ھايات سەيناسى
« مۇخەممەس »
ھايات سەيناسىغا باقسام ،ئۆتۈپتۇ قانچىلاپ ئىنسان ،
بىرى نامرات ،بىرى پۇلدار ،بىرى پۇقرا، بىرى سۇلتان ،
بىرى ئاجىز ،بىرى مەجرۇھ،بىرى ھەم رۇستەمى -داستان،
بىرى ئالىم،بىرى شائىر ،ئۆمۈر سۇلتانلىرى- لوقمان ،
ئۇلارنىڭ نەسلى-زاتى بىر قېرىنداش ھەم ئۇرۇق-تۇققان .
تەپەككۇر كەپتىرىم ئۇچتى، كىزەر ئالەمنى -ئاسماننى ،
زىمىندىن تاپتى دانىشمەن ئۇلۇغلار شاھى -ئىنساننى،
بولۇپ بۇلبۇل ئۇرۇپ خەندان مەدھلەي باغۇ-بوستاننى،
تىلىمدىن قامچىلاپ مۇشتلاپ ئۇراي ئىبلىسى شەيتاننى،
شۇڭا بۇ ھەقتە بىر پارچە يازاي خالىس يېڭى داستان.
بىرى ئەلگە بەخىت ئىزدەپ كىچە-كۈندۈز جاپا چەككەن،
ھالال مېھنەت بىلەن ئەلگە سائادەت نۇرىنى تۆككەن،
باھاردەك .ئىللتىپ دىلنى تۈمەن مىڭ ياخشىلار ئۆتكەن،
بىراق، شۇمبۇي سۈپەتلەرمۇ پىلەككە ياندىشىپ ئۆسكەن ،
مىسالى ناجىنىس ئەبلەخ كۆزى كور ئادىمى شەيتان.
بىرى ئىشلەپ جاپا چەكسە، بىرى راھەتلىنىپ ياتقان،
بىرى يغسا يىمەي-ئىچمەي،بىرى بەدخەج بۇزۇپ چاچقان،
بىرى زارلانسا ناھەقتىن ،بىرى ئويناپ كۆڭۈل ئاچقان،
بىرى ئەخلاق-ھايا بىلمەس ،نۇمۇس ۋىجدانىنى ساتقان ،
بىرى كۆرسەتسە ئەيپىنى،بىرى رۇسلاپ چاپان ياپقان.
بىرى ھەر كۈنلىگى ئۈچ ۋاخ ھاراق ئىچمەي تۇرالماسلەر،
يېنىپ سەپرا ،قېيىپ باشى،يىقىلسا تىچ قوپالماسلەر،
ياتار جايى ئېرىق -ئازگال ،يالاپ يۈندە چىقالماسلەر،
كىرا قىلماي ئۆزى ئەركىن مېڭىپ ئۆيگە بارالماسلەر ،
بۇ يەڭلىغ يولدا يۈرگەننى پالاكەت باسقىنى باسقان.
بىرى گىژ-گىژ قىلىپ ھەردەم نىجاسەتنى پۇراپ تۇرغان،
بىرى گىڭ-گىڭ قىلىپ تويماي بەدەندىن قان شوراپ تۇرغان ،
بىرى ئاغزى بىكار قالسا ئېقىپ شالى قاۋاپ تۇرغان،
يالاق ئىزدەپ چېپىپ ھەر يان سۆڭەك قويماي غاجاپ تۇرغان،
كۈنى شۇنداق ئۆتەر يازدا زىمىستاندا بېشى قاتقان.
بىرى ئەلگە بىرىپ ۋەدە «ئۆزۈم ئادىل» دىدى دەسلەپ،
ئىشەنگەچ ئەل_خالايىقلار ئاڭا بەردى يوغان مەنسەپ،
مىنىپ ئەمدى «يوغان ئات»نى ئۆتەر بولدى تىپىپ دەسسەپ،
سەمىمى ئاقكۆڭۈل پۇقرا ئىچىدە «ئاھ» ئۇرار ئەسنەپ،
خەلىق بەختىگە باقماسنىڭ كۈنى ئەمدى زاۋال تاپقان.
سويۇپ ئوغلاقنى پاقلان دەپ كانارىغا ئاسار قاسساپ،
بىلىندۈرمەي ساتار گۆشنى يوغان قۇيرۇق ئېسىپ رۇسلاپ،
ئۆزى چاغلاپ بۇرادەرگە،چېقىپ پايخان بىرەر ئىلغاپ،
خۇدا نە يادىغا يەتكەي ئۇنىڭدا قالمىغاچ ئىنساپ،
ئەگەر چىقسا خېرىدارى ئۆزىنى گۆش قىلىپ ساتقان.
بىرى يالغان توقۇپ گەپنى سەبي دىللارنى ئالدايدۇ،
ئېلشتا ئالدىغا ئۆچىرەت بىرشتە رەت تاپالمايدۇ ،
ئۆزىنى كۆپتۈرۈپ ماختاپ ،قىلىنى پىلچە داڭلايدۇ،
ئەگەر پولسىز تاماق كەلسە ئېزىقسقز تىلدا يالمايدۇ،
ئۇلار ئەمدى باقالماس جان غېرىپلىق باسقىنى -باسقان.
بىرى يۇگرەيدۇ ئىلگىرلەپ دەۋىر كەينىدە قالماي دەپ،
كى ئىنسانى سۈپەتلەردە زامان ئالدىدا چانماي دەپ،
چەپەر يولۋاس كەبى يولدىن پەقەت ئارقىغا يانماي دەپ،
ۋەتەن-ئەلگە مۇھەببەتتىن ئۈزۈلمەس رىشتىنى باغلاي دەپ،
يىتەر مەخسەتكە شۇ يەڭلىغ بېسىپ مەنزىل داۋان ئاشقان،
تىلەيمەن !شۇ ھىلى مەككار كىرىپ دوزاققا بىر كۆيسە ،
قولى ئەگرى تىرىكتاپلار بۈگۈنلا ھەممىسى تۈگسە،
ۋە ياكى شۇ «تاپاۋەت» تىن قىلىپ توۋا قولىن ئۈزسە،
يېڭى ئەۋلات ئۇنى مەڭگۈ ساۋاق-ئىبىرەت قىلىپ كۆرسە،
ئەنە شۇ چاغدىلا خەلقىم كۆڭۈل يايراپ بەخىت تاپقان.
ئاپتورى: مەخەت ئابدۇرىھىم
|