قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1422|ئىنكاس: 15

ئانا تىلنىڭ قۇدرىتى(ياپۇنچىدىن تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 18:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       ئۆتكەن يىلىدىكى مۇشۇ كۈن، ئانا تىل كۈنى ئادەمنى سۈيۈندۇرىدىغان ئانا تىل ئىشقىدا كاتتا ئىشلار ئاشكارە بولۇپ تۇرغان كۈن بولغان؛ شۇ چاغدا نۇرغۇن پەزىلەتلىك تور ئاھالىسى "ئانا تىل پىدائىيلىرى" بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغىنىنى ئىپادە قىلغان؛ ئوتكەن يىلى مەن دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە ئەمەس "ئانا تىل يەسلىسى " يولىدا دېگەن تېمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئانا تىل ھەققىدىكى ياپونچە ماقالىنى مۇشۇ مۇنبەرگە بەرگەن. بۈگۈن يەنە بىر ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغان يازمامنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. بۇ يازما ئەسلى قىسقا بولغانلىقتىن بىلىمگاھ (bilimgah)   ئۈندىدار سۇپىسىغا يوللاش ئۈچۈن تەييارلانغان، ئەمما بۇ جايدا بولسا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىدا بولالايدىكەن، قىسقا كۆرمەي ئوقۇپ قويارسىزلەر.

                                                                  ئانا تىل دېگەن نېمە

     ئاناتىل بالا تۇنجى بولۇپ ئۇچرىشىدىغان تىل، ئاتا – ئانا ئىشلىتىدىغان تىل،  ئۇل بولىدىغان تىل، تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرىدىغان ئەمەلىي قۇدرەتكە ئىگە تىل.
    ئانا تىل ئويلانغاندا، چۈش كۆرگەندە، سان سانىغاندا، كۈندىلىك خاتېرە يازغاندا، شېئىر يازغاندا ئىشلىتىدىغان تىل، يوشۇرۇن ئاڭ قاتلاملىرىغا سىڭىشىپ كەتكەن تىل،ئەڭ ئىشەنچلىك ھالدا ئەركىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل،ئۆز ئەزالىرىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان تىل.  
  ئانا تىل دىئالوگ ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماي،ئوگىنىش مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ، شۇنداقلا ئادەمدەبولۇش زۆرۈر بولىدىغان ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتىدا ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رولنى جارى قىلدۇرىدىغان تىل.

  ئانا تىلنىڭ خىزمىتى
ئانا تىل"ئاتا – ئانا" بىلەن "بالا" نى رىشتە بىلەن باغلايدۇ؛ ئاتا –ئانىدىن باشقا ئەتراپتىكى ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ؛ ئۆز ھېسسىياتى ۋە ئىرادىسىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ؛ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ؛ ئاتا –ئانىنىڭ قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرىدۇ؛ ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىدۇ.
  ئانا تىلنى ئىگىلەش
   ئانا تىلنى ئىگىلەش ھەرگىزمۇ ئاسان جەريان ئەمەس. مەسىلەن، "سۇ" دېگەن سۆزنى ئەستەتۇتۇش ئۈچۈن ئېقىۋاتقان سۇ، كۆلدىكى سۇ، يامغۇر سۈيى، ئىستاكاندىكى سۇ، مۇنچىدىكى سۇ دېگەندەك ھەر خىل مۇھىتتىكى "سۇ" لار بىلەن ئەمەلىي ئۇچراشمىسابولمايدۇ. مۇشۇ كەچمىش ئارقىلىق بالىدا "مۇشۇنداق نەرسە سۇدېيىلىدىكەندە" دېگەن پەرەز شەكىللىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ ئۆز پەرىزىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇشۇنداق مەشغۇلاتنى تەكرارئېلىپ بېرىش ئارقىلىق "سۇ" دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش دائىرسىنى بېكىتىدۇ.
       ئانا تىلىنى"كۈندىلىك دىئالوگ ئېلىپ بارالىسىلا، مۇشۇ جەرياندا تەبىئىي ئۆگىنىپ كېتىدۇ" دەپ ئويلاش خەتەرلىك. بالىغا ئانا تىل تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقامۇۋاپىق كېلىدىغان ياش ۋە مەزگىل بولىدۇ. ئاشۇ ياخشى پۇرسەت كېتىپ قالسا، ئانا تىل تەربىيەسى ئاتا – ئانا ۋە بالىدا زور ئىنېرگىيە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  تۆۋەندە ئانا تىل تەربىيەسىگە ماس كېلىدىغان ياش ۋە مەزگىل ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
ياش ۋە ئانا تىلنىڭ شەكىللىنىىشى
         گەرچە تۆۋەندىكىلەر كەسپىي مەزمۇنلاربولسىمۇ، ئىككىنچى تىل مائارىپىدا ئۇل بولىدىغان ئانا تىلنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلگىسى بارلار ئۈچۈن بايان قىلىمەن:
    بىرىنچى:  تىل شەكىللىنىشتىنئىلگىركى مەزگىل
     0 ياشتى 2ياشقىچە، بۆشۈكتىكى مەزگىل (ئاتا – ئانىلا سۆزلەيدىغان مەزگىل):بۇ مەزگىلدە ئاتا – ئانىنىڭ  مېھىر – مۇھەببەت   بىلەن ساپ ئانا تىلدا (ئىشەنچكە تولغان تىلدا)بوۋاققا گەپ قىلىشى ھەممىدىن مۇھىم.
      3 ياشتىن4 ياشقىچە، بالا ئۆيى مەزگىلى (تىلى ئۆزلىكىدىن ئىشلىتىپ ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەنئاكتىپ ئۇچرىشىدىغان مەزگىل ):بۇ مەزگىلدە بالىنىڭ سۆزلىكى كۈندىن كۈنگەكۆپىيىدىغان بولۇپ، تىل ئارقىلىق ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنى، تىل ئارقىلىق ئويلىنىشنى ئۆگىنىدۇ. بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى بولۇشمۇ مۇشۇ چاغدا بەلگىلىنىدۇ.  مۇشۇ مەزگىلدىكى "پاراڭلىشىش" بەكلامۇھىم. قانداقلا "پاراڭلىشىش" بولسۇن بۇنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى نەتىجە بىلەن زىچ مۇناسىۋېتى بار. سانغا قارىغاندا سۇپەت بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى كۈچلۈك.
       5 ياشتىن6 ياشقىچە، دوستلىرى بىلەن ئوينايدىغان مەزگىل (ئىجتىمائىيلىقى تەرەققىي قىلىپ قۇرداشلىرى بىلەن ئوينىيالايدىغان مەزگىل):بۇ مەزگىلدە ئىجتىمائىيلىقى تەرەققىي قىلىدىغان بولۇپ، "پەرەزلىك ئويۇن" ئوينىيالايدىغان، كوللېكتىپ تۇرمۇشقا كىرەلەيدىغان بولىدۇ. تىلنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، سۆز ئويۇنىنىمۇئوينىيالايدىغان بولىدۇ. يېزىققا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، بۇمەزگىلدە ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇتۇش مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ.

        ئىككىنچى: تىل شەكىللەنگەندىن  كېيىنكى مەزگىل
      7 ياشتىن 8 ياشقىچە، مەكتەپتىكى دوستلىشىش مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى(ئاتا – ئانىسىدىن كۆرە مەكتەپتىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىنى بەكرەك قۇبۇل قىلىدىغان مەزگىل): بۇ مەزگىل ئېغىز تىلى پىششىقلىنىدىغان، ئوقۇش – يېزىشنىڭ ئاساسىنى سالالايدىغان مۇھىم مەزگىل. بۇ مەزگىلدە بالىغا نىسبەتەن ئاتا – ئانىغا قارىغاندا دوستلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما يەنىلا ئاتا – ئانا بىلەن بالىنىڭ پاراڭلىشىشى، پىكىرئالماشتۇرىشى مۇھىم بولۇپ، بىرلىكتە تېلىۋىزور كۆرۈش، بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش شەكلىدە پاراڭلىشىش بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
       9 ياشتىن12 ياشقىچە، مەكتەپتىكى دوستلىشىش مەزگىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى (ئاتا – ئانىسىدىن كۆرەمەكتەپتىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىنى بەكرەك قۇبۇل قىلىدىغان مەزگىل) : باشلانغۇچ 3 –يىللىق ئەتراپىدا بالىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش ھېسسىياتى ئۇرغۇيدۇ، ئۆز – ئۆزىنى ئويغىتىدۇ، ئۆگىنىشكىمۇ ئۆزلىكىدىن ئىنتىلىدىغان بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى يېتىلىدىغان بولۇپ، ئابستراكىت مەزمۇنلانىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ.

       ئۈچىنچى: تىلنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ۋاقىت
      13 ياشتىن 15 ياشقىچە، مەھەللىلەشكەن مەزگىل:بۇ مەزگىل مەكتەپ تۇرمۇشى ئارقىلىق مەزكۇر رايوندا  يىلتىز تارتىدىغان مۇھىم مەزگىل. بۇ مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە دوستلاركوللېكتىپىدۇر. شۇڭا، مۇشۇ مەزگىلدە تىل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشى كىشىلىك تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
  ئىككىنچى تىل مائارىپىدىكى ئاناتىلنىڭ رولى
     ھەرقانداق ئىشتائاساس مۇھىم بولغىنىدەك، تىل ئۆگىنىشتىمۇ ئانا تىل (دەسلەپكى تىل ) مۇھىم رول ئوينايدۇ.  ئانا تىل ئاساسىنىڭ پۇختابولىشى ئىككىنچى تىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلەشنىڭ ئاچقۇچى. ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۈچىنچى، تۆتىنچى چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىشمۇ تېزلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئانا تىلدىكى يېرىم – يارتىلىق باشقا تىللارنى چالا – بولائۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ يەردە ئانا تىلنىڭ ئۇلىنى پۇختا سېلىش ئىنتايىن مۇھىم.ئانا تىل ۋە ئانا مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىنى سېلىۋاتقان مەزگىلدە ئىككىنچى تىل مۇھىتىغاكىرىش ئانا تىل ۋە ئانا مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدۇ.
aa.png

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 18:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ قولىڭىزغا ۋە ئۆزىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم ، پات پات سىز يوللىغان ئىلمى تەرجىمىلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتىمىز ،
بىرەيىڭلار بۇ ماقالىنى يانفۇن پى دى ئېف كىتاپقا ئايلاندۇرساڭلارچۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

11

دوست

1959

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   95.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25207
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 18:56:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئەجرىنى بەرسۇن،تىما ئىگىسىگە رەھمەت

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 20:14:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   niku تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 21:35  

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرى ۋە مەزكۇر مۇنبەردىكى پەزىلەتلىك ۋە مەردانە تور ئاھالىسى، ھەممىڭىلارغا niku دىن سالام.
     باغداش مۇنبىرى كاتتا مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن غايەت زور ئېنىرگىيە جۇغلاپ بەردى. باغداش سورۇنى ئىتتىپاقلىق سورۇنى بولدى، مۇھاكىمە سورۇنى بولدى، جازا سورۇنى بولدى.
     مەن باغداشتىن پەخىرلىنىمەن، ئانا تىلىمىزدىكى مۇشۇ مەنبەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈمىدلىنىمەن. چۈنكى جانىجان ھوقۇق - مەنپەتىمىز ھېسابىدىكى ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇنىڭدەك كۈچىگەن مۇنبەرنى ئەسلەش ئىمكانى يوق. مېنى تورغا ئېلىپ كىرگىنىمۇ باغداش مۇنبىرى، چۈنكى بۇ جايدا ھەق ھوقۇقلار ھەققىدىىكى مۇنازىرىلەر باركەن، پەزىلەتلىك تور ئاھالىسى باركەن، ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەت چاقنايدىكەن. ئاللاھ خالىسا باغداش مۇنبىرى بىلەن ياندىشىپ مېڭىش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
    يېقىندا بلىمگاھ bilimgah نامىدىكى ئۈندىدار سۇپىسىنى باغداشنىڭ ھەققانىي ۋە مەردانە ھالىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئەتراپقا باغداش بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلتۈردۈم. مېنىڭچە ھازىرقى ھالىتىمىزدە بۇنداق سورۇن ۋە مەنبەلەرنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى، بىرلىكتە كۈچەش تەسىرنى ئاشۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىمىزنى رېئاللاشتۇرۇش ۋە ئانا تىلنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسى زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.  مېنىڭچە ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىۋاتقان مۇنبەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرى رىقابەتلىشىشى كېرەك، بۇ يەردىكى رىقابەت قانداقتۇر يازما ۋە سۆھبەتلارنىڭ موللىقىنى ئۆلچەم قىلماي، ئالدى بىلەن ھوقۇق - مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا قانچىلىك كۈچىگەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بولغاندا "باغداش" سەركە مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ. مەن دەل مۇشۇ سەركە مۇنبەرگە ياندىشىش مەقسىتىدە "بىلىمگاھ" bilimgah ئۈندىدار سۇپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردۈم (ئىزدەش نومۇرى: bilimgahBBS). پەزىلەتلىك تور ئاھالىسىنىڭ بۇ سۇپىنى قوشۇۋېلىپ، پەزىلەتلىك ئۈندىدار ئاھالىسى بولىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. نۇرغۇن ھەققانىي ۋە مەردانە قىسقا يازمىلار قەرەلسىز ھوزۇرۇڭىزلاردا بولىدۇ. بۇ ئىشمۇ  سىزلەرنىڭ قوللىشىڭىزلار تەقەززا.  
      

3

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26108
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 20:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   seper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 20:39  


0

تېما

0

دوست

167

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24595
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 20:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4809
توردىكى ۋاقتى: 1400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 20:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكو قېرىندىشىم، ناھايىتى ياخشى بىر پايدىلىنىش قىممىتى بار يازما يوللاپسىز.سىزنىڭ يازمىڭىزنى خۇيمۇ سېغىنغان ئىدۇق.

2

تېما

0

دوست

359

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   29.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25992
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 21:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسىرلەردىن ھالقىدىڭ چاپچىپ،
    تەبرىكلەيمەن   ئانا  تىل   سىنى.
    تالاي جۇدۇن - چاپقۇنلار كېزىپ،
    بۇلۇپ كەلدىڭ ئۇيغۇرنىڭ جىنى.

    مەھمۇد بۇۋام ياڭراتقان<دېۋان>،
    پاساھەتلىك   ئۇيغۇرنىڭ   تىلى.
    يۈسۈپ بۇۋام<بىلېك>كى ھەر ئان،
    ئۇيغۇرۇمنىڭ   ھۈجەيرە  ،  قىنى.

   قەسىرلەردە   ۋەيا      قاقاستا،
   تالاي ئەجداد سۈزلىگەن نۇتۇق.
   ئانا  تىلدا  ئۇرغۇتۇپ  ۋىجدان،
   يۈرۈشلەردە   قازانغان   ئۇتۇق.

   ئانا تىلنى قۇغدىماق ئۇلۇغ،
   تىل جۇتلۇقى تۇتمىسۇن بىزنى.
   يۈز كىلەيلى ئۇيغۇر تىلىغا،
   ئەجدادلارنىڭ بۇيلاپ ئىزىنى.

   
   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )