سارغىيىپ كەتكەن پاسانىڭ ھېكايىسى
(ئاپتۇر: خوتەن ناھىيە خانئېرىق يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقەييۇم ئوبۇلقاسىم)
تۇرمۇشتىكى ئۇششاق دىتاللاردا كونكېرتلاشقان كىچىككىنە بىر كۆرۈنۈش بەزىدە «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ» لەرنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن سۇئال بەلگىلىرىنى تاشلاپ، «كىچىك ئىش» «چوڭ ئۇلۇغ ئىش» نى ھاپ قىلىپ يۇتۇۋېتىدىغان غەلىتە مەنزىرە شەكىللىنىپ، ئادەمنى بۇ زادى قانداق مەنتىقە دىگۈزىۋىتىدۇ.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدىن ئۆتۈۋېتىپ، بىر نەچچە دېھقاننىڭ ئۇسسىغىنىدىن سارغىيىپ كەتكەن نەچچە باغلام پاسا (قوناق شېخى)نى ئۈچ چاقىلىق موتوسېكىلىتقا بېسىپ ئەكىلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىچىگە ئەكىرىشكە تەرەددۇتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم. نەچچە يىل ئىلگىرى مۇنداق ھالەت ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپمۇ كۆزۈمگە چېلىققانىدى. دېھقانلارنىڭ مۇنداق قىلىشىدىكى مەقسەت ھەممىگە ئايدىڭ. ئۇلار بەلكىم «كەلىلە ۋە دېمنە»دىكى جاھاندارچىلىق ئۈگۈتلىرىدىن بولغان: «ئەگەر ئىشىڭ ئەقىل بىلەن پۈتمىسە، تەلۋىلىك بىلەن دۇرۇس قىلماق كىرەك.» دىگەننى ئوقۇغان بولۇشى نائىنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قاداق-قاداق قوللىرى، قورۇق چۈشكەن چىرايلىرىدىن نەچچە- نەچچە تەجرىبىە- ساۋاقلارنىڭ جوغلانمىسىدىن تۈزۈلگەن كىتابچىلاردىن ئارتۇق مەلۇمات زاھىر ئىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداق، تارىم ۋادىسى، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە جايلاشقان تارام-تارام ئېقىنلاردىن ھاسىل بولغان بوستانلىقلار كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئوخشىمىغان مىتود ۋە نەزەر بىلەن تەتقىق قىلىندى. بەزىدە ئىپتىخارلىنىش، بەزىدە تەئەججۇپلىىش، بەزىدە ھېسداشلىق قىلىش، بەزىدە ئىچ ئاغرىتىش كەيپىياتىدا سۇئال ۋە ئۈندەشلەر بىلەن تەتقىقاتلار تامام بولدى. بىراق قۇياش ۋە يەر شارىنىڭ تىنىمسىز ھەرىكىتى بۇ يەردىكى خەلقلەرگە ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە يېڭى خېرىسلىق سىگناللارنى ئېلىپ قوپاتتى. چۈنكى، قۇم-بوراننى توسىغۇچى سۇۋادان تىرەكلەر، ئاچىل دەرەخلىرى ،جىگدە، ئۈرۈك دەرەخلىرى ئەمدى مەنزىرە دەرىخىگە ئورۇن بىرىشى سىياسەت بولۇپ قالغانىدى. دىمەككى، تەتقىقات مېۋىلىرى يەرلىك سىياسەتكە يولنامە بولالمايۋاتاتتى. جۈملىدىن بۇ يىل تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ھېدى كۈندە دىگۈدەك ئەلەڭلەپ يۈرۈپ، تولا ھاللاردا توپا-چاڭلىق ھاۋارايى كۈرۈلدى. ھۆل-يېغىن كەمدىنكەم بولدى. قىسقىسى، بىز تەبىئەتكە قولىمىزنى چىنەپ قويساق، ئۇ بىزگە مۇشتىنى چىنەۋاتاتتى. قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن بەھەيۋەت ئەلپازدا دومىلاپ چۈشكەن ئەركەك سۇلار نەچچە سۇ ئىنشائاتلىرىغا ، نەچچە سۇ «قۇلۇپلىرى» غا ئۈسۈپ يۈرۈپ، ھەيۋىسى سۇنۇپ «چىشى سۇ» غا ئايلىنىپ ئاندىن ئېتىز ئېرىقلارغا قۇيۇلىۋاتىدۇ. سۇ ئىنشائاتلىرى ماكرو جەھەتتتىن تېخنىكىلاشتى، سېستىمىلاشتى، تۈزۈملەشتى. بىراق مىكرو جەھەتتىن باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك «يۈزى سارغايغان پاسا»لارغا پۇت چىقتى. دىمەك ماسلىق نىسپىي بۇلىۋاتاتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى قىسمەن رايۇنلارغا نىسبەتەن پەرقلىق ھالدا، بۇيەردىكى دېھقانلارنىڭ نەچچە يۈز، نەچچە ئون مو يەرگە ئىگە ئەمەس، بەلكى تۆت بەش مو تېرىلغۇ يېرى بىلەن جېنىنى جان ئىتىدۇ. يەرلەر «يېلتىسسىز سۇ» بىلەن ئەمەس، قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن دۇمىلاپ چۈشكەن سۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ يېتىپ كېلىپ زىرائەتنىڭ يىلتىزىغا قۇيۇلغاندا ئادىن دېھقانلار ئۆز نېسىۋىسىگە جەزم قىلالايدۇ. ئەمدى كەلكۈن ۋاقتىدىمۇ، كىچىك بالىلار «ئەرەك ئويۇنى» ئويناپ سۇنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيدۇ. ئېرىق- ئۆستەڭ بويلىرىغا چىقىپ سۇ ئۈزەلمەيدۇ. «شىلدىر-شىلدىر ئاققان ئېرىق سۇلىرى» ئەمدى شائىرلارنىڭ مىسرالىرىدىن ئۆچۈرىلىدۇ. «كەلكۈن پەسلى» ئاستا-ئاستا لوغەت تىلىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. نېمىشقىلىقىنى «پۇت چىققان» پاسالاردىن سوراڭ. بۇ يەردە لوغەت تەركىبىگە كىرگۈزۈلمىگەن سان-مىقدارلىق ئۆلچەملەرنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ: «بىر تاش سۇ»، «ئىككى تاش سۇ»، «بىر قىيلىق سۇ»، «ئىككى قىيلىق سۇ»، «يېرىم قىيلىق سۇ» ،«كەتمەن دەسسىچىلىك سۇ»... دىگەندەك، يەنە بەزى تۇراقلىق ئىبارە، ماقال-تەمسىللەرنىمۇ ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ؛ «سۇنىڭ مېھرى سوغۇق»: بۇ ماقال كىشىلەرنىڭ يەر سۇغارغان ۋاقتىدا سۇ تالىشىپ ئاسانلا سوقۇشۇپ، ئاداۋەتلىشىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلنىدۇ. «سۇ دىگەن ئادەمگە ھەمراھ» :بۇ يەر سۇغىرىش نىيىتى بىلەن كىچىدە يول يۈرسە ئادەمدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلۈپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلنىدۇ. «قىزىڭنى مىرابقا بەرگۈچە، ئېچىغىڭنى باشتىن قىل»: بۇ يەر سۇغارماقنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللىكىگە قارىتا ئېيتىلغان گەپ. بۇ يەردىكى كىشىلەر «يەر سۇغۇرۇش»نى «سولاق قىلىش» دەپ ئاتايدۇ. ئېتىزغا «سۇ باشلاپ ئەكىلىش» نى «سۇ ياقىلاش» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما ئۇلار «باشلىقنىڭ ئېرىقىنى ياقىلاش» دىگەننى بىلمەيدۇ. بۇ يەردىكى دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ نەچچە مو كېلىدىغان يېرىنى سۇغىرىپ بولالىسا بىر قىتىم «ئۇھ» دەيدۇ. خۇسۇسەن بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ھەر قىتىملىق يەر سۇغىرىش ئۈچۈن دادام، ئىنىم، مەن بولۇپ ئۈچىمىز نەچچە كىچىنى بىدار ئۆتكۈزۈپ، پاشىغا تالىنىپ، نۆۋەت ساقلاپ، ئېچىغ بېشىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاندىن «بىر قىيلىق سۇ» ئېتىزىمىزنىڭ ئېچىغىغا ئۈسىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار يېزا ئىگىلىكى ئاپتۇماتلاشقان كىشىلەرگە نىسبەتەن يات ۋە غەلىتىلىك، مۇبالىغە بولۇپ تۇيۇلىدۇ. لېكىن مەن ئېلىپبە كىتابتا «ھەسەن ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ.» دىگەننى ئۆگەنگىنىم ئېسىمدە. ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ھېس يادى «سۇنى قانداق قىلىپ ئېتىزغا باشلاش» بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ سۇ ھەققىدە نەزىرىيىۋىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ھەپسېلىسى يار بەرمەيدۇ. ئۇلار پەقەت تۇتاش قاچىلارنىڭ پېرىنسىپىدىن ئاڭسىز پايدىلىنىپلا يەرلىرىگە بىمالال سۇ باشلاپ كىرەلەيدۇ. لېكىن ئۇلارنى بۇ جەھەتتە «ئېنژېنىر» دىمەي بولمايدۇ. ئەسىر بوسۇغىسىدىكى ئىزتىراپلىق مۇھاكىمىلەرگە تەنقىد يانتايىقى بولۇپ بەرگەن «كەتمەن»، «ئىشەك»....لەر بۇ يەردىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن يەنىلا تۇتىيادۇر. بۇ يەردىكى ئېتىزلارغا قاتار قىلىنىپ سېلىنغان مېۋىلىك دەرەخلەر «زامانىۋىي قۇراللار» نى «پوش» دەيدۇ. شۇنچە تەرەققىيات غەۋغالىرىغا چۆمۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىكى ھايات ئەنە شۇنداق تەرزدە يۈزبىرىۋاتىدۇ. كەلكۈن مەزگىلىدىمۇ سارغايغان پاسالار ـ بىر پارچە كىتاب، يادەك ئېگىلگەن قىياپىتى ـ نۇرغۇنلىغان سوراق بەلگىسى، نەچچە باغلام پاسانى پاكىت دەلىلى قىلىۋالغان دېھقان كۆرۈنىشى جەمئىيەت تەتقىقاتىنىڭ ئاددىي كارتىنىسى ياكى يىپ ئۇچچى.... بۇ سارغايغان پاسانىڭ كۆكلىشى ئۈچۈن بىئولوگىيە تەجرىبەخانىسىدىن چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتەلمىگەن بىر تەتقىقاتچى «پاساغا ئايلانغان» تەقىقاتچى. سارغىيىپ كەتكەن پاسالارنىڭ قىياپىتىنى لەرزان ئېستىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن تەسۋىرلەش بىلەنلا بولۇپ كەتكەن شائىر «جان باقتى » شائىر. دېھقاننى كۆيلەش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ، دېھقاننىڭ ئېتىز بېشىغا چىقىپ بىر كەتمەن توپىسىنى تاشلاپ بىرەلمىگەن يازغۇچى «قول قۇۋۇشتۇرۇپ چاۋاك چالغۇچى» ....قىسقىسى، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ دېھقاننىڭ ئاھىغا ئاھ بولمىغان «ئىچكى مەدداھلىق» ھەممىسى پۈچەكتۇر. ئەگەر ھېلىقى دېھقانلار دەرۋازا يېنىغا بېرىپ بولغىچە ھەيدىۋىتىلمەي كىرەلىسە، تەلىيىگە «دېھقىنى بار مىللەت ئۆلمەيدۇ.»، «دېھقانلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ سادىق ئىجراچىلىرى ھەم ھىمماتچىلىرى ‹ئادىل ئابدۇقادىر›» دىگەنگە ئوخشاش پىكىرلەرگە قولاق سالىدىغان ئادەمگە يولۇقۇپ قالسىغۇ بىر نۆرى، بىراق ئالدىدىكى ئىش شىرەسىگە «خەلق مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا»، «ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغدايلى» دىگەنگە ئوخشاش ماتىرىياللارنى دۆۋىلەپ تىزىپ قويسىمۇ مەزمۇنىغا ئىتىبار سالمايدىغان بىيۈكراتىزىمچىغا ئۇچراپ قالسا، ھېلىقى دېھقاننىڭ ھالى نېمە بۇلار؟! ئەنسىرىمە دېھقىنىم، ئەقلىگە، ۋىجدانىغا مىتە چۈشمىگەن ئادەم جەمئىيىتىمىزدە، ئورگانلاردا مەۋجۇت بولسىلا، سىنىڭ ھېلىقى پاسىرىڭ كۆكلەيدۇ!
(和田县罕艾日克乡小学阿布都克依木.吾布力卡斯木)
|