بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-22 12:09
تەشەككۈرنامە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابدۇلئەزىز ئابدۇقادىر، تاھىر ئىمىن ئەپەندىلەر:
يېقىندا بىز ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شېركىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆزتۈرك ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى» پائالىيىتىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ بۇ ئېسل ئىشىڭلاردىن ئالەمچە سۆيۈندۇق. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتىڭلاردىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلاسلانغان بولساقمۇ، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ھەر قاچان كېچىكمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇشبۇ «تەشەككۈرنامە»نى سىلەرگە سۇندۇق.
مائارىپنىڭ بىر جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكى پولاتتەك پاكىتلار بىلەن ھەممىمىزگە ئايان بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە خەلقىمىز ئارىسىدىن كۈندىن-كۈنگە كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتقان پەزىلەتلىك، تىرىشچان، نەتىجىلىك، ئىرادە، غايە ۋە ئىشەنچكە تولغان ياش ئاسپىرانتلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ. بىز بۇ يېڭى يۈكسىلىشلەردىن چەكسىز سۆيۈنىمىز، پەخىرلىنىمىز ۋە ئۈمىدكە تولىمىز. دۇنيا ھازىرقى زامان مائارىپىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈك قوللىشى شۇ جەمئىيەت مائارىپنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىدا ناھايىتى زور ئىجابىي روللارنى ئوينىغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاسپىرانتلار مائارىپى بارلىققا كەلگىلى تېخى 30 يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقىنى تاماملىغان بىر يېڭى ئەمما كۈچلۈك ئۇيغۇر زىيالىيلار توپى شەكىللەندى. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. بىلىشىمىزچە، تا ھازىرغىچە ئاسپىرانتلار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ مەخسۇس ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تۇنجىسى - سىلەر. بولۇپمۇ، سىلەرنىڭ مەخسۇس مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت خانىم-قىزلارنى مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىشىڭلار ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ئۆز كەسىپ ساھەسىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ تېرىشىپ ئوقۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنىڭ خانىم-قىزلارنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسپىرانتلىقتا ياخشى ئوقۇشنىڭ شەرەپلىك، ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالىي مائارىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ئاسپىرانتلار مائارىپىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، سىلەرنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىشىڭلار خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى باشقا كارخانىچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تامامەن ئەرزىيدۇ.
بىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغانلارنى قوللاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئاسپىرانتلىققا ئوقۇش ئارزۇسىدىكى ستۇدېنتلار ۋە بولغۇسى-ستۇدېنتلارنىڭ ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ دۆلەت ئىچىدە ياكى مۇمكىن بولسا ئاسپىرانتلار مائارىپى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىرادىسى تىكلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كەسكىن تەكىتلەيمىز. بىز گۇۋاھ بولۇپ تۇرغان ئامېرىكا مائارىپىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ئامېرىكا ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ شۇ قەدەر يۈكسەك تەرەققىي قىلىشى ئامېرىكىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار، شەخسىلەرنىڭ مائارىپنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىدىن، پەقەت باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا-ئالىي مائارىپىغا مەبلەغ سېلىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان ئاسپىرانتلار مائارىپى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتلارنى زور ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىزگە بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ، ئەمما سىلەرگە ئوخشاش مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى ۋە ئالىي مەكتەپ تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە قوللاپ تۇرۇشىنى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە زۆرۈر بولغان بىر ئىش، دەپ قارايمىز. بىز سىلەرنىڭ بۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن باشلىغان مەرىپەت ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش قەدىمىڭلارنىڭ ھەرگىز توختاپ قالماسلىقىنى، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇشۇنداق ئېسل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغان كارخانىچى ۋە باشقا شەخسىلەرنىڭ بىر ئەمەس ئونلاپ چىقىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنىڭ بۇ ئاسپىرانتلار مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشتەك نەمۇنىلىك پائالىيىتىڭلار بىزنى قايىل قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە ئەڭ ئالىي ھۆرمەت سالىمىمىزنى يوللايمىز. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇشىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان ۋە قوللاۋاتقان بىزگە مەلۇم ياكى نامەلۇم بارلىق ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئاخىرىدا، تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە تېنچ-ئامانلىق ۋە خۇشاللىق، بارچە ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق تىلەيمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
دوكتۇر تاشپولات روزى
دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە
2014-يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنى
(ئامېرىكا)
|