قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: makit

يالقۇن روزى : بىز قانداقلارچە ئۇسۇلچى مىللەت دىيىلدۇق ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

2824

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 860
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 04:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش » ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئونۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيتە بىرىدىغان ، ئەمەليەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كىيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان:«ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شاىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ..... سەنئەتتە داڭق چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كىزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدىرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نىمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!»
*****************************************************************

بۇ قۇرلار مىنى بەكمۇ چوڭقۇر ئويلۇنۇشقا سالدى. ئەجەپ 1400يىلدىن بۇيان بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىرەر ئالىم بىرەر دانىشمەن چىقىپ ‹‹سەن ناخشا ئۇسۇل نەغمە ناۋا قىلمىغىن ئىلىم پەن، ھۈنەر كەسىپ ئۈگەنگىن››دىمىگەن بولغۇيتتى؟ئەگەر دىگەن بولسمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىىز بۇنى نىمىشقا ئاڭلىمىغاندۇ؟   ھە راس1400يىلدىن بۇيان تىلۋىزوردا دائىم ناخشا ئۇسۇل، نەغمە ناۋا كۆرسۈتۈپ كەلگەن  شۇڭا دانىشمەنلەرنىڭ سۈزىنى ئاڭلىمىغان گەپكەندە؟ مۇشۇنداق بولغاندا بىز ئۇيغۇرلار ‹‹تىۋىزۇرنى 1400يىلدىن باشلاپ كۆرگەن مىللەتكەنمىز››.مەن ئەجەپ بىلمەيدىكەنمەن. ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. بۇمۇ 1400يىلدىن باشلاپ ‹‹تىلۋۇزور كۆرگەننىڭ زىيىنى›› ئىكەندە؟
‹‹ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى›› بۇمۇ ناخشا ئۇسۇل، نەغمە ناۋا ۋە تىلۋىزورنىڭ تەسىردىنمىدۇ؟
بىز مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ باھا بەرسەك تۈزۈتۈشكىمۇ ئەستايىدىل پىكىر بىرەلەيمىز. ھازىر بىزدە ناخشا ئۇسۇل نەغمە ناۋا قىلىدىغانلار بار. لېكىن ئۇلار ناھايىتى ئاز. نەچچە ئونمىڭ نۇپۇسى بار بىر يېزىدا شۇنداقلاردىن پەقەت نىرنەچچىسىلا بار. ئۇنداق بولسا شۇ ناخشا ئۇسۇل نەغمە ناۋا قىلىدىغانلاردىن باشقىلار زادى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار نىمە ئىش قىلىشى كىرەك؟ جەمىيىتىمىزدە ياكى ناخشا ئۇسۇل ئوينىمايدىغان ياكى ھۈنەر كەسىپ ئىگەللىمەيدىغان ياكى مەكتەپتە تۈزۈك ئۇقۇمايدىغان مۇشۇنداق ياشلار ناھايىتى كۆپ. بىزنىڭ ئەڭ كۈڭۈل بۈلىدىغانلىرىمىز، ئەڭ باش قاتۇردىغانلىرىمىز دەل مۇشۇ ياشلار؟  ‹‹ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى››. مۇشۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۈمىت باغلاشقا توغىرا كىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )