سۇڭ جىياڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبى قەيەردە؟
ئابدۇقەييۇم ئوبۇلقاسىم
سۇڭ جىياڭ ھامان مەغلۇپ بولىدۇ، ئەمەلدە مەغلۇپ بولدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سۇڭ جىياڭنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا رىياكىرانە ھالدا كۆپ ئادەم يېغىلىشقان سورۇنلاردا ساخاۋەت قىلىپ ”شىپالىق يامغۇر“ لۇق”ماقامى“غا يىتىپ مۇناسىۋەت تورىغا ئاساس سالغان. لاڭشەنگە چىققاندىن كىيىن "تەڭرى يولىدا ئادالەت كۆرسىتىش" تۇغىنى ئورناتقۇزۇپ مۇناسىۋەت تورىنى چىڭىتقان. ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى مۇناسىۋەت ۋە يۇقۇرىغا يامىشىش ئۈچۈنلىدۇر. ماھىيەتتە لاڭشەن تۇراسىنىڭ ئېلگىرىكى ئاتامانى ۋاڭ لۈن بىلەن كىيىنكى ئاتامان سۇڭ جىياڭنىڭ پەزىلەتتە ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، ۋاڭ لۇن تاققا-تۇققاسۆزلىرى ۋە سوۋغا سالاملارنى يوللۇق تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ لىن چۇڭ تەرىپىدىن بېشىنى يىگەن. ئەمما سۇڭ جىياڭ مۇددىئاسىنى پاساھەتلىك مەمەدانلىقىغا، "شىپالىق يامغۇر"لىقىغا، "تەڭرى يولىدا ئادالەت كۆرسىتىش" قا يۇشۇرغان قاقباش بولۇپ،ھېچقانداق چاندۇرمىغان. ئەمما ئاخىرى "تەڭرى" تەرىپىدىن ئۆزى ۋە يارەنلىرى قوشۇلۇپ بىر مۇنچە ئادەم ھالاك بولغان. پىكىرداشلارغا مۇنداق بىر كۆرۈنۈشمۇ سىر قالمىسۇنلاركى، سۇڭجىياڭ بىر قىسىم "يارەنلىرى" بىلەن "پەتەك يولۋاس"ۋاڭ يىڭنىڭ كۈلبىسىگە يولۇققاندا، بىر تونۇش ئايالنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ،ئۇلار بۇ نەق مەيدانغا بارغاندا "ئۇچقۇر يولۋاس" بۇ ئايالنىڭ نومۇسىغا تىگىشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقانىكەن، بىراق سۇڭ جىياڭ باشلىق كەلگەن كىشىلەر بىلىشتىكى، بۇ ئايال ئۆزى تۇنۇيدىغان تۆرىنىڭ ئايالى ئەمەس، باشقا بىر ئوردائەمەلدارنىڭ ئايالى بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار بۇ ئايالنى نومۇستىن قۇتقۇزىۋالماي، يېنىشىپ چىقىدۇ. مىڭ ئەپسۇسكى، سۇڭ جىياڭ ئۆز مۇناسىۋەت تورى ئۈچۈنلا ئادالەتنى ياقىلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۇللى ئىنسان ئۈچۈن ئادالەت ياقىلاش ئۇنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەگەر سۇڭ جىياڭنىڭ ئويى بۇيىچە ئوردا ئەمەلدارىنىڭ ئايالىنىمۇ ئوخشاشلا بىر تاياقتا ھەيدەشكە ئورۇنسا، مىسىر تارىخىدىكى فىرئەۋننىڭ ئايالىنىڭ خاراكتىرىگىمۇ نوقسان يەتمەمدۇ! مانا بۇمىسال سۇڭ جىياڭ مەغلۇبىيىتىگە ۋاستىلىق سەۋەب بۇلۇشقا كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەمنى شەخسى كۆزقارشى بۇيىچە ئىش يۈرگۈزۈشكە قويۇپ بەرسەك، جەمئىيەت شۇنداق بىر جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇكى، بۇزۇقچىلىق،ئىپلاسلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىلىدىغانلارنىڭ كۆز قاراشلىرى توغرا پەلسەپىگە ئايلانغاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان جەمئىيەت پەيدا بۇلىدۇ. مىسالەن، ئوغرى-قاراقچىنىڭقارشى بۇيىچە بولغاندا، ھەممە ئادەم راھەت ئۇيقىغا كەتكەندە، ئۇ جاپا تارتىپ ئوقەتكە ئىرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا بولۇپ قالىدۇ، پاھىشە ئايالنىڭ قارشىچە بولغاندا، ئۇ يات جىنىسلارغائېستىك زوق بەرگەن، سىرتلاردا جەمئىيەت ھۆسنىگە "ھۆسۈن" قوشقانلىقى توغرا بولۇشى كېرەك بولۇپ چىقىدۇ. پالچى-پىرىخۇلار "ئېلىم-پەن" ئىجادىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرغان تېخنىك ياكى كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىغا چاڭگال سالالايدىغان داڭلىق پىسخولوگقا ئايلىنىپ، قابىل،ئىقتىساس ئىگىسى بولۇپ كىتىدۇ، سۇڭ جىياڭ يەنىلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە"ئاتامان" بولۇۋىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ھالەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە، ماكرو جەھەتتىن كۇللىي ئىنسانىيەتكە، نىسپىي جەھەتتىن بىر جەمئىيەت توپى ئىچىدىكى ئومۇم ئاۋامنىڭ ئىدىيە-ھەرىكىتىگە چەك قويالايدىغان ۋە ئىجابىي يىتەكلەش كۈچىگە ئىگە يېڭى ئىدىيە،شۇنداقلا پەلسەپىۋى نەزىرىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن كۆزقاراشلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك.
|