دەپ قارايدىغان "ئاقىللارمۇ"يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە چۈنكى بۇ مىجەز بەزىدە ئادەمگە كۆڭۈل ئاغرىغى تىپىپ كىلىدىكەن.  لىكىن ھەمىشە ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاش - ئۈمىتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  مۇشۇ ئوقۇشقا كىلىۋاتقان بالىلاردىن ئالاھىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغانلارنى چىقمايدۇ دىسە، مەن ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، مەن ياشلىرىمىزدىكى كۆمۈلۈپ قالغان غۇرۇر تۇيغۇلىرى، ۋە   ئەقىل بايلىغىنىڭ موللىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ سۆزلىرىمنى خۇدا بۇيرىسا ئەتراپىمدىكى ياراملىق، غايىلىك، ۋىجدانلىق ياشلىرىمىز چوقۇم ئۆز ئەمىلىيەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
خۇددى 12 يىل ئىلگىرى ماقالەمدە يازغانغا ئوخشاش، ھازىرمۇ شۇنى تەكىتلەيمەن. چەتئەلگە ئوقۇشقا كىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل -ۋەتەندىكى چاغدىلا ياخشى ئوقۇپ، ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئىلىپ كىلىش. ئۇنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە قىلالىغان ياشلار بار ئىدى. ھازىرمۇ قىلىۋاتقان ياشلار بار. مەسىلەن، مىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم -ئابلىكىم ھەسەن مۇئەللىمنىڭ ئىككىلا پەرزەنتى ئامىرىكا ئالى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلىپ كەلگەنلەر. ئابلىكىم ئاكا بىلەن تۇنىسا ھەدىنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان ئۇتۇق ئابلىكىم ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى شاتگۈل ئابلىكىم مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا  سەبى ئۆسمۈرلەر ئىدى، يىللار ئۇلارغا ئەقىل، قامەت ۋە گۈزەللىك ئىلىپ كەپتۇ. 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇتۇق كانساستىن  بوستۇنغا كىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ كەتتى، دادىسىغا ئوخشاشلا ئىلىمسۆيەر، تىرىشچان، كىلىشكەن يىگىت بوپتۇ. toefl, gre  ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نومۇر ئىلىپ ئۆتۈپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىنپتۇ. كىيىن سىڭلىسى شاتگۈلمۇ sat دىن يۇقۇرى نومۇر ئىلىپ بىۋاستە تولۇق كۇرسقا ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ ئامىرىكىغا كەپتۇ، ئۆزى چىچەن، ۋە پەرىشتىدەك چىرايلىق چوڭ بوپتۇ. مەن ئۇ ئىككىسىدىن بەكلا سۆيۈندۇم. ھازىر ئۇلار تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشۇۋاتىدۇ. مەن بىلەن فاكۇلتىتتا بىرگە خىزمەت قىلغان روشەنگۈل ھەدەمنىڭ قىزى مۇنىساگۈلمۇ ئىچكىرىدە ئاجايىپ ياخشى ئوقۇغان بولۇپ toefl, gre ئىمتىھانلىرىنى ئىرىپ ھازىر جورجىيە ئشتاتىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. مەن مانا مۇشۇنداق، ئائىلىسىگە بىسىم چۈشۈرمەي ئۆزى پۇرسەت يارىتىدىغان ئوقۇشلارنى ۋە مۇشۇنداق جىگەرلىك ئىنى سىڭىللارنى مەن قوللايمەن! .
        ئەلۋەتتە، بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغۇنىدەك، چەتئەلدىكى  مۇساپىرلىق تۇرمۇش بەزىدە ئادەمنى ئوڭشايدۇ. ئۇنىڭغا ئويلىنىش پۇرسىتى  بىرىدۇ، تەۋەلىك ئىڭىنى كۈچەيتىدۇ.ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ۋەتەندىكى تۇققانلاردىن بىرسىدىن تىلىفۇن كەلدى، "ئاغىنەمنىڭ بالىسى بوستۇنغا ئۇچتى، بۈگۈن كەچ 9 دا چۈشىدىكەن ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالغان بولساڭ".
     ئاتا-ئانام  بىزنى يوقلاپ كەلگەن چاغلار ئىدى. ئىشتىن كىلىپ ئۆيدىكىلەرگە مىھماننى ئىلىپ كەلگۈچە ھاردۇق ئىشى ئىتىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ ئايرۇدۇرۇمغا چىقتىم. مەن ئۇ بالىنىڭ كىملىگىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇيغۇرلۇق يۈرۈگۈم تونۇيدۇغۇ دىگەن ئىشەنچ بىلەن  ئايرۇدۇرۇمدا سائەت 9 دىن باشلاپ ساقلاپ تۈرۈپ كەتتىم، تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇرۇم خاتا ئىكەن شۇڭا مەن ساقلاۋاتقان ئوقۇغۇچى بالا سائەت 11.30 بولغاندا چىقىپ كەلدى.  كەلگەنلار بىر ئەمەس ئۈچ  ئوقۇغۇچى ئىكەن.
      قاراپ تۇرسام، 3 ساللاتتەك ياش يىگىت دەم ئۇيغۇرچە دەم خەنزۇچە سۆزلەپ بىردىن سومكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ كىلىشىۋاتىدۇ. ئۇلار مىنى تونۇمىغاندىن كىيىن قاراپ تۇرسام ئالدىمدىن ئۆتۈپ كىتىشىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارغا قاراپ  ھىلىقى ھاۋالە قىلىنغان بالىنىڭ ئىسمىنى چاقىردىم. ئۈچ جۇپ پۇت چىپپىدە توختىدى، دەسلەپ ھەيرانلىق، كىيىن چىرايلاردا كۈلكە...
       ئۇلارنىڭ چامادانلىرىنى ئىلىپ سۆرۈشۈپ ماشىنام توختۇتۇلغان يەرگە باردۇق. ھەر بىرىدە ئىككىدىن چوڭ چامادان ۋە يەنە كىچىك سومكىلار. مەن چامادانلارنى ماشىنىنىڭ كەينىگە بىسىش بىلەن ئاۋارە، بۇ ياش يىگىتلەر مىنى كولۇمبىيەلىك تاكسى شوپۇرى كۆرۈپ قالدىمىكىن قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىشىدۇ، "ياردەم قىلمامسىلەر ئۇكامۇي" دىگەن مەنىدە بالىلارغا قارىدىم. ئارىدىن ئىشارەتنى چۈشىنىدىغان بىرسى دەرھال ياردەمگە كەلدى، قىيلىنىپ كىتىۋاتقىىنىمىزنى كۆرۈپ بىرسى دەپ قالدى خەنزۇچە:
زامېن دادىبا؟
-بەك قىممەت.
-دوشاۋچئەن؟
-يۈز دوللاردىن جىق كىتىدۇ، مىنىڭ ئۆيۈمگە.
-يى بەيدو مېىجىن، سۇئەن سانى؟
"ھەي، كۆيۈنگەننى ئۇقمايدۇ دە ياش بالىلار، كىيىن چۈشۈنىدۇ" دەپ ئويلىدىم ھەمدە ئۇنىڭ توختىماي خەنزۇچە كالدىرلاشلىرىدىن
مىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ يۇقۇرىلىغىنى سېزىپ قاپتۇ -ھە بۇ دەپ چاقچاق ئارىلاش مىيىغىمدا كۈلدۈم .
-Welcome to America!
بۇلارنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇنداق ئىلىندى.
مەن ماشىنىنىڭ كەينىگە پاتمىغان چامادانلارغا بۇ ئۈچ چوڭ يىگىتنى قوشۇپ خۇددى دىھقان تاغارغا سامان تىققاندەك كەينى ئورۇندۇققا ئىەممىسىنى نىقتاپ  تىقىپ ماشىنىنى ئىھتىيات بىلەن ھەيدەپ ئۆيگە تىنچ ئامان ئەكىلىۋالدىم. ئوخشۇتۇپ ئىتىلگەن چۆچۈرە ئىچىلىپ بولدى، بۇلار ۋاقىتنى تەڭشەپ بولالمىغانلىقتىن بالىلاردا ئۇيقۇ يوق.
مىنىڭ ئانام -باغرى يۇمشاق ئانا. مىنى ئىككى قىتىم كىلىپ كۆرۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرمۇ ھەر قىتىم تىلىفۇندا كۆرۈشكەندە، ئاخىرىنى يىغلاپ ئاياقلاشتۇرىدۇ. ئانىنىڭ كۆڭلىگە نىمە تەڭ كەلسۇن!
قارىسام، ئانام بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىكى، ئۆسمۈر چىراي بىرسى بىلەن پارڭلىشىپ يىغلاپ كىتىۋاتىدۇ. يەنە بىر بالا شۈكلەپ كىتىۋاتىدۇ. ھىلىقى خەنزۇچىنى بەييەنسوڭدەك سۆزلەيدىغان بالا ھاڭۋىقىپراق تۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا دىدىم، سەن ئۇيغۇرچىنى ئۈگەن جۇمۇ .  
--ۋاي جىنىم بالام، ئاناڭ قانداق چىدىغاندۇر ساڭا. سەن ماڭغاندا قانچە يىغلىغاندۇر ساڭا. ئانام ئاشۇنداق دەپ كۆز يىشى قىلىۋىدى ئۇ ئىنىمىزمۇ كۆز يىشى قىلغىلى تۇردى. مەن ئارىلاشتىم:
-ۋاي بولدى، بولدى. مۇشۇنداق چوڭ بولىدۇ. مەنمۇ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىگەن ئوقۇيمەن دەپ. قوپۇڭلار ئۇخلاڭلار، ئۇكىلىرىم.
بالىلارنى ئەتىسى مەكتىۋىگە يولغا سىلىپ قويدۇم.
ئارىلىقتا بىر-ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتتى. ئانام بىر كۈنى دەپ قالدى:
-بالام، بىزمۇ كەتكىلى تۇرۇۋاتىمىز. ھىلىقى بالىلار بۇ يەردە مۇساپىر، سىلەر بەك ئالدىراش ئىكەنسىلەر، ھىلىقى بالىلارنى چاقىرساڭ، ئۆز قولۇم بىلەن لەغمەن، پولو ئىتىپ بەرسەم، يەۋالسا.
-بۇ مۇساپىرچىلىقتا ئۆيگە ئۇيغۇرۇم كەلسە قىلغىلى قىلىق تاپالمايدىغان ئادەممەن. بۇ گەپ ماڭا تازا خوش ياقتى شۇنىڭ بىلەن بالىلارغا خەۋەر قىلدىم.
شەنبە كۈنىسى 7-8 نەپەر ئوقۇغۇچى بالىلار  ئۆيگە كىلىشتى. بىر چاغدا ھىلىقى خەنزۇچە سۆزلەيدىغان بالا ماڭا ئايرىم گىپىم بار" دىگەندەك ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ.
ئەگىشىپ تالاغا چىقتىم.
قەيسەر گې دەيدۇ ئۇ مىنى زوڭزۇيۇپ ئۇلتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ.
مەن ئۇنىڭغا "ھە سۆزلە" دىدىم. ئامىرىكىغا كىلىپ ئىككى ئاي بولا-بولمايلا ئۇ "دەرتمەن"بوپ كىتىپتۇ.
-ۋو شىيەنزەيما، جۇخاڭ يىگى دىشياشې. يىگى يۆ جىياۋخاڭ ئەربەي سىشىنى، ئۇنىڭ چىرايىدا نارازىلىق. (مەن ھازىر يەر ئاستىدىكى بىر ياتاقتا تۇرۇۋاتىمەن، ئىيىغا 240 دوللار تۆلەۋاتىمەن)
قانداق چىقىپ كىتىپ قالدى ئاغزىمدىن، خەنزۇچە گەپ چىقىپ كىتىپ قالدى.
-جېندې؟(راستما؟)
مىنىڭ ھەيرانلىغىم ھىلىقى تاكسى ئۈچۈن  يۈز دوللار قانچىلىكتى دىگەن بالىنىڭ بىر ئاي ياتاق ئۇچۇن 240 دوللارنى قىممەت كۆرۈشى ئىدى.
ھااااا، ، ۋاي راست شۇنداق دىگەن مەنىدە تەستىقلىدىى ئۇ.  ئۇنىڭ ئاغزى ئىچىلىپ، قاشلىرىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى.
مەن ئۇنىڭغا ئازراق تەسەللى بىرىپ ئۇنىڭ تەڭتۈش ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىللە تۇرۇشىنى، قارا ئىش بولسىمۇ تىپىپ ئىشلىشىنى ئامىرىكىدا بارنى يەپ يىسە تۆت كۈندە پرولتارىياتقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىغىنى چاقچاق ئارىلاش دەپ ئۆتۈپ ئۇنى ئانا تىلىمىزنى ئۈگۈنۈشكە رىغبەتلەندۈردۈم.
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ يەنە كەلدى. قارسام ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش چوڭ. ياتاقنى ئالماشتۇرۇپتۇ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بالىلار بىلەن تۇرۇۋىتىپتۇ، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، ئانا تىلى خىلى ياخشى. "ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قەيسەر ئاكا" دەپ سالام بىرىشلىرى سۆيۈملۈك.
بۇ يىل قۇربان ھىيتتا ھىيت نامىزىدىن يىنىپ ئىدارىدە ئىشلەۋاتسام، تىلىفۇن سايرىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئاكا.
قارىسام، ھىلىقى يىگىت. ساپ ئانا تىلدا پاراڭ قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا ئابدۇرھمان ئەسئەتنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلاندى. بۈگۈن بىر نەچچەيلەن ئۆيىڭىزگە ھىيتلاپ بارايلى دىگەن.
-ياخشى گەپ، ھەپتە ئاخىرى كەلساڭلەر قانداق؟
       ھەپتە ئاخىرى بالىلار كىلىشتى. مەن ھىلىقى ئىنىمىزدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلدىم. ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا خوشالدەك كۆرۈندى، ئۆمرىدە بىرىپ باقمىغان جۈمە نامازلىرىغا بارغانلىغىنى خوشاللىق بىلەن ئىيتتى. كاۋاپ پىشۇرىدىغان ئىشنى تالىشىپ قىلدى. مەنمۇ خوش بوپ قالدىم. دىمەك ئۇنىڭ قەلبىگە ئۆز خەلقىغە بولغان مۇھەببەت ئوتى چۈشكەن ئىدى. شۇندىن كىيىن ئۇ  ئۈچ تۆت قىتىم كەلدى. ئۇيغۇرچە گىپى خىلىلا راۋان، قائىدە يوسۇننى بىلىشتە 100ئەلا نومۇر ئالىدۇ. ھەر قىتىمدا ئۇ ئۆيگە كەلسە، مەن مىھمان، ئۇ ساھىپخان، يەنى مەن چاي قۇياي دىگۈچە ئۇ  مىھمانلارنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ توختىماي چاي قۇيۇپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى سورايدىغان ئادەم كىمگىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلمىسۇن؟
       مەن مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماپتۇ دىگەن سۆزنى ئاشۇ يىگىتنىڭ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئۆزگىرىش ئەمىليىتىدىن يەنە بىر رەت ھىس قىلدىم. بەلكىم بۇ بالا ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا "ئىشىكى ئەنسو، قوشنىسى خەنسۇ" بولۇپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىغىنى تولۇق ھىس قىلىپ بولالماي ئۆتۈپ كىتەر بولغىيتى. ئۇنىڭ بىلەن پارڭلىشىش ئارقىلىق بىلسەم، ئۇ ئۆزى ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن خىزمىتىنى تاشلاپ چىققان ئىكەن. مەن مانا مۇشۇنداق چەتئەلدىكى مۇساپىرچىلىق تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ كىملىگىنى تونۇپ يىتەلەيدىغان ئىدرەككە ئىگە ياشلارنىڭ چىقىشىنى قوللايمەن ئەلۋەتتە. مەن يەنە  ئۇيغۇرلاردىن قىچىپ ياشايدىغان سىڭىللىرىمىزنىڭمۇ  بارلىغىنى ئاڭلىدىم. چەتئەلدىكى مۇساپىرچىلىق تۇيغۇلىرى خىلى ئادەمنى قىينايدۇ، خۇدا ئۆزىگە ئامانەت، ئۆز مىللىتىدىن قاچقان ئادەملەر مەڭگۈ ئۇنىڭغا قايتىپ كىلەلمەي ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز ئاشۇنداق ئىدىيەدە بوپ قالغان بولسا، "ئىدىيىۋى خىزمەت" ئىشلەڭ، ھەر كىم ئۆزىنى بىلىپ ئەدەپكە قايتمىغى لازىمدۇر! كىيىن يەنە يات تاىپىلەرگە ئايلىنىپ كەتمىسۇن. ئىسمى ئۇيغۇرچە بولسىلا بولمايدۇ، ئۇيغۇرۇم دەپ سوقۇدۇغان يۈرەك، ھىس-تۇيغۇ بولمىسا بولمايدۇ.
       ئۇندىن سىرت يەنە ئامىرىكىدا چوڭ شەھەرلەردە مۇۋاپىق باھادا ئۆي ئىجارىگە ئىلىشمۇ تەس. بۇ بالىلار بۇ جەھەتتىمۇ قىيىنچىلىق تارتىدۇ.  بالىڭىزنى ئاللىقانداق تۇققىنىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز ۋە ياكى دوستىڭىزنىڭ ئۆيىدە ياتقۇزۇپ ئوقۇتۇشنى ھەم تاما قىلماڭ ھەم ھەرگىزمۇ خىيال قىلماڭ، ئاخىرى ياخشى چۈشمەيدۇ. بۇ يەردىكى تۇرمۇشنىڭ رىتىمى تىز. كىشىلەر خىزمەت ۋە ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران-ئاران چىقىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا بالىڭىزغا ياخشى قاراپ بولالمايدۇ. شۇڭا بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىنى تونۇشلارغا ھاۋالە قىلماي، پۇلغا ھاۋالە قىلىڭ.  بۇنداقتا ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشى بولىدۇ. تۇققانلىرىڭىز ۋە يىقىنلىرىڭىز بالىڭىزدىن تىلىفۇندا بولسمۇ  ئەھۋال سوراپ، ئايدا بىرەر قىتىم ئۆيگە چاقىرىپ تۇرسا شۇنىڭدىن مىننەتدار بولسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار - باشقىلارغا قارىغاندا تىخى بىر-بىرىمىز بىلەن كارىمىز بار. ئامىرىكىلىقلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئاساسەن كارى يوق.
      - ئامىرىكا قانۇنىدا 18 ياشتىن كىچىكلەر تاماكۇ چەكسە بولمايدۇ، 21-ياشتىن كىچىكلەر ئىچىملىك ئىچسە ھەمدە نىشە چەكسە قانۇنسىز. قانۇنغا ياتىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ سالدىمۇ، ئۆمۇرۋايەت ئارخىۋىدا ساقلىنىدۇ، ئوقۇشقا كىرىش خىزمەت تىپىش جەھەتتە ئۇ نەرسىلەر كىيىن پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. مىنىڭ قۇلۇغۇمغا يەتكەن پاراڭلاردىن قارىغاندا بەزى يىڭىدىن كىلىۋاتقان ياشلاردا مۇشۇنداق بولمىغۇر ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالغانلار بار ئىكەن. كىشىلەر بەلكى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ھىلىقى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كۈنى ئانىسىنىڭ كۆكرىكىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالغان بالىنىڭ ھىكايسىنى ئاڭلىغاندۇر. بىز بالىلىرىمىز دەسلەپتە بىر باش چامغۇر ئوغۇرلىغاندىلا ئۇنى توسۇشىمىز كىرەك. سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز - ئۆز ۋەتىنىدە سىزنىڭلا بالىڭىز بولغان بىلەن، دۇنيانىڭ كۆزىدە ياشاۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان  بولۇشى دۇنيا ئۆگەيلاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى.  شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق سەۋەبى يارىتىپ بىرىۋاتقان پۇرسەتنى ياخشى بىلىپ تىرىشىپ ياراملىق ئادەملەردىن بولۇش مەجبۇرىيىتى بارسا باركى، ئەمما لايغەزەللىك ۋە ۋىجدانسىزلىق  بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇردىن ئىبارەت ھەممە نامەرتلەر يۈزىنى ئۆرۈۋاتقان بۇ خەلقنىڭ يۈرىگىنى زىدە قىلىش، ئۇنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىدىغان ھەققى يوق!
       شۇڭا مىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇشقا چىقىرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيەرىم شۇكى، بالىڭىزغا بولغان "مىللى ۋە ئەخلاقى ئىدىيىۋى خىزمەتنى " ئوبدان ئىشلەڭ! خەقلەرنىڭ سىلەرگە ئىشلىگىنمۇ يىتەر ئۇنى!

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 13:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بۇ ئەسەرنى ئۈندىداردا ھەمبەھىرلەپ تارقاتساق بولامدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4217
توردىكى ۋاقتى: 4325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 14:06:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىغۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش بىر چۈشتەك بىلىنىدۇ. رەھمەت قەيسەركا: سالامەت بولۇڭ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

2301

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 14:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ. داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزغا تەشنا بولۇپ تۇرۇپتىمىز.
چەتئەل تۇرمۇش تەسىراتىلىرىڭىزنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئاشۇرۇپ بېرىپ كىلىۋاتىسىز - جۇما!!!!!! رەھمەت،  ئۇلۇغ ئاللاھ ئشلىرىڭىزنى ئوقۇتۇقلۇق ، تېنىڭىزنى سالامەت ، بەخىت -سائادەتنى سىزىگە يار قىلغاي!

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8810

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2596
توردىكى ۋاقتى: 1184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 14:42:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت قەيسەر ئاكا، ماقالىڭىزنى بەزىدە سۆيۈنۈش، بەزىدە ئاچچىق خىياللارغا بەنت بولۇش بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇ يازمىڭىزنىڭ مېنى ئەڭ قايىل قىلغان يېرى ،- ئاياللارنىڭ خارلىنىشى مىللەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدۇر دېگەن بىر جۈملە سۆزىڭىز بولدى. ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بەرسۇن!

0

تېما

0

دوست

4238

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 494
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 15:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالامۇ   ئەلەيكۇم    قەيسەر   ئەپەندىم   ،    ئەسىرىڭىزنى   قىزىقىش   ۋە   ھاياجان   ئېچىدە   ئوقۇپ   چىقتىم   ،   سىز   ئەسىرىڭىزدە    ناھايىتى    مۇھىم    بولىۋاتقان    مەسىلەرنى    دەپ    ئۆتۇپسىز   ،    بۇ   جەھەتىن   سىزگە  رەخمەت   ئېيتىمەن   .    مەن   ئويلايمەنكى    چەت   ئەلدە   ياشاش    ئۆز    يۇرتىدا    ياشىغاندىن   نەچچە   ھەسسە   تەسمىكىن    دەپ   ئويلايمەن    ،   چۇنكى    ناتونۇش    مۇيىت    ناتۇنۇش   كىشىلەر   ئارىسدا   ئېشنىڭ    ئېپى-سىپىنى   بىلمەي   تىڭىرقاش  ،   مەن    شۇنداق    دەيمەنكى   چەت   ئەللەدە   ياشاۋاتقان  ، بىلىم   ئىگەلەۋاتقان   ،   شۇ   دۆلەتنىڭ   ھەر   ساخالىردە   خىزمەت   قىلىۋاتقانلا ر ،   ئەڭ   قەيسەر   ،ئەڭ   باتۇر   ،   ئەڭ   ئەقىلىق   ،   ئەڭ   تىرىشچان   قىرىنداشلىرىمىزدۇر  .     ئاخىردا   سىزدىن   سورايدىغان   بىر    سۇۋالىم   ،    سىز   ياشاۋاتقان    ئامرىكىدىن    ئىبارەت   ھەممە   جەھەتتىن    دۇنيا   بۇيۇنچە   بىرىنجى    ئورۇندا   تۇردىغان    ئاشۇ   دۆلەت   بۇندىن    كىيىن    قايسى   خىل      كەسىپلەرگە   ئېھتىياجلىق   بولار  ؟   ئەگەر   ۋاخـتىڭىز   يەتمەي   سۇۋالىم    جاۋاپسىز    قالسىمۇ    سىزدىن   ئاغرىنمايمەن   .    ئەڭ   ئاخىردا   ئۇلۇغ   ئاللادىن  پۇتۇن    ئائېلىڭىزدىكىلەرنىڭ   تىنىڭلارغا   سالامەتلىك   ،    تۇرمۇشۇڭلارغا   بەخىت-سائادەت  ،   قىلىۋاتقان   كەسىپىڭلارغا   ئوتۇق   تىلەيمەن   .

2

تېما

0

دوست

3853

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 930
توردىكى ۋاقتى: 297
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 16:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىڭزگە سالامەتلىك ئىشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )