- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13682
- نادىر
- 2
- يازما
- 1357
ئۆسۈش
9.21%
|
1)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 632-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام نۇقتىسىدىن، ئەرەبلەر مەككىنىڭ شارىفلىقى (ھاكىملىقى) نى ئىزچىل تۈردە مۇھەممەد پەيغەنبەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تۇتقۇزۇپ كەلدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەككىنىڭ شارىفلىقىنى قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئىسمى ھۆسەيىن بىن ئالى (Husayn bin Ali) بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 40-ئەۋلادى ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇنلا ھۆسەيىن ئەنگلىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەرەب زېمىنىگە خەلىپە بولغۇسى بارلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە ياردىمىنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكە مىسىردىن كېيىنكى يەنە بىر توپ ئەرەب مۇسۇلمان خەلق تۈركلەردىن ئىبارەت يەنە بىر مۇسۇلمان خەلققە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. گەرچە بۇ ئەرەبلەر ھەربىي قورال ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ناھايىتى قالاق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن تۈركلەرنىڭ تۆمۈر يول لىنىيىلىرىنى پارتلىتىپ ۋەيران قىلىش ئوبدانلا كەلدى. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەرەبلەر ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئوسمانلى ئارمىيىسىنى بىر قىسىم جەھەتلەردە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ، ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا ئۈچۈن بىر توپ ئەرەب مۇسۇلمانلار يەنە بىر توپ تۈرك مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئىشتا ئەرەبلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھ ھەرگىزمۇ ئەنگلىيىنىڭ گۇناھىدىن يېنىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيە بىرلىشىپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى يوقۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئولجا ئالغان زېمىنلەرنى قانداق تەقسىم قىلىش توغرىسىدا بىر ئىنتايىن مەخپىي كېلىشىم تۈزدى. بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار 1915-يىلى نويابىردىن 1916-يىلى مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، رەسمىي كېلىشىمگە 1916-يىلى 16-ماي كۈنى ئىمزا قويۇلدى. بۇ كېلىشىمنىڭ نىشانى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەرەب يېرىم ئاراللىرى سىرتىدىكى ئەرەب ئۆلكىلىرىنى قانداق تەقسىم قىلىش بولۇپ، ئەنگلىيە تەخمىنەن ئىئوردانىيە (Jordan)، ئىراق قاتارلىق بىر قاتار زېمىنلارنى، فرانسىيە بولسا جەنۇبىي تۈركىيە، شىمالىي ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋاننى، روسىيە بولسا ئىستانبۇل، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى، ۋە ئوسمانلىنىڭ ئەرمىنىيە ۋىلايەتلىرىنى ئالماقچى بولدى. دېمەك، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1915-يىلى ھۆسەيىن شارىفقا بىر پارچە ۋەدىنامە يېزىپ بېرىش بىلەن تەڭ، يۇقىرىدىكى 2-كېلىشىم ئۈستىدىمۇ ئىش باشلىغان. مەزكۇر كېلىشىمگە ئىزما قويغان فرانسىيە ۋەكىلىنىڭ ئىسمى پىكوت (Francois Georges-Picot) بولۇپ، ئەنگلىيە ۋەكىلىنىڭ ئىسمى بولسا سايكس (Sir Mark Sykes) ئىدى. شۇڭا بۇ كېلىشىم «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 1917-يىلى روسىيە ئىنقىلابى چار پادىشاھىنى ئاغدۇرىۋەتكەندىن كېيىن، بولشېۋىكلار چار پادىشاھىنىڭ قانچىلىك چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە بۇ كېلىشىمنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيادا خەۋەر قىلىنىپ، ئەنگلىيە ناھايىتى كەڭ ۋە كۈچلۈك ئەيىپلەشلەرگە دۇچ كەلدى. ئاشۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئەنگلىيىنىڭ بۇ ۋەھشىي سۈيىقەستىدىن تولۇق خەۋەر تاپقان نادان ئەرەبلەر تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشىنى ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرۇۋەردى لورېنس ئەرەبلەرگە «ماۋۇ يەرگە ھۇجۇم قىل، ئاۋۇ يەرنى پارتلات، ماۋۇ ئۇرۇشنى مۇنداق قىل» دەپ مەككىلىك ئەرەبلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركلەرگە قارشى جەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، مەزكۇر سكايس-پىكوت كېلىشىمىدىن خەۋەر تاپتى. ئەمما، لورېنس ھېچ قانداق چاندۇرماي، ئەرەبلەرگە يالغان ۋەدىنى تەكرارلاپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشتا داۋاملىق پايدىلاندى. شۇنداق قىلىپ، سايكس بىلەن پىكوتتىن ئىبارەت ئەرەب مىللىتى ياكى ئەرەب زېمىنىدىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق ئىككى دىپلومات ئالدىغا بىر پارچە خەرىتىنى قويۇۋېلىپ، ئۆزلىرى ئالماقچى بولغان ئەرەب زېمىنلىرىنى بۆلۈشۈپ چىقتى. ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھازىرقىدەك بولۇپ قېلىشى ئەنە شۇ داڭلىق «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» دىن كېلىپ چىققان. بالفور خىتابنامىسىنىڭ خەۋىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان بولۇپ، ئۇنى تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەرەبلەرمۇ ئاڭلىدى. ئەمما ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ يالغان گېپىگە يەنە داۋاملىق ئىشىنىپ، تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇۋەردى. دوكتۇر ياسىر قازى مۇنداق دەيدۇ: «پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار تاكى زىئونىزم باشلانغىچە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن. قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار، بىز ھەرگىزمۇ زىئونىزمغا قارشى تۇرۇش بىلەن يەھۇدىيغا قارشى تۇرۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايلى. بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە ھۇشيار بولايلى. نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى نەرسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بىز زىئونىستلارغا قارشى تۇرىمىز. بىز ھەرگىزمۇ يەھۇدىيلىققا قارشى تۇرمايمىز.[quote]تارىخ بويىچە قارىغاندا، مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس. ھازىر نۇرغۇن مۇسۇلمانلار زىئونىستلارغا نىسبەتەن پەيدا بولغان غەزىپى بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. [/quote]
ماڭا بىر قەدەر تەسىر قىلغان مەزمۇنلار |
|