قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5317|ئىنكاس: 14

ياپۇنلۇقلارنىڭ بالا تەربىيلىشى( ياپۇنچىدىن تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 00:47:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                     
ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان بالا تەربىيەسى

[1] (ياپونچىدىن تەرجىمە)

ئىلاۋە:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرى ۋە مەزكۇر مۇنبەردىكى پەزىلەتلىك ۋە مەردانە تور ئاھالىسى، ھەممىڭىلارغاniku دىن سالام.
      باغداش مۇنبىرى كاتتا مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن غايەت زور ئېنىرگىيە جۇغلاپ بەردى. باغداش سورۇنى ئىتتىپاقلىق سورۇنى بولدى، مۇھاكىمە سورۇنى بولدى، جازا سورۇنى بولدى.
      مەن باغداشتىن پەخىرلىنىمەن، ئانا تىلىمىزدىكى مۇشۇ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈمىدلىنىمەن. چۈنكى جانىجان ھوقۇق - مەنپەتىمىز ھېسابىدىكى ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇنىڭدەك كۈچىگەن مۇنبەرنى ئەسلەش ئىمكانى يوق. مېنى تورغا ئېلىپ كىرگىنىمۇ باغداش مۇنبىرى، چۈنكى بۇ جايدا ھەق ھوقۇقلار ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر باركەن، پەزىلەتلىك تور ئاھالىسى باركەن، ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەت چاقنايدىكەن. ئاللاھ خالىسا باغداش مۇنبىرى بىلەن ياندىشىپ مېڭىش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
     يېقىندا بلىمگاھ bilimgah نامىدىكى ئۈندىدار سۇپىسىنى باغداشنىڭ ھەققانىي ۋە مەردانە ھالىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئەتراپقا باغداش بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلتۈردۈم. مېنىڭچە ھازىرقى ھالىتىمىزدە بۇنداق سورۇن ۋە مەنبەلەرنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى، بىرلىكتە كۈچەش تەسىرنى ئاشۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. قانۇندابەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىمىزنى رېئاللاشتۇرۇش ۋە ئانا تىلنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسى زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭچە ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىۋاتقان مۇنبەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرى رىقابەتلىشىشى كېرەك، بۇ يەردىكى رىقابەت قانداقتۇر يازما ۋە سۆھبەتلارنىڭ موللىقىنى ئۆلچەم قىلماي،ئالدى بىلەن ھوقۇق - مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا قانچىلىك كۈچىگەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بولغاندا "باغداش" ھازىر سەركە مۇنبەرھېسابلىنىدۇ. مەن دەل مۇشۇ سەركە مۇنبەرگە ياندىشىش مەقسىتىدە "بىلىمگاھ"bilimgah ئۈندىدار سۇپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردۈم(ئىزدەش نومۇرى: bilimgahBBS). پەزىلەتلىك تور ئاھالىسىنىڭ بۇ سۇپىنى قوشۇۋېلىپ، پەزىلەتلىك ئۈندىدارئاھالىسى بولىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. نۇرغۇن ھەققانىي ۋە مەردانە قىسقا يازمىلار قەرەلسىز ھوزۇرۇڭىزلاردا بولىدۇ. بۇ ئىشمۇ سىزلەرنىڭ قوللىشىڭىزلار تەقەززا.

___________________________________________________________________________________________________________________

ياپونلارنىڭ بالىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان قىلىش ھەققىدىكى تەھلىللىرى
ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:niku
                           
1
      بالىنى ئۆز كۈچىگەتايىنىدىغان قىلىش خۇددى گۈل بېقىشقا ئوخشايدۇ. گۈل بېقىشنىڭ ئۆزى تۇپراققا، سۇغا، قۇياش نۇرىغا، ئۇرۇققا ئېھتىياجلىق.بۇنى ئائىلە مۇھىتىغا ئەكىرىم كۆرۈپ باقايلى:
     تۇپراق = [ئائىلە مۇھىتى]،   سۇ = [مۇھەببەت]،  قۇياش نۇرى = [ئەتىراپتىكى مۇھىت]،  ئۇرۇق = [بالا].
ئەگەر، بالىڭىزنى ئۆزكۈچىگە تايىنىدىغان قىلىمەن دېسىڭىز، ئاۋۋال گۈلنى قانداق باقسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىڭ. گۈل باققۇچى ئەمدىلا بىخلانغان گۈلنى مەجبۇرى تارتىپ ئۆستۈرسە بولمايدۇ. گۈلگە تۇپراق، سۇ، قۇياش نۇرى قاتارلىقلار بېرىلسىلا ئۇتەبىئىي رەۋىشتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ھازىرقى ئاتا - ئانىلار بالىنى ئۆز كۈچىگەتايىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن بالىغا ئۇنى – بۇنى مەجبۇرلايدۇ، بېسىم قىلىدۇ. مەسىلەن،"كۇرۇسقا بار، پىئانىنو ئۆگەن، نۇقتىلىق مەكتەپكە ئۆت، ئۆگىنىش قىل"دېگەندەك.
        بالائۆزلىكىدىن ئىنتىلىپ ماڭغىنى ياخشى. مەسىلە دەل "مەجبۇرلىنىشتا" يۈزبېرىدۇ. مانا بۇ كىچىككىنە بىخلانغان گۈلنى قول بىلەن تارتىپ تېخىمۇ تېز ئۆسۈشكەيولسىزلارچە ئۈندەش ھېسابلىنىدۇ.  بۇنداق قىلغاندا گۈل بىخ تۇرۇپلا سولىشىدۇ، ياكى قۇرۇيدۇ. گۈل باققاندا تۇپراق، سۇ، قۇياش نۇرى بولسىلا كۇپايە. بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرلا بېرىلسە، كېيىن ئۆز كۈچى ئاساسىدا ئۇرۇق بىخ چىقىرىدۇ، غولى ئۇزۇراپ يېتىلىشكە باشلايدۇ.
         بالىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان قىلىشتا ئاتا – ئانا قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا ئائىلەمۇھىتى (تۇپراق)، مۇھەببەت (سۇ)، ئەتراپتىكى مۇھىت (قۇياش نۇرى) دېگەنلەرنى ھازىرلاش.  مۇشۇ ئۈچ نەرسە پاكىز ھالەتتەبالىغا بېرىلسە، بالا ئۆزلىكىدىن ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكەقىزىقىدىغان، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە كىرىشىدىغان بولىدۇ.
2
     بالا ئۆگىنىشنى مەكتەپتە،ھېسسىياتنى ئائىلىدە ئۆگىنىدۇ. بالىغا نىسبەتەن مۇھىمى ئائىلە مۇھىتى. ئائىلە بالىلارئەڭ خاتىرىجەم بولالايدىغان، ئەڭ "ئاساسى ھېسسىيات" نى ئۆگىنەلەيدىغانئورۇن. بالا ئائىلىدە باشقا ھېچقانداق جايدا ئۆگەنگىلى بولمايدىغان نەرسىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇ دەل "ھېسسىيات" تۇر.
      مۇنداق بىرقىزىقارلىق سوئالنى سورىشىمغا ئىجازەت بەرسىڭىز. سىز "ئۆگىنىشنى" نەدەئۆگەنگەن؟ ئەلۋەتتە ئۆگىنىشنى مەكتەپتە ئۆگەنگەن بولىسىز. ئۇنداقتا مۇنۇ سوئال تېخىمۇ مۇھىمدۇر: سىز "ھېسسىيات" نى نەدە ئۆگەنگەن؟ بۇنداق سوئاللارئاسانلىقچە سورالمايدۇ، ئەمما سوراپ كۆرىدىغان بولساق بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىدىغان سوئال بولىدۇ. ئۆگىنىشىنى مەكتەپتە ئۆگىنىدىغانلىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېسسىيات ئاساسەن ئائىلىدە ئۆگىنىلىدۇ.
      بىز مەلۇم دەرىجىدەچوڭ بولۇپ ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان بولغاندا ئادەمگە خاس ھېسسىياتنى ئۆگىنىمىز. رېئال دۇنيادا قايسى سورۇندا نېمىگە قانداق خۇش بولۇشنى،نېمىگە قانداق تەشەككۈ ئېيتىشنى، نېمىگە قانداق ئاچچىقلىنىشنى ئۆگىنىمىز. بۇ خىل ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. بالا ئاتا – ئانىسىنى كۆرۈپ ئۆگىنىدۇ.بالا ئانىسىنىڭ مۇلايىم  مۇئامىلىسىدىن"مۇلايىملىق" نى ئۆگىنىدۇ؛ بالا قىينچىلىقتا قالغانلارغا ياردەمبەرگەننى كۆرگەندە "ھېسداشلىق" نى ئۆگىنىدۇ؛ بالا ئاتىسىنىڭ بېرىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ "مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى" نى ئۆگىنىدۇ؛ بالائەسكى ئىش قىلىپ دادىسىدىن تىل ئىشىتكەندە بولسا "سۈر – ھەيۋە" نى ئۆگىنىدۇ. بالا بەزىدە يىغلىشى، بەزىدە ئاچچىقلىنىشى، بەزىدە قايغۇرىشى، بەزىدەشادلىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق مۇھىتنى ھازىرلىيالىغان ئائىلە كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلەمۇھىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. دېمەك، بالا ئۆگىنىشنى مەكتەپتە، ھېسسىياتنى ئائىلىدەئۆگىنىدۇ.
3  
     ھازىر ئۆز كۈچىگە تايىنالمايدىغان بالىلار كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ غايىسى ياكى قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق بولۇپ، ھەمىشە ئاتا – ئانىسىنىڭ ياردىمىگە بېقىنىدۇ.
     تاراتقۇلار ئۆز كۈچىگەتايىنالمايدىغان ئادەملەرنىڭ بولىشىنى بىر يامان مەسىلە دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما،ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۆز كۈچىگە تايىنالمايدىغان بالىلارنىڭ بولىشى ھەرگىزمۇ يامان مەسىلە ئەمەس.  بۇ يەردىكى يامان مەسىلە بولسا بالىغا ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى ئۆگىتەلمىگەن ئاتا – ئانىلارنىڭ بولغانلىقىدا. ئۆزكۈچىگە تايىنالمايدىغان بالىلار ئېنىقكى ئاتا – ئانىلارنىڭ "ئاسىراندى بالا" تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى. بالا ھەمىشە ئاسىراندى تەربىيەنى قوبۇل قىلغاچقا، ھاياتنىڭ مۈشكۈللىرىگە بولغان ئىمونىت كۈچ سەپلەنمەي يېتىلىدۇ.جەمئىيەتكە چىققاندا ئىمونىتسىز بولغانلىق سەۋەبتىن ھەمىشە ئازابقا ۋەمەغلۇبىيەتكە دۇچار بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا قارىتا ئاسىراندى تەربىيەنى ئېلىپ بارىدىكەن، ھەرقانچە قىلسىمۇ بالىلىرىغا ئىمونىت كۈچى سەپلىيەلمەيدۇ.
      بالىنىڭ قىزىقىش – ھەۋەسلىرى مول بولىدۇ. تالا سوغۇق بولسىمۇ يۈگۈرەپ چىقىپ ئوينايدۇ؛ ئانچە – مۇنچە خەتەرلىك جايلاردىمۇ خەتەرگە پىسەنت قىلماي سەكرەپ – تاقلاپ ئوينايدۇ. ئەلۋەتتە يىغلايدىغان، يارلىنىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىدۇ. مۇشۇ چاغدابال ئاتا – ئانىسىغا ئەركىلىگىنى ياخشى. ئەركە تەربىيە بىلەن ئاسراندى تەربىيەنىڭ مەنىسى تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. بالا ئاتا – ئانىسىغا ئەركىلىسە بولىدۇ، ئەمما ئاتائانىسىنىڭ ئاسىراندىسى بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، "سىرتقا چىقىپ ئوينىغىم بار!" دېگەن بالىغا "سىرت خەتەرلىك ئوينىمىغىن" دېيىشنىڭ ئۆزى ئاسىراندى تەربىيەنىڭ ئىپادىسى. بالا خەتەرنى ئۆگىنىشىتىن ئىلگىرى خەتەرنى سىناق قىلىشتا دائىم ئىجازەتكە مۇھتاج بولسا ياكى ئىزچىل خەتەرگە يېقىن يولىتىلمىسا نورمال يېتىلەلمەيدۇ. بالا مۇئەييەن دەرىجىدە يارلىنىپ "ئاغرىقنى بىلىش"كە ئېھتىياجلىق. بالىنى مۇشۇنداق كەچمىشكە ئىگە قىلىش ساغلام يېتىلىشىنىڭ ئاساسى.
4
       بالىنى ئۆز كۈچىگەتايانغۇزىدىغان بىر سېھىرلىك سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ "ئاسان" دېگەن سۆزدۇر."ئاسان" دېگەن سۆز، بالىنىڭ قەلبىدىكى تەشۋىش ۋە ئىكىلىنىشنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان "سېھىرىك" سۆزدۇر. بالا قانداقتۇر يېڭى بىر ئىشنى ئويلىغاندا ياكى ئۇنى قىلغۇسى كەلگەندە ئاتا – ئانىسىغا مەسلىھەت سالىدۇ. سىزدىن"ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش تەسمۇ؟" دېگەن سوئال سورالغاندا، ئاتا – ئانابولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن "ئاسان" دەپ جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
      ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش ھەقىقەتەن تەس، ئەمما تەس بولسىمۇ "ئاسان" دەپ جاۋاب بېرىلگىنى ياخشى. ئەگەر،"تەس، ئاجايىپ تەس" دېگەن جاۋاب بېرىلگەن كۈنى بالا بوشىشىپ كېتىدۇ،سوئالمۇ چىققان يېرىگە قايتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بالىغا ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەربىيەسىنى ئىشلەش ئاتا – ئانىنىڭ خىزمىتى. مەن كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن دوستلىرىم مەندىن "كومپيۇتېر تەسمۇ" دەپ سورىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەن چوقۇم "ئاسان" دەپ جاۋاب بېرىمەن."ئاسان" دەپ بېرىلگەن جاۋابنىڭ تۈرتكىسىدە قارشى تەرەپتە "ئۇنداقتامەنمۇ قىلىپ كۆرۈپ باقايچۇ" دېگەن قىزىقىش ۋە تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى"ئاسان" دېگەن جاۋاب ئارقىلىق بالىنى "ھەرىكەت" كە تەكلىپ قىلىشتۇر. چۈنكى، ھەرىكەت يۈز بەرمىسە ھېچ نەرسىنىڭ باشلىنىشى بولمايدۇ. بالىنى ئۆز كۈچىگە تايانغۇزىدىغان ئاتا – ئانا بولسا بالىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەكلىپ ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئاتا – ئانىدۇر.
     پاسسىپ تەپەككۇردىكى ئاتا – ئانىلار ھەمىشە "ئۇمۇ تەس، بۇمۇ تەس، ھەممىسى تەس،دۇنيادا ئۇنداق ئاسان ئىش يوق" دەپ بالىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. ئاشۇنداق تەھدىتلىك جاۋابلار بالىنىڭ قەلبىدە "ئەندىشە" ئىزلىرىنى قالدۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىلچىمۇ ياخشى تەسىرى بولمايدۇ. بالا ئەندىشە تۈپەيلى ئازىراقمۇھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ.
    بالا جاپالىق كەچمىش جەريانىدا كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم ئۆگىنىشلەرنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش توغرا كېلىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سۆز دەل "ئاسان" دېگەن سۆزدۇر. "ئاسان"دېگەن سۆز بالىدا قىزىقىشنى، ھەرىكەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
5
        بالىنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى ئاتا –ئانىسۇدۇر. بالا ئاتا – ئانىسىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا تەقلىد قلىپ ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ. بالىنىڭ ئۆگىنىشى بولسا تەقلىد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاتا – ئانىلارنىڭ تەقلىدگە لايىقلىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
   بالىلارنىڭ تاماق يېيىش ئۇسۇلى،سالاملىشىش ئۇسۇلى، چوڭ يولدىكى پىيادىلەر سىزىقىدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى ۋە باشقاكۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاساسىي مەشغۇلاتلارنى ئۆگىنىشى ئائىلە مۇھىتىدىن باشلىنىدۇ."ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قويرۇق" دېگەندەك، بالا ئاتا – ئانىسىنى تارتىدۇ. ئاتا – ئانىنىڭ ھەرىكىتى، تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئەخلاقى، پەلسەپىۋى قاراشلىرى بالىغا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بالىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئاتا– ئانا بولغۇچى ئاۋۋال بالىغا ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئۈلگىسىنى كۆرسەتكىنى ياخشى.بالا ئۆز كۈچىگە تايىنالىغان ئاتا – ئانىدىن "ئۆز كۈچىگە تايىنىش" نى ئۆگىنىدۇ. تەقلىد قىلىشقا ماھىر بالا "ئۆز كۈچىگە تايىنىش" نىمۇ تەقلىد قىلىدۇ. بۇنداق بالا كەلگۈسىدە چوڭ قىيىنچىلىققا يولۇقسا "ئۆز كۈچىگەتايىنالىغان ئاتا – ئانىنىڭ" سىماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ– دە،تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
6
   ھازىرمۇ بالىنى ئارتۇقچە ئاسرىغۇچى ئائىلىلەر مەۋجۇت، مەۋجۇت بولۇپلاقالماي بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. بالىنى ئارتۇقچە ئاسراشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئاز پەرزەنتلىك بولۇشقا يۈزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر. ھازىر بىر ئائىلىدە بىر ياكى ئىككى پەرزەنتنىڭ بولىشى ئازلىق قىلمايدۇ. ئەمما، ئىلگىرى تۆت ياكى بەش پەرزەنتنىڭ بولۇشى كۆپلىك قىلمايتتى.
تۆت – بەش بالىغا بىرمۇ بىر دىققەت ئاغدۇرۇپ كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكىلى بولمايتتى. شۇڭىمىكىن، بالىلاردىن بىرمۇ بىر خەۋەر ئېلىش ئاۋارىچىلىقى ۋە يېتىشەلمەسلىك "ئۆزەڭ بىر نېمە قىل" دېيدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق " ئۆزەڭ بىر نېمە قىل" دەيدىغان تەربىيە ئۇسۇلى بالىنى بەكەرەك كۈچلەندۈرىدۇ.
    ھازىر بىر ياكى ئىككى بالا بولغاچقا ئاتا – ئانىنىڭ كۆزى بالىدىن ئۈزۈلمەيدۇ. كۆيۈنىش بالىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى جەمئىيەت كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر سۇسلىشىۋاتقان جەمئىيەت بولغاچقا، ئاتا – ئانىلارھەدېسىلا بالا بىلەن بىللە بولغىسى كېلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بالىنى ئاسراش ھېسسىياتى ئاتا – ئانا بولغۇچىغا نىسبەتەن ئەقەللى ھېسسىيات. ئەمما، ئارتۇقچەئاسرىغاندا بالىدا ئىمونىت كۈچ ھازىرلانمايدۇ. بالىغا ئىمونىت كۈچنى ھازىرلاتقۇزۇشبولسا بالىنىڭ تالادىكى خەتەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. سىرتتىكى خەتەربىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ھەقىقەتەن خەتىرى بار، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتىبولىدۇ. بالا خەتەرگە يۈزلىنىپ يارلانغان چاغدا ئاغرىقنى ھەقىقىي ھېس قىلىشنىئۆگىنىدۇ. بۇ ئاغرىقنى كىتاب ئوقۇش، باشقىلارنىڭ گېپىنى تىڭشاش ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمەلىي كەچمىش بولمىسا، ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
    مېنىڭ ئۆيۈم سەھرادا، سەھرا بولغاندىمۇ سېپى ئۆزىدىن سەھرا. تالاغا چىقساملا تاغنىمۇ، دەريانىمۇ، دېڭىزنىمۇ، ئېتىزلىقنىمۇكۆرەلەيمەن. مەن كىچىك چاغلىرىمدا تالادىن كىرمەي ئوينايتتىم. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن قېتىم يارلانغان. بىرسى ھەر ئۇۋىسىنى بۇزسا، ھەرە ئۇنى قوغلاپ چاقاتتى، ھازىرقى بالىلار كارتون فىلىمدىلا كۆرەلەيدىغان بۇنداق ئىشنى  مەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈگەن. ھازىر ئويلاپ كۆرسەم، بالىنىڭ يارلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تالاغا چىقىپ ئوينىغىلى قويىدىغان ئاتا – ئانىلار ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئاتا – ئانىلار ئىكەن.
    ئاتا – ئانام يارىلانسام قان چىقىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، تالاغا چىقىپ ئوينىشىمغا رۇخسەت قىلاتتى. بىر يەرلىرىمنى قانىتىپ كىرسەممۇ ئۇلارئاچچىقلانمايتتى، ئەكسىچە "كېرەك يوق، كېرەك يوق، ئانچىكى ئىشكەن. بۇنىڭغائۆلۈپ قالمايسەن" دەپ كۈلۈپ كېتەتتى. ئاغرىقنى بالا چاغلىرىمدىلا بېشىمدىنئۆتكۈزگەچكە، مەغلۇبىيەت، يارلىنىش ۋە ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئىمونىت كۈچۈمھازىرلانغان. ئەگەر، مەن ئارتۇقچە ئاسراش تەربىيەسىدە خەتەر بىلەن ئۇچرىشىشتائىجازەتسىز قالغان بولسام، ھازىرقى مەن بولماي قالاتتىم. ھازىر قاتتىق ئازابقادۇچار بولساممۇ شۇنچە روھلۇق تۇرالىشىم دەل بالىلىق چاغلىرىمدا نۇرغۇن ئاغرىقلارنىكەچمىش قىلغانلىقىم ۋە ئۇلارغا كۆنۈپ كەتكەنلىكمىدىن.
    بالنى ھەر ھالدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ تۇرايلى. بالىنى زەخمىلىنىشكەيۈزلىنەلەيدىغان روھقا ئىگە قىلايلى. بالا زەخمىلىنىش سەۋەبلىك كىشىلىك ھاياتقانىسبەتەن ئازىراق بولسىمۇ ئىمونىت كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ.
                              

بىلىمگاھ ئۈندىدار سۇپىسى

ئىزدەش نومۇرى: bilimgahBBS




3

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26108
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 14:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە- پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ مۇھىم مەكتەپ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

36

دوست

2932

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 850
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 14:48:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تىمىڭىزدىن بىرنى ئوقۇدۇم بۇ ئەسلى بىز ئاتا-ئانىلار ئۇگۇنىشكە تىگىشلىك دەرىسلىككەن

16

تېما

0

دوست

1548

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22327
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 14:51:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم نىكۇ قېرىندىشم
تەرجىمىڭىز ناھايىتى ئوبدان بوپتۇ،بولسا ياپۇنچىدىكى تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى
كۆزقاراشلارنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىشىڭىزگە تەشنابىز.
گېزى كەلگەندە سورىۋالاي بولسا ياپۇنچىنى ياخشىراق ئۆگىنىشتىكى تەجرىبىڭىزنى
ياخشى ئۆگىنىش ماتىرىياللىرى بولسا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
بولسا ياخشىراق ياپوننىڭ كىنولىرىنى تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4671
توردىكى ۋاقتى: 1363
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 15:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار تەربىيىسىدە تىڭىرقاپ قالغانلار ھەم ،كەلگۈسىنىڭ  ئىز باسارلىرىنى ئەسقاتىدىغان قىلىپ تەربىيەلەشتە ئىزدىنىۋاتقانلار  ئۈچۈن ياخشى پايدىلانما ئىكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

4

دوست

2282

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 241
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 03:12:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە- پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ مۇھىم مەكتەپ.ئائىلە تەربىيسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ھەممە ئاتا-ئانىنىڭ ھەم يۈكسەك مەسئۇلىيتى ھەم مۇقەددەس مەجبۇرىيتى.

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 18:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                               7  

                          ئاتا – ئانا كۈلسە، بالا خاتېرىجەم بولىدۇ.
      "كۈلكە بار ئائىلە بەختلىك ئائىلە" دېگەن گەپلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، ھەقىقەتەن شۇنداق. بەختلىك بولغاچقا كۈلىدۇ، دېگەندىن كۆرە كۈلگەچكە بەختلىك بولالايدۇ دېگەن تۈزۈك. كۈلكە بولغاندا بەختلىك ئائىلە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۈلكىدە قىزىقارلىق سېھرىي كۈچ بار، يەنى "غەم – ئەندىشىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان كۈچ" بار.
       مەن تولۇق ئوتۇرا مەزگىلىمدە تەنتەربىيە دەرسىدە  تورنىكتىن يەرگە چۈشۈش  مەشىقى قىلىپ مەغلۇپ بولغان، ھەمدە كۆكرەك سۈڭىكىمگە دەز كەتكەن ئىشمۇ بولغان. مەن "بۇ بەك يامان بولدى!" دەپ ئەنسىرەپ، ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ئاپامغا ھەممىنى ئېيتتىم. ئاپام "ھا ھا ھا، ھۇ پالاكەت، ئەتتىڭگە قارغىنە" دەپ كۈلۈپ كەتكەنىدى. دەسلەپتە سەل قورقۇمسىرغان بولساممۇ، ئەمما ئاستا – ئاستا ئەندىشەم يوقالغانىدى. ئاپامنىڭ كۈلكىسى ماڭا مەن ئويلىغانداق چوڭ ئىشنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدۇرغانىدى. مەن قورقۇنۇش پەسەيگەندە ئاپانىڭ "مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ ھۇدۇقۇپ، جىددىيلىشىش كەتتىڭما، ھا ھا ھا" دەپ كۈلىشى، مېنى تولۇق ئەسلىمگە قايتۇرغانىدى. ئەمەلىيەتتە ۋەھىمىنى ئۆزەم ئاشۇرۇۋەتكەننىدىم. ئەگەر، ئاپام ئاشۇرۇپ ئەندىشە قىلغۇچىلاردىن بولسا ئىدى، مەن ھەر قېتىم بىرەر پىشكەنلىككە يولۇققاندا ماڭا "نېمە قىلغىنىڭ بۇ" دەپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ساۋاق بەرگەن بولاتتى.
       ئەگەر بالىغا مۇشۇنداق ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ساۋاق بېرىلسە، بالا "شۇنداق چوڭ چاتاق تېرىپ قويدۇممۇ نېمە؟ قانداق قىلارمەن؟ ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟" دېگەندەك ئارتۇقچە تەشۋىش ۋە ۋەھىمىگە پېتىپ قالىدۇ. ئەگەر بالىغا "بۇ قانچىلىك ئىشتى، بۇنىڭغا ئادەم ئۆلمەيدۇ" دەپ تەسەللىي بېرىلسە ۋە بالىنىڭ جىددىيلىك پەسەيگەندە ئاتا – ئانا بالىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ چىرايىدا كۈلكە جىلۋە قىلسا، بالىدىكى ئەندىشە نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كېتىدۇ.
        نېمىلا دېگەن بىلەن بالىدىكى غەم – ئەندىشىنى تۈگىتىش ئاتا – ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.

0

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26534
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 14:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پايدىلانما ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )