قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1517|ئىنكاس: 5

زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

2092

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 11:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردىنئەسلەتمە ۋە ئەسكەرتمە


ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر

         19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە زور رول ئوينىغان مەدەنىيەت ئەربابى،ئىجتىمائىي پائالىيەتچى تۇرپان ئىنانچىخانى ئىمىن خوجا ئەۋلاتلىرىدىن بىرى، ئەينى  دەۋىردە قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا شائىر ھاجى ئەھمەدكۆلتېگىن «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1982-يىللىق 1-سانىدا «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ دەۋرىدەقەشقەر رايونىدىكى مەدەنىي ھايات ۋە ئەدەبىيات»ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ قەشقەر ئەدەبىياتى، شىنجاڭ تەزكىرىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى،شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلى، قەشقەر پىداگوگىكائىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى ، قۇمۇل ئەدەبىياتى «تۇرپان» قاتارلىق ژۇرناللارۋە«19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» «ئىلىم ۋە ئالىم»،«ئەسىرلەرئابىدىسى»،«شىنجاڭ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھور شەخىسلەر»قاتارلىق كىتابلاردا ئۆمەرتىيىپ ،ئابدىرىھىم سابىت ، شەرىپىدىن ئۆمەر ، ئەشرەپ ئابدۇللا قۇتزات ، مامۇت غازى، راجىھ ئابدۇرىشىت ئىبراھىم ،نۇرۇللا مۆمىن يۇلغۇن، ئابلا ئەھمىدى، ئەھمەد ھەمدۇللا، ئۆمەر ئوسمان شىپائى، شىرىپ نىياز خۇشتار، ئابدۇرىشىت ئەھمەد، ئەركىن مۇھەممەت قاتارلىق قەلەم ساھىبلىرى زوھوردىن ھاكىمبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ ئوبىكتىپ باھالارنى بەردى .بۇ ماقالىلەر ئىچىدە ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن،ئابىدىرىھىم سابىت ،ئابلا ئەھمىدى ۋە راجىھ ئابدۇرىشىت ئىبراھىمنىڭ ماقالىسى باشقىلار قەلەمگە ئالمىغان يىڭى بايقاشلار بىلەن زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەرگە يول ئاچقان ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغان ،ئەپسوسلىنارلىقى زوھوردىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا يىزىلغان ماقالىلەرنىڭ تۈپ مەزمونى ئۇخشاش بولسىمۇ ئۇنىڭ شائىرلىقى،ئاتىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ،قانداق شارائىتتا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار مۈجمەل. يول ئاچقۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە ئۆزىمىزئىرىشكەن ماتىرىياللار ئاساسىدا بۇ مۈجمەل نوقتىلارنى يورۇتۇش ۋە زوھۇردىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا تەتقىقاتلاردىن  ئەسلەتمە ۋەئەسكەرتمە بېرىش ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە قەلەم سەپرىگەئاتلاندۇق .
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ شائىرمۇ ؟
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتكەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى  ئۇنى شائىر بۇلۇپ «دىۋانى زوھۇرى» ناملىق توپلامنىڭ ئاپتورى دەپ قاراپ كەلگەن. قۇمۇلدىكى قەلەم ساھىبى ئەھمەد ھەمدۇللا ئەپەندى «شائىرزوھۇرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسدە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ«دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى بولماستىن بەلكى«زوھۇرى»تەخەللۇسلۇق مىرزا زوھوردىن دىگەن كىشىئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى⑴. كېيىن يازغۇچى ئابلا ئەھمىدى ئەپەندىمۇ «زوھۇردىنھاكىمبەگ توغرىسدا ئۆزگىچە بايان» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن زوھوردىن ھاكىمبەگنىڭ «دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى⑵.دىمەك زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ «دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى ئەمەسلىكىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى .
«دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى مىرزا زوھۇرىدىن شېئرلىرىدا ئۆز يۇرتىنى شۇنچىلىك سېغىنغانلىقىنى، يۇرتىغا قايتالمىغانلىقىنى يازىدۇ. شېئرلىرىدا«ئايلىدا،قىچقىر،تۇۋاق،مۇنداغ،ياڭى،قولداش-قوللاش» قاتارلىق يەرلىك شېۋىلەرئۇچرايدۇ ،بۇ تىل ھادىسلىرىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدە يەرلىك شېۋە بولۇش ئالاھىدىلكىبىلەن ساقلىنۋاتقانلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ ،بۇ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكەتىگىشلىك مەسىلە .
ئۆزنۆۋىتىدە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئەھمەد ھەمدۇللا ئەپەندى «شائىر زوھۇرى توغرىسىدا»ماقالىسدە شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ قۇمۇل كۆلبېشى مەدرىسىدىكى تاختايغا يېزىلغان شېئرنىڭ بىرقانچە بىيىتىنى كۆچۈرۋالغانلىقىنى بۇ شېئرنى شائىر«زوھۇرى»يازغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ⑶.بۇ ئارقىلىق شائىر «زوھۇرى» بىلەن «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ»نى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس ئىزدەيدۇ. قومۇل كۆلبېشى مەدرىسى تاختىيغا يېزىلغان، شائىر بوغدا ئابدۇللا كۆچۈرۋالغان مىسرالار«دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتۇرى  مىرزا زوھۇردىن ۋە ياكى قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان زوھۇردىن ھاكىمبەگ بولماستىن پىچان لۈكچۈندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر زوھۇربەگ مەسئودىنىڭ قەلىمىگە تەۋە⑷.ئىسىملىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ ئۈچ كىشىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەردە شائىر زوھوربەگ مەسئودىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىمىز:
«زېرەك»تەخەللۇسلۇق شائىر زوھۇربەگ مەسئودى 1892-يىلى پىچان لۈكچۈن چىنار باغدا توغۇلغان، لۈكچۈن بەگلىك مەدرىسىدە ئۇقۇپ كىلاسسكلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشقان،كېيىن لۈكچۈندە باشلانغۇچ مەكتەپلەردەئوقۇتقۇچى،دىغارداساقچىخاناباشلىقى بۇلۇپ ئىشلىگەن. شائىرنىڭ قوليازمىلىرى دەۋرىمىزگە يىتىپ كېلەلمىگەن، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپكەلگەنلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى لۈكچۈن 1-ئۇتتۇرا مەكتەپتىن ئارامغا چىققان پىشقەدەمئۇستاز تۇرسۇن ناجىت توپلىغان⑸. كېيىن شائىر بوغدا ئابدۇللاغا ئەۋەتىپ بەرگەن بوغدائابدۇللا بۇ شىئرلارنى «بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇغان. پاكىتقا پىسەنىت قىلماي« زۇرھۇردىن ھاكىمبەگنى ‹دىۋانى زوھۇرى›نىڭ ئاپتۇرى»  دەپ مەتبۇئات يۈزىدە قايتا – قايتا ئېلان قىلىش زوھوردىن ھاكىمبەگنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ. ھەم شۇنداقلا «زوھۇردىن ھاكىمبەگنى شىئرىيەتتىن خەۋرى يوق،شائىر ئەمەس» دەپ قاراشمۇ تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك ،چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بۇلىدۇ. زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ «شەكەرىستان» ناملىق داستانىنى يازغانلىقى مەلوم⑹ بولغاندىن باشقا يازمىلىرى ھازىرغىچە تېپىلمىدى.لېكىن زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ تالانتلىق شائىرلىرىدىن ئىكەنلىكى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. خۇددى خوراسان پادىشاھى، لىرىك شائىر ھۆسەيىن بايقارائۆزدەۋرىدە  ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق شائىرلارنى ،سەئىدىيە خانلىقى سۇلتانى شائىر، مۇغەننىي ئابدۇرىشىتخان شائىرقىدىرخان يەركەندى،شائىر ئاماننىساخانلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىغانغا ئۇخشاش شىئرىيەتكە كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىغان، شائىر زوھۇرىدىن ھاكىمبەگمۇ مۇھەممەت سادىق كاشىغەرى، ئابدىرىھىم نىزارى ،نورۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائى،تۇردۇش ئاخۇن غىرىبى، ئىمىرھۆسەيىن سەبۇرى قاتارلىق  داڭلىق شائىر،ئۆلىما ئالىملارنى ئۆز ئەتراپىغا يىغقان ۋە ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ ئۇلارغا ئىجادىيەت مۇھىتى يارىتىپ 19-ئەسىر ئويغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىڭى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ئىچىلىشىدازور رول ئوينىغان . مانا بۇ ھەقىقەت.
زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسى كىم ؟
ئەخمەت ھۆسيىن ئەپەندى«پىچان يىقىنقى زامان مائارىپى»ناملىق ماقالىسىدە «زوھۇردىنھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ ئەۋرىسى،ئۇنىڭ ئاتىسى يەركەندە ئىشىكاغا بولغان مۇھەممەتمەھمۇت ،ئۇنىڭ ئاتىسى نۇرمۇھەممەد ئۇنىڭ ئاتىسى ئىمىن خوجا ئىدى»⑺دەپ نەقىل كەلتۈرىدۇ .ئابلا ئەھمىدى ئەپەندى«زوھۇردىنھاكىمبەگ تۇغرىسىدا ئۆزگىچە بايان »نامىلىق ماقالىسىدە «تارىخچى ۋاڭ شىياڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخ ئارخىپلىرىنى مەنبە قىلىپ يازغان ‹1826-يىلى (داگۇاڭنىڭ 6-يىلى)7-ئاينىڭ 25-كۈنى جاھانگىر خۇجاكاشىغەر مۇسۇلمانلار قەلئەسىگە ھوجۇم قىلدى.ھاكىمبەگ مۇھەممەتسەئىد بىلەن قايتىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان كاشىغەرھاكىمبىگى يۇنۇس جۈنۋاڭ سوقۇشتا ئۆلدى ،يۇنۇسنىڭ ئوغلى زوھۇرىدىن ئەسىرگە ئىلىندى› دىگەن بايانغا ئاساسلىنىپ ‹زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ 6-ئوغلى ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ نەۋرىسى ، يۇنۇس ۋاڭنىڭ ئوغلى»⑻دىگەن يەكۈننى ئوتتۇرغا قويغان.
.يەنەبىر قاراش« زوھۇردىن ھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغلى»بۇلۇپ  بۇ خىل قاراش تەكرار-تەكرار قەلەمگەئىلىنىپ كەلگەن.
‘«قۇمۇل،تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى»ناملىق كىتاپتىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت ئىھتىمال مەجروھلىقىدىن بولسا كېرەك پۈتۈن ئۈمرىنى ئۈن-تۈنسىز ئۆتكۈزگەن ،1761-يىللىرى ئۆلگەن⑼.نۇرمۇھەممەت خوجا ئالەمدىن ئۆتكەندە،زوھۇردىن ئەڭ كىچىڭ بولغاندىمۇ 6-5 ياشقا كىرگەن ،1819-يىلى تاغىسى مۇھەممەتسەئىد بىلەن قەشقەرگە بارغاندا 65ياشقا توشقان ،1831-يىلى قەشقەرگە ھاكىمبەگبولغاندا 75ياشتىن ھالقىغان بولىدۇ .بۇ ئەھۋالنى ئەينى دەۋىردىكى تارىخى شارائىت ھەم ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلغاندا يۇقارقىلارنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق بولۇپ يىشى  بىلەن ھايات پائالىيتى ئوتتۇرسىداماس كەلمەسلىك مەۋجوت. زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ يېشىنى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتىدىن تەخمىن ھىساپلاشمۇ مەنتىقىگە ئويغۇن،ئۇنداقتا «زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭئاتىسى ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خۇجا» دىگەن ھۆكۈمدە خاتالىق بارمۇ ؟.
پاكىت ھامان مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەمدى بىز زوھۇردىن ھاكىمبەگ ئوردىسىدا خىزمەتقىلغان، شۇ دەۋىردىكى ئىش ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىسى،شائىر نورۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائىينىڭ زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سالايلى:   

يەنەتەقدىر ئىلە  ئەمىرى زامان ،
ھاكىمۇل ۋاقتى ساھىبى دەۋران ،
فىكرەتى شەمئىي مىھرىدەك ماھىر،
شاھ زوھۇردىن ئىبنى مىر تاھىر⑽.
يەشمىسى:تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دەۋىرنىڭ سەركىسى مىرتاھىر ئوغلى شاھ زوھۇردىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا  قۇياشقا ئوخشاشئىللىق نۇرىنى تارقاتتى .
شائىرنورۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائى «شاھ زوھۇردىن ئىبنى مىر تاھىر»دېگەن ئۇچۇرى ئارقىلىق زوھوردىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسىنىڭ مىر تاھىر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى .
ئۇنداقتامىر تاھىر كىم ؟
شىنجاڭ ئونۋىرستېتى تارىخ فاكولتېتى تەتقىقاتچىلىرىدىن سۇبىيخەي ۋە خۇاڭ جىيەنخۇا ئەپەندىلەر چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخى ماتىرىياللىرى ۋە خەلق ئارىسىغا چوڭقۇرچۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يىزىپ چىققان «قۇمۇل تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى»ناملىق كىتابىدا «نۇرمۇھەممەت ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى بۇلۇپ ئىھتىمال مەجروھلىقىدىن بولسا كىرەك ، پۈتۈن ئۈمرىنى ئۈن-تىنسىز ئۆتكۈزگەن .ئۇنىڭدىن مۇھەممەت (تۇلۇق ئىسمى مۇھەممەتمەھمۇت-ئاپتور)ۋە تاھىر ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل قالغان» ⑾دەپ يازغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قوللىنىش تەكرارلىقى ناھايتى يۇقىرى بولۇپئوخشاش ئىسىملىك  كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. شۇڭا زىيائى تىلغا ئالغان «مىرتاھىر»بىلەن«قۇمۇل تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى»ناملىقكىتاپتا نامى زىكرى قىلىنغان «تاھىر»نى بىر ئادەمنىڭ ئىسمى دىيىشكە ئاساس بارمۇ ؟
«مىرتاھىر»دىگەن ئىسىمنىڭ ئەسلى يىلتىزى «تاھىر»،‹مىر›بولسا«بەگ،خۇجا» مەنىسىنى بىلدۈردىغان «ئەمىر» سۆزىنىڭ تىلىمىزدىكى قىسقارتىلىشى بۇلۇپ «مىرتاھىر»ئىسىمىدا زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسىنىڭ بەگ ئەۋلادلىرىدىن بولغانلىق ىسەۋەبىدىن ،شۇنداقلا شائىر زىيائي ھۆرمەت يۈزسىدىن «مىرتاھىر»دەپ ئاتىغان، بۇ خىل ئاتاش ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە شۇنداقلا زىيائىي، نىزارى ۋە باشقا كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شئىرلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ .
ئەمدى بىز ئەينى دەۋىردە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئوردىسىدا باش كاتىپ بولغان شائىرئابدىرىھىم نىزارىنىڭ زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا يازغان مۇنۇ مىسرالىرىنى كۆرەيلى :
بەنەگان يىتىبان پەلەكتىن قەزا ،
كىچىكلىكىدەقىلدى ئاتادىن جۇدا⑿ .
يەشمىسى:مەزگىلسىز قازا يىتىپ كىچىك چىغىدا ئاتىسىدىن ئايرىلدى .
زوھۇرىدىن كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى قازالاپ ، ئاتىسىدىن ئايرىلغان ،زوھۇرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ناسىر ئاتىسى ئورنىدا ئۆزلىرىگە ئاتا بۇلالايدىغان تاغىسى مۇھەممەتمەھمۇدنىڭ ھىمايسىدە ئۈسۈپ يىتىلگەن ،ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلەر «مۇھەممەتمەھمۇتنى زوھۇرىدىن ۋە ناسىرنىڭ ئۆز ئاتىسى »دەپ بىلگەن. «زوھۇرىدىننىڭ ئاتىسى يەكەندەئىشىكاغا بولغان مۇھەممەتمەھمۇت»دىگەن كۆز قاراش دەل بۇنىڭ ئىپادىسى .
نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغۇللىرى مۇھەممەتمەھمۇت بىلەن تاھىر ۋە تاھىرنىڭ ئوغۇللىرى زوھۇردىن بىلەن ناسىر ئىككى ئەۋلات كىشىلەرنىڭ «ئاتىسىدىن كىچىك قىلىپ ،تاغىسى ھىمايىسدەئۈسۈپ يىتىلىش»تەك ئوخشاش تارىخى كەچۈرمشلەرگە ئىگە بولغانلىقى، زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ  باققان ئاتىسى مۇھەممەتمەھمۇت بىلەن بۇۋىسى نۇرمۇھەممەتنىڭ ئىسىملىرىنىڭ مەلوم جەھەتلەردىن  ئوخشاشلىقى سەۋەپلىك مۇھەممەتمەھمۇت بىلەن نۇرمۇھەممەت ئاتا-بالا ئىككەيلەن بىر كىشى يەنى نۇر مۇھەممەت دەپ بىلشتەك خاتا تۇنۇش شەكىللەنگەن . خاتا ئىغىزاكى بايانلارنى ئاساس قىلغان چۈشەنچىلەر «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغلى»دىگەن كۆز قاراشئۈچۈن مەنبە بولغان .
خۇلاسە  شۇكى : زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسى ئىمىنخوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغلى تاھىردۇر .
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ بۇلۇشتىن ئىلگىركى ئەھۋالى
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ باققان ئاتىسى مۇھەممەت مەھمۇت يەكەندە ئىشىكاغا بولغاچقا  زوھۇرىدىن يەركەندە تاغىسى ھىمايىسىدە چوڭ بولغان. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ « زوھۇرىدىننى قەشقەردە توغۇلغان» دېگەن قاراشلىرىدەل مۇشۇ سەۋەپتىندۇر. لېكىن زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئۈمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنىلايۇرتى لۈكچۈنگە قايتىش ئۇنىڭ ئۆزى توغۇلغان ماكان، ئاتا-ئانىسى ياتقان جاي يەنىلالۈكچۈن ئىكەنلىكىنى مۇنازىرىسىز ئىسپاتلايدۇ .
بەزىلەرھاكىمبەگ بولۇشتىن ئىلگىرى مۇھەممەتسەئىد ۋاڭ ھاكىمبەگ ئوردىسىدا يۈگۈر-يىتىمئىشلارغا ياردەملەشكەن ⒀دەپ قارىسايەنە بەزىلەر مەلوم ئەمەل مەنسەپ تۇتقان دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ .
«داۋگۇاڭنىڭ4-يىلى (1824-يىلى) قەشقەر ھاكىمبىگى مۇھەممەتسەئىد چىن كۈڭلى بىلەن   بىلەن داۋگۇاڭ خانغا كۈك رەڭلىك قاشتىىشى ئات ھەيكەل سوۋغات قىلماقچى بولغان،ئەمما مۇھەممەتسەئىدنىڭ تاۋاپ قىلىش نۆۋىتىكەلمىگەنلىكتىن سوۋغىتى شۇ يىلى بىيجىڭغا تاۋاپ قىلشقا بارغان جىيەنى زوھۇرىدىندىن ئەۋەتكەن».⒁مۇھەممەتسەئىد بولسا ئىمىن خوجىنىڭ نەۋرىسى، زوھۇرىدىن بولسا ئىمىن خوجنىڭ ئەۋرىسى بۇلۇپ بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دەل تاغا-جىيەن مۇناسىۋىتى بۇلۇپ ،سوغاتىنى ئالغاچ بارغان كىشى دەل مۇھەممەتسەئىدھاكىمبەگنىڭ يىقىنى بولغان جىيەنى دەل زوھۇرىدىن ھاكىمبەگدۇر.خاننى تاۋاپ قىلشپۇرسىتىگە نائىل بولغانلىقى،1831-يىللىرى ئىلىدىن قەشقەرگە ھاكىمبەگلىككە  تەيىنلىنىشى ئۇنىڭ بۇرۇن ھاكىمبەگ ئوردىسىدايۈگۈر-يىتىم ئىشلارنى قىلغان ئەمەس مەلوم ئەمەل مەنسەپتە بولغانلىقى ۋە قەشقەرۋەزىيتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
لۈكچۈنگە قايتىپ كېلىشى،  تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپاتى
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتى تۇغرىسىدا ئۇخشىمىغان كۆزقاراشلار بار .بۇ تۇغۇرلۇق تۇختالغاندا، تۈۋەندىكى تارىخى ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1854-يىلى 10-ئايدا قەشقەر خانئىرىق يىزىسىدىكى شامۆمىن ئۆزىنى يۈسۈپ خوجىنىڭ ئەۋلادى دەپ يالغان ئىيتىپ ئاممىنى توپلاپ ئىچىتقۇھەربىي رابات قاتارلىق جايلاردىكى ئۆي ئىمارەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ئەسكەر ۋەخەلقلەرنى ئۆلتۈردى ، قەشقەردىكى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ مۇھەممەت ۋەيەركەندىكى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ ئاقراي ئەسكەر ئەۋەتىپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى ئۇجۇقتۇردى⒂. زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن خەلق ئۇنى مەدھىيلەپ ،مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىسىمىنى ئۇنىڭ ھۆرمەت نامى قىلىپ«مۇھەممەت قۇتلۇق تاجى ھاكىمبەگ »دەپ ئاتىغان .شۇڭا دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن«سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى ۋەخپىسى» ،«ئاپاق خۇجا مازىرى ۋەخپىسى» قاتارلىق ۋەسىقلەردە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ،«مۇھەممەت قۇتلۇق تاجى ھاكىمبەگ»⒃ دىگەن ئىسمى ۋە ھۆرمەت نامى تەڭ  زىكرى قىلنغان .  يۇقارقى تارىخى ئۇچۇردا قەيىت قىلىنغان قەشقەرنىڭ ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ھاكىمبىگى «مۇھەممەت»دىگەن ناممۇ زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ«مۇھەممەت قۇتلۇق تاجى ھاكىمبەگ»دىگەن ھۆرمەت نامىنىڭ قىسقارتىلىشى بۇلۇپ بۇ پاكىت زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ 1852-يىلى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلىگىرى  ۋاپات بولغان بولماستىن 1854-يىلى 10-ئايداقەشقەردە داۋاملىق ھاكىمبەگلىك ۋەزىپىدە ئىكەنلىكى ئىنىق ئىسپاتلايدۇ.
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا راجىھئابدىرىشىت ئىبراھىم ئەپەندى مەخسوس ماقالە ئېلان قىلىپ 1861-يىل10-ئايغىچە زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ قەشقەردە ھاكىمبەگلىك ئورنىدائىكەنلىكىنى، 1863-يىلى ۋاپات بولغانلىقىنى⒄ئىسپاتلاپ چىققان ،لىكىن ئۇنىڭ قانداق تارىخى شارائىتتا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا توختالمىغان،زوھۇرىدىن قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان ئاخىرقى مەزگىللەردەچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلارغا بىرىلدىغان تەمىناتلارنىبىرەلمىگەن ،شۇنداقلا مالىيە قىيىنچىلىقدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇچۇق ئاشكارا ھالدائەمەل-مەنسەپ سىتىش ئىشلىرىنى يولغا قويغان ⒅.زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىپ بەرگەن. شۇنىڭبىلەن «كۇچالىق بىر باي قەشقەر ھاكىمبەگلىكىنى سىتۋىلىپ»⒆زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئورنىغا ھاكىمبەگ بولغان.شۇ مەزگىلدە،1853-يىلى لۈكچۈندىن يەكەنگە بىرىپ ھاكىمبەگلىك قىلۋاتقان «ئەفرىدۇن ھاكىمبەگمۇ بىر گۇناھ بىلەن يەكەندىكى ھاكىمبەگلىك ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ خوتەنلىك رۇستەم بەگ ئىككى مىڭ يامبۇغا ئەفرىدۇننىڭ يەركەن ھاكىمبەگلىك  ئورنىنى  سىتۋالغان»⒇، شۇنىڭ بىلەن يەكەن ۋەقەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان ئۇرۇق تۇغقان بۇ ھاكىمبەگلەر يۇرتى لۈكچۈنگە قايتىپ كەلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي زوھۇرىدىنھاكىمبەگ 85يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .ئەپرىدۇن ۋاڭ بولسا لۈكچۈندە داۋاملىق ۋاڭلىقمەنسىپىدە ئولتۇرۋاتقان چىغىدا قەشقەردە توپىلاڭ كۆتۈرلۈپ قالايمىقانچىلىق بولغاچقا 1863-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە ھاكىمبەگلىككەئەۋەتىلگەن ،بۇ ھەرگىزمۇ «زوھۇرىدىننىڭ ئوغلى بولمىغاچقا ئەپرىدۇننىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشى»(21) ئەمەس بەلكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىۋەزىيەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھىسابلىنىدۇ
ئۇيغۇرلارئارسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئەجداتلىرىنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ۋاپات بولغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ،قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىدۇ .مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا«زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 85يىشىدا ۋاپات بولغان»لىقى ئشەنچىلىك،شۇنىسى ئېنىقكى«85ياش»ھىجىرىي ەكالىندارى بۇيىچە ھېساپلانغان بۇلۇپ، مىلادىيە كالىندارى بۇيىچە «83ياش»بۇلىدۇ.«1863-يىلى83يىشىدا ۋاپات بولغان»لىقى بۇيىچەھىساپلىغاندا ئۇنىڭ  1780-يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغانلىقى ئىنىق.
ئەۋلادلىرى
پىچاندىكى پىشقەدەم مائارىپچى تىيىپ پۇلات ئەپەندى ھايات چىغىدا توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدائوغلى ئۆمەر تىيىپ «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدەزوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ بەش قىزى بارلىقىنى تىلغا ئالغان (22) يازغۇچى ئابلائەھمىدى «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا ئۆزگىچە بايان» ناملىق ماقالىسىدە«زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى ئەڭ كاتتا باي چوڭبەگنىڭ ئارزولۇق قىزىمەرەم خېنىمنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالغانلىقىنى،شائىر ئابدىرىھىم نىزارىنىڭ ئۇستازى مۇللاغۇجەش خەلپىتىم بىلەن قۇدىلىشىپ ئۇنىڭ قىزى ئانار خېنىمنى ئوغلى خۇدا بەردى ھېكىمبەگكەئېلىپ بەرگەنلىكىنى »(23) قەيت قىلغان.
قەشقەريىڭى ئۆستەڭدە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئوغۇل تەرەپ ئەۋلادلىرى بۇلۇپ شۇئەۋلادلىرىدىن ھازىر ھايات بولغان ئىمىر غوجا دىگەن كىشى ئوغلىغا «زوھۇرىدىنھاكىمبەگ» دەپ ئىسىم قويغان (24).

زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ھەقىقەتەن تارىخ ۋە تارىخ ياراتقۇچى خەلق تۇغرا باھالىغان قابىل ھۆكۈمدار ، شۇنداقلا ئۆز دەۋرىنىڭ تالانىتلىق شائىرى  بۇلۇپ 1780-يىلى پىچاننىڭ لۈكچۈندە ،تۇرپان ۋاڭلىقىنىڭ تۇنجى ئەۋلات ۋاڭى ئىمىن خۇجىنىڭ چوڭ ئۇغلى نۇرمۇھەممەت خۇجىنىڭ ئۇغلى تاھىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى تاھىر قازالاپ كىتىپ ، ئاتىسى ئورنىدا ئاتا بۇلالايدىغان تاغىسى مۇھەممەتمەھمۇت ھىمايىسىدە ئۈسۈپ يىتىلگەن.1819-يىلى نەۋرە تاغىسى مۇھەممەتسەئىد قەشقەرگەھاكىمبەگلىككە تەيىنلەنگەندە  ئۇنىڭ  بىلەن بىللە قەشقەرگە بىرىپ ، ھاكىمبەگ ئوردىسىدا مەلۇم ئەمەل تۇتقان ۋە داۋگۇاڭ خاننىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسسەربولغان. 1831-يىلى قەشقەر ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىنىپ تاكى 1862-يىلىغىچە ھاكىمبەگ بولغان ،ياشىنىپ قالغانلىقى ،سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىپ ،يۇرتى پىچان لۈكچۈنگە قايتىپ كىلىپ ، 1863-يىلى 85يىشىدا ۋاپات بولغان .  
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا يۇقىرقىدەك ئەسلەتمەۋەئەسكەرتمە بېرىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيتى بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلنغان ،مۈجمەل ۋە ياكى خاتا بولغان كۆزقاراشلارغا قارىتا تۇلۇقراق ئاساسلار ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ ئېنىق ، توغرابولغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇش بىزنىڭ قەلەم سەپىرىمىزنىڭ كۆزلىگەن مەنزىلى ۋە مەقسىتىدۇر .


ئىزاھلار:
⑴⑶ئەھمەد ھەمدۇللا «شائىر زوھۇرىدىن توغرىسىدا» ماقالە«قۇمۇل ئەدىبىياتى ژۇرنىلى» 2005- يىلى 1- سان .
⑻⑵(23)ئابلائەھمىدى:«زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا ئۆزگىچە بايان»،ماقالە ،«بۇلاق» ژۇرنىلى 2005-يىل2006.5.6-يىل 1- سان
⑷بوغدائابدۇللا :«زوھۇربەگ شىئرلىرىدىن» ،«بۇلاق»مەجمۇئەسى 2009-يىللق 3-سانىدىكى بايانلارغا قارالسۇن.
⑸بۇ ماتىرىيالنى تۇرسۇن ناجىت ئەپەندى،نەسۇرۇللا ھاجى قاتارلىقلار تەمىنلىگەن .
⑹«بۇلاق»مەجمۇئەسى 1982-يىل 1-سان 341-بەت
⑺ئەخمەت ھۆسيىن :«پىچاننىڭ يىقىنقى زامانمائارىپى» ماقالە ،پىچان تارىخ ماتىرىياللىرى 1-قىسىم 17- بەت .
⑼⑾⒁سۇ بىيخەي ،خۇاڭ جيەنخۇا :«قۇمۇل تۇرپانئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2001-يىل ئويغۇرچە نەشىرى،290-،291-،280- بەتلەر .
⑽شەرىپىدىن ئۆمەر :«19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتتارىخى »شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1- توم 817-بەت .
⑿ئابدىرىھىم نىزارى :«نىزارى داستانلىرى»مىللەتلەر نەشىرياتى 1985-يىل نەشىرى 46- بەت .
⒀⒃⒄راجىھ ئابدۇرىشىت ئىبراھىم :«زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا» ماقالە، «بۇلاق» ژۇرنىلى 2005-يىل 4-ساندىكىبايانلارغا قارالسۇن .
⒂⒅«شىنجاڭ يەرلىك تارىخى»، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك،شىنجاڭ ئونۋىرسىتى نەشىرىياتى 2001-يىل 7- نەشىرى، ئويغۇرچە، 350-،351-، 357-،358-بەتلەر .
⒆⒇مۇللا موسا سايرامى :«تارىخى ھەمىدە » مىللەتلەرنەشىرىياتى2007-يىل 1-نەشىرى 161- بەتتىكى بايانلارغا قارالسۇن .
(21) ئەركىنمۇھەممەت: «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى تۇغرىسىدا   »ماقالە،«تۇرپان»ژۇرنىلى2010-يىل 4-سان .
(22)ئۆمەر تىيىپ: «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسدا » ماقالە ،«شىنجاڭ تەزكىرىسى » ژۇرنىلى1991-يىل 4-سان .
(24) ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بەيساقلىق، شىنجاڭ پىداگوكىگا ئونۋىرسىتىتى ئۇيغۇر تىلى- ئەدەبىياتفاكولتېتى 2004- يىللىق4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نۇربىيە تۇرسۇن تەمىنلىگەن ماتىرىيال .


«تۇرپان»ژۇرنىلى2011-يىللىق  4-ساندىن ئېلىنغان.

0

تېما

3

دوست

1132

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25142
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 19:19:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 21:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر بولسا نىمە بوپتۇ  بىر ئەلنى باشقۇرغان ئادەم  خەلقىنى قانداق قىلىپ ئوبدان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشنى ئويلىماي شىئىر يېزىپ قوشاقچىلىق قىلىپ ئەيشى  ئىشرەت بىلەن يۇرۇشنىڭ نىمە زۇرۇريىتى ،شۇ ۋاقىتلاردا خەلقىمىز نىمە كۇننى كورۋاتقان ئىدى بۇنى ئويلىماي  چىڭىنى مەدىھلەپ  بىر نىمە تۇقۇپ يۇردىمۇ  كىم بىلدۇ
خەلىقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خاندىن  ئىنئام تەمە قىلىپ يۇرگەن غالچىمۇ كىم بىلدۇ .بەزىدە تارىخچىلارمۇ خاتالىشىپ قالامدىكىن ،ماختاشقا تىگىشلىك كىشلەرنى ماختىماي ساتقۇنلارنى  ماختاپ قۇيۇدىكەن

14

تېما

0

دوست

2461

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2170
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 352
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 508
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 22:52:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دىۋان زوھۇرى»دا ئۇچرايدىغان «مالاھەت كانى ھۆسن ئىقلىمىدا يوق يەنە ئىخلاس بىر قۇل،
سېنىڭ كويۇڭدا مەندەك يوق يەنە ئىخلاسلىق بىر قۇل. شاھى ئالى نەسەب يۈسۈف، زوھۇرىدىن ئاڭا مۇخلىس، بەدمىن جەددى ھۇمايۇن، بەخت كەلدى مەۋلىدى قامۇل.»، «شاھى ساھىبقىران يۈسۈف ئانىڭ بىر خاك پايىنى، زوھۇرى سۈرسەڭ ئەركوزغا ساڭا فىردەۋستۇر قامۇل» قاتارلىق بېيىتلاردىن «دىۋان زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى بولغان زوھۇرىنىڭ قومۇلنىڭ 18-ئەسىردە ئۆتكەن ۋاڭى يۈسۈپ ۋاڭ دەۋرىدە قومۇلدا ياشاپ ئۆتكەن شائىر ئىكەنلىكى ئاياندۇر. «ئاپتۇرى  مىرزا زوھۇردىن ۋە ياكى قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان زوھۇردىن ھاكىمبەگ بولماستىن پىچان لۈكچۈندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر زوھۇربەگ مەسئودىنىڭ قەلىمىگە تەۋە» دېگەن بۇ قاراشنى دىۋاندىكى يۇقىرىقى بېيىتلار ئوپئوچۇق ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان 1893-يىلى لۈكچۈندە تۇغۇلغان زوھۇرى مەسئۇدى دېگەن كىشىنىڭ «دىۋان زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ماقالىدىمۇ بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتىلمىگەن.

0

تېما

2

دوست

3487

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 843
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 23:19:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاندا ئۆتكەن توققۇز ۋاڭ:
1) ئىىمىن غوجا(1694-1777)،83يىشىدا ئۆلگەن؛
2) سۇلايمان،1780-يىلى ئۆلگەن؛
3) ئىسكەندەر،1812-يىلى 6-ئايدا ئۆلگەن؛
4) يۇنۇس،1815-يىلى ۋاڭلىقى ئېلىپ تاشلانغان؛
5) پەرىدۇن(ئىمىننىڭ 6-ئوغلى)،1822-يىلى ئۆلگەن؛
6) مۇھەممەت سېيىت(پەرىدۇننىڭ ئوغلى)،1827-يىلى ئۇرۇشتا ئۆلگەن؛
7) ئەپرىدۇن(مۇھەممەت سېيىتنىڭ ئوغلى)،1828-يىلى ۋاڭ بولغان؛
8) مامۇت(ئەپرىدۇننىڭ ئوغلى)،1883-يىلى ۋاڭ بولغان،1901-يىلى ئۆلگەن؛
9) ئىمىن(مامۇتنىڭ ئوغلى)،1902-يىلى ۋاڭ بولغان.

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3376
توردىكى ۋاقتى: 802
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 15:16:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 23:19
تۇرپاندا ئۆتكەن توققۇز ۋاڭ:
1) ئىىمىن غوجا(1694-1777)،83يىشىد ...

ئاۋۇ مۇھەممەد دىگىنىڭىز مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ شۇمۇ ؟
شۇ بولسا نىمە ئۈچۈن چىڭۋاڭ دەپ ئاتالغان ؟
چۈشەنچە بەرسىڭىز بۇلۇپتىكەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )