قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5102|ئىنكاس: 71

يالقۇن روزى : بىز قانداقلارچە ئۇسۇلچى مىللەت دىيىلدۇق ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 19:02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قانداقلارچە ئۇسۇلچى مىللەت دىيىلدۇق ؟
يالقۇن روزى

           1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن «باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت » دەپ تەرىپلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە بولسا«ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت » دەپ تەرىپلىنىدىغان بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېىسورى ، پەلسەپە دوكتۇرى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم. 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى « شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي پىسخىكلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. دوكتۇر ياۋۋىي خانىم 1-بابنىڭ بېشىدىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە، ئۇيغۇرلار «ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇر. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى» دەپ يازغاندى. مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم.« پىسخىكىلىق ھالەت » دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمىيئەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىق قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟! «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس» دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ؟ ياۋۋېي خانىم كىتابىدا 467نەپەر ئۇيغۇرنى ئوبىكىت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلقى» نى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.
تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۈۋەندىكى 14 تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىقىش تەلەپ قىلىنغان.
1.دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ:
2. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛
3. يۇمۇرلۇق؛
4.ئۈمىدۋار؛
5.بىكىنمە؛
6. ئوچۇق-يورۇق؛
7. ئۈمىدسىز؛
8.ئەقىللىق؛
9.ئەستايىدىل؛ .
10.ئىچ-مىجەز؛
11.ئىشچان؛
12.تۈزكۆڭۈل؛
13.باتۇر،؛
14. مەرد.
            تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 467 نەپەر كىشىنىڭ 369 نەپىرى « ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر » دەپ كۆرسىتىپ ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كىتىۋىتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ«ئوقياچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يىتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «مەرىپەتچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دىگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟! شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان ، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ شۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. مىللىتىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈلۈك كونكىرىت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىۇ-تېلېۋىزۇر ،ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ، vcd ئاپپاراتلىرىنىڭ كەم كۆلەمدە ئومۇملىششى بىر سەۋەب. رادىۇ ئىستانسىلىرى بىلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە- ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يۇقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىش، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب. بازار ئىگىلكىنىڭ ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب. روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب. ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش» تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن «نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش» تەك پىسخىكىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتور.
       مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يىتەكچى خومار-ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتە ئەتىراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بوپكەلگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا دۈم چۈشۈشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇنقېپىلىق دەپ ھېسابلىغان. ئەمەليەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغىمە- ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كىتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت «سەنئەتخۇمار مىللەت » دىگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بوپ قالىدۇ.
        بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان. ئەمما، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان. مىسالەن:1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەئىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە :«ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دىمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن -تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ.
بۈگۈنكى شارائىتىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ-ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن-تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ سۈپىتى تۈۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن- تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا خۇددىنى يۇقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك-شۆھبىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيىتقاندا، دەۋر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.
بىز كۆزىمىزنى يۇغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋرگە قاراپ باقايلى! دەۋر بىزنى نىمىگە چاقىرىدۇ، بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ماھىيىتى نىمە ؟ خەلق نىمە ئويدا، بىز نىمە كويدا؟! بۈگۈنكى دەۋر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى، رىقابەت دەۋرى! دەۋرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز ؟! كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئونۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە «سەنئەتخۇمارلىق » تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟! بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە غەلبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان «چاۋاكچى مىللەت » بوپقالمايمىزمۇ ؟
             بەزىلەر«خەلق نىمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىق بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك » دەيدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلقنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ ياخشى كۆرىشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئىستىمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس. خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا-خاتا بولىشى باشقا مەسىلە. ئۇلۇغ ئالىم ئېيىنىشتىيىن «مېنىڭ قارىشىم» دىگەن ماقالىىسىدە :«ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ» دەپ ئېيىتقان. خەلقىمىز ئااق خوجىدەك لەنەتگەردىلەرنى 300 يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ.خەلقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ.ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلقنى يىتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يىتەكچى-داھىيلارنىڭ، پايدا-زىيان ياخشى- ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىليىتىگە ئىگە دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈريىتى قالمايدۇ.
           خەلق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نىمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نىمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق! بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يىتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بوپكەلگەن. شۇڭا ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز داستانىنىڭ 265-بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:«قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى يەنى يىتەكچى داھىيلارنى، دانا دىگىنى دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمىيئىتىدىكى ئەڭ ئىسىل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن.
          بەزىلەر «بىزگە سەئىدىيە خاندانلىقىدىن 12 مۇقام مىراس قالغان . بۈگۈنكى كۈندە بىزنى 12 مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا «ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم-پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۇنداق-مۇنداق دىيىش خاتا!» دەيدۇ. توغرا، بىز مىللىتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئويغانغان مىللەتلەر ئونۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتسا، بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ،دەپلا قاناەت قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۈتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم! دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يىللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش. ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل. شۇڭا بىز ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنت بوپ قالمايلى، نەغمە-ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى، ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى.نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس! ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانااتلىنىپ، پەخىرلىنىپ،مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىنى «سەنئەتخۇمار » دىگەن سۈپەتكە مىخلىۋىتىپ، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك ، ئۆمىرى كوتام بەختى قارا تەغدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز.
           مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش » ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئونۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيتە بىرىدىغان ، ئەمەليەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كىيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان:«ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شاىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ..... سەنئەتتە داڭق چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كىزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدىرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نىمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!» (ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن : «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ».«شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلى 1995-يىل5-6 (قوشما سان)؛ «يىپەك يولىدىكى 9 ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى )
            ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شارائىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى ، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشىنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.
قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ، قىرغىزىستانلاردا 20-ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار » دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نىمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يىتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق :
1.ھاكىمىيەت .ئۈستىدە بولغانلار:
2. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛
3. ئارمىيىدە داڭىق چىقارغانلار؛
4. تەشكىلاتچىلار؛
5. ئالىملار-ئاكادىمىكلار؛
6.دوختۇرلار؛
7.مائارىپچىلار؛
8.ئەدبىلەر؛
9.ئاخباراتچىلار؛
10 ئارخىكتورلار؛
11.رەسسام-ھەيكەلتاراشلار؛
12. تىياتىر، مۇزىكا، كىنۇ، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛
13. تەنھەركەتچىلەر.
       ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە: ئىككى كۆزىمىز نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛ روھىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك . ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يوقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل! مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك . شۆھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت .




0

تېما

2

دوست

1059

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە مۇشۇ رادىيو-تىلۋىزىيە ئىستانسىللىرنى ئۈزىل-كىسىل ئىسلاھ قىلىش كىرەك، مىڭىمىزنىمۇ ھەم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

841

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25433
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازنىڭ نىمسى بار دىسە تۈمۈر تاغىقى دىگەندەك،بىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇلدىن باشقا بىر نىمىمىز يۇقتەك،ناخشا ئۇسۇلغا بۇنچىلابىرلىپ كەتمەيلى دەپ قالسا ناخشىچىلارنىڭ سۇفىللىرى تاس قالىدىكەن غەرپتىكى يالىڭاچ يۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردەك ئىشتان سېلىۋەتكىلى...خەلىق قەلبىدىكى كىشلەرنىڭ باشلامچى بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.........

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 21:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ئازراق ئۆزگەرتىۋىتىپسىز، مەنبە بىلەن سىلىشتۇرۇپ تۈزىتىپ قويۇڭ.
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

435

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19817
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 22:16:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىزدىنىپسىز ، « ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر » دەپ تەرىپلەنسە كۆڭلۈم يېرىم بۇلاتى .....................

0

تېما

0

دوست

398

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6425
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 103
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 22:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن!!!سەنئەتنى  باشقا كىيىۋالماي يانچۇقتا ساقلايلى قېرىنداشلار !!!ئەمما   ‹‹ سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز ، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس ›› دېگەن گەپ  ھەقىقەتەن توغرا .......ھەممە ئىشنىڭ نورماللىقى ياخشى ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىنلا ياخشى بولمايدۇ...رەھمەت  سىزگە تېما ئىگىسى ، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز...

0

تېما

2

دوست

5414

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 22:42:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەت ئۇيغۇرنىڭ بارلىغى ئەمەس ،لىكىن موھىم بىر قىسمى .چۈنكى سەنئەت ھاياتنىڭ بىر قىسمى . بىزدىكى مەسىلە ،سەنئەتنىڭ ئورنىنى توغرا تونويالماسلىق ............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )