قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4560|ئىنكاس: 32

شىنجاڭ يېقىنقى زاماندىكى ھەربى قوماندان -مەھمۇت مۇھىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 20:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شىنجاڭ يېقىنقى زاماندىكى ھەربى قوماندان -مەھمۇت مۇھىتى





142935a2nwou26nawd6356.png

142942hyf0vna0fg66ah09.jpg

1429239wd4e0w05r9rmreu.jpg

142948knca55asa3lx5ph8.png

142928hmlq7almam4mim7q.jpg

142914r0db03yffg53ngi3.png


       مەھمۇت مۇھىتى 1887- يىلى تۇرپان ئاستانىدا ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئۆز يۇرتىدىكى كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە ئوقىغان،كېيىن سودا- تىجارەتكە ئارلىشىپ ئۈرۈمچى،چۆچەك ۋە روسىيىنىڭ شەمەي،قازان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى چوڭ -كىچىك شەھەرلىرىدە ھەتتا موسكۋا، پېتىربورىگكىچە بېرىپ تىجارەت قىلغان.ئۇ شۇ مەزگىلدە يېڭى ئىلىم -پەن ئۆگەنگەن ۋە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. كېيىنكى مەزگىلدە ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا ياردەمدە بولغان.
       1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرپان خەلقى قوزغالغاندا تۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، كېيىن ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتى ئۇرۇشتا قۇربان بولغاندىن كېيىن تۇرپان قوزغىلىڭىغا يېتكچى بولغان. قوزغىلاڭچىلار تۇرپاندىن ئالتە شەھەر تەرەپكە چېكىنىپ قەشقەردە تۇرغاندا،شېڭ شىسەي قارمىقىدىكى 6- شىنىڭ سىجاڭى بولغان. قەشقەردە بولغان مەزگىلدە قەشقەر يېڭى زامان مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشىدۇ.دىنىي مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىدۇ.
       1937- يىلى 4-ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۇ ۋەزىيەت تەقەزاسى بىلەن بىر قانچە يېقىنلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن. ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن جۇڭگوغا قايتىش مەقسىتىدە باي ئاخۇن ئەزىزىنى جىياڭ جېيشىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئۆزىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ،1944- يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولىدۇ.
       خوجىنىيازھاجى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا، ئۆز قىسىملىرىدىن ھامۇتخان لۈيجاڭنى 500 ئەسكەر بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا ئېلىپ قالىدۇ، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى بىر دىۋىزىيە قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇنى 6- دىۋىزىيە دەپ ئاتايدۇ (ئۇ دىۋىزىيەنىڭ تۇلۇق ئىسمى «شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە قۇرۇقلۇق ئەسكىرى ئاتلىق قوشۇن ۋاقىتلىق 6- دىۋىزىيىسى »).بۇ دىۋىزىيىگە مەھمۇت مۇھىتىنى قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ.دىۋىزىيە بىر برگادا،4 پولك (تۇەن)،بىر مۇھاپىزەتچى ئىسكادروندىن تەركىب تاپىدۇ.بىرگادا كوماندىرلىقىغا قۇمۇللۇق سالى دورغا،مۇئاۋىنى قىلىپ تۇرپانلىق توختىبەگ تەيىنلىنىدۇ.1- پولك تۇەن كوماندىرى تۇرپانلىق سەمەت ھاجى،2- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق قۇرباننىياز گاجىدى(شاھىدى دەپمۇ ئاتىلاتتى )،3-پولك كوماندىرى توقسۇنلۇق غوپۇر،،4- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق پولاتبەگلەر بولىدۇ. 36-ماخۇسەن قىسمى مارالبېشىدىن چېكىنگەندىن كېيىن قوماندان مەھمۇت مۇھىتى گېنېرال لېيتنانت ئونۋانى بىلەن 6- دىۋىزىيىنى باشلاپ، 1934-يىلى 20- ئىيۇل قەشقەر شەھرىگە يېتىپ بېرىپ،دىۋىزىيە باش شىتابىنى قەشقەر شەھرىدىكى سابىق شىتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.بۇلاردىن بىر تۇەن باش شىتاب ئورۇنلاشقان جايدىكى يۇمۇلاق شەھەرگە،بىر تۇەن شەھەر ئىچىدىكى سودا- سارايلارغا، بىر تۇەن يېڭىسار قەلئەسىگە،بىر تۇەن يەركەن كونا شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. 1933-يىلى تەشكىللىنگەن يەرلىك قوشۇنلاردىن « قەشقەر ئۈستىن ئاتۇش بىرىگادىسى » دەپ ئاتالغان زەيدىن كارۋاننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى،«ئاستىن ئاتۇش بىرىگادىسى »دەپ ئاتالغان كىچىك ئاخۇننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ۋە كىچىك ئاخۇن قوشۇنىدىكى «پارتىزان ئەترەت قوماندانى» دەپ ئاتالغان رىشتەم (بۇ نامنى تەسلىمىچىلىكى ئۈچۈن مافۇيەن بارگەن )نىڭ بىر پەي ئەسكىرى مەھمۇت مۇھىتىغا قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 6- دىۋىزىيە ئەسكىرىنىڭ ئومۇمى سانى 4000 ئەتراپىدا بولىدۇ.
        مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۈرۈمچىدىن گوڭ جىنخەن دېگەن كىشى باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر قەشقەرگە كېلىپ يېڭىشەھەرگە،لىيۇ سىڭچۇڭ باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر يەركەنگە ئورۇنلىشىدۇ.بۇ ماجۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كەتكەن،ئۇنىڭ قارمىقىدىكى قوشۇن ماخۇسەنگە تاپشۇرۇلۇپ، ماخۇسەن خوتەنگە ئورۇنلاشقان ۋاقىت ئىدى. شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6- دىۋىزىيىنى تەرتىپكە سېلىش باھانىسى بىلەن، رۇس گېنېراللىرىدىن بىرىنچى قېتىم رابالكىن (ساقاللىق گېنېرال )،ئىككىنچى قېتىم ئوبخوپ،ئۈچۈنچى قېتىم دوتكىن قاتارلىقلارنى قەشقەرگە ئەۋەتىپ، ئەسلىدىكى ھەربىي تەلىم كۆرمىگەن مىللىي قىسىمغا بىرىنچى قەدەمدە ئىنتىزام تەربىيىسى،ئىككىنچى قەدەمدە زامانىۋى ھەربىي تەلىم -تەربىيە دەرسى ئۆتىدۇ. دوتكىن كېلىشى بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ،باشقا ئىشلار ئېلىپ بېرىلمايدۇ.
        شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6- دىۋىزىيەدىن قۇرباننىياز سەئىدى (مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى)،دىۋىزىيە قورال -ياراغ مەسئۇلى ئابدۇللا ئەپەندى (ئابدۇللا تۇەنجاڭ)،مۇئاۋىنى ئەخمەت تۇەنجاڭ،تۇەنجاڭ قۇرباننىياز شاھىدى ۋە شىتاب باشلىقى سايىمئاخۇنلارنى ئوقۇشقا دەپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار 1934-يىلىدىن 1935- يىلىغىچە تاشكەنتتە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىدىيە ئۆزگەرتىپ كېلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن 6- دىۋىزىيە ئىچىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، شەرقىي شىمال پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ سابىق گېنېرالى لۇ بىن گارنىزون قوماندانى بولۇپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن سىجاڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قوراللارنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن «6- دىۋىزىيىنىڭ قوراللىرى كونا، بۇ قوراللارنى تاپشۇرۇڭلار،بىز سىلەرگە يېڭى قورال بېرىمىز » دەيدۇ. مەھمۇت مۇھىتى « ئالدى بىلەن يېڭى قورالنى بېرىڭلار،ئاندىن كونا قورالنى بېرىمىز » دەپ قورال تاپشۇرغىلى ئۇنىمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجاڭ،مۇئاۋىنى ئابدۈشۈكۈر تۇەنجاڭ،مۇھاپىزەتچى ئەترەت باشلىقى ھۈسىيىن ئاخۇن،قۇمۇللۇق سالى لۈيجاڭ،پازىل لۈيجاڭ،شايارلىق ھەمدەم بەگ ھاجى، پولات تۇەنجاڭ، مەسلىھەتچىلەر باشلىقى نىزامىدىن ئەپەندى، قورال-ياراغ باشلىقى ئابدۇمۆمىن ھاجى، مەمەت خەلىپەت،ئەييۇپ بەگ قاتارلىق پىشقەدەملەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 6- دىۋىزىيىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ،مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بەزى يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. سەمەت ھاجى شېڭ شىسەي ئالدىدا مەھمۇت مۇھىتىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قەسەم بېرىدۇ. توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجەڭ،قەشقەرلىك مۇئاۋىن تۇەنجاڭ ئابدۈشۈكۈر ئاخۇنلار ئەھۋالنى مەھمۇت مۇھىتىغا ئېيتىپ قويىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى سەمەت ھاجىنى قولغا ئالىدۇ. يۇقۇرقىدەك بىر قاتار ھەركەتلەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ شىنجاڭدا 1937-يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى بىر قانچە يېقىن ئادەملىرىنى ئېلىپ، ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.



0

تېما

2

دوست

2801

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 12:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئىككى ئۇلۇغ تۆھپىكار جەمەت ئۆتكەن؛ بىرسى مۇھىتىلار ئائىلىسى(گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىلار جەمەتى)، يەنە بىرسى مۇسابايوپلار جەمەتى. »«ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر»دىكى بۇ سۆز ھەم مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىمدۇر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5693

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1414
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 13:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد مۇھىتى ، مەقسۇد مۇھىتلار ئل قەلبىدە مەڭگۈ يادلانغۇسى !

0

تېما

0

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24587
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 13:43:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا باي جەمەتى، مۇھىتىلار جەمەتى ھەقىقەتەن زور تەسىردا تارىختا ئورۇن ئالدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى باغداشتا يوقما؟

0

تېما

0

دوست

2778

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8849
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 417
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 15:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستاندىكى ھاياتى توغرىسىدا مەلۇماتلار يوقما ؟

0

تېما

0

دوست

812

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18228
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 15:30:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئويغانغان زىمىن›› رومانىدىكى مەزمۇنلار كۆڭلۈمدىن كەچتى.

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 17:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyturan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 13:43
مۇسا باي جەمەتى، مۇھىتىلار جەمەتى ھەقىقەتەن زور تەسىر ...

شۇندەيمەن!

خوجە

0

تېما

11

دوست

4668

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1301
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 18:34:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ  تەپسىلى بىلمەكچى  بولغانلار  شىنجاڭ تارىخى ماتېريالى  12-قىسىم دىن  17-قىسىمغىچە كۆرسەڭلار بولدۇ.
ئاڭلاشلارغا قارغاندا   مەھمۇت موھىتى   ياپۇنىيەگىمۇ  بارغان ،ئامېرىكا خېرۇسما  ئارلىغا ئاتۇم بومبىسى  تاشلاپ  ياپۇنىيە پادىشاھنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان ،مەھمۇت موھىتى  تەسلىمنامىنى  رادىئودىن ئاڭلىغاندىن كىيىن  يۇرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ ،،،تېمىدا  دىيىلگىنىدەك  بېيجىڭدا  ۋاپات بولغان.
مەھمۇت موھىتى  ياپۇنىيەدە تۇرغان مەزگىلدە ئۇنىڭ 30نەچچە مۇھاپىزەتچىسىنىڭ يېرمىدىن كۆپرەكىنىڭ قىنى  ياپۇنلارنىڭ قىنى بىلەن ئوخشاش چىقىپ ياپۇنلارنى ھەيران قالدۇرغان .،،،،،،،،،،،،،،
مەنبە---‹قەشقەر ساماۋەرخانا خەۋەرلىرى›
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )