زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىشىش ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتىنىڭ پىشۋاسى
ھايات دىمەك كۆرەش دىمەكتۇر.ئىنسان تۆرە لمىسىنىڭ شەكىللىنىش دەسلەپكى باسقۇچىدىن تارتىپ تاكى تۇپراققا ئايلانغانغا قەدەر كۆرەش قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇمكى ، ئىسپىرما نەچچە يۈزمىڭ ھۈجەيرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ،قۇمچاق شەكلىدە شىددەت بىلەن ئالغا قاراپ ئۈزۈپ تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ،شۇنچىلىك جىق ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدە تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ مەقسەتكە يىتەلەيدىغىنى پەقەت بىر ياكى ئىككى ھۈجەيرىدۇر.دىمەك ئىنسان ھاياتى مانا مۇشۇنداق كەسكىن كۆرەش بىلەن باشلىنىدۇ.ئىنساننىڭ ھاياتى كۆرەشلىرى ھەرخىل بولسىمۇ،100يىل بۇرۇن ھىندىلارنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق ھەركىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. موخەنداس كەرەمچاند گەندى(Mohandas Karamchand Gandhi) 1869- يىلى1-ئاينىڭ2-كۈنى تۇغۇلۇپ ،1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولغان. 1883-يىلى لۇندۇن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقىغان،كىيىن مىللىتىنىڭ ئەنگىلىيەمۇستەملىكچىللىرىنىڭ تەرىپىدىن خورلىنىشقا ،مىللى كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىغىنىكۆرۇپ،زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەمكارلاشماسلىق ئاممىۋى ھەركىتى قوزغان،بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ ئەنگىلىيەمۇستەملىكچىللىرىنى قوغلاپ چىقارغان. گەندى مۇنداق قارايدۇ: زوراۋانلىق ھەرگىز ھەقىقى كۈچلۈكلىك ئەمەس،زوراۋانلىق قىلىش ماھايىتىدىن ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.زوراۋانلىقنى مەردانىلىق بىلەن قوبۇل قىلغۇچى روھى جەھەتتىن زوراۋانلىق قىلغۇچىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىق قىلىش ھەرگىزمۇ زوراۋانلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش ياكى ئۇنىڭغا تىز پۈكۈش دىگەنلىك ئەمەس،بەلكى بارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى يېغىپ مۇستەبىتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يالغۇز بىر كىشى پۇتكۈل ناھەقچىلىق ئىمپىرىيەسىنىڭ كۈچى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ. بۇ ئىزچىللىق بىلەن ھارماي تالماي داۋاملاشتۇرۇشنى شەرت قىلغان. ئۇ يەككە قوللىنىلسىمۇ كوللىكتىپ قوللىنىلسىمۇ ،سىياسىگە قوللىنىلسىمۇ، ئائىلىگە قوللىنىلسىمۇ ئوخشاشلا بولىۋېرىدۇ.ئۇ يېڭىلمەس كۈچتۇر! بۇ خىل كۈچ بارلىق زوراۋانلىق、مۇستەبىتلىك、ناھەقچىلىككەقارشى تۇرۇشتا كۇن نۇرىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىدەك ئۈنۈملۈكتۇر. 1920-يىلى ھىندىستان قۇرۇلتىيى گەندى ئوتتۇرىغاقويغان “زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەمكارلاشماسلىق”تەشەببۇسىنى ماقۇللاپ، تىنچلىق قانۇنى يول بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تەشەبۇسى قىلدى. ھەمكارلاشماسلىق تەدبىرلىرى مۇنۇلار: ھىندىلار ئەنگىلىيەمۇستەملىكىچىللىرى بەرگەن ۋەزىپە خىزمەت نام ئەمەللەردىن ۋاز كىچىش؛ئەنگىلىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ،سوت مەھكىمىسى ۋە مەكتەپلىرىدە ئومۇمى يۈزلىك ھەمكارلاشماسلىق؛ھەممە كىشى بىردەك مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،ئەنگىلىيە مېلىنى ئالماسلىق؛تەدرىجى باج تاپشۇرماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان.زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىق قىلىش ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتى كولىمى زور ئاممىۋى ھەركەتكە ئايلىنىپ،ئەنگىلىيە مۇستەملىكە تۈزىمىگە قاخشاتقۇچ زەربە بىرىپ،ھىندىلارنىڭ مىللى غۇرورى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئۆينىغان.
|