قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5879|ئىنكاس: 33

تاشپولات: بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە…

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

202

تېما

65

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 499
تۆھپە : 3726
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سولدىن جەمشىت ھەتچان

مەن ئالدىنقى ھەپتە  قازاقىستاندىكى جەمشىت ھەتچان ئاكامنىڭ ناھايىتى ياخشى يازغان تۆۋەندىكى شېئىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ قازاقىستاندىكى بايسىيىت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ رۇسىيەنىڭ كارسىندان شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتنىڭ يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ پۈتتۈرگەن. جەمشىتكام مېنىڭ بوۋام ئېلاخۇننىڭ ئىنىسى ھېتچچان روزاخۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ھازىر قازاقىستاندا يازغۇچىلىق ھەم شەئىريەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جەمشىتكام سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋاقتىدا قازاقىستان چېلەك ناھىيىسى پارتكومىنىڭ 2-كاتىپى ھەم ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ 1-سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.


بۇ رەسىم دادام قازاقىستان بايسىيىتگە بارغاندا تارتىلغان. ئوڭدىن دادام روزى، كىچىك بوۋام ھەتچان، كىچىك مومام نۇرۋانەم.

ھېتچان روزاخۇن كىچىك بوۋام 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغىچە بارىدۇ. ئۇ بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش قەخىرمانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 92 يېشىدا قازاقىستان  بايسىيىت يېزىسىدا بۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە…
(بوۋاينىڭ نەۋرىسىگە نېسىھەتلىرى)

ئاپتور: جەمشىت ھەتچان

ئۇچۇپ قالغىن قانات تالغىچە،
ئەجەل كېلىپ چاڭگال سالغىچە…
سۈرۈۋالغىن ھايات پەيزىنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ئۈمۈت بىلەن كۈت كېچە، تاڭنى،
گۈل-غۇنچەڭگە قوندۇرما چاڭنى.
سۇندۇرمىغىن بېۋاق كوزاڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ئارمىنىڭغا يېتىشكە تىرىش،
مەرت-مەردانە ئۆتۈشكە تىرىش.
ئەلنى خۇرسەن ئېتىشكە تىرىش،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

يارىڭ بىلەن تۇتقان خاناڭنىڭ،
تۆرى بولسۇن ئاتا-ئاناڭنىڭ،
كاملىغىنى كۆرمە پاناڭنىڭ،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

قېرىنداشقا تەگسۇن ھىممىتىڭ،
كۆپ بولسۇن دوست، كەچمەس ئىلپىتىڭ.
سۈرۈنمىسۇن يولۇڭدا ئېتىڭ،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

تېنەتمەي ئۆي، بالا-جاقاڭنى،
تاشلىق يەرگە سالما سوقاڭنى.
ئالغا ماڭساڭ ئويلا ئارقاڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

نان-تۇزۇڭنى ھالاللاپ يېگىن،
ئاقنى ياقلاپ، ھەقنى سۆزلىگىن.
پەسنى ئەمەس، ئۆرنى كۆزلىگىن،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

سىناقلاردا ئەگمە بېشىڭنى،
قىستاڭلاردا تۆكمە يېشىڭنى.
چالا قويما ياخشى ئىشىڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

چۈشەنمەسلىك، رەنجىشكە بولا،
زېدە قىلما ئۆزەڭنى تولا.
ياخشىلارنىڭ كۆڭلىنى ئولا،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

قېتىلمىغىن ئويى ھارامغا،
ئەگەشمىگىن ئەسكى پاراڭغا.
تۇز سەپكۈزمە ھەرگىز ياراڭغا،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

سارغايتمىغىن رەڭگى-رويۇڭنى،
ساغلام تۇتقىن ئەس-ھوش، ئويۇڭنى.
ئەل-ژۇت، خەلقىڭ كۆرسۇن تويۇڭنى،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ھىممىتىنى چۈشەن ئالەمنىڭ،
نىيىتىنى ئايرى ئادەمنىڭ،
قىممىتىنى بىلگىن ھەر دەمنىڭ،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

ئۆز دەۋرىڭنىڭ ژۈكىنى كۆتەر،
ئەتەڭگە بول شېرىك، ھەمسەپەر،
ۋەزىپەڭنى ئادا قىل، پۈتەر،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە.

قىسقىسى، شۇ ئېيتارىم ساڭا،
ئارتۇق كەتسەم رەنجىمە ئاڭا.
بولماس بەلكى مۇنداق پەيت ماڭا،
بۇ دۇنىيادىن كېتىپ قالغىچە…


0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25793
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شىئېر
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13184
توردىكى ۋاقتى: 6521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 13:00:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.پاساھەت ۋە ھىكمەت،ئېزگۆئۈگۈتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر شېئىر يوللاپسىز.شائىر سالامەت،ئۇمرى ئۇزۇن ۋە ئامان بولغاي!.

0

تېما

1

دوست

2296

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 13:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى شېئركەن،ئاللا ئۇزاق ئۆمۇر بەرگەي!

4

تېما

0

دوست

872

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22452
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 13:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى شئېر ئىكەن

0

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12778
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 13:43:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات ھىكمەتلىرى بىلەن تولغان بۇ شېىر كىشىگە ئاجايىپ ھۇزۇر بېرىدىكەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25964
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 15:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياقتۇردۇم،ئىسىل شىئېر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )