قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2722|ئىنكاس: 63

خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 19:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران (ئاپتور «كىروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)

      بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم تۇرمۇشىنى نورمال قامداش ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي كىرىمگە       ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ ئېھتىياجنى ھالال قاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى بىرەر خىزمەت قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىزمەتنى قانداق تاپىمىز؟ بۇ، ھازىرھەربىر ئاتا - ئانا، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى ئۈچۈن قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدىغان ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ قالدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ تۈركۈملەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىشى ۋە يېقىنقى 5 __ 6 يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ خىزمەتكە بىر تۇتاش تەقسىم قىلىشى ئەمەلدىن قېلىپ، ھەركىم ئۆزى خىزمەت تاپىدىغان ئىسلاھاتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئىشكۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭئېشىشى ئاتا - ئانىلارغا، جەمئىيەتكە بىر خىل يۈك بولۇپ قالماقتا. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بىر قىسىملىرى گەرچە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن يول تۇتۇپ، روناق تېپىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىرى ئىلگىرى كۆنگەن تەييارغا ھەييارلاردىن بولغاچقا، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالماقتا. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك گاڭگىرىماقتا. بۇنداق بولۇشىئاساسسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە. قارايدىغان بولساق، بالىلارنىڭ ھاياتلىقيولىنىڭ تۆت كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە بۇنداق تەمتىرەپ قېلىشىدا مۇنداق سەۋەبلەر باردەك قىلىدۇ:

     1. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز. ئۇلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا تىرىشىپ ئوقۇمايدۇ، ھەتتا ئۇ - بۇ سەۋەبلەر بىلەن دەرسكە قاتناشمايدۇ. كېرەكلىك تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئىگىلەپ ماڭاي دېمەيدۇ. ھە دېسە ئاتا- ئانىسىغا: «ئۇنىڭغا مانچە پۇل تاپشۇرىدىكەنمىز، بۇنىڭغا مانچە پۇل تاپشۇرىدىكەنمىز» دەپ يالغان ئېيتىپ، ئۇلارنى ئالدايدۇ. بىچارىلەر چىشىنىڭ كاۋىكىدا يىغقان پۇللىرىنى چىقىرىپئۇلارغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار بۇ پۇلنى رېستورانمۇ - رېستوران يەپ - ئىچىش، «ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈش» ئۈچۈن بۇزۇپ - چېچىپتۈگىتىشىدۇ. نە بىرەر كىتاب، نە بىرەر ژۇرنال سېتىۋېلىپ ئوقۇمايدۇ. ئاقىۋەتتە ئويناپ - كۈلۈپ ۋاقىتنىئۆتكۈزۈپ بىر ئاماللار بىلەن ئوقۇشنى تۈگىتىدۇ. جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا، قولىدىن بىرەر ئىش كەلمەي، يەنە تېخى ئاتا - ئانىسىدىن قاقشاپ ئۆتىدۇ.
مېنىڭ ئالاقىلىشىپ بېرىشىم بىلەن، بۇلتۇر پېداگوگىكا خاراكتېرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن يۇرتىمىزغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دەرستە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان 20 نەچچە ئوقۇغۇچى شەھەردىكى نۇقتىلىق بىرئوتتۇرا مەكتەپتە پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كېيىن مەلۇم بولدىكى، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغىنى بىلەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ دەرسلىكىنى ئوڭلاپ چۈشىنەلمىگەچكە، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە نەچچە سائەتلەپ دەرس ئاڭلاپ، ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ھېلىقى دەرسنى قايتىدىن ئۆگىنىپ ئاندىن دەرس ئۆتۈشكەمەجبۇر بولغان. نەتىجىدە پراكتىكا دەرسىنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى توشقۇزالمىغىلى تاس قالغاننىڭ ئۈستىگە، بالىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىگە تەسىر يەتكەن. ئۇلار پراكتىكىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇلار ئۆتكەن دەرسلەرنى قايتىدىن ئۆتۈپ چىققان …
    شۇ چاغدا يەنە پراكتىكانت بالىلاردىن بىرسىنى بىزنىڭ تەھرىر بۆلۈمگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدۇق. مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، بەلگىلىك كومپيۇتېرتېخنىكىسى ئىگىلىگەن (ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى بىلىدىغان)، قەلەم خېتى چىرايلىق، ئانچە - مۇنچە يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بار بالىدىن بىرنى ئىشخانىمىزدا پراكتىكا قىلدۇرىدىغان بولدۇق. بىر بالا كەلدى، ئۇنىڭ ھەر ھالدا يامان ئەمەس يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بار ئىكەن. بۇ تەرىپى بىزنى خۇش قىلدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىدىن پەقەتلا خەۋىرى يوقتەكلا قىلاتتى. ئۇنىڭغا ئۇردۇرغان بىر ماقالىنى كوررېكتورلۇق قىلىش جەريانىدا خاتا خەتنىڭ جىقلىقىدىن بەتنىڭ تۈزىتىلگەن خەتلىرىنى يازىدىغانغا جاي تاپالماي قالغىنىمدا، ئۇ بالىغا ئېچىنماي تۇرالمىدىم. «مۇشۇ بالىلار يېقىن كەلگۈسىدە ئامىتى كېلىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشقان تەقدىردە، ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات دەرسى بېرىدۇ. مۇشۇنداق چالا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىغا قالغان تەلەيسىز مەسۇملارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن خەۋەر تېپىشى قانچىلىكبولار؟ بۇ بالىلاردا ئەقەللىيسى ئۆزىنىڭ خېتىنى توغرا يازغۇدەك مەسئۇلىيەت بولمىسا، تىلنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىمۇ پەرۋاسىزلىق قىلسا، باشقا ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ … دېگەنلەرنى خېلى ئۇزاققىچە كاللامدىن چىقىرالمىدىم.
    2. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە مەۋجۇت. بۇ مەسىلە تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە نۇقتىلىق ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ھازىر ئالىي مەكتەپتە دەرسلەر پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىغان بولدى. مەيلى قايسى تىلدا ئۆتۈلسىغۇ كارايىتى چاغلىق ئىدى. چۈنكى، ھازىر ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىدىن باشقا بارلىق دەرسلىكلەر مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن(ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلگىنى شۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ تەرجىمىسىدۇر). لېكىن، بۇ يەردە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىرمەسىلە مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ، خەنزۇچە دەرس ئاڭلاۋاتقان مۇشۇ بالىلار ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن پۈتۈنلەي ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. گەرچە ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر يىل مەخسۇس خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ تىلىدا بىمالال دەرس ئاڭلىغۇدەك، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرسلەردىن خەنزۇچە خاتىرە قالدۇرالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتكەن بولۇشى ناتايىن. يەنە بىر جەھەتتىن، «ئۇلارغاخەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىۋاتقان ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى زادى قانچىلىك؟» دېگەن مەسىلە تولۇق ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردۇر. خەنزۇ تىلىنى بولسا خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئېھتىياج سەۋەبلىك پىششىقلاپ، ئۆز كەسپىگە دائىر ماتېرىياللارنى كۆرەلىگۈدەك بولغانلاردۇر. بۇ ئەمەلىيەتتىن ئايان بولدىكى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى (بولۇپمۇخەنزۇچە ئېغىز تىلى سەۋىيىسى) بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ئانچە - مۇنچە خەنزۇچە ئاساسىنى سالغان دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ پەرقى زادى قانچىلىك؟

    3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس سالمىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىدە ماس كەلمەسلىك بىرقەدەر ئېغىر. بۇنىڭدىن 20 يىللار بۇرۇن بىر ئوقۇتقۇچى ناۋادا بىريىل دەرس ئۆتسە، كېيىنكى يىلى يەنە بىر يىللىق دەرس ئۈچۈن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا مەخسۇس ماتېرىيال كۆرۈپ تەييارلىق قىلاتتى. يەنە كېلىپ ھەپتىسىگە كۆپ بولغاندا ئاران تۆت سائەتلا دەرس ئۆتەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەربىر ئاتالغۇ، ھەربىر سۆز - جۈملىلەرگىچە پۇختا تەييارلىق كۆرەتتى. ھازىرچۇ؟«ھەپتىسىگە 30 سائەتتىن دەرس ئۆتىدىغان ئالىيمەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بار» دېسەم ئىشىنەمسىز؟ لېكىن بۇ كۆز يۇمغۇسىز ئاچچىق رېئاللىق. ئويلاپ بېقىڭ، ئىلگىرى تۆت سائەتلا دەرس بېرىدىغان ئادەم بۈگۈنكى كۈندە 20 __ 30 سائەتلەپ دەرس ئۆتسە، ئۇ دەرسنىڭ تەييارلىق قىلىنىش باسقۇچلىرى قانداق بولار؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەتراپلىق ماتېرىيال كۆرۈشىگە قانچىلىك ۋاقىت چىقار؟ ئۇنداق چالا تەييارلىقتا ئۆتۈلگەن دەرسنى ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالار؟
    ھازىر، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىر تۇتاش تەقسىم قىلىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى تارىختاكۆرۈلمىگەن نىسبەتتە زور دەرىجىدە كۆپەيدى. لېكىن، ئوقۇتقۇچىلار سانى ئاساسەن كۆپەيمىدى. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالغان ھالەت پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. يەنەكېلىپ بۇنداق ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ ھەربىر سائىتىگە ئوقۇتقۇچىنىڭئۇنۋانىغا قاراپ بەلگىلەنگەن دەرس ئۆتۈش پۇلى بولغاچقا، بولغاندىمۇ بىر ئايلىق دەرس ئۆتۈش پۇلىنى جۇغلاپ كەلگەندە شۇ ئايلىق مائاشىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان ئىشلار بولغاچقا، دەرسلەرنى ياخشى ئۆتەلىسۇن ياكى ئۆتەلمىسۇن، پۇل ئۈچۈن تالىشىپ دەرس ئۆتىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى دۆلەت ئۇلارنىڭ ئۇنۋانىغائاساسەن مۇقىم مائاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى بۇنداق قوشلاپ مائاشتىن بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىنى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىنىڭ نىسپىي تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىشكە بولىدۇ.

     4. ئوقۇغۇچىلاردا يەنىلا يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى ئېغىر، مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى ۋە دىتى، شۇنداقلا ھازىرقى بازار ئىگىلىكىگە نىسبەتەن پۇختا ئىدىيىۋى تەييارلىقى كەم. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئىشلىمەكچى بولغان، ئۆز كەسپىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ئىدارىلەردە بوش ئورۇن بولماسلىقىمۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شتاتنى قاتتىق تىزگىنلەۋاتقان شارائىتتا تېخىمۇ شۇنداق. شىركەتلەر بولسا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ نىسبەتەن تار بولۇشى، سېتىلىش يوللىرىنىڭ بەك راۋان بولماسلىقى سەۋەبلىك، چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە ئادەم ئالمايۋاتىدۇ. ئەمىسە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر قانداق قىلىدۇ؟ بىرى، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرى قابىلىيىتىگەتايىنىپ ئىمتىھان بېرىپ، تېگىشلىك ئورنىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرىدۇ. يەنە بىرى، ئۆز كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزى مۇستەقىل بىرەر ئىشنى باشلايدۇ. دېمەك، دىتى بارلار بازار قاينىمىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك دۇردانىلەرنى سۈزەلەيدۇ. يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى ئىدىيىسىگە بۇدۇشقاقتەك چاپلاشقان بالىلار بولسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ نۇرغۇن چىقىم تارتىپ ئالىي مەكتەپتەئوقۇتۇپ قويغىنى ئاز كەلگەندەك، ھازىرقى كۈندە يولى يوقلۇقىدىن زارلىنىپ، ئائىلە يۈكىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. «تۆمۈر تاۋاق»قا ئىگە بولۇشنى مەڭگۈلۈك بىخەتەر تۇرمۇشنىڭ يول خېتى دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. لېكىن، ئۇلار دەماللىققا ھېس قىلالمايدۇكى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىشتىن مەقسەتمۇ بىر جەھەتتىنئېيتقاندا ھاياتى كاپالەت ئۈچۈن پۇل تېپىشتۇر. خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش بولسا نورمال تىرىكچىلىك جەريانىدا ئۆزلۈكىدىنشەكىللىنىدىغان ھالەتتۇر. چۈنكى، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز مېنىڭ قوللىشىمغا موھتاج بولىدۇ ياكى مېنىڭ مەھسۇلاتىم سىزنىڭ ئىستېمالىڭىز ئارقىلىق قىممەت يارىتىدۇ. نۆۋىتىدە مېنىڭ خىزمىتىممۇ سىزنىڭ رىغبىتىڭىزدە يۈرۈشىدۇ. دېمەك، ئىش ھالقىلىرىدا ھەممە كەسىپلەر بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. سىز ئۇياقتا ئىشلەپ، مەن بۇياقتا ئىشلەپ دېگەندەك ئاقىۋەتتە ھەممىمىز ئۆز كەسپىمىز، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز بويىچەجەمئىيەتكە ھەسسە قوشقۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىمىگەنلەرمۇ ئوخشاشلا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئارقىلىق داۋالىنىش، مال - مۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئېرىشەلەيدۇ. بۇيەردىكى پەرق پەقەت ھۆكۈمەت خىزمىتى ئېھتىياجى بىلەن ئىشخانىدا بۇيرۇلغان ئىشنى بېجىرىپ مائاشقا ئېرىشىش بىلەن، بازارغا ئاساسەن كەسپىي قابىلىيىتىگە، ئىشلىگىنىگە بېقىپ قىممەت يارىتىشىدىلا، خالاس.
                    يارىتىلغان ساڭا بۇ جاھان،
                    ئۆز كاللاڭدا ئۆز يولۇڭ ھامان.
                    چىڭ تۇتمىساڭ كەتمەن، ئارىنى،
                    دان ئالالماي، ئالىسەن سامان!

0

تېما

2

دوست

4134

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1274
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالماسلىقى يەنىلا ئوقۇغۇچىدا ؟ ئۇلار ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن خىزمەت يوق ، شۇڭا ئۆزىدىن كۆرۈش كىرەك دىمەكچىكەندە بۇ ماقالىنى يازغۇچى ، ، ،  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت پۇرسىتى بولمىسا نېمىسىنى ئىزدەيدۇ؟ ...
بىچارە ئىشسىز ياشلىرىمىز، گۇناھىڭلار ھەقىقەتەن ئىغىر. ناچارلىرىڭىلارغىغۇ ھەق دەيلى بوپتۇ، مۇنەۋۋەر سىتۇدىنىتلىرىمىزمۇ قاسساپلىقتا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ناۋايلىق قىلىشقا مەجبۇر. ئاللىكىملەرنىڭ نامىدىن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن. مۇنبەرگە كىرگەن ئىشسىزلىق دەردىنى تارتىپ، چىقىش يولى تاپالماي، قارا ئەمگەككە مۇپتىلا بىلىملىك ياشلىرىمىزغا پەقەت سەۋىر ۋە چىدام تىلەيمەن. ...

0

تېما

2

دوست

613

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25444
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز شۇنداق ناچار ئوقۇغان بولغانكىن ، سەۋيىرىمىز ھازىرقى شارائىتقا ماس كەمىگەنكىن  ئىش تاپالمىدۇق .....
مەن ۋە  مەندەك ئىشسىز  قالغان ئوقۇغۇچىلار بىز ۋە بىزلەر نىمىشقا ياخشى ئوقۇمىغانتۇق ھە ؟

16

تېما

3

دوست

4890

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14492
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 1353
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2020-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ نۇپۇسىنى 80 مىليۇنغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى، ھازىر خىزمەت تاپماق تەس دەپ قارىسىڭىز ، بەلكىم شۇ چاغلار كەلگەندە ئاسانلىشىپمۇ قالار.

16

تېما

3

دوست

4890

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14492
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 1353
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  batur72  باشقۇرغۇچىنىڭ سىز كۆرۈشكە ئۈلگىرەلمىگەن، ھازىرلا
                            ئۆچۈرىۋەتكەن  تىمىسى
                             
                         كېرىيەدىن كەلگەن جاۋاب خەت
    ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم     ھۆرمەتلىك  تورداشلار،  كېرىيە  ناھىيەسىدە  يەر  تەۋرىگەندىن  كىيىن  نۇرغۇنلىغان  ساخاۋەتچى،كارخانىچىلار،  ۋە  ئۇرۇنلار،  شۇنداقلا  يىراق يېقىندىكى  ۋىلايەت  شەھەرلەردىكى  قېرىنداشلىرىمىز  نۇرغۇن ماددى بۇيۇملارنى،نەخ  پۇللارنى  ئىئانە  قىلدى،  بۇ  بىرتۈركۈم   ماددى  بۇيۇم  ۋە  نەخ  پۇللار  بىۋاستە  كېرىيە ناھىيەسىنىڭ  ئاچچان  يېزىسىغايېغىلىپ  كەتكەن ،  بەزى  ساخاۋەتچىلەر  ئاپارغان  نەخ  پۇل ۋە  ماددى  بۇيۇملارنى  ئۆزلىرى  تارقىتىپ  قايتقان، بىراق- كېرىيەدىكى  يەر تەۋرەش  مەركىزى  ئاتچان  يېزىسىنىڭ  پولو كەنتە، تۇميا  كەنتە،  پىشكە  كەنتە.........قاتارلىق جايلادابولغاچقا  ئىئابە  قىلغۇچىلار  بارلىق  ماددى  بۇيۇم  ۋە  نەخ پۇللارنى  ئاتچان  يېزىسىغا  ئاپارغان،  شۇنڭ  بىلەن  بۇ  يەردە  تۇيۇنۇش  ئەھۋالى  كۆرۈلگەن . بىراق   تاغ  ئارىسىدىكى  كەنتىلەرگە  تېخى  ماددى  بۇيۇملار  يىتىپ  بارمىغان،  ئىئانە  قىلغۇچى ساخاۋەتچىلەرنىڭ  ئۇ  يەرگە  بېرىشى قۇلايسىز،  شۇنىڭ  بىلەن  ھوكۆمەت  ئىئانىنى  باشقۇرۇپ ، ئاپەتكەئۇچرىغانلارنى  تەڭ بەھرىمەن  قىلىشنى ئۇيلاپ ،  ئىئانەقىلغۇچىلارنىڭ  ماددى  بۇيۇم  ۋە  نەخ  پۇللارنى  ھۆكۈمەتكە  تاپشۇرسابۇلىدىغانلىغىنى  ئېيتقان،  بەزى  ئىئانە قىلغۇچىلار  ئەھۋالنى  بىلگەندىنكىيىن   ئاپارغان  ياردەم  بۇيۇملىرىنى  ھۆكۈمەتكەتاپشۇرۇپ  بىرىپ  قايتقان،  ھازىرمۇ  ئىشلار  مۇشۇنداق  داۋاملىشىۋاتىدۇ،  بەزى  قېرىداشلىرىمىز  پۇرسەت  پەرەسلىك  قىلىپ  ياردەمگە  ئىرىشىپ  بۇلۇپ  يەنە  تەلەپ قىلىپ  تۇرىدىغان  ئەھۋاللارمۇ  با، ھەتتا ، نۇرغۇن  ئادەم  ياردەم  قىلىۋاتسا  ھۆكۈمەت  بەرمەيۋاتىدۇ دەپ،  خاتا  چۈشەنچە  پەيدا  قىلىپ  قۇيۋاتىدۇ،


       ھۆكۈمەت  ھېچ نەرسە  ئېلىۋالغىنى،  ياكى تىقۋالغىنى يوق،  پەقەت  ئىشلارنى  پىلانلىق،  ئىنچىكە  ئۇرۇنلاشتۇرۇش  بىلەن ئاۋارە،كېرىيەناھىيەسىدىكى  يەر  تەۋرىگەن  جاي  تاغلىق  رايۇن  بولغاچقا  دائىرسى  كەڭ، بەزى جايلارغا  قاتناش  بارالمايدۇ، تورداشلار  ئارىسىدا  بۇ  جايلارنىڭ  ئەمىلى  ئەھۋالىنى  بىلىدىغانلار  قانچىلىك؟ شۇڭا  بىكار  گەپ ،  پىتنە  پاساتلارغا  ئىشەنمىگىنىمىز  تۈزۈك،  ياردەم  ئۈچۈن  يىغىلغان  بۇيۇملار  ئاپەتكە  ئۇچرىغانلارنىڭ  ۇلىغا  چۇقۇم  تىگىدۇ،

     ئەمدى  نىيا  ناھىيەسىنىڭ  ئەھۋالىغا  كەلسەك- كېرىيەدىكى  ئەھۋالدىن  نىيىدىكى  ئەھۋال  ئېغىر، مەن  شۇ  جايدىكىلەردىن سۇرىشتە  قىلىپ  كۆردىم،  نىيا  يېزىسىدا  ئۈچ  يېزىدا  ئاپەت  كۈرۈلگەن،  يېيىق  يېزىسىنى  مىسال  قىلساق  ئۆرۈلگەن  ئۆيخېلى  باكەن،  بەزى  قېرىنداشلار  ھۆكۈمەت  قۇتقۇزۇش  ئۈچۇن   تەييارلىغان  چېدىرلاغا  كۆچۈرۈلگەن، ۋىلايەتلىك  مەمۇرى  مەھكىمە،  ۋىلايەتلىك  خەلىق  قۇرۇلتىيى  خىزمەت  كومتىتىنىڭ  مەسۇللىرى  بېرىپ  نەخ  مەيداننى  تەكشۇرگەن،ۋە  ھەر  بىر  ئائىلىگە  1000 يۈئەندىن  قۇتقۇزۇش  پۇلى  تارقىتىپ  بىرىپ  ھال  سورغان، ( بۇ  ئەھۋالنى تىلۋىزوردا  كۆسەتتى  دەيدۇ)ھەم  ئاپەتتىن  قۇتقۇزۇش  ئىشىنى  ئۇرۇنلاشتۇرغان، كېرىيەدىكى  ئاپەت  ئەھۋالى  ئاخپارات  ۋاستىلىرىدا  دەل  ۋاختىدا  خەۋەر  قىلىنغاچقا   ياردەم   ئىشلىرى  ئۈنۈملۈك  بولغان، نىيا ناھىيەسىدىكى  ئاپەت  ئەھۋالى  ئۆز  ۋاختىدا.  ئىنىق  خەۋەر  قىلىنمىدىمۇ  قانداق  بىلمىدىم،  ھەرقايسى  ساھەلەرنىڭياردىمى بۇ  يەرگە  بارمىغان،   ئەمما  ساخاۋەتچى  قوللار  بۇ  جايلارغىمۇ  ئىللىق  قوللىرىنى  سۇنۇشقا  باشلىدى،

     مەسىلەن- بىلىپ   ساخاۋەت  ئۇرنى  بۇ  جايلارغا  بېرىپ  نەخ مەيدان  ئەھۋالىنى  كۆرۈپ  زۈرۈر  ياردەملەرنى  بىرىپ  كەلدى،بىراق  نىيا  ناھىيسى  يىراق،  ناھىيە  ئىچى،  ئەتىراپىدىكى  جايلادا  تەكشۈرۈش پۇنكىتلىرى  خېلى  با، . ئىسىڭلارغا  سېلىپ  قۇياي ئىئانە  قىلىش  ئۈچۈن نىياناھىيەسىگەبارماقچى  بولساڭلار  چۇقۇم  نىيا  ناھىيەلىك  خەلىق  ئىشلار  ئىدارىسى  بىلەن  ئالاقىلىشىپبارغىنڭلار  ياخشى،  بولمىسا   ئاپەت  بولغان يېزىلارغا  بارىدىغان  يوللاردىكى  تەكشۈرۈش  پۇنكىتلىرى  سىلەرنىڭ  ۋاختىڭلارنى  بىكارقىلىشى مۈمكىن،...................!!!

    دىمەك-  قېرىداشلارنىڭ  سۇغاققان،  ئىشلارنى  چۈشىنىدىغان  بۇلىشىنى،  ئاسانلا  ھېسسىياتقا  بىرلىپ  ئۈزىمىزنىڭ  ئابرۇيىنى

تۆكىۋالماسلىغىمىزنى  ئۈمۈت  قىلىمەن،كارخانىچىلار، بەزى  ساخاۋەتچىلەر  ئۈزىنى ئۇڭشاپ  ياردەم  قۇلىنى سۇناي  دىگىچە، بەزىلەر  ئاغىزىمىزغا  كەلگەننى  سوزلەپ  كەتتۇق،ھەتتا  ئەمدى  ئۇلارنىڭ  مەسۇلاتىنى  ئالمايلى،  قوللىمايلى،  ئۇلار  نەگە  كىتىپتۇ..................دەپكەتتۇق،ئۇلارنى ساخاۋەت  مەيدانلىرىدا  كۈرۈپ-  ئۇلارنى  تىللاپ  قۇيغاننىڭ  پايدىسى  بۇپتۇ،  بولمىسا  ئىئانە  قىلامتى......... دىدۇق،بەرمىسە  بەرمىدى  دەيسىز،   بەرسە  ھۆكۈمەت  يىدى  دەيسىز،

       قېرىدىشىم   يەنە  گىپىڭىز  بارمىدۇ؟.............................!!!!!!!!!!!
----------------------------
batur72 مۇشۈنچىلىك سەۋېيە بىلەن يەنە گەپ بارمۇ دىسىڭىز تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدىكەن. گەپ بامۇ دەپقاپسىز، كۆڭلىڭىز يەردە قالمىسۇن. مەنمۇ ئازراق سۆزلەپ قوياي؛
چەت يىزىلاردىن باج يىغىڭ دىسە ئۇچۇپ باردۇ بۇ مۇناپىقلار، ياردەم بىرىڭ دىسە قاتناشنى بانا قىلىدۇ، نىمىدىگەن قاملاشمىغان دۆت بىرنىمىلە بۇ؟ ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامدۇ؟ ئۇلاردا بار كاللا بىزدە يوقمۇ؟ بىز مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىزمۇ؟ ئادەمنىڭ تىخىمۇ ئوۋغىسىنى قاينىتىدىغىنى شۇكى، ئەگەر ياردەم بەرگۈچىلەر بىۋاستە شۇ چەت يىزىلارغا بارماقچى بولسا، نەچچە يەردە چازا ‹‹ توساق ›› بار ئىكەن، ئۇ يەردىن ئۆتۈش ئۈچۈن چوقوم يىزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئىلىش كىرەككەن.بۇ قانداق يولسىزلىق ئەمدى؟ نىمە دىگەن بىمەنىلىك، نەقەدەر ئىپلاسلىق بۇ؟يول-يوللارغا تۇساق قۇرۇۋالغۇدەك ئاشۇ چەت يىزىلارغا قانداق سىرلار يۇشۇرۇنغاندۇ؟مانا بۇ ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىغا ئەرزىيدىغان مۇھىم مەسلە.   بىز سۈرىيەگە بارىمىز دىمىدۇق، ئاشۇ چەت يىزىلاردىكى ئۆزىمىزنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان قىرىندىشىمىزنىڭ قىشىغا بىرىپ ياردەمنى ئۆز قولىمىز بىلەن يەتكۈزەيلى دىدۇق. مۇشۈنچىلىك ئىشقىمۇ چازىلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن  پاسپۇرت ئالامدۇق ؟ بىز ئەمدى مۇشۇ كۈنگە قالدۇقمۇ؟

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 22:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ  ئوسرۇقتەكلا  گەپ  قىلىپسىز  قارىم  .  خىزمەت  تېپىش  شۇنچە  ئاسانمۇ  سىز  دىگەندەك  تىرشىپ  ئوگەنسىلا  .ھەر  تىرشىپ  ئوگىنىپ  خىزمەت  تاپالماي  يۇرگەن  ئۇيغۇرنى   كۇرمىگەن  ئوخشايسىز  ، كوز  دىگەن  كۇرمىسە   كوتنىڭ  توشىگى  .

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 22:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  خىزمەتكە  ئېلىشتىمۇ  مىللەت   ئايرىپ  ئالدۇ   .  ئاۋال  غەرىپنى  گۇللەندۇرۇشكە  كەلگەنلەر  ئۇرۇنلاشتۇرۋاتسا   .مۇشۇ  نەچچە  يىلدىن  بېرى   شىنجاڭنى  ئېچىش   سىياسىتىدە   نۇرغۇن  شىركەت  كارخانا  قۇرۇلدى   .مۇشۇ  يەردە  ئىشقا  ئورۇنلاشقان   شىنجاڭلىق   نەچچە  پىرسەت   .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )