قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3857|ئىنكاس: 82

تاشپولات: سىز ئانا تىلىمىزغا قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىسىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئانا تىلىمىزغا قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىسىز؟

تاشپولات روزى

ئالدى بىلەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! لوس ئانجېلېسقا باھار يېتىپ كېلىپ ئېتىراپىمىز يېڭى چېچەكلەر بىلەن پۈركىلىپ، ئانا تىل بايرام كۈنىگە تېخىمۇ ئېسىل تۈسلەرنى قوشتى! بۇ ئانا تىل بايرام كۈنىگە ھويلامدىكى بۈگۈن ئەتىگەن تارتىلغان ئىككى پارچە رەسىمنى سىلەرگە  سوغا قىلدىم (ھويلامدا 27 تۈپ ھەر خىل مېۋە دەرىخى بار) ئۇنۇڭدىن ھۇزۇرلىنىڭ!

photo1.jpg
photo2.jpg

رەسىمدە ئوڭ تەرەپتىن شاپتۇل دەرىخى، ئالگرات دەرىخى.

مەن باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئانا تىلىمدا ئوقۇپ بىلىم ئالغانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانا تىلىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن! ئانا تىل ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىملەر بەكمۇ چوڭقۇر بولۇپ مىڭىمىزنىڭ قات-قات يەرلىرىگىچە ئورۇنلىشىپ كېتىدىكەن. مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئانا تىلىدا دەرس ئۆتەتتى. ئۇ چاغلاردىكى سىنىپلاردا سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىم دەرسلەرنى ناھايىتى قىزىقارلىق خۇش چاقچاقلار ئىچىدە ئۆتەتتى. سىنىپتا بېرە ئادەمنىڭ ئۇخلاپ قالىدىغان، دەرسكە خوش ياقماي كەلمەيدىغان ئىشلار ئاساسەن كۆرۈلمەيتتى. ھەتتا ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشلاردا ئۆتكەن دەرسلەر توغرىلىق ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتۇق. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ چاغدىكى مۇھىت ئاجايىپ جانلىق ئىدى. مەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش جەريانىدا قالتىس داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بىلىمى چوڭقۇر بولسىمۇ بىراق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى مېنىڭ ئانا تىلىمدا دەرس بەرگەن ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ يىراقتا تۇرىدۇ. دەرس دېگەننى خۇشال-خۇرام، قىزىقارلىق ئىچىدە ئۆتمىسە ئۇنۇڭ ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرغان بىلىمى سۈز بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنىڭ كىچىكىدىن بىلىمگە قىزىقىشى تۆۋەنلەپ كېتىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇلىرى يوقاپ كېتىدۇ.

مەن 1990-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ  ياپونىيەدە 10 يىل تۇرۇپتىمەن. ئامېرىكىغا 2000-يىلى كەلدىم ھازىر بۇ دۆلەتتە تۇرغۇنۇمغا 13 يىل بولدى. مۇشۇ چەت ئەل ھاياتىمدا ئۆيدە پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى خەت ئالاقىلەر بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىم بولسۇن ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. مەن ئۆيدە بېرە قېتىممۇ ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ سۆز قىلىپ باققان ئەمەس. بەزى ۋاقىتلاردا قىزىم بىلەن ئوغلۇم ئىنگلىزچە  ياكى ياپونچە سۆزلەپ سوئال سورايدۇ بىراق مېنىڭ جاۋابى پەقەت ئانا تىلىدىلا بولىدۇ. بۇنداق روھنىڭ قانداق بەدىنىمگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن!  بەلكىم بۇ روھ ئاشۇ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانام ھەم ئۇستازلىرىمدىن كەلگەندۇ! :)  مېنىڭ بۇنداق ئانا تىلىمنى قوغدىشىمغا 23 يىل بولۇپتۇ! بەلكىم مېنىڭ مۇشۇ قايىللىقىم مېنىڭ چەت ئەلدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا تۈرتكە بولغان بۆلىشى مۇمكىن. بۇنى يېزىۋېتىپ ئۆزۈمدىن خېلى پەخىرلىنىپ قالدىم دېسە!

بىز ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى  خەلقئارا ئانا تىل كۈنى دەپ بېكىتىپ ئۇنى تەبرىكلەۋاتىمىز. بۇ ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش ئىنتايىن ياخشى ئىش بىراق بۇ تەبرىكلەش بىر كۈنلۈك شوئار بولۇپ قالماسلىق لازىم. مەن FB (چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان ئالاقە قورالى) دىكى دوستلارنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن ئۇلارنىڭ خېلى كۆپى ئانا تىلىدا خەت يازىدۇ. بىراق يەنە خېلى كۆپ دوستلار ئىنگلىزچە خەت بىلەن ئالاقە قىلىشىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۆزئارا خەت ئالاقە قىلغاندا باشقا بىر تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق چۈنكى سىز ئانا تىل قوغدىغۇچىسى ئەمەسمۇ! ئەگەر دوستىڭىز ئۇيغۇر بولمىسا ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن شۇلارنىڭ يېزىقىدا ئالاقە قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بەلكىم بەزىلەر ئۇيغۇرچە يېزىشتا قىلىنىشى مۇمكىن بىراق ئۇنى مەشىق قىلىپ تۇرمىسىڭىز سىز ئۇنۇڭدىن پۈتۈنلەي ئاجراپ كېتىسىز. مېنىڭچە ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگەنگەن بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتىشى تەس ئىش ئەمەس.

يۇقىردىكىنى يەكۈنلىگەندە مېنىڭ تەكلىپىم مۇنداق. سىز ئانا تىلنىڭ راسلا قوغدىغۇچى بولسىڭىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئالاقىلەردە ئالدى بىلەن ئانا تىل ئارقىلىق خەت يېزىپ ئالاقە قىلىڭ! يازغان يازمىلىرىڭىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېزىلغان بولسا ئۇ يازمىلار ئانا تىلىدا يېزىلىشى لازىم! ئۇنۇڭ باشقا تىلدا يېزىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق قىممىتى يوق! ئىنساننىڭ ھەق نەرسىدە چىڭ تۇرۇشى تېپىلغۇسىز ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ بىرسىدۇر!

ئەمدى تۆۋەندىكى ھېكايىنى يېزىپ يازمىنى ئاخىرلاشتۇراي.

نەچچە يىللار بۇرۇن ۋەتەندە يېقىن ئۆتكەن مېنىڭدىن خېلى چوڭ بىر ئاكىمىزغا تېلېفون بېرىشقا توغرا كەلدى. بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆي تېلېفون نومۇرى مېنىڭدە بار ئىدى. مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلسام ئۆزى يوق ئىكەن ئايالى تېلېفوننى ئالدى. بىز ئۆزئارا سالاملاشقاندىن كېيىن ئاكىمىزنى سورىدىم. ئۇ خانىم يولدىشىم سىرتقا چىقىپ كەتكەن ھازىر ئۆيدە يوق دەپ ئاكىمىزنىڭ قول تېلېفون نومۇرىنى ماڭا خەنزۇچە ئوقۇپ بەردى. مەن بۇ خانىمغا "تېلېفون نومۇرنى ئۇيغۇرچە دېسىڭىز  ئۇخماي قالدىم دېدىم". بىراق بۇ خانىم مېنىڭ تېلېفون نومۇرنى ئۇيغۇرچە دەپ بېرىڭە دېگىنىمدىن ئەجەبلىنىپ. "ۋوي تاشپولات سىز بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇدىڭىز ئەجەب خەنزۇچىنى ئۇنتۇپ قاپسىزغۇ" دەپ ئەجەبلىنىپ كەتتى. مەن ئۇ خانىمغا "ۋوي خانىم مەنغۇ چەت ئەلدە ئۇزۇن تۇرۇپ خەنزۇچىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىراق سىز ۋەتەندە تۇرۇپ ھەجىبا ئۆزىڭىزنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قاپسىزا" دەپ سورىدىم. بۇ خانىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپلا "مېنى ئولتۇردىڭىز بۈگۈن بەك سەت ئىش بولدى" دەپلا مانا ئەمدى ئۇيغۇرچە ئوقۇيمەن دەپ تېلېفون نومۇرىنى ماڭا ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بەردى. بۇ خانىم دېگەن گېپىگە بەك خىجىل بولغاي تېلېفون نومۇرنى ماڭا دەپ بەرگۈچە مېنىڭدىن بىر نەچچە قېتىم ئەپۇ سوراپ بولدى.

مەن ئاكىمىزنىڭ قول تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ئۇنۇڭغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئېلىنىشى بىلەن خەنزۇچە سۆزلەپ ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئىسمىنى سورىدىم. ئۇ ئاكىمىز "ھە مەن سىز كىمۇ" دەپ چالا خەنزۇچىسى بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇزۇن بوپتىكەن خەنزۇچە سۆزلەپ باقمىغىنىمغا شۇنداق بولسىمۇ چالا-پالا خەنزۇچە بىلەن ئىسمىمنى دېدىم. ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلاپلا "ۋوي سەن تاشپولاتقۇ قىيلىنىپ يۈرگۈچە ئۇيغۇرچىلا سۆزلىسەڭ بولمامدۇ" دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بۇ ئاكىمىز بىلەن سالاملاشتىم. مەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىدا بولغان ئىشنى ئۇنۇڭغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ئاكىمىز "بۈگۈن بەك سەت ئىش بوپتۇ" دەپ مېنىڭدىن ئەپۇ سورىدى. كېيىن ئۇخسام ئاشۇ ئۆيدە ئۇيغۇرچىدىن باشقا سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بوپتۇ!

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6450
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپۇلاتكا ، سىزنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ماقالىلارنى بىزگە سۇنىۋاتقانلىقىڭىزدىن بەك خوش بولىمەن ! قەتئىي توختاپ قالماڭ !
بالىلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن ...
ھەر قېتىم ئانا تىلنى قوغدايلى دىگەندە دائودىدنىڭ ‹‹ ئەڭ ئاخىرقى دەرس ›› دىگەن ھېكايىسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ئېسىمگە كېلىدۇ ... ھازىر ئىدىيىسى ئىچىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق چاقىرىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە مىللىيچىدا ئوقىغان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچىدا ئوقۇپ چوڭ بولغان بالىلارنى بەك زاڭلىق قىلىدۇ ، بۇنداق قىلىشقا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ھازىرغىچە خەقنى ئەيىپلەپ ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى كۆرەلمىگەنلىرىنى مەن تېخى ئۇچراتمىدىم . ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، ئاستا - ئاستا باشقىلارغا ئۈلگە بولىمىز ، ئاستا - ئاستا بىر نىيەت بىر مەقسەتكە كىلەلەيمىز !    سوراپ باقسام تاشپۇلاتكا ، بالىلىرىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرماقچى بولىۋاتىسىز ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3788
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا،گەرچە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ،ئالاقە قىلىشپ باقمىغان بولساممۇ سىزنى شۈنچىلىك ئۆز كۆرىمەن.سىزنىڭ ۋاقىت ئىچىدىن يەنە ۋاقىت چىقىرىپ قىرىنداشلىرىمىزغا،بىزلەرگە يول باشلاپ ماڭغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.ئاللاھ ئىگىمىز ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ...
ئانا تىلنى قوغداۋاتقان،قوغداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بارلىق قىرىنداشلىرىمىزغا چىن قەلبىمدىن ھۆرمىتىمنى،رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئانا تىلنى قوغداۋاتقانلار ۋە قوغداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار خۇددى ئەل ۋەتەننىڭ تىنىچ ئامانلىقى ئۈچۈن ئاتلانغان جەڭچىلەرگە ئوخشايدۇ.شۇ جەڭچىلەرنىڭ ئىچىدىكى گىنراللار ۋە قۇماندانلار گۇياكى تاشپولات ئاكىمىز،بىلىمخۇمار ۋە بۇ يولدا توختىماي ئەجىر قىلىۋاتقان يول باشچى زىيالىيلىرىمىزدۇر .تىلىمىزنى ھىچ بولمىغاندا توغرا سۆزلەپ ،خاتا سۆزلىگەنلەرگە نىسبەتەن رەدىيە بىرىپ ماڭغۇچىلاردىن تارتىپ ھەر بىر تور بەت ئىگىلىرىگىچە ئانا تىلىمىزغا تۆھپە قوشوۋاتقان ۋە بايا تلغا ئالغان شۇ جەڭچىلەرگە ئوخشاشتۇر .
ئانا تىلىمىز ئانىمىزنىڭ ھەر بىر ئىغىز سۆزى ھەتتا ھەر بىر تىنىقلىرىغا قەدەر مۇجەسسەملىشىپ ،بىرلىشىپ كەتكەن بولغاچقا ئانا تىلنى قوغداش ،ئاسراش ئانىسىدىن تۇغۇلغان،ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئەمگەن ۋە ئانىسىنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىدۇر.ئىگىمىز ئاللاھ ۋە ئىيمان زىكرى قىلنىۋاتقان بۇ تىلىمىزنىڭ شۈمشىيىپ قىلىشى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە غۇرۇر ئىگىلىرى ئۈچۈن بىر نۇمۇس ...
ئىگىمىز ئاللاھنىڭ نامى زىكرى قىلنىۋاتقان بۇ تۇپراقلاردا ئىيمان ئىيتقان بىر تىلنى قوغداش ۋە ئاسراش ئۈچۈن قولىدىن كىلىشچە كۆكرەك قىرىپ چىققىچۇلار دەل بىزنىڭ ئەل ۋەتەن ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ چىققان قەدىردانلىرىمىزغا ئوخشاشتۇر...
قەدىردانلىرىمىز ئامان بولسۇن ،ئاللاھ ئىگىمىز سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ،ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن ...
سالامەت بولوڭ تاشپولات ئاكا ....

3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:15:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولات روزى ئۇستازىمىزنىڭ ۋەتەنداشلارغا بولغان مەدىتى بىرمىنۇتمۇ توختاپ قالغان ئەمەس،چەتئەلدە تۇرۇپ بىزگە ئىلھام مەدەتلەرنى بىرىپ ،بىزگە روھى ئوزۇق،مەنىۋى ئەڭگۈشتەر ئاتا قىلدى ،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇئاجىرلىرى ۋە گىرىجدانلىرى ھەر ۋاقىت ۋەتەندىكى خەلقىنى ۋە قىرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى مانا بۇ ئانا ۋەتەن مۇھەبىتى مانا بۇ ئانا تۇپراقىنىڭ سىھرى كۈچى ،مانا بۇ ئانا تىلنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتى .بىز بارلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلار نامىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالاملار بولسۇن .

2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-22 14:16  

اللە تىن يۈرىكى ئۇيغۇر دەپ سوققان ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئانا تىل كۈنى ئۈچۈن يازغان مۇبارەك يازمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1404
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:22:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، تاشپولات ئاكا .      ‹‹  بۇ دۆلەتتە تۇرغۇنۇمغا 13 يىل بولدى. مۇشۇ چەت ئەل ھاياتىمدا ئۆيدە پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى خەت ئالاقىلەر بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىم بولسۇن ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. مەن ئۆيدە بېرە قېتىممۇ ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ سۆز قىلىپ باققان ئەمەس ››  ماقالىڭىزدىكى بۇ قۇرلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم .

    ئارىمىزدا پەرزەنتىنىڭ ئۆز تىلىمىزغا باشقا تىللارنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگىنىنى ، ياكى ئانا تىلىمىزنى بۇزۇپ سۆزلىگىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلىدىغانلار يوق ئەمەس ، ئۆز پەرزەنتىگە ئانا تىل ئۆگىتىش ھەرقانداق ئاتا - ئانىغا نىسبەتەن يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەت .
  ئانا تىلىمىزنى سۆيگەن سىزدەك كىشىلەر ياشىسۇن !

10

تېما

1

دوست

2433

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 762
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kademeorman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 21:57  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا، ياخشى تۇرۋاتامسىلەر؟ بۇ تېمىنى ئوقۇپ بەك سۆيۈندۈم، تېخى بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا روزى چوڭ دادام بىلەن پاراڭلاشقاندا، سىزنىڭ ھويلىڭىزدىكى 27تۈپ مېۋىلىك دەرەخ توغۇرلۇق گەپ بولغان ئىدى ، ئۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنى روزى چوڭ دادام ئۆزى بىر قوللۇق تىكىپ پەرۋىش قىلىپ بەرگەنلىكىدىن خوشال بولغاندىم ، ئادەمنىڭ گۈزەلىك قارىشى راستلا ئوخشىمايدىكەن ، بەزىلىرىمىز كىچىككىنە ھويلىغا ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان مېۋىلىك دەرەخ ، كۆكتاتلارنى تېرىپ ھوزۇرلىنىمىزكەن ، بەزىلىرىمىز نەچچە مو كېلىدىغان قورۇ-جاينى قوراي باستۇرۇپ ، تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەي ياشايدىكەنمىز ...... تاشپولات ئاكا ھويلىڭىزدىكى قالغان  مېۋىلەرنىمۇ يەنە بىر قانچە سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز، بەك كۆرگۈمىز بار ئىدى . ئەمدى ،ھەممىمىزنىڭ ئانا تىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن ! بىز ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز ،چوقۇم ئۆزلۈك ئېڭىمىزنى تۇرغۇزۇشىمىز كىرەك . بىز ئۇيغۇر يەنى تارىختا نۇرغۇن شانۇ-شاۋكەتلەرگە ئېرىشكەن ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئۇلۇغ مىللەت بىز ....، بىز ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپلا، ئانا تىلىمىزنى بىلىپ بىلمەي قەدرىنى قىلمىساق بولمايدۇ ، بىز ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، تاشپولات ئاكام ئېيتقاندەك، ئائىلىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىز كېرەك ، يەنى ئائىلىدىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىسىمىنى ئۇيغۇرچە ئاتىشىمىز كېرەك ، مەسىلەن، ‹‹دەنشى›› دىمەي،‹‹تېلىۋېزۇر›› دېگەنگە ئوخشاش ، سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق، ھەممىمىز بىر ئەقىل ئىگىسى، بۇنى چوقۇم قىلالايمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەڭگۈ يوقالمايدۇ، جەمئىيەتكىمۇ قاراپ باقساق، بىزنىڭ ئانا تىلنى قوغداش روھىمىز يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، بۇ بىر ئەمەلىي پاكىت..............

0

تېما

3

دوست

316

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1233
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 73
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئانا تىل مۇئەللىمەسى، ھازىر قولۇمدا 37نەپەر ئۇيغۇر بالىسى بار، بالىلارنىڭ ساۋادى چىقتى، ھەجىلەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان بىر نەچچىسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا يامان ئەمەس ئوقۇپ بېرىدۇ، خېتىمۇ شۇنداق چىرايلىق، تۈنۈگۈن ئۇلارغا ئاناتىل ئاتالغۇسىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم، «ئانا تىل-ئانامنىڭ تىلى» دىگەنلىك، سىز تۇغۇلغاندا ئانىڭىز سىزگە قايسى تىلدا سۆزلەشنى ئۆگەتتى؟ شۇ تىل سىزنىڭ ئانا تىلىڭىز بولىدۇ، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرتىلى دېدىم.

چەتئەللەردە تۇرۇپ يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئانا تىل ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بىلىم ئېگىلىرىنىڭ ئىش -پائالىيەتلىرىنى كۆرگىنىمدە ،ئاڭلىغىنىمدا ، مائارىپ سېپىدە سەبىي باللىرىمىزغا ئەڭ يېقىن تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگىنىمدىن  تولىمۇ خىجىللىق ھېس قىلىمەن،

رەھمەت تاشپولات ئاكا، ھارمىغايسىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )