قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1018|ئىنكاس: 4

ئەقىلنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 15:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەقىلنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق



    ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ( دوكتور )


    بۈگۈن مۇنداق بىر ئىبرەتلىك ئەمما ئويلاندۇرغۇچى ھادىسە يۈز بەردى. نىسبەتەن ساخاۋەتلىك تىجارەتچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئاچقان ئاشخانىسىدا دوستلار بىلەن بىرگە تاماق يەۋاتقان ئىدۇق. قارا دېگەندەك بولدى ۋە ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان 45 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئاللىبۇرۇن ئالغان بىر تەرەپتىن تامىقىنى يېگەچ (ئېھتىمال ئىسسىقلاپ كەتكەن بولسا كېرەك) يەنە بىر تەرەپتىن كۆينىكىنى دولىسىغىچە قايرىپ قۇرساق ۋە دۈمبىلىرىنى ھەممىگە نامايەن قىلغاچ ئىنتايىن پەرۋاسىز بىر شەكلدە ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بىرى يات مىللەت يەنە بىرى ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان (مىللىتى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە يەنە بىر يات مىللەتمۇ بۇزۇپراق ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەۋاتاتتى) بىرى بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماق يەۋاتقانىدى. ئۇ ئادەمنىڭ ئاشخانىدىكى بۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ تاماقتىن غىققىدە بولدۇم... ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى يات مىللەتكە قارىسام، ئۇمۇ كۆينىكىنىڭ ئارقىسىنى خېلىلا كۆتۈرۋاپتۇ لېكىن بىزنىڭ ھېلىقى مىللەتداشتەك مۇبالىغە قىلمىغان... ئەتراپقا سېكونت ئىچىدە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، بۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئەمدىلا ئۇنىۋېرسىتىتقا يېڭى كەلگەن 18 ياشلاردىكى قىزلار، ئوغۇللار ۋە كەلگىنىگە بىرقانچە يىللار بولغان كونا ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ماگىستېر ۋە دوكتورانتلارمۇ بار ئىدى. تەخمىنىمچە ئاشخانىدا 30دىن ئاشقۇدەك ئوقۇغۇچى بالىلار بار ئىدى. ياش جەھەتتىن بۇ ئادەم ھەممىدىن چوڭ ئىدى.
      تاماق گېلىمدىن ئۆتمىدى، بىرگە غىزالىنىۋاتقان جان دوستلىرىمغا: «ئاغىينىلەر شۇ ئادەمنىڭ ئەپتىگە قاراپ بېقىڭلار، يېنىدا قىزىدەك نارەسىدە بالىلار تۇرسا، نىمانداق بىئەدەپ قىلىق قىلىدۇ» دېدىم، ھەممە قاراپ ئىچىدە ۋە تېشىغا چىقىرىپ ئەيىپلەشتى. بىرقىسمىلا بولۇپ قالغانلىقىمدىن بۇ ئادەمنىڭ ھەممە قىلىقلىرىنى كۈزىتىپ باققۇم كېلىپ كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇردۇم. لېكىن ھېلىقى ئادەم پەرۋايى پەلەك ۋە ئەسلا غەلىتىلىك ھېس قىلماي ئەڭ نورمال ھالىتىدە داۋامىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى، يانچۇقىدىن بىر قولياغلىقنى چىقىرىپ ئىنتايىن بىخارامان قۇرساقلىرى (كىندىكلىرىنىڭ ئەتراپى)، دۈمبىسى ۋە ھەتتا قولتۇقلىرىنى بىر ئوبدان ئىنچىكە ئېيتىتى ۋە كۆينىكىنى لەپىلدىتىپ شامالدىغاندىن كېيىن يەنە شۇ قولياغلىقى بىلەن باشلىرىنى، بوينىنى ۋە يۈزىنى ئېيتتى. ئەڭ ئىچىمنى ئىلەشتۈرگىنى بولسا، ھەممە يېرىنىڭ تەرلىرىنى ئېيتقان يۆل بولۇپ كەتكەن قارامتۇل قولياغلىقى بىلەن ئاغزىنى بىر ئوبدان ئېيتىشى ئىدى... سەۋرەم تاشتى... -ئاغىينىلەر ئا ئادەمگە ئەسكەرتىش بېرىپ قويىلى، ما ئاشخانىدا بىر مۇنچە قىزلار، ئوغۇللار تاماق يەيدۇ تەسىرى يامان بولىدۇ، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى بۇزمىغاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ بۇ يەردە ئوخشاشلا پۇل تۆلەپ تاماق يەۋاتىمىز، بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى بۇزىدىغان ۋە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشنى قىلىدىغان نىمە ھەققى؟ دېۋىدىم ئاغىينىلەر، «كارىڭ بولمىسۇن، بۇلار مۇشۇنداق، ئەتە ئۆگۈن تېخىدىنمۇ ئەزۋەيلەيدۇ...دەپ مېنى توختاتتى...» پەقەتلا ياخشى نىيەت بىلەن، بۇ يەرنىڭ ئاممىۋىي سورۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇيەردە تاماق يەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ ئادەمنىڭ بالىلىرىنىڭ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئىدىلا خالاس.
      ئاقىۋەت ئۇلار بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولغاچقا تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ چىقىپ كېتىشتى. ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرۇشىمىزغا نېمە كۆرەي، ھېلىقىلارنىڭ ئارقىسىدىراق ئولتۇرغان مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى نەق مەيدان دورامسىمان سىناققا باشلاپ بولۇپتۇ. ئۆزۈمگە دېدىم: «ئاللاھىم بۈگۈن نېمە بولدىكى، كۆزۈم كۆرمەسلىكى قۇلىقىم ئاڭلىماسلىقى زۆرۈر بولغان ھادىساتلارنى كۆز ئالدىمدا نامايەن قىلىدىغانسەن؟»... ئۇشبۇ ئوقۇغۇچى ئالدىغا ئېڭىشىپ ئولتۇرغان بولۇپ كۆينىكىنى خېلىلا يۇقىرى تارتىۋالغانلىقى تۈپەيلى دۈمبىسى ۋە كەينى نائېستىتىك ۋە ناخوش نامايەن بولۇپ تۇرغانىدى... قەدىرلىك ئاغىينىلەر ئەمدى ما قىلىققا ۋە نەق مەيدان تەسىرسىمان ئىجرائەتكە نېمە دەيسىلەر دېدىم، ھەممىسى قاراپلا كۈلۈشۈپ كەتتى... سوتسىئولوگىيىلىك كۆزدىن قاچماق تەس. ئارىدىن بىرەيلەن: «ئۇ يۇرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ئادىتى ئاشۇنداق، ئەرلىرى ئۇنداق قىلسا خوتۇنلىرى كۆينىكىنى خېلىلا يۇقىرى تارتىپ ئولتۇرىۋېرىدۇ ئېغىر ئالمايدۇ» دېدى. دوستىمىز ھەرھالدا بۇ يەرنىڭ ھېلىقى يۇرت ئەمەسلىكى ۋە سورۇندىكىلەرنىڭ بۇ قىلىقنى قوبۇل قىلالايدىغان ئۇ يۇرت كىشىلىرى ئەمەسلىكىنى ئەستىن چىقارغىنى ئېھتىمال! مەن ھېچبولمىغاندا مۇنۇ ئوقۇغۇچى قېرىندىشىمىزغا نەسىھەت قىلىپ قويىلى دېگەن بولساممۇ يەنىلا جامائەتتىن تەستىق ئالالمىدىم. دوستلاردىن بىرى پەقەتلا بىزدەكلەر ئۇنداق بالىلار بىلەن يېقىن ئارىلاشمىغاچ ئاشۇنداق بولۇپ كەتكەن دېدى...
     ئىچىم چېۋىن يەۋالغاندەك بىر خىللا بولۇپ قالدى. مەن بىر جەمىيەتشۇناس ۋە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى لېكىن شۇ ئان مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىدا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىلار ئوقۇيدىغان فاكۇلتېتتا بولمىغانلىقىم تۈپەيلى مېنى تونۇماسلىقى ھەم مۇقەررەر (ھازىر بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تونىسىمۇ تونىمىسىمۇ بەرىبىر، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپىتى ئۇ قەدەر تۆۋەنلەپ كەتكەنكى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى بالاڭزىلاردىن پەرقى يوقتەكلا، پەرقى بار دېيىلسە بەلكىم ئۇنىۋېرىستىت كىملىكىگە ئىگە بولۇپ قالغىنىلا خالاس گويا!) باشىقىلاردەك نېمە كارىم دەپ كۆزنى يۇمۇپلا ئۆتۈپ كېتەلەمدىمەن دەپ ئۆزۈمنى زورلىدىم. كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ خىل قىلمىشلارنى تەستىقلمىسىمۇ ۋە غۇڭشۇپ ۋايسىسىمۇ باشقىلارغا يەنى شۇلارغا يامان كۆرۈنمەسلىك ياكى خاتا چۈشەنچە بىلەن «چىشىغا تېگىپ» قويۇپ «پەيزىنى سۈرۈشى»گە دەخلى قىلىپ قويماسلىق مەقسىتىدە ئىچىگە سېلىپ دەرت قىلىشىدۇ ياكى ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى قاقشاپ قويۇپ يولىغا داۋام قىلىۋېرىدۇ.
      بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئايان بولغاچقىمىكىن ئالغان تەربىيەم ۋە ۋىجدانىم، مېنىڭ بۇ يەردىن پەرۋاسىزچە چىقىپ كېتىشىمگە ھېچ يول قويمىدى. ئۇشبۇ يىگىت قانداق كىملىك ۋەيا كەيپىياتتا بولسا بولسۇن، تېخىچە ئۇيغۇر مەنلىكىنى يوق قىلمىغان، ھېچ بولمىغاندا ئائىلىسىدىن ئالغان تەربىيىنىڭ ئىچىدە بۇنداق ئەسكەرتىشلەر مۇقەررەركى بار ۋە ئەنە شۇ ئەسكەرتىشلەر دۇغىنىڭ غىدىقلىنىپ قوچۇلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالۇر ۋە مېنى توغرا چۈشىنەر دېگەن ئۈمىتتە، ئورنىمىزدىن قوپقىنىمىزدا، ئۇدۇللاپ يېقىنلاشتىم ۋە ئىسمىنى چاقىرىپ، «كۆينىكىڭىزنى پەسكىرەك چۈشىرىۋالسىڭىز، بۇ يەردە قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ تاماق يەيدۇ» دېيىشىمگە دوستلىرىمدىن بىرى ئالدىراپ تېنەپ قوللىرىمدىن تارتىپ «كارىڭ بولمىسۇن، ماڭ ماڭ» دېگىنىچە مېنى ئىتتىرىپ، چىقىپ كەتتى... لېكىن مەن ئۇشبۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دەرھال كۆڭلىكىنى تۈزەشتۈرگىنىنى كۆردۈم ۋە ئىچىم يايرىدى-يۇ ئۇشبۇ دوستۇمنىڭ قىلمىشى ناھايىتى ئاچچىقىمنى كەلتۈردى (چۈنكى بۇ يەردە مېنى تارتىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكۈدەك بىر ئىش يۈز بەرمىدى، يۈز بېرىشىمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، مەن كىملىكىمنىڭ پەرقىدە مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلىرىمگە نىسبەتەن دىققەت قىلىپ ياشايدىغانلىقىم تونۇغانلارغا ئاشكارا.  لېكىن ئۇيغۇر پسىخىكىسى ۋە كۆنۈپ قالغان مىجەزىدە بۇنداق ئەسكەرتىش خاراكتېرىدىكى تەۋسىيەلەرنى قارشى تەرەپ چوقۇم خاتا چۈشىنىدۇ ۋە زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ شۇڭا ئەرزىمەيدۇ، كارى بولمىغان ياخشى دەپ قاراش تۈپەيلى دوستۇم رېفلىكىسلىق ئىنكاس بىلەن ئىختىيارسىزلا مېنى تارتىپ ئىتتىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ يەردە  مېنىڭ ئەسلا زىددىيەت پەيدا قىلىش ئويۇم يوقكى، پەقەتلا زىيالىيلىق بۇرچۇم ۋە ۋىجدانىمنىڭ يول قويماسلىقى تۈپەيلى توغرىنى يەتكۈزۈپ قويۇش ئىدى، قوبۇل قىلىش قىلماسلىق ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەگەر قارشى تەرەپ توغرا چۈشەنمەي تەتۈرلۈك قىلغىنىدا، مەن ئەسلا ئۇنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشمەيمەنكى!
       يەنى دوستلىرىم ئويى بويىچە مانا شۇ چاغدا تەڭ بولمايمەن، نەزىرىمدە بۇ خىل ئەسكەرتىشتىن كېيىن دەرھال ئۆزىنى تۈزەشتۈرمىسە، ئۇ ئەڭ ئەقەللىي ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن خەۋەرسىز مەخلۇقات سەۋىيىسىنى نامايەن قىلىدۇكى، مەخلۇقاتنىڭ چۈشىنىدىغان تىلى مەدەنىي ئەسكەرتىش ئەمەستۇر... ئۇ يەردە دوستۇم ئاق كۆڭۈل ۋە ھەددىدىن ئارتۇق سەمىمىيىتى بىلەن مېنى تارتىپ چىقىپ كېتىش ئارقىلىق دىققەت قىلغانلارغا ۋە ھەتتا ئۇشبۇ ئوقۇغۇچىغا خاتا تەسىر بەردى. يەنى گويا مەن ئۇ بالا بىلەن جىدەللەشكىلى ماڭغاندەك ۋە بۇنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن مېنى زورلاپ تارتىپ چىقىپ كەتكەندەك... ئەسلى مەنتىقىسىنى ئىشقا سالغىنىدا دوستۇمنىڭ بۇ يەردە ئەڭ توغرا ئىككىلا تاللىشى بار ئىدى. بىرى ئەگەر پەقەتلا ھىسسىي مەنىدە دوست بولماستىن پەلسەپىۋى مەنىدىمۇ دوستۇم بولغىنىدا،  مېنى توسۇپ تارتماي يېنىمدا شۇك تۇرۇپ مېنىڭ ئەسكەرتىش ۋە تەۋسىيەلىرىمنى تەستىقلىشى زۆرۈر تېپىلغىنىدا قوشۇمچە قىلىشى بولسا، يەنە بىرى بولسا كارى بولماي چىقىپ كېتىۋېرىشى كېرەك ئىدى. بۇ تۈپەيلى يوق تاللاشنى پەقەتلا رېفلىكىسلىق ئىنكاس تۈپەيلى تاللاپ سالدى ۋە خاتا قىلدى)ۋە ئويلارغا سالدى... سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىل: بىرىنچى مىسالدىكى يېشى ئەللىكلەرگە كېلىپ قالغان ھېلىقى گراژداننىڭ قىلمىشلىرى تىل تەپەككۇر دۇنيارىمدا بىۋاستە «ئەقلى بۇلغىنىپتۇ» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە بىلەن بۇ ئىبارىدە مۇجەسسەم بولغان مەزمۇن ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشكە ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان مىللەت ئىكەنلىكى بۇ مىللەتنى تونۇيدىغانلارغا ئاشكارا.
     پاكىزلىق دىنىمىزدىلا تەكىتلەنمەستىن ئۇيغۇرلۇقىمىزنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆرپ-ئادەت فولكلورىمىز ۋە كىشىلىك دۇنيا قاراشلىرىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ياراتقان كۈلتۈرلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى مىللەتلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ياخشى يامان باھالىرىمۇ ئوخشىمىغان. بىزدە ئېغىر كۆرۈلۈپ يامان ئېلىنغان ئادەت باشقا مىللەتلەردە ئۇنداق بولماسلىقى مۈمكىن. چۈنكى كۈلتۈر نىسپىيدۇر. ئائىلىدىن باشلىغان ئەخلاق تەربىيىسى جەمىيەتتە ئىجتىمائىي ئەخلاق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ مىللەتچە رۇئايە قىلىنىدىغان ئومۇمىي ئۆلچەملەرگە ئايلانغان بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تۆر ۋە پەگا چۈشەنچىسى بار يەنى ئورۇن چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپلەيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ. بۇ چۈشەنچىلەر ياراتقان قىممەت قاراش ۋە ئىستېتىكا تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ بىر يۈرۈش ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنى بېكىتىپ چىققان. ئەلۋەتتە بۇلار يازما ھۆججەت شەكلىدە بېكىتىلگەن بولماستىن بەلكى جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋىجدانىغا ئامانەت قىلىنىپ جامائەت پىكرى ۋە جامائەت ۋىجدانى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىشى كۈتۈلگەن... بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئەسلا كەشىنى ۋە ئىشتان كۇسەرلىرىنى بېشىغا تەكىي قىلىپ قويمىغىنىدەك،  ئىمكانىيىتى بارلار مۇنچىدا ئىككى خىل لۆڭگە ئىشلىتىدۇ.
     يەنى بىرىنى بەلنىڭ ئۈستىگە ئىشلەتسە يەنە بىرىنى بەلنىڭ ئاستىغا ئىشلىتىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئىگىلىشىمىزچە ئىمكانىيىتى بولمىغانلار لۆڭگىسىنىڭ يېرىمىدا ۋۇجۇدىنىڭ ئاستىنى سۈرتسە يېرىمىدا بېلىنىڭ ئۈستىنى سۈرتىدىكەن. كۈنىمىزدە كىرئالغۇ ئىشلىتىدىغانلارمۇ ئىچ كىيىمىنى ۋە تاش كىيىمىنى ھەتتا بەزىلەر ئۈست ئاست كىيىملىرىنى ئايرىم يۇيىشىدىكەن. بۇنداق مىساللارنى كۆپەيتىشىمىز مۇمكىن. ئارىلىشپ قالسا نېمە بولىدۇ؟ ھەممە يەر ئۆزەمنىڭغۇ دەيدىغان زىيالىيچاقلار، بىلەرمەنلەر چىقىشى مۈمكىن، سىز قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر كۆڭلىڭىز كۆتۈرەلىسىلا... ئۇيغۇرلارنىڭ «كۆڭلى كۆتۈرمەيدىغان» مىجەزى باركى، سىز بۇنى سىز بىلىدىغان پەلسەپەلەر بىلەن نېمىشقىلىقىنى ياكى «ئىلغار» ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالمايسىز ھەمدە ئىنكارمۇ قىلالمايسىز! ئەلۋەتتە سىزدىكى چىپ (مەركىزىي كونتروللىغۇچ) ئالمىشىپ كەتمىگەنلا بولسا...  ئۇنۇتماڭ، ئۇيغۇرلۇقىنى يوقاتمىغان ئۇيغۇرنىڭ «كۆڭلى كۆتۈرمەي» قالىدۇ، كۈلگۈم كەلدى سىز ئويلىنىپ بېقىڭ يەنە «ئۇيغۇرلۇق» دېگەن ئىبارەمنى ئانالىز قىلىپ ھەزىم قىلىپ بېقىڭ نېمە چىقىدىكەن... مۇئەييەن ۋە مۇقەررەركى «بالاڭزاسىمان، ياماق چاپان زىيالىيچاقلار»نىڭ قىچىشمىغان يېرى قىچىشىپ سۆزۈمدىن سۆز تاپقۇسى كېلىپ كېتىدۇ...
     ئاغىينىلەر پەلسەپە ئوينايلىكى كاللىمىز دۇنياسىدا پىكىر گىمناستىكىسىنى مەشق قىلايلى، ئەرزان ياشاپ ئۆزىمىزنى سىلاپ تار دائىرىدىكى بىز بىلەن كۆزىمىزنى ساختا يۇمۇپ كۆرمەسكە سېلىپ (ۋىجدان كۆرىۋېرىدۇ) ۋىجدان ئازابىدا ياشىمايلى. تېما بىلەن ئالاقىسى يوق بىر نەقىل:  قايسى بىر شائىرچاق ئۆزىچە قەيەرلەردىندۇر ئالمىشىپ قالغان گېنلىرىدىكى زەھەرخەندىلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە يېزىقىدا «قەھرىمانلىق دەۋرى تۈگىدى» دەپ جار ساپتۇ. بۇنداق شۇئارچىلارنى مۇقەددەس بىلىپ قالغان...چىلار ئىنكاس قىلماي خوش خوش بىلەن ئولتۇرغانمىش. بىرى قوپۇپ ئۇلار ئاڭلايدىغان تىلدا: «ئا.....نىڭ دەۋرى تۈگىدى» دېگەن بولسا دەل ئىنكاس بولۇر ئىدى دېگۈم كەلدى. مىللەتلەرنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغان مۇقەددەسات ۋە تۈۋرۈكلەر مىللەتلەردىن مىللەتلەرگە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭكىدەك مىللەتلەردە (ئومۇمىي تۈرك، موڭغۇل) قەھرىمان تۈگىمەيدۇ، قەھرىماننى زورلاپ ياكى يالغان تەشۋىقاتلار بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتىڭىز دېگەنلىك بۇ مىللەتنىڭ روھىيىتىنى بۇ ۋەسىلە بىلەن ئۇشبۇ مىللەتنىمۇ يوق قىلدىڭىز دېگەنلىكتۇر. بۇ مىللەتتىكى ئەسلىيەت ئامىللىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى %50نىڭ ئاستىغا چۈشمىگىنىدە قەھرىمان تۈگىمەيدۇ.
     بىلىپ قېلىڭكى بۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى پەقەتلا ئات بىلەن قىلىچ ئويناتمايدۇ، ئوخشىمىغان دەۋر ۋە ماكاندا ئوخشىمىغان روللاردا قەھرىمانلىقىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىۋېرىدۇ. ئۆزگەرمەيدىغىنى مىڭ يىللار مابەينىدە بىرىكىپ گىگانت پەلسەپە ۋە پرىنسىپقا ئايلانغان، يىگىتلىك، مەرتلىك، ئادالەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسىدۇركى بۇنىڭ يەنە بىر ئىسمىغا تۈرك تۆرەسى دەپ ئات بەرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەسلى تېمىغا قايتىش: ئەقىل بۇلغىنامدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇلغىنىدۇ. ئۇنداقتا ئەقىل قاچان بۇلغىنىدۇ؟ ئەڭ ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك ئۇيغۇرچە بىلەن ئىپادە قىلغىنىمىزدا، «ئالمىشىپ قالغاندا» ياكى «ئېلىشىپ» قالغاندا. ھەممە ئۆز يېرىدە، لايىقىدا بولغاندا، يەيدىغاننى يەپ، يېمەيدىغاننى يېمىگەندە، قىلىدىغاننى قىلىپ قىلمايدىغاننى قىلمىغاندا ۋە جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىچىنى سىقىپ، كۆڭلىنى ئېلىشتۇرمىغاندا ھېچكىم «ئەقلى بۇلغىنىپتۇ» دىمەيدۇ خالاس. ئۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، كىشىلەر بىرىنى «ئەقلى بۇلغىنىپتۇ» دېگىنىدە نېمىگە قاراپدەيدىكەن؟ كىندىك ئەتراپىدىكى (تەرلەرنى) ۋە قولتۇق دۈمبىدىكى تەرلەرنى ئېيتقان قولياغلىق بىلەن يۈز كۆز ۋە ئېغىز بۇرۇننى ئېيتقىنىڭىزدا نورمال «ئالمىشىپ ياكى ئېلىشىپ» قالمىغان ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئەزا بولغان ھەر قانداق شەخسنىڭ (ئۇنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر بولۇشى ناتايىن، يەنى ئاشۇ تىلدا توغرا تەپەككۇر قىلىپ توغرا سۆزلەيدىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان بالىسى. بۇ تىلدا توغرا تەپەككۇر قىلىپ توغرا سۆزلىگەن بىرى يەنى ئۇيغۇر تىلى بىرىنجى تىلى بولغان بىرى قايسى قەۋمدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر كۈلتۈرى بىلەن كۈلتۈرلىنىپ بولغان. بۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى ئۇيغۇرچە بولۇپ بولغاندۇر) بىرىنچى بولۇپ ئاغزىدىن چىقىرىدىغىنى «مۇنۇ ئادەمنىڭ ئەقلى بۇلغىنىپتۇ» دېسە، ھېلىقى كۆلدىن چىقماي ياشايدىغان پاقىنىڭ قۇرسىقىغا ئوخشايدىغان سولاش قۇرساق بىلەن ئۇنىڭغا ماسلاشقان دۈمبىنى كۆرگەنلەر «نېمانداق ھاياسى يوق ئەخلاقسىزكەن-بۇ» دەيدۇ دە، ئاممىۋىي سورۇنلاردا بولغان بولسا، لايىقىدا ئەسكەرتىشنى بېرىپ تۈزىتىدۇ. ئەگەر تەتۈرلۈك قىلغىنىدا يۇرت نوچىلىرى، ئۇ چۈشىنىدىغان تىلدا جاۋاپ بېرىپ رەندىلەش ئارقىلىق تۈزىلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بۇرۇلۇش ۋە بۇزۇلۇشنى تورمۇزسىز ياكى شوپۇرسىز ماشىنىغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. ئىشنىڭ ئەڭ قىزقارلىقى بۇ ماشىنىدا دەرھال ھالاك بولۇشنى خالىمايدىغان خېلى كۆپسانلىقلار بار.
      قالغانلارنى توغرا چۈشىنەيلى، ئۇلار «بەرىبىرغۇ، تۈگەشتۈق، تۈگىشىمىز...» دەپ ماشىنىنىڭ بالدۇرراق قوزۇققا ئۈسسۈشى ياكى ھاڭدىن ئۇچۇشىنى كۈتۈپ ياتقان ئاسانغا كۆنۈپ قالغان مەۋجۇدىيەت مەخلۇقلىرى (قىزىقارلىقى بۇ مەخلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى دىپلومىلىق نامى مەشھۇر زىيالىيلاردىن تەركىپ تېپىشىدۇر). بىزنى ئالاقىدار قىلىدىغان خېلى كۆپسانلىق دەرھال تۈگىشىشنى خالىمايدىغانلاردۇركى، ئۇلار تىرىشسا ماشىنىنى توختىتالىشى ياكى ئىچىدىن موتورسىكلەت ياكى ھېچ بولمىغاندا تراكتورنىڭ رولىنى تۇتۇپ باققانلار بارلىقى تۈپەيلى ماشىنىنى سالامەت مەنزىلگە يەتكۈزۈش ياكى توختىتالىشى تامامەن مۇمكىن. لېكىن نېمىشقىدۇر قۇرۇق ۋايساش ۋە تەسۋىرىي بايان بىلەن ئۆزىنى ئۇپرىتىش بىلەن ئاۋارە بولىشىدۇ، يەڭنى تۈرۈپ ھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ. يەنىلا تەكتىدىن قازغىنىمىز ۋە بۇ ھادىسلەرنى تەھلىلى قىلغىنىمىزدا، يۈزەكىلىكنىڭ ئېغىرلىقى ماھىيەت چوڭقۇرلىمىسىنڭ كەمچىللىكى نۇقسانى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن پەلسەپىۋىيلىكنىڭ جىپسىلاشماسلىقى، شىئىرىي ھاياجان بىلەن «تېز قىززىپ چاپسان سوۋۇش» پسىخىكىسىنىڭ ئومۇمىيلىقى ئىجتىمائىي ۋىجداننىڭ ئۇپرىتىلىپ تېگىشلىك رولىنى جارىي قىلدۇرالماسلىقىغا سەۋەبچى بولماقتا. جەمىيىتىمىزدىكى ھەرخىل دەرىجىدە «ئەقلى بۇلغانغانلار»نىڭ سەھنىدە خىجالەتسىزچە (ئەقىل بۇلغانغاندىكىن، خىجالەت تۇيغۇسىنىڭ ئۆچەملىرىمۇ بۇلغانغان بولىشى مۇقەررەر) ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ئاياق ئاستى قىلىشى ۋە چىرىتىشى جەمىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە مەنپىي مەنىدە پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. جەمىيەتتىكى سوتسىئو-كونترول مىخانىزمىسىنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بوشاشتۇرۇلۇشى ۋەيا سۇسلاشتۇرۇلۇشى تۈپەيلى، مەھەللە ئاقساقاللىرى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى نوچىلار (بالاڭزىلار ئەمەس!!!) ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان جامائەت پىكرى (غۇلغۇلا، ئەيىپلەش ۋە تەقدىرلەش) بارغانسېرى يوقاشقا باشلىغان بولۇپ خۇسۇسەن شەھەرلەردە ئاشۇنداق بولۇشقا باشلىغان. شەھەرلەشكەندە يېزىلاردا ئومۇمىي بولغان ئاقساقال كۈلتۈرىمىز بىلەن مەردانە پەلسەپەمىزگە يارىشا نوچى ئۆرپىمىزنى شەھەر زىيالىيلىرى ئارىسىدا زامان ۋە ماكانغا ماسلاشتۇرۇپ شەھەر ئاقساقاللىرى ۋە شەھەر نوچىلىرى شەكلىدە يارىتالمىدۇق...بۇ ئاجىزلىق «بالاڭزا كۈلتۈرى» بىلەن بۇلارنىڭ تەرەققىياتىدا «ھاياسىز ئاقساقاللار»نىڭ كۆپىيىشىگە ئېھتىماللىق ۋە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
     يات كۈلتۈرلەر بىلەن تەسىرلىشىش ئۆزىنىڭكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ياتلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىش بولماسلىقى كېرەك. جۇڭگودىكى مودا كۈلتۈر ئالماشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە بولغىنىدا ئىلغار ۋە ياخشىسىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئىلغار نەرسىنى تاشلاپ ئۆزىڭىزنىڭكىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كۈلتۈرنى ئالغىنىڭىزدا، بەلكى سىز ئالغان كۈلتۈر مەنسۇبى تەرىپىدىن تەقدىرلىنىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز ئېتنىك تەۋەلىك ۋە ئانا كۈلتۈر مەنۇبىيىتى جەھەتتىن مەنسۇپ بولغان جەمىيەت مەنسۇپلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىشىڭىز ۋە ھەتتا چەتكە قېقىلىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن ئۇيغۇرلاردا شەخسىي تازىلىق جەھەتتىن ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك ياۋرۇپالىقلارمۇ كېيىنكى يىللاردا پەيدا قىلىشقان ئادەتلەر، بىزدە ئەسىر بۇرۇنلا بار ئىدى. ئۇيغۇرلاردىكى ئەر ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ ئۇيات يەرلىرىدىكى قىل-تۈكلەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئادالاپ تۇرۇش، قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش ياكى چۈشۈرۈش ئارقىلىق پاكلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر ئەمدىلەتىن ئۆزلىرىنى خېلى خېلى مەدەنىي دېگەن مىللەتلەردە پەيدا بولغىلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەتتۇر. ئەپسۇس كېيىنكى يىللاردا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر خۇسۇسەن خەنزۇ تىللىق مىللەتلەر بىلەن تەسىرلىشىشى جەريانىدا ئۆزلىرىدىكى بۇ خىل گۈزەل ئادەتنى يوق قىلغانلىقىنى ئەكسىچە ئادەمنىڭ ھۆ قىلغۇسى كەلگۈدەك دەرىجىدە قولتۇق تۈكلىرىنى چىقىرىپ قويۇشقان ئەر-خوتۇنلارنى، ھەتتا ئۇلاردىن تۆرەلگەن يېڭى نەسىللەرنى كۆرمەكتىمىز... يەنە تاماق يەۋاتقاندا، قالايمىقان تۈكۈرىدىغان، تۈزۈك ئولتۇرماي، ئىشتاننى پۇچقىغىچە تارتىپ قويۇپ بىپەرۋالارچە تاماق يەيدىغان مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى كۆرگەندە بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تىلدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى تۇيغاندا، تىلى بىلەن دىلىنىڭ بۇ ئارقىلىق قىممەت قاراشلىرىدىكى تۇتامسىزلىقلارنىڭ كۆپلىكىدىن نورمال ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئىچى سىقىلىپلا كېتىدۇ.... ئىجتىمائىي ئىنكاس بىزنىڭچە شەخسىي ۋىجدان بىلەن ئىجتىمائىي ۋىجداننىڭ ھادىسىلەر قارشىدا نورمال ۋە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
      ئىنسان تەبىئىي مەخلۇقات شەكلىدە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئانىسى (ئۆز ياكى ئىنىك ئانا) ئاندىن كېيىن ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرى، تۇغقان، خۇلۇم- خوشنىلىرى قىسقىسى جەمىيەتتىكى ھەر خىل كىشىلەر بىلەن بولغان تەسىرلىشىشى ۋە تەسىر قىلىنىش جەريانىدا ئىجتىمائىيلىشىپ ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇداتقا ئايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۆزى تۇرىۋاتقان جەمىيەتنىڭ تىلى، دىنى، ئۆرپ-ئادىتى، قىممەت قاراش ۋە ياخشى-يامان ئۆلچەملىرىنى ئۆگىنىدۇ ئۆزلەشتۈرىدۇ. مانا مۇشۇ ئۆگىنىشلەر ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قارىتا قانداق ئىنكاس قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قارايدىغان بولساق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كېيىنكى يىللاردا ئىجتىمائىي ئىنكاسنىڭ سەۋىيىسىى ۋە سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى خۇسۇسەن ئىنكاسنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىجرائاتلارغا تەسىرى نۇقتىسىدا جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى بىلىنىپ قالماقتا. ئادەتتە زىيالىيلار يىغىلغان ھەرقانداق سورۇندا مەلۇم تېمىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجتىمائىي ئىنكاسلارنى قىلىشىپ سورۇنىنىڭ «گەپسىز» قالماسلىقىغا تىرىشىلىدۇ.
     لېكىن شۇ ئىنكاس تۈپەيلى ۋايسىغان ھادىسىگە دۇچ كەلگىنىدە ئۇشبۇ  سورۇندىكى نەزىيىۋى ئىنكاسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا ئاجىز قېلىپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋىجدان ئازابى چېكىشىدۇ... ئىنساننىڭ ھاياتتىكى ياشىشى ئازاپ چېكىش ۋە ۋىجدانى ئېزىكلىك ئىچىدە چۈشكۈنلىشىپ بوتۇلكا مالىيى بولغاچ پۈتكۈل مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىنى ئۆزى سىلاپ يۈرۈش ئەمەستۇر. «ۋىجدان راھەتلىكى ۋەيا ئازادىلىكى» بولسا ھاياتنىڭ پسىخىك لەززىتى ۋە ئىنسانچە ياشاشنىڭ ئۆلچىمىدۇر. تەتۈرىسىچە بولغاندا، بىرمۇنچە پسىخىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇنۇپ ئۆزى خۇش يۈرمىگەننىڭ سىرتىدا خۇش يۈرۈيدىغانلارنى كۆرەلمەيدىغان تېخىمۇ ناچار كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇنۇپ، ئۆزىنىڭكىلەر بىلەنلا ھەپىلىشىش «كەسپى مىجەز»گە گىرىپتار بولۇپ قېلىنىدۇ. جەمىيىتىمىز ۋە ئەتراپىمىزدا بۇنداقلارنىڭ سانى كۆپىيىپ تۇرۇپتۇ. ئىجتىمائىي ئىنكاس ئۆلگەن يەردە، جامائەت پىكرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ. شەخسىي كىشىلىك، ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ۋىجدان ۋە ئىجتىمائىي ئىنكاس بىر-بىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ يەنىلا ئەقىلنىڭ سۈزۈكلىكى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەقلى بۇلغانغان بىرىدىن ئىجتىمائىي ئەخلاقنى كۈتكىلى بولمىغاندەك پسىخىكىسى ساغلام بولمىغانلاردىن ۋىجدانى ئازادىلىك بۇ تۈپەيلى ئىجتىمائىي ئىنكاسلارنى كۈتكىلى بولمايدۇ.
      بۈگۈن ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي ئەخلاق بىلەن يېقىندىن ئالاقىدار بۇ مەسىلە ۋە دوستلىرىمنىڭ ئىنكاسى بۇ يازمىنىڭ (ماقالە ئەمەس، ماقالە بۇنداق ئاسانلا پۈتمەيدۇ!) ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئاخىرىدا، ئىلمى ئىرپان بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، بولماقچى بولغان ياكى مەدەنىي بىر ئىنسان بالىسى بولماقچى بولغان يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ، ۋىجدانى راھەت ياشاش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئىنكاس قابىلىيىتىنى بىرئاز غىدىقلاپ ئىجتىمائىي ۋىجدانىنىڭ ئۇخلاپ قالغان، داتلىشىپ قالغان تەرەپلىرىنى پاكلاش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنى يوقاتمىغان ئاساستا ئىناق، ئۆم بولغان يېڭىچە كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. تاما تاما كۆل بولۇر پەلسەپەسى بىلەن ھەرىكەتلىنىپ ئىجتىمائىي مۇھىتىمىز ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتىمىزنىڭ تېخىمۇ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۆزئارا بەزى ئەسكەرتىشلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنكاس قابىلىيىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تېخىمۇ سەزگۈر قىلالىشىمىز تامامەن مۇمكىن.  ئۆزىنىڭلا ئازادىلىكىنى كۆزلەپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ھەممە قولىدىن كېلىشىچە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
      ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۇسلۇپقا دىققەت قىلىش لازىم، قارشى تەرەپ بەلكىم يېشى چوڭ بولغىنى بىلەن ئۇيغۇر كۈلتۈرى، ئۆرپ-ئادەت، قىممەت قاراشلىرىدىن تولۇق ئوزۇقلانمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىز پەقەتلا قېرىنداشلىق مېھرىمىز بىلەن ئەسكەرتىپ قويغىنىمىزدا، بىر قىسىم چاكىنا بالاڭزا مىجەز ئەخلەتلەرنىڭ سىرتىدا مۇتلەق كۆپسانلىق ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنى تۈزىتىۋالالايدىغانلىقىغا شۈبھەمىز يوقتۇر. بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسكەرتىشىمنى بېرىپ بولغىچە سېكونت ئىچىدە تۈزىتىۋېلىشى بۇنىڭ ئىسپاتى بولسا، دوستۇمنىڭ مېنىڭ ئاقكۆڭۈللۇك ئەمما تەسىرىنى ئويلىماي سۆرەپ چىقىپ كېتىشى بولسا، خاتا ئىدىكى يا گەپ قىلماي چىقىپ كېتىۋەرگەن بولسا، ياكى مېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەسكەرتىشىمگە قوشۇمچە قىلغان ياكى سۈكۈت ئىچىدە شۇك تۇرغاچ تەستىقلاپ بەرگەن بولسا ئۈنۈمى ۋە تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولۇر ئىدىكى مانا بۇ ئىجتىمائىي ئىنكاس ۋە تەسىرىدۇر.

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

1

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10965
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 11:37:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىمىنىڭ يېرىمىنىلا ئوقۇدۇم ، شۇنداقتىمۇ ئويلىغىنىم ، مۇشۇنداق ھاياسىزلارنى كۆرسەك ، تۇنۇمايمىز ، نىمە كارىمىز دىمەي ، بىر ئامال قىلىپ باپلايلى ! يا بىرسىگە تېلفۇندا سۆزلىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سۆزلەيلى ! ياكى بولمىسا تەنە گەپ قىلايلى ! ئۇلارنىڭ تىللىۋېتىشىدىن ، سوقۇشۇپ ، ئۇرۇشۇپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرىمەيلى ! ياخشى ئىش ئۈچۈن ، ھەققانىيەت ئۈچۈن تاياق يىيىشكە رازى بولساق بۇلىدۇ .

0

تېما

0

دوست

3277

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 12:04:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم . تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1404
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 13:07:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ئابزاسنى ئوقۇۋتىپ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم ئېلىشتى .

پىسخولوگىيەگە دائىر بىر كىتابتىن شۇنداق مەزمونلارنى ئوقۇغىنىم يادىمدا ‹‹ ئادەمنىڭ ئاز بىر قىسىم خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى تۇغما بولىدۇ ، لېكىن كۆپ قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى بولسا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ›› .
پەرزەنت تەرنىيىسىدە مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار تۇرمۇش قاراشلىرىنى ، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى پەرزەنتلەرگە سىڭدۈرۈش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز ، بىز بالىلارغا مېھرى - مۇھەببەتنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە ئۆزىگە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يۈرۈش - تۇرۇش ، تاماق يىيىشتىن تارتىپ ، ئاممىۋى سورۇنلاردا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشقىچە بولغان ئىنچىكە قائىيدىلەرنىمۇ ئۆگىتىشىمىز كېرەك .

ھازىر بەزى ئائىلىلەردە قىزلار تەربىيىسىگىمۇ سەل قارىلىۋاتىدۇ ، شۇڭا  بەزى قىزلاردىكى مۇلايىملىق ، لاتاپەت ۋە نازاكەت يوقۇلۇپ ، ئەكسىچە ، قوپاللىق ، ھاياسىزلىق بىخ سۈرگىلى تۇردى .

بىر قېتىم بىر خوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرغان ئىدىم ، خوشنامنىڭ يولدىشى كىرىسلودا ئولتۇراتتى ، ئاڭغىچە ئۇلارنىڭ 16 -17 ياشلار چامىسىدىكى قىزى ئىشىكتىن كىردى- دە ، دادىسىغا قاراپ تۇرۇپ ، قوپال ھەركەتلەر بىلەن چاپىنىنى يەشكىلى تۇردى ، قىز ئىچىگە بەدەنگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان نېپىز مايكا كىيىۋالغان ئىكەن ،بىر چەتتە قاراپ تۇرغان مېنىڭ خىجىللىقتىن يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى . قىزنىڭ ئاپىسىغا قارىدىم ، ئانا بىپەرۋا  ھالەتتە
بۇ كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ لېكىن ئائىلە تەربىيىسىدە بۇنداق ئىشلار كىچىك ئىش دەپ قارالماسلىقى كېرەك . ئاخرى چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ، قىزنى ئايرىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا بايا قىلغان ئىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم .
قىزلار تەربىيىسىدە ئانىنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ ، شۇڭا ، مۇتەپپەككۇرلىرىمىزنىڭ ‹‹ قىز مىللەتنىڭ ئانىسى ، قىزلار تەربىيىسىگە سەل قارالماسلىقى لازىم ›› دېگىنىنى يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك .
قىزلارنى ساۋاتسىز قالدۇرۇش ، ئۇلارغا ئېسىل - ئۆرپ - ئادەتلەرنى ، قائىيدە - يوسۇنلارنى ئۆگەتمەسلىك مىللەتكە دۈشمەنلىك قىلغانلىق !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )