- تىزىملاتقان
- 2014-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 237
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
79%
|
ئۆزۈم لاھىيلىگەن ئون ئىككى مۆچەل بەلگىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر. ئەقىللىق ئەجداتلىرمىز ئون ئىككى مۆچەلنى ئىجات قىلىپ دۇنيا مەدىنيتىگە توھپە قوشقان ئىدى.ھازىر ئون ئىككى موچەلنى بۈلمەيدىغان بىرەر دۆلەت خەلقى بولمىسا كىرەك.ئون ئىككى مۆچەل ھازىر دۇنيا مەدىنىيتىدىكى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە مەدىنيەت ئۇقۇمى بۇلۇپ قالدى.ئون ئىككى مۆچەلنىڭ ئەقىللىق ئەجداتلىرمىز تەرپىدىن ئىجات قىلىنىپ دۇنياغا تارقالغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىشتۇر.
مەن ئەقىللىق ئەجداتلىرمىزنىڭ ئون ئىككى مۆچەلنى ئىجات قىلغانلىقىدىن تۇلىمۇ پەخىرلىنەتتىم .ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا مەندە ئون ئىىككى مۆچەلگە بەلگە ئىجات قىلىش ئۇيى پەيدا بۇلۇپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن مەن نەچچە ئاي ئۇيلۇنۇپ ئون ئىككى مۆچەلدىكى ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئالايىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ نەچچە رەت ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئون ئىككى مۆچەلنىڭ ،ئون ئىككى خىل بەلگىسىنى لاھىيلەپ چىقتىم.مەن ئون ئىككى مۆچەلنىڭ بۇرۇن بەلگىسى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم ئەگەر بۇلۇپ قالسا مەن لاھىيلىگەن ئون ئىككى مۆچەل بەلگىسىنى بۇرۇنقىسىنىڭ ئورنىغا قۇيۇشقا قەددى بولمايدۇ دەپ قارايمەن .ئەگەر ئون ئىككى مۆچەل بەلگىسى مۇشۇ كەمگىچە بارلىققا كەلمىگەن بولسا،مەن لاھىيلىگەن ئون ئىككى مۆچەل بەلگىسى،بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى شۇنداقلا بۇ بىر ئابىدە خارەكتىرلىك ئىش بۇپلا قالماي بەلكى جەميەتنىڭ بىر تەخىرسىزلىكىدۇر .ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ھازىر ھەرقانداق بىر نىمىنىڭ بەلگىسى بار بۇلۇپ بۇ بەلگىلەر تۇرمىشىمىزغا قۇلايلىق يارتىپ بىرىش بىلەن بىرگە.مەدىنيەت رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى ئاشۇرۋاتىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئون ئىككى مۆچەلگە بەلگە ئىجات قىلىش بىر ياخشى ئىش ھىساپلىنىدۇ.مەن ئۈزۈم لاھىيلىگەن ئون ئىككى مۆچەل بەلگىسىنىڭ جەميەتكە تارقىلىپ بۇ بەلگىلەرنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئون ئىككى مۆچەل بەلگىسى ئىكەنلىكىنى بۈلۈلىشىنى ۋە ئۇلارغا بەزى ئىشلاردا ئازراقمۇ بولسا قۇلايلىق ئېلىپ كىلەلىشىنى مىللىتىمىز مەدىينىتىگە شۇنداقلا دۇنيا مەدىينىتىگە ئازراقمۇ بولسا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.مەن ئۈزۈم لاھىيلىگەن ئون ئىككى مۆچەل بەلگىسىگە قارتا ھەر ساھەدىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ ھەرخىل تەنقىدى ۋە ئىجابى تەكلىپ،پىكىرلەرنى بىرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،لىكىن باشقىلارنىڭ مىنىڭ لاھىيەمگە ھۆرمەت قىلشىنى شۇنداقلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
باغداش مۇنببىرىنىڭ يېڭى ئەزاسى : كۆك ئەرىك. ئەسلى ئىسمىم ئۈمۈرجان تالىپ قەشقەر مارال بېشىدىن.
|
|