قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: otyurak99

7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى›› فىلىمى «زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ»!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

404

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25680
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 15:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر «زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ؟» دېگەن كىتابنىڭ ئىككى نۇسخسى باركەن، ئىككىسدە پەرق خېلى باركەن. بىرسدە ئۈستۈن ئادەمنى ئەۋلىيا دەپتۇ. قايسىسى توغرا؟

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 16:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ،ئىنشائاللاھ،تەبىئى پەنلەرگىمۇ كۆپرەك نەزەر يۈگۇرتسە تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

796

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25929
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 18:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-24 18:56  

بۇنداق بىر ياخشى تېمىنىڭ يوللانغىنىنى كۆرۈپ خوش بولدۇق.
ئەھمىيەتلىك ئىشقا ياخشى تىلەكلەر يار بولسۇن.
يۇقىرىدىكى ئىككى تەۋسىيەگە:
«زورۇ ئاسېر شۇنداق دەيدۇ»نىڭ ئىككى خىل يېڭى نەشىرى بار. بۇنىڭدا "ئۈستىن ئادەم "دەپ ئىلىنغىنى توغرا.

يەنە بىرى مېنىڭچە ئىلىم چېيىنىڭ بۇ سانلىرى  مەلۇم بىر ئىلمىي كىتاپقا قارىتىلغان شۇڭا ئەگەر تەبىئىي پەندە بولسۇن دېسە,  تەبىئىي پەن ساھەسىدە يەنە بىر ئىلىم چېيىنى روياپقا چىقىرىش ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.

0

تېما

0

دوست

146

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26181
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 19:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   menjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-24 20:18  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مەن ئەنۋەر جۇلا بولىمەن، ئالدى بىلەن ئىلىم چېيىغا ئاقيول تىلەيمەن، مەن يۇقۇرىدىكى ئىنكاستىكى «ئۈستۈن ئادەم» ئېلىنغىنى توغرا دېگەن قاراشقا بىر ئەدەبىي تەرجىمان سالاھىيىتىدە كىچىككىنە ئۆز پىكرىمنى قويۇپ باقماقچى، بۇنى بىر دوستانە تەكلىپ دەپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، ئارتۇق، چاكىنا جېدەل-ماجرا بولىشىنى خالىمايمەن. نېمىسچە ياكى ئېنگىلىزچىدە قانداق سۆز بىلەن ئېيتىلغان ئۇنى بىلمەيمەن، لېكىن خەنزۇچىدا مەزكۇر سۆز 超人 دەپ ئېلىنغان. مەزكۇر سۆز «ئۈستۈن ئادەم»گە ماس كەلمەيدۇ، مېنىڭچە، «ھالقىما ئادەم» دەپ ئېلىنسا خېلى چىرايلىق ئۈستمۇ-ئۈست چۈشەمدىكىن دەيمەن. نىچېنىڭ «ھالقىما ئادەم» ئىدىيىسىمۇ «ئۈستۈن ئادەم»گە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى نىچې ھالقىما ئادەم ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئەنئەنىدىن، بارلىق دىنىي ئېتىكا ئۆلچەملىرىدىن ھالقىشنى كۆزلىگەن. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكى كېيىنكى مودېرنىزمچىلارمۇ نىچېنى كېيىنكى مودېرنزمغا ئاساس سالغۇچى دەپ تونۇيدۇ.
ئاتىكاچىلىق قىلىپتۇ، دەپ قارىمىساڭلار نىچېنىڭ «ھالقىما ئادەم» ئىدىيىسى ۋە «زوروئاستىرى شۇنداق دەيدۇ» دېگەن ئەسىرىنى قايتىدىن مۇھاكىمە قىلىپ باقساڭلار.
«ئۈستۈن ئادەم» دېگەن بۇ سۆزگە خەنزۇچىدا 高人 دېگەن سۆز ماس كېلەتتى...

1

تېما

2

دوست

5288

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1570
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 19:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سورۇن تۈزۈلۈپتۇ ،لىكىن فىلىم بەكلا قىسقىرىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ ،بولسا ھەممەيۇرتلاردا مۇشۇنداق ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك چايلار ئۆتكۈزۈلسە بولاتتى ،بۇمۇ بولۇپ قالار ،چۈشەنمىگىنىم ،بۇ ئىلىم چېيىدا بىر قىسىم ئەدىب ۋە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بولمىغىنى ،بىزنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىمىزنىڭ بىر داستىخانغا جەم بولىشى خۇددى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ جەم بولىشى بىزنى خۇرسەن قىلغىنىغا ئوخشاش بىزنى بەكمۇ خۇرسەن قىلىدۇ ، بولسا يۇرت -يۇتلاردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ، كۆرۈنىۋاتقان شۇ مىللەت باشلامچىللىرىمىز بىر سورۇنغا يىغلىساڭلار  ، ئىلىم چېيىنىڭ فىلىمىنى قىسقارتىۋەتمىسەڭلار ،يىراقتىكى يەنە قانچىلغان  بىزلەر توردىنمۇ بولسا كۆرۈپ تۇرساق .

0

تېما

0

دوست

387

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   43.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25681
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 09:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاب گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى ۋە خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تەڭلا نەشىر قىلىنىپتۇ. بىرسدە ئۈستۈن ئادەم، يەنە بىرسدە ئەۋلىيا دەپ ئېلىنىپتۇ. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، تەرجىمان بىر كىشى، يەنى ئابدۇقادىر جالالىدىن. بىر كىشىنىڭ قولىدىن چىققان تەرجىمىنىڭ ئىككى بولۇشى، جۈملىدىن نىتزىنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئۇقۇمىنىڭ بىردە ئۈستۈن ئادەم، بىردە ئەۋلىيا دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ بىر خىل مەسئۇليەتسىزلىك. ئابدۇقادىر جالالىدىن نېمشىقا مۇشۇنداق يادرولۇق ئۇقۇمدا خاتالىق سادىر قىلدىكن؟ ئۇ ئۇقۇمنى ئەۋلىيا دەپ ئالغىنى بەكلا خاتا بولغان.

مېنىڭچە يەنىلا ئۈستۈن ئادەم دېگىنى توغرا. مۇھاكىمەدىمۇ مۇشۇ ئۇقۇم توغرا تېپىلغاندەك تۇرىدۇ. قىسقارغاننى ۋە كىرشتۈرۈشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ھېسىابقا ئالمىغاندا، مۇھاكىمە باك ياخشى بوپتۇ.سوئاللارنىڭ جېنى بار. زۇلپىقار بارات مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر قىسىم تەھىلىللىرى قسىقىراپتۇ. نېمشقىلىقىنى چۈشەنمىدىم. بۇ تېلۋېزور سۆھبىتى بولمىغاندىكىن، قىسقارتماي بېرىڭلار.

2

تېما

1

دوست

1211

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19005
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 23:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپنىڭ ئىككى خىل يېڭى نەشىرى ئوخشىمىغان ئىككى نەشىرىياتتا نەشىر قىلىنغان .  ئەمما كىتاپتىكى ئەڭ نىگىزلىك سۆزنىڭ خاتا تەرجىمە قىلىنغىنىنى ، بەزى جۈملىلەتنىڭ ھەتتا بۆلەكلەرنىڭ  خاتا تەرجىمە قىلىنغىنىغا ۋە ئۆزگەرتىلىپ قىسقارتىۋىتىلگىنىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
  ئۈستۈن ئادەم دەپ ئىلىنغىنى توغرا ، بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 超人دىن ئەمەس  ئىنگىلىز تىلىدىكى  ئەسلى ئىلىنمىسى superman دىن بىۋاستە ۋە ئىگىلىنىشچانلىق بىلەن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىنغان. ئىلىم چېيىدىمۇ ئۈستۈن ئادەم دەپ ئىلىندى. ئەگەر يەنە قايىل بولمىغۇچىلار بولسا بۇ كىتاپنىڭ ئىگىلىز تىلىدىكى نەشىرى thuse spok zaraoutra  گە  نەزەر ئاغدۇرغايسىلەر. «ئۈستۈن ئادەم »  نىتزى نەزىرىدىكى  ئۇششاق ئادەم ۋە پۇچەك ئادەم قارشىغا ماس كېلىدۇ.
  تەرجىمىدە نوقۇل خەنزۇچىسىغىلا ئەمەس ئۇنىڭ باشقا مەنبەلەردىكى ئەڭ توغرا  يېزىلىشى ۋە ئاتىلىشىغىمۇ مۇراجەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

146

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26181
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 01:57:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   menjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 03:06  


ئۈستۈن ئادەم دېگەن سۆز بىلەن ھالقىما ئادەم دېگەن سۆز ئادەتتىكى نەزەردە بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن سۆزگە بولغان تۇيغۇنلۇق ھەم بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەڭ كىچىك پەرقتىمۇ ئەستايىدىل بولۇش كېرەك دەپ قارايمەن.
نىچې (نىچېنىڭ كۆز يېشى دەپ ئۆزتىلىدا بىر كىنو بار، ئۇنىڭدا نىتزى ئەمەس، نىچې دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۈستۈن(ھالقىما) ئادەم ئىدىيىسى ئاجىزلار توپىدىن، ئەنئەنىۋى ئەخلاقتىن ھالقىش كۆزلەنگەن بىر ئىدىيە. يەنى خۇدانىڭ خەيرىخاھلىقىغا ئېرىشىدىغان ئاجىزلار، خۇدا ياراتقان ئەخلاقنى بىكار قىلىپ ، ھەتتا خۇدانى ئۆلتۈرۈپ ئاتالمىش ئۈستۈن (ھالقىما)ئادەمنى خۇدانىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ دۇنيانىڭ ئەخلاق سىستېمىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىدىيە بولۇپ، بۇ ئىدىيە ھازىرقى بارلىق ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى، بارلىق قېلىپ ۋە نەزەرىيىلەرنى بىكار قىلىپ، قېلىپسىزلاشتۇرۇش، نەزەرىيەسىزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان پوستمودېرنىزمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بۇلىقىدۇر.
مەن ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننى ھۆرمەتلەيمەن، نەزىرىمدە ئۇستازنىڭ تىل تۇيغۇسى  ۋايىغا يەتكەن ئىدى، لېكىن ئۈستۈن(ھالقىما)ئادەم ئاتالغۇسىدا ھازىرغىچە ئۆزىمۇ بىر قارارغا كېلەلمەيۋېتىپتۇ.
بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك پىكىر قاتناشتۇرۇپ قويۇشنىلا لايىق تاپتىم، ھەممىمىزگە تېنچلىق، ساغلام كەيپىيات، ساغلام ۋاقىت يار بولغاي....


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )