ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار
ئىنگىلىز تىلىنى يېڭى ئۈگىنىشنى باشلىغان چېغىمدا، باھار چاتما ھىكايىلىرى (Spring series) نامىدا نەشىر قىلىنغان بىر يۈرۈش ئوقۇشلۇق ئوقۇپ چىققان ئىدىم. بۇ ئەسەرلەر دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن باھار چاتما ھىكايىلىرىدىن (Spring series) ھەر بىر ساندا بىر ئەسەر، بىر يازغۇچى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
دۇنيا ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر(1)
كۈلقىز Cinderella
چارلىس پېرئالېت Charles Perrault ، (1628-1703-يىللىرى) ، ڧرانسىيەدە تۇغۇلغان. دۇنياغا داڭلىق بالىلار يازغۇچىسى، شائىر، تەنقىدشۇناس.
پېرئالېت 20 يىلغا يېقىن خان جەمەتىنىڭ قۇرلۇش نازارەتچىسى بولغان. پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن بالىلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەمدە « پېرئالېت بالىلار ھىكايىلەر توپلىمى» ناملىق بالىلار ئوقوتۇش ماتىرىيالىنى يېزىپ چىققان.
پېرئالېت ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بالىلار ھىكايىلىرىنى رەتلەپ خاتىرلەش جەريانىدا بەزى قوپال سۆز-جۈملىلەرنى ئۆزگەرتىپ ياكى ئېلىپ تاشلاپ، ھىكايىلەرنى تېخىمۇ تاكاموللاشتۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوردا تۇرمۇشىنى ئاساسى سىيوژىت قىلغان بولۇپ، ئەينى دەۋىر رىئاللىقىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن.
ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن «كۈلقىز Cinderella»، «ئورمانلىقتىكى ئۇخلاۋاتقان پەرىزات»، «ئۆتۈكلۈك مۈشۈك»، «بارماق مەلىكە» قاتارلىقلار بار.
چارلىس پېرئالېت 1697-يىلى « پېرئالېت بالىلار ھىكايىلەر توپلىمى» نى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بالىلار ھىكايىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقىپ، نەشىر قىلدۇرغان.
كۆپچىللىككە تونۇش بولغان «كۈلقىزCinderella » نامىلىق ۋەكىل خاراكتىرلىك بالىلار رومانىدا ، باش پىرسۇناژ كۈلقىز ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۈگەي ئاپىسى ۋە ئىككى ئۈگەي ئاچىسىنىڭ خورلىشىغا ۋە زۇلۇم سېلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاخىرىدا شاھزادە بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىدۇ. «كۈلقىزCinderella » ناملىق بۇ باللىلار ھىكايىسى يېقىندا كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قايتىدىن تونۇلدى.
دۇنيا ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر(2)
ئەخمەق ئىۋان Ivan the fool لىف تولسىتوي Leo Tolstoy، دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى،پەيلاسوپ،ئىسلاھاتچى، روسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك شەخىس. ئۇ بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،بالىلارنىڭ تۆتىنجىسى.ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن،تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلغان.1844-يىلى قازان ئونۋىرستىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، لىكىن ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىن ئۆمۈدسىزلىنىپ ئوقۇشتىن چىكىنىپ، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. بىر مەزگىللىك سەرگەردانلىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن تولسىتوي ھەربىيىككە قاتناشقان ۋە يېزقچىلىققا كىرىشكەن. 1852-يىلى تۇنجى ھىكايىسى« بالىلىقىم »نى يازغان. كىيىن ئۇ «ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق»،«ئاننا كارىننا»غا ئوخشاش نادىر رومانلىرى بىلەن كۆپچىللىكنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ داڭلىق يازغۇچىغا ئايلانغان.تولسىتوي ھاياتىدا تورمۇشنىڭ مەخسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىپ قايمۇققان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىردا دىنغا ئىتىقاد قىلغان.
ئەخمەق ئىۋان Ivan the fool
1885-يىلى يازغان«ئەخمەق ئىۋان Ivan the fool» ئۇنىڭ دىننىي كۆز قاراشلىرى ئىپادە قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. تولسىتوي بۇ ئەسىرىنى روسىيە خەلىق ئاممىسىنىڭ ئارىسىدا ئەۋلاتمۇ ئەۋلات تارقىلىپ كەلگەن چۆچەكلەر ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان. ھىكايىدە ئىۋان قارماققا سەل دۆترەك كۆرۈنسىمۇ،لىكىن ئاقكۆڭۈل،ئىشچان پىرسۇناژ.ئىككى ئاكىسى ئالۋاستىنىڭ ئازدۇرۇلۇشىغا ئۇچىراپ تالاپەتكە يولۇققاندا،ئىۋان قىلچە تەۋرەنمەي ئاخىرى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىدۇ.تولسىتوي بۇ ھىكايىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زوراۋانلىققا،ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتىن بىزار بولغان تولسىتوي ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان تۇرمۇش كەچۈرگەن.1910-يىلى كىسەل سەۋەبى بىلەن سانكىت پىتىربورىگ ئەتىراپىدىكى بىر پويىز بىكىتىدە 82 يېشىدا ۋاپات بولغان.
مەنبە: ئويتاغ قەلىمى
|