- تىزىملاتقان
- 2012-11-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3165
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
38.83%
|
پەرەڭ ئەينۇلىسى فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە مېۋىسى بولۇپ، كىيىن ئامېرىكىدىمۇ كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا داڭقى تارالغان. ئۇ ئەينۇلا تۈرىدىكى مېۋە بولۇپ، دەرەخ شەكلى رايونىمىزدىكى ئەينولا، ئۆرۈك دەرەخلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
پەرەڭ ئەينۇلىسىنىڭ تەمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، تەركىۋىدە ئاقسىل، ماي، كۆپ خىل ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلمىنىتلار بولۇپ، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قان بېسىمى ۋە قاندا ماي تەركىۋى ئۆرلەپ كېتىش، جاھىل قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈمى بارلىغى ئۈچۈن خەلقارادا «ئىلاھى مېۋە»، «ئالتۇن ئەينۇلا»....دىگەندەك ئاجايىپ-غارايىپ ناملار بىلەن ناھايىتى قىممەت باھادا سېتىلغان ۋە بازار ئېھتىياجىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان.
بۇ كۆچەت رايونىمىزغا 2000-يىللاردا ئامېرىكىدىن كىرگەن بولۇپ، رايونىمىزنىڭ ھاۋا كېلىماتى ۋە سۇتۇپراق شارائىتىغا ئالاھىدە ماس كېلىپ، مېۋە سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان. ھازىر بۇ سورت رايونىمىزنىڭ پەيزاۋات،ئاقتۇ، مارالبېشى،يەكەن، توققۇزاق قاتارلىق ئورۇنلىرىدا بىر قەدەر كۆلەملىك كېڭەيتىلىۋاتىدۇ، ئاقسۇ ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدىمۇ سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ.
پەرەڭ ئەينولىسى رايونىمىزغا كىرگەندىن كىيىن دەسلەپتە ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلۈپ مېۋىسى يۇقىرى سۈپەتتە قاچىلىنىپ دۆلەت سىرتى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە سېتىپ چىقىرىلغان. 2009-يىللىرىدىن كىيىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن مېۋە سودىگەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مېۋە سودىگەرلىرى تەرىپىدىن باغدىن بېۋاستە سېتىۋىلىپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارتىلماقتا. دەسلەپكى يىللاردىكى يىغىپ سېتىۋىلىش باھاسى ھەر كېلوگىرامى 10يۈەندىن بولغان بولسا 2013-يىلغا كەلگەندە كۆلەملىك، سۈپەتلىك ئۆستۈرگەن ئورۇنلاردا ھەر كېلوگىرامى 28يۈەنگە يەتتى. كىچىك كۆلەملىك پارچە باغلارنىڭمۇ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 15يۈەن بولدى. مېۋىسىنڭ سېتىپ چىقىرىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا قانچە كۆلەملىك، مەھسۇلات مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا خېرىدارى شۇنچە كۆپ، باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولدى، كۆلىمى كىچىك، مەھسۇلاتى تۆۋەن ئورۇنلاردا خېرىدار ئاز، باھاسىمۇ تۆۋەنرەك بولدى.
پەرەڭ ئەينولىسى مول ھوسۇللۇق سورت بولۇپ، ياخشى مېۋىگە كىرگەندە مو بېشى مەھسۇلاتى 1-1.5تونناغا يىتىدۇ(پەرۋىشى قانچە ياخشى بولسا مەھسۇلاتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ). دەرەخ پەرۋىشى ئەينولا ۋە ئۆرۈككە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئورگانىك ئوغۇتنى(ياخشى چېرىتكەن ئېغىل ئوغۇتى ۋە كۇنجۇرىنى) قانچە كۆپ بەرسە مېۋە مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مېۋىسىنى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدا 3ئايدىن ئارتۇق ساقلىغىلى بولىدۇ، گۈلە قۇرۇتۇشقا ياخشى بولۇپ، گۈلىسىنىڭ سۈپىتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.
پەرەڭ ئەينولىسىدىن باغ قىلىشتا زىيادە سېغىز يەرلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، قۇمسال ئەت تۇپراقلىق يەرلەردە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، يېنىك شورى، زېيى بار يەرلەرگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
2013-يىلى پەرەڭ ئەينولىسى ئاپتونوم رايونلۇق دەل-دەرەخ ئەلا سورتلىرىنى باھالاپ بىكىتى كومىتىتى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەلا سورت دەپ بىكىتىلىپ، «شىنجاڭ ئەينولىسى 4-نومۇر»دەپ نام بېرىلدى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدا نوقتىلىق كېڭەيتىشكە بولىدۇ دەپ قارالدى.
ھازىر ئاپنونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۋېرسىتىتى، ئاقتۇ ناھىيىلىك باغۋەنچىلىك پونكىتى، شىنجاڭ گېرۈيدې يېڭى پېتى ساقلاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىشىپ پەرەڭ ئەينولىسىدىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، يېڭى پېتى ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتتە گۈلە قۇرۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقاتلارنى ئىشلىمەكتە.
پەرەڭ ئەينولىسىنىڭ مېۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىغى، مول ھوسۇلچانلىغى، ساقلاش-توشۇشقا چىدامچانلىغى، تۇپراققا ماسلىشىشچانلىغى، بازار ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرىلىغى دىگەندەك تەرەپلەردىن قارىغاندا بۇسورت رايونىمىزدا نوقتىلىق كېڭەيتىشكە بولىدىغان، دېھقانلىرىمىزنىڭ باغۋەنچىلىككە تايىنىپ بېيىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئەلا سورتلاردىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
|
|